ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسەۋۋۇرى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى!! BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسەۋۋۇرى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى!! تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 332ـ كۆرۈرمىنى
tarim_boy

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 423
شۆھرىتى: 459 نومۇر
پۇلى: 997 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسەۋۋۇرى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى!!


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-06-22)
ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى كېسەل پەيدا قىلغۇچى گېنلار ياكى خروموسوملارنىڭ غەلىتە ئۆزگىرىشى ۋە ياكى مولېكۇلا كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ يىلتىزىدىن ساقايتىش مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئەمەلگە ئاشۇرالماي كېلىۋاتقان ئارزۇسى. گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى كىشىلەرنىڭ ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئارزۇسىنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇردى. بۇ تېخنىكىدا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردىن نورمال گېنلارنى ئايرىپ چىقىپ ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا سىنتېزلاپ بىمارنىڭ ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق بىمارنى ئېھتىياجلىق گېنغا ئېرىشتۈرگىلى ھەمدە ئىرسىي كەمتۈكلۈكنى تۈزىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل داۋالاش تېخنىكىسى ھازىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا.
«ئاقسىل يېيەلمەيدىغان ئەجنەبىي بالا» نىڭ گىرىپتار بولغىنى فېنىلكېتون سىيىش كېسىلى بولۇپ، بۇنى داۋالاشتا، ئالدى بىلەن بىمارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىسى تەن سىرتىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۆستۈرۈلگەن بۇ جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە تەركىبىدە زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان فېنىلئالانىن ھىدروكسىلازا گېنى بولغان جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇلىدۇ. ئاندىن بۇ جىگەر ھۈجەيرىلىرى بىمارنىڭ تېنىگە كىرگۈزۈلسە، بىمارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرى فېنىلئالانىن ھىدروكسىلازا ھاسىل قىلىپ، كېسىلى ساقىيىشقا باشلايدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا ھازىر مۇنداق ئىككى مەسىلە مەۋجۇت: بىرى، بىمارنىڭ تېنىگە كىرگۈزۈلگەن گېن نەچچە كۈن ياشىيالايدۇ؟ يەنە بىرى، گېن ئارقىلىق داۋالىغاندا جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى گېنلارنىڭ تەركىبلىرىنى ياخشىلاشقا بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن بەدەندىكى بارلىق ھۈجەيرىلەرنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك؟ ئەتراپلىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، يەنىلا ئۇزاق مۇددەت تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىر خىل رەڭلىنىش خاراكتېرلىك تېرە قۇرغاقلىشىش كېسەللىكى بولۇپ، بىمارنىڭ تېرە ھۈجەيرىلىرىدە ئېندۇنۇكلېئازا كەمچىل بولىدۇ. ناۋادا بۇ خىل تېرىگە ئۇلترا بىنەپشە نۇر چۈشسە، ئاسانلا تېرە راكى شەكىللىنىشى مۇمكىن. ياپونىيە ئالىملىرى بىمارنىڭ تېنىدىن ئايرىۋالغان تېرە ھۈجەيرىسىگە ئىندۇنۇكلېئازىسى بار باكتېرىئوفاگ (باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە) نى كىرگۈزگەندە بۇ تېرە ھۈجەيرىسىدە ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا قارشى ئىقتىدارنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كېسەلنى ھۈجەيرە سەۋىيىسىدىن گېن ئارقىلىق داۋالاش مەقسىتىگە يەتكەن. چۈنكى، تېرىنى كۆچۈرۈش بىرقەدەر ئاسان بولغاچقا، بۇنى كلىنىكىدا قوللىنىشقا ئاز قالدى.!!
awazlik
كۆكلە تارىم
Posted: 2008-06-22 13:28 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » بىئولوگىيە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071353(s) query 3, Time now is:10-23 02:48, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation