قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 471ـ كۆرۈرمىنى
tarim_boy

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 423
شۆھرىتى: 459 نومۇر
پۇلى: 997 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-06-22)
1991 – يىلى 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ 21 – يىغىنىدا ماقۇللاندى
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا  بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدۇ.
2 – ماددا  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغان پۇقرالارغا قارىتىلغان.
3 – ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، ئىنتېرناتسئۇنالىزم، كوممۇنىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم – پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ كاپىتالىزم، فېئودالىزم ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ.
4 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم.
(1) ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛
(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش؛
(3)  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش؛
(4) تەربىيلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش.
5 – ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى مال – مۈلۈك ۋە باشقا جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش – دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
    قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ توسۇش، چەكلەش ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.
    دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم.
6 – ماددا  مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
  گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.
7 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
2 – باب  ئائىلىدە قوغداش
8 – ماددا  ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى، تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم؛ قۇرامىغايەتمىگەن قىزلارنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن مېيىپلارنى كەمسىتىشكەبولمايدۇ؛ بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
9 – ماددا  ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپتىن قالدۇرماسلىقى كېرەك.
10 – ماددا  ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە، ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇۋېلىش، قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى لازىم.
11 – ماددا  ئاتا – ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇشقا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە «چاي» ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ.
12 – ماددا  ئاتا – ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەشئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئۆز ۋەسىيلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.
    ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزۈتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملار ياكى ئالاقدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 16 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن ۋەسىي بەلگىلەيدۇ.
3 – باب  مەكتەپتە قوغداش
13 – ماددا  مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن تەربىيە بېرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياشلىق باھار مەزگىلى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى لازىم.
  مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ئەخلاق – پەزىلەت  جەھەتتە كەمچىلىكى بولغان، ئۆگۈنشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى، ئۇلارنى كەسىتمەسلىكى لازىم.
14 – ماددا  مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلاندى قىلماسلىقى لازىم.
15 – ماددا  مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بېرشىكە ياكى كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشقا بولمايدۇ.
16 – ماددا  مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىكىگە، سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەلىرىدە پائالىيەت قىلدۇرماسلىقى كېرەك.
    ھەر قاندان تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپلەرنىڭ مەيدانى، ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىغا بولمايدۇ.
17 – ماددا  مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارنى يىغىلىشقا، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇشى، خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
18 – ماددا  دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا ئەۋەتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ئىدىيۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئەمگەك، تېخنىكا تەربىيىسى ۋە كەسىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
  ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ھۆرمەتلىشى لازىم. ئۇلارنى كەمسىتىشكە، ئۇلاردىن بىزار بولۇشقا بولمايدۇ.
19 – ماددا  بالىلار باغچىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي،ئەخلاقىي جەھەتتىن ماس ھالدا تەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
4 – باب  جەمئىيەتتە قوغداش
20 – ماددا  دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمدە پۇقرالارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
21 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرت – شارائىت يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، مۇكەممەللشتۈرۈشى لازىم.
22 – ماددا  مۇزېي، خاتىرە سارىيى، كىنو – تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (زالى)، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېتىبار بېرىلىپ ئېچىۋېتىلىشى لازىم.
23 – ماددا تىجارەت خاراكتېرلىك تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن ئەمەس. ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ،  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنداق سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك.
24 – ماددا  دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، كىنو – تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، سەنئەت ئورۇنلىرىنى، يازغۇچىلارنى، ئالىملارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە باشقا پۇقرالارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئەسەرلەرنى يېزىشقا ۋە تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوبيېكتى قىلغان كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ۋە ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى مەخسۇس نەشر قىلىشقا يار – يۆلەك بولىدۇ.
25 – ماددا  ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت – ژۇرنال، ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.
26 – ماددا بالىلار يېمەكلىكلىرى، ئويۇنچۇقىلىرى، لازىمەتلىكىلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولماسلىقى كېرەك.
27 – ماددا  ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەردىكى سىنىپلار، ياتاقلاردا، پائالىيەت ئۆيلىرىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان باشقا بۆلۈملەردە تاماكا چېكىشىگە بولمايدۇ.
28 – ماددا  ھەر قاندام تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ باشقىچە بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەندە خىزمەت تۈرى، ئەمگەك ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە قوغداش تەدبىرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. ئۇلارنى بەك ئېغىر، زەھەرلىك زىيانلىق ئەمگەكلەرگە ياكى خەتەرلىك مەشغۇلاتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
29 – ماددا  سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياكى ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خەلق ئىشلىرى تارماقىلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولۇپ، ئاتا – ئانىسىغا ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنى ۋاقتىنچە ئېنىقلىغىلى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارماقىلرى تەسىس قىلغان بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ئۇلارنى يىغىۋېلىپ باقىدۇ.
30 – ماددا  ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ.
31 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت – چەكلىرىنى ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يوشۇرۇۋېلىشى، يىرتىۋېتىشى، تاشلىۋېتىشىگە بولمايدۇ. جىنايەتچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت – چەكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسيلىرى ۋاكالىتەن ئاچقاندىن باشقا، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇلارنىڭ خەت – چەكلىرىنى ئېچىشقا بولمايدۇ.
10 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارغا قانۇقچىلىق تەربىيىسى بېرىشتە بىۋاشتە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى بېرىشتە، تەربىيە پىلانىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپنىڭ پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ تەربىيە بېرىشى كېرەك.
11 – ماددا  ئۆسمۈرلەر سارىيى، ياشلار – ئۈسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت سورۇنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى مۇھىم بىر خىزمەت مەزمۇنى قىلىپ، كۆپ خىل تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
12 – ماددا  16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدا تۇرغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەشتە كەسپىي مائارىپ تەربىيە ئاپپاراتلىرى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بىلىملىرى تەربىيىسى ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى كەسپىي تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزىشى كېرەك .
13 – ماددا  شەھەر ئاھالە كومتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومتېتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى قانۇنچىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
3 – باب  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
14 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تۆۋەندىكى ناچار قىلمىشلاردا بولماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك:
(1) سەۋەبسىز دەرىستىن قېلىش، كېچىسى ئۆيگە قايتماسلىق؛
(2)  باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايماننى ئېلىپ يۈرۈش؛
(3) مۇشىتلىشىش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش، تىللاش؛
(4) باشقىلارنى پۇل – مال بېرىشكە قىستاش؛
(5) پۇل – مالنى ئوغرىلاش، قەستەن بۇزىۋىتىش؛
(6)  قىمارغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارغا قاتنىشىش؛
(7) ئىشقىۋازلىق، شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى كۆرۈش، ئاڭلاش؛
(8)  قانۇن ،نىزاملاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن تىجارەت جاراكتىېرىنى ئالغان تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلارغا كىرىش؛
(9)ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئېغىر كېلىدىغان باشقا ناچار قىلمىشلار؛
15 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا چەكمەسلىك،ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك. تىجارەت سورۇنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق، تاماكا سېتىپ بىرمەسلىكى كېرەك.
16 – ماددا  ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سەۋەبسىز دەرستىن قالسا، مەكتەپشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى كېرەك.
  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقىپ كېتىپ كېچىسى ئۆيگە قايتمىغانلىرىنى ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، شۇ ئوقۇغۇچى يېتىپ ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ۋاقتىدا ئىزدىشى ياكى ج خ ئورگىنىدىن ياردەم سورىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن كېچىسى ئۆيگە قايتمىغانلىرىنى قوندۇرۇپ قالغۇچىلار ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ياكى 24 سائەت ئىچىدە ئاتا – ئانسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىگە ۋەقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى ج خ ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك .
17 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار  قىلمىشلارنى قىلىدىغان  شايكائۇيۇشتۇرغانلىقىنى سەزگەندەۋاقتىدا توسۇشى كېرەك. شۇ شايكىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بارلىنىنى سەزگەندە، ج خ ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.
18 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلارنى سەزگەندە ، ج خ ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. ج خ ئورگىنى دوكلاتنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسا، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ جىسمانىي بىجەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
19 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى 16 ياشقا توشمىغانلارنى ھامىيسىدىن ئايرىپ ئايرىم تۇرۇشقا يول قويماسلىقى كېرەك.
20 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبورلاپ، ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكى لازىم.
 قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە، ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاقتىدا ئىزدىشى ياكى ج خ ئورگىنىدىن ياردەم سورىشى كېرەك.
21 – ماددا    قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا، ئاجراشقان ئىككى تەرەپنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش مەجبورىيىتى بولىدۇ، قايسى بىر تەرەپنىڭ ئاجراشقانلىق تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.
22 – ماددا    ئۆگەي ئاتا – ئانا، باققان ئاتا – ئانا ئۆزى بېقىپ تەربىيلىگەن قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆگەي پەرزەنتلىرى، باققان پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئاتا – ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
23 - ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ناچار قىلمىشى بارلىرىنى تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
24 – ماددا  مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر لېكسىيە،سۆھبەت، تەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى فىزىئولوگىيەلىك ، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياخشى، ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇشى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
25 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ناچار قىلمىش  سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان ياكى پەزىلىتى ناچار، تەسىرى يامان، مەكتەپتە ئىشلەشكە باب كەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى – خىزمەتچىلەرنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر خەزمەتتىن بوشىتىشى ياكى چېكىندۈرۈشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
26 – ماددا  ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدا تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تانسىخانا، ئېلېكترونلۇق ئويۇمچۇقخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر لىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلارنى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ .يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنى ئېچىشنى مەنئى قىلىشنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.
 بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدا ئېچىلغان يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە كۆچۈرۈۋېتىش ياكى ئىشتىن توختىتىش كېرەك.
27 – ماددا  ج خ ئورگانلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى  قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇشى ۋە بىر تەرەپقىلىشى كېرەك. شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
28 – ماددا  ساقچىخانىلار، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايوندىكى ۋاقىتلىق ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك. ۋاقىتلىق ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ناچار قىلمىش سادىر قىلسا، ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە بېرىشىگە، تۇسۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
29 – ماددا  ھەرقانداق ئادەمنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى نۇ قانۇقدا بەلگىلەنگەن ناچارقىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتىشىگە، زورلىشىغا، ئازدۇرىشغا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش سادىر قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
30 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبىكېت قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان مەزمۇن بولماسلىقى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىپ قىلىنغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك.
31 – ماددا  ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىپ قىلىنغان ئوقۇشلۇق، ئۈن – سىن ھاسىلاتى ياكى ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمىنى ساتماسلىقى، ئىجارە بەرمەسلىكى كېرەك.
 ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەزمۇن ۋە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
32 – ماددا  رادىئو، كىنو – تېلېۋىزىيە، تىياتىرلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك.
  رادىئو، كىنو – تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە، تىياتىرلارنى ۋە ئويۇن قويۇش، ئاڭلىتىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى شەرت.
33 – ماددا تىجارەت خاراكتىرىنى ئالغان تانسىخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يېزىپ قويۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.
  تىجارەتلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانىلار دۆلەت قانونىدا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش، ھېيىت – بايرام كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى ھەم قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك.
  قۇرامىغا يەتكەن -  يەتمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىش تەس بولسا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭدىن كىملىكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
4 – باب  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر ناچار قىلمىشىنى تۈزىتىش
34 – ماددا  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «ئېغىر ناچار قىلمىش »جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزسىمۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ:
(1) ئادەم توپلاپ جېدەل چىقىرىپ، ئامانلىقنى قالايمىقانلاشتۇرۇش؛
(2) باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايماننى ئېلىپ يۈرۈش،قايتا – قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمەسلىك؛
(3) كۆپ قىتىم يول توسۇپ ئادەم ئۇرۇش ياكى باشقىلارنى پۇل – مال بېرىشكە قىستاش؛
(4) شەھۋانىي ئوقۇشلۇق ياكى ئۈن – سىن ھاسىلاتى قاتارلىقلارنى تارقىتىش؛
(5) بۇزۇقچىلىق ياكى ئىشقىۋازلىق،پاھىشۋازلىق قىلىش؛
(6) كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلىش؛
(7) قىمارغا قاتنىشىش، قايتا – قايتا تەربىيە قىلسىمۇ تۈزەتمەسلىك؛
(8) زەھەرنى چېكىش، ئوكۇل قىلىپ سېلىش؛
(9) جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.
35 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشتا بولغانلىرىنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەك.
 قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشى بارلىرىنى ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپ ئۆز ئارا ماسلىشىپ، تەدبىر قوللىنىپ قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك، تۈزىتىش ۋە تەربىيلەش ئۈچۈن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تۈزىتىش ۋە تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىشتە،ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپى ئىلتىماس قىلىدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلايدۇ.
36 – ماددا  ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئوقۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە تەربىيلىشى كېرەك. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپ مەجبورىيەت مائارىپى قانۇنىدىكى تەلەپ بويىچە دەرىسلەرنى ئادەتتىكى مەكتەپ بىلەن ئوخشاش تەسىس قىلغاندىن تاشقىرى، قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە ئائىت مەزموننى كىرگۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئېغىر ناچار قىلمىشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئېغىر ناچار قىلمشى بارلىرىنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك.
 ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا تەن جازا بەرمەسلىكى، ئۇلارنى خورلىماسلىقى ۋە كەمسىتمەسلىكى كېرەك. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.
37 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بۇ قۇنۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرسە، ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىدۇ. 14 ياشقا توشمىغان ياكى قىلمىشى ئالاھىدە يىنىك بولغانلىقتىن جازا بەرسىمۇ بولىدىغانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
38 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازا بېرىلمىگەنلىرى ئاتا – ئانىسى ياكى باشقاۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى قانۇن بويىچە يىغىۋىلىپ تەربىيلىسىمۇ بولىدۇ.
39 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يىغىۋېلىنىپ تەربىيلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇلارنىڭ داۋاملىق مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن بىلىملىرى ياكى كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئىجرا قىلغۇچى ئورگان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ داۋاملىق مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشتىن بوشىتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەكتەپكە قايتا كىرىش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.
5-باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەتتىن ساقلىنىشى
40- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇن، نىزاملارغا، ئىجتىمائىي ئەخلاق قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، ئۆزىنى قەدىرلەش، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، ھەق- ناھەقنى ئاڭقىرىش ۋە ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، تۈرلۈك ناچار قىلمىش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشنىڭ قىزىقتۇرۇشى ۋە زىيانغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
41- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئاتا- ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى تاشلىۋەتكەن، خورلىغانلىرى ج خ ئورگىنى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ياكى مەكتەپ، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تارماق ۋە تەشكىلاتلار قۇبۇل قىلىشى، ئەھۋالغا قاراپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
42- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆزىگە ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن باشقىلارغا قارىتا مۇشۇ قانۇننىڭ ئۈچىنچى بابىدا قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن قىلمىش ياكى جىنايى قىلمىشنى قىلغانلىقىنى سەزگەندە، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، ئاتا- ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئارقىلىق ج خ ئورگىنىغا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلسا بولىدۇ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئورگانلارغا ئۆزى قىلسىمۇ بولىدۇ. دوكلاتنى قۇبۇل قىلغان ئورگان ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
43- ماددا ئەدلىيە ئورگىنى، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلغان، جىنايى قىلمىشنى پاش قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
6 – باب  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
44 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشتا، تەربىيە بېرىش، تەسىرلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش فاڭجېنىنى يولغا قۇيۇلىدۇ، تەربىيىنى ئاساس، جازانى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
 ئەدلىيە ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىشتە، ئۇلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەم فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ۋە جىنايەت ئەھۋالىغا قاراپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانۇنچىلىق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.
 قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبورلاش تەدبىرى قوللىنىلىدىغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپتىن چىقىرۋىتىشكە بولمايدۇ.
45 – ماددا  خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىدىغان سوتچىلاردىن ياكى سوتچىلار ۋە خەلق زاسېداتىللىرىدىن قانۇن بويىچە ئۆسمۈرلەر سوتى تەشكىللەپ سوت قىلىشى كېرەك.
 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ 14 ياشقا توشقان، 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ جىنايەت دېلولىرى بىردەك ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ جىنايەت دېلولىرىمۇ ئومۇمەن ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ.
 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە، كىنو – تېلېۋىزىيە پروگىراممىلىرىدا، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا بېرىشتە، ئۇلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، تۇرار جايى، سۈرىتى ۋە ئۇلارنى بىلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان قاتېرىيالنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
46 – ماددا    توختىتىپ قويۇلغان، قولغائېلىنغان، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ئايرىپ قاماش، ئايرىپ باشقۇرۇش، ئايرىپ تەربىيلەش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەن ئەيىبكارلارغا جىنايى جازا ئىجرا  قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇلارغا بولغان قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى، ئۇلارغا كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. ئىجرا قىلغۇچى ئورگان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان قۇرامىغا يەتمىگىن ئەيىبكارلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملارشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
47 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى 16 ياشقا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازابېرىلمىگەن، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ياكى قامالمايدىغان جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغان،جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا كېچىكتۈرۈلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۈنۈملۈك ياردەم، تەربىيە تەدبىرنى قوللىنىپ، ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
شەھەر ئاھالە كومتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومتىتلىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار ياكى باشقا خادىملاردىن ئىدىيە – ئەخلانى ياخشى، ئىستىلى دۇرۇس، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش خىزمىتىگە ئىشتىياق باغلىغانلىرىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
48 – ماددا  قۇنۇن بويىچە جىنايى جازاكەچۈرۈم قىلىنغان، قامالمايدىغان جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا كېچىكتۈرۈلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ياكى جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قايتا ئوقۇش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردە باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن  بەھرىمەن بولىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.
7 – باب  قانۇن جاۋابكارلىقى
49 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىدىن ھامىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلماي، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىش ياكى ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشقا قويۇپ بەرگەنلىرىنى ج خ ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدۇ، قاتتىق باشقۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.
50 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 19 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ ھامىيلىقتىن ئايرىلىپ يالغۇز تۇرۇشىغا يول قويغانلىرىنى ج خ ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدۇ، دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.
51 – ماددا  ج خ ئورگىنى خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دوكلاتنى تپشۇرۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
52 – ماددا  مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغانلارنىڭ نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى نەشىرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ،قۇشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يوقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ نەشر بويۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ. بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ.
      قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبتېكت قىلىنغان شەھۋانىي نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەن، كۆپەيتكەن ياكى شەھۋانىي نەشر بۇيۇملىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ساتقان، ئىجارە بەرگەن، تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
53 – ماددا  مۇشۇ قانۇننىڭ 31 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋارلىق، قىمارۋارلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان ئوقۇشلۇق، ئۈن – سىن بۇيۇمى ساتقان، ئىجارە بەرگەنلەر ياكى خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان يۇقىرىقىدەك مەزمۇن ۋە ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇشلىقى، ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ.
      ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى، ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ.
54 – ماددا  كىنو، تىياتىرخانا، سىنئالغۇخانا قاتارلىق سورۇنلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان فىلىم قويۇلسا ياكى نومۇر ئورۇندالسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قويۇلغان ئۈن – سىن ھاسىلاتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاستە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سىلىشقا بويرۇيدۇ ياكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكارقىلىدۇ.
55 – ماددا تىجارەتلىك تانسىخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلار، تىجارەتلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانا مۇشۇ قانۇننىڭ 33 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يازمىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولسا، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇىدۇ، ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.
56 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىشنى، ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، زورلاپ ۋە ئازدۇرۇپ ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش، ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشىغا شارائت يارىتىپ بېرىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
8 – باب  قوشۇمچە پرىنسىپ
57 – ماددا  بۇ قانۇن 1999 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
"
كۆكلە تارىم
Posted: 2008-06-22 13:42 | [ئاپتور]
qawandaz

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 8
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 40 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-06-25

 


سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز ئەمدى ئۆزىمىزنى قانۇن ئارقىلىق ئوغدىيالايدىغان بولدۇق.            
Posted: 2008-06-25 17:52 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » قانۇنلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.074880(s) query 4, Time now is:10-23 02:48, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation