مېڭىڭىز قايسى تىپلىق؟؟! BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

نۆۋەتتىكى تېما : مېڭىڭىز قايسى تىپلىق؟؟! تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1701ـ كۆرۈرمىنى
tarim_boy

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 423
شۆھرىتى: 459 نومۇر
پۇلى: 997 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 مېڭىڭىز قايسى تىپلىق؟؟!


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-06-22)
مېڭىڭىز بەدىئىي تىپلىقمۇ؟ ياكى تەپەككۇر تىپلىقمۇ؟ قايسى مېڭىڭىز تەرەققى قىلغان؟
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەزى كىشىلەر ئەدەبىيەت - سەنئەتكە ھەۋەس قىلىدۇ، مەنزىرىلەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەمما ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشتا سەل قىينىلىدۇ. بەزى كىشىلەر بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرقلەر كۆرۈلىدۇ؟ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئوڭ - سولدىن ئىبارەت ئىككى يېرىم شارغا بۆلىنىدۇ. بۇ ئىككى يېرىم شارچە مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ئۆزگىچە بولىدۇ. سول >تىل مېڭىسى< دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تىل، لوگىكا، يېزىقچىلىق، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە. ئوڭ مېڭە >مۇزىكا مېڭىسى< دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ مۇزىكا، گۈزەل - سەنئەت، چىراي ۋە سۈرەتلەرنى پەرق ئېتىش، تېز سۈرئەتتە ئوقۇش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە.
ئوڭ مېڭە ئىقتىدارى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار >ئوڭ مېڭە تىپلىق< لار دەپ ئاتىلىدۇ. سول مېڭە ئىقتىدارى ئۈستۈنلۈك ئىگىلەيدىغانلار >سول مېڭە تىپلىق< لار دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇنىڭدا قانداق قىلغاندا ئۆزى ئۆزىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنى ئازراقلا زەن سېلىپ كۆزەتسەك، تۆۋەندىكى 2 خىل ئۇسۇلنىڭ بىرى بىلەن بايقىغىلى بولىدۇ.
1. ئىككى قۇلاقنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆلچەش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئىككى قۇلىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى 2 - 3 مىللىمېتىر پەرقلىنىدۇ. قايسى تەرەپتىكى قۇلاق چوڭ بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ شۇ تەرەپتىكى يېرىم شارى بەكرەك تەرەققى قىلغان بولىدۇ.
2. ئادەمنىڭ قولى چوڭ مېڭە ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى تەبىئىي ھالدا ئۆز - ئارا گىرەلەشتۈرۈپ تۇرغاندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مېڭە كونتىروللىقىدىكى قولنىڭ بارمىقى دائىم ئىككىنچى  تەرەپتىكى بارماقنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. بۇ 2 - 3 ياشتىن باشلاپ شەكىللىنىپ، ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمەيدۇ.
كىشىلەر ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى تەبىئىي ھالدا ئۆز - ئارا گىرەلەشتۈرۈپ تۇرغاندا ئوخشاشمىغان تىپتىكى كىشىلەرنىڭ باشبارمىقىنىڭ ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەگەر سول قولىنىڭ باشبارمىقى ئۈستىدە تۇرسا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئوڭ مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى >بەدىئىي تىپ< قا مايىل بولۇپ، مۇزىكا، گۈزەل - سەنئەت، زىننەتلەشكە قىزىقىدۇ، قىياپەتكە دىققەت قىلىدۇ. تەسەۋۋۇر كۈچىگە باي، دوراشقا ماھىر، كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئوچۇق - يورۇق مىجەزلىك، ھېسسىياتىنى يوشۇرمايدۇ، كەيپىيات ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭراق بولىدۇ.
شۇڭا بۇنداق >ئوڭ مېڭە تىپلىق< كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئىقتىدارى يېتىلىشىنى كۈچەيتىشى، ئوڭ تەرەپ بەدەننىڭ چېنىقىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئەگەر ئوڭ قولنىڭ باشبارمىقى ئۈستىدە تۇرسا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ سول مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى >تەپەككۇر تىپ< قا مايىل بولۇپ، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشقا ماھىر، لوگىكىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئەقلى خۇلاسە چىقىرالايدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن ئىش قىلىدۇ، كەم سۆز جىمغۇر مىجەزلىك كېلىدۇ، كەيپىياتى بىر قەدەر تۇراقلىق بولىدۇ. بۇنداق >سول مېڭە تىپلىق< لار مۇزىكا، رەسىم قاتارلىقلارغا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىشى، سول تەرەپ بەدەننىڭ چېنىقىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بوۋاقلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭە ئىككى يېرىم شارچىلىرىنىڭ  ئىقتىدارىنى تەكشى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇسۇلنىڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كېچىكتۈرۈشكە يەنە سەكتە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا پايدىسى بار.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش خاتىرىسى :
  • شۆھرىتى:+10(Bilqut_L) بەك ياخشى يې ..
  • كۆكلە تارىم
    Posted: 2008-06-22 13:07 | [ئاپتور]
    birbuway

    دەرىجىسى : يۈز بېشى


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 84
    شۆھرىتى: 85 نومۇر
    پۇلى: 510 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-15

     


    راستەك قىلىدۇ.مەن بۇنىڭ ئەكسىدەك قىلىمەنا
    awazlik
    Posted: 2008-07-06 11:47 | 1 -قەۋەت
    kolqi

    دەرىجىسى : سەركەردە


    نادىر يازمىلار : 1
    يوللىغان تېما : 454
    شۆھرىتى: 506 نومۇر
    پۇلى: 2617 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-13
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-21

     


    ياپىر، بولىدىغان گەپكەن بۇ
    سەن زادى كىم؟
    Posted: 2008-07-07 02:14 | 2 -قەۋەت
    UyMuglaN

    دەرىجىسى : باش ۋەزىر


    نادىر يازمىلار : 52
    يوللىغان تېما : 4285
    شۆھرىتى: 4383 نومۇر
    پۇلى: 7423 RMB
    تۆھپە: 50 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    مەن قايسى تىپقا تەۋەلىگىمنى بىلەلمىدىم!!!!!!
    [ بۇ يازما Bilqut_L تەرىپىدىن 2008-07-11 10:59 دە قا ]
    بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
    Posted: 2008-07-07 08:59 | 3 -قەۋەت
    riwayat0998

    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    نادىر يازمىلار : 2
    يوللىغان تېما : 328
    شۆھرىتى: 343 نومۇر
    پۇلى: 700 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-04
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

     


    مەن بەدىئي تىپقا تەۋە دەك قىلىمەن . لىكىن مەن بىر خەنزۇچە توربەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئويۇنغا قاتناشقان نەتىجىدە  ئوڭ  سول مىڭەمنىڭ ئىشلەش نىسپىتى 50% دە 50% چىققانتى .
    awazlik
    بىلمىگەننى سوراپ بىل
    Posted: 2008-07-10 16:29 | 4 -قەۋەت
    burkut2005

    دەرىجىسى : مىڭ بېشى


    نادىر يازمىلار : 3
    يوللىغان تېما : 275
    شۆھرىتى: 289 نومۇر
    پۇلى: 39 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-03
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-21

     


    مىنڭ سول مىېڭە تىپلق  ئوخشايدۇ
    قان داق قىلسام ئوڭغا يۆتكەيمەن
    ئۆگەت ۋە ئۆگەن
    Posted: 2008-07-11 15:15 | 5 -قەۋەت
    mamkap

    دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 15
    شۆھرىتى: 16 نومۇر
    پۇلى: 100 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-13

     


    مەن قايسى تىپقا تەۋە ئۆزۈممۇ بىلمىدىم.قارىسام ھەر ئككىلىسىگە تەۋەدەك قىلىمەن جىمۇ!
    awazlik
    Posted: 2008-07-11 21:18 | 6 -قەۋەت
    UyMuglaN

    دەرىجىسى : باش ۋەزىر


    نادىر يازمىلار : 52
    يوللىغان تېما : 4285
    شۆھرىتى: 4383 نومۇر
    پۇلى: 7423 RMB
    تۆھپە: 50 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

     


    Quote:
    5 - قەۋەتتىكى burkut2005 2008-07-11 15:15 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
    مىنڭ سول مىېڭە تىپلق  ئوخشايدۇ
    قان داق قىلسام ئوڭغا يۆتكەيمەن

    سىز ئۆزىڭىز خالىمايدىغان ھەم قىلالمايدىغاننى جىق قىلىپ بىرىڭ ئاندىن چۇقۇم ئۆزگىرىسىز!!!!
    بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
    Posted: 2008-07-13 00:10 | 7 -قەۋەت
    gardan

    دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 24
    شۆھرىتى: 24 نومۇر
    پۇلى: 125 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-13
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-14

     


    مەنمۇ سىناپ كۆرەي .بۇنىڭغا ئەزەلدىن دىققەت قىلماپتىكەنمەن.
    Posted: 2008-07-16 13:58 | 8 -قەۋەت
    aynak

    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    نادىر يازمىلار : 0
    يوللىغان تېما : 1
    شۆھرىتى: 2 نومۇر
    پۇلى: 5 RMB
    تۆھپە: 0 نومۇر
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-30
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-07-30

     


    مەن بەدئىي تىپلىققا چۈشىدىكەنمەن، توغرا چىقتى، ئەمما سول مېڭىدىكى ماتىماتىكىدىن باشقا يېزىقچىلىق، لوگىكا ، تەپەككۇر، تىل جەھەتلەردە خېلى ئۈستۈن تۇراتتىم.
    Posted: 2008-07-30 03:33 | 9 -قەۋەت
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
    BilqutBBS » پسىخولوگىيە
    

    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
    كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

       
    Total 0.075922(s) query 4, Time now is:10-22 17:48, Gzip disabled


    Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation