ئىشەنچنىڭ كۈچى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئىشەنچنىڭ كۈچى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 415ـ كۆرۈرمىنى
tarim_boy

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 423
شۆھرىتى: 459 نومۇر
پۇلى: 997 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 ئىشەنچنىڭ كۈچى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-06-22)
ئارام بەرگۈچى دورىنىڭ ئۈنۈمى ئۈستىدىكى تەجرىبە بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى. تەجرىبە جەريانىدا، دوختور بىمارغا كىراخمالدىن ياسالغان، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق داۋالاش ئۈنۈمى بولمىغان بىر خىل دورا تابلىتكىسى ياكى ئوكۇلنى ئىشلەتكەن،  بىمارغا بولسا، بۇنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، بىماردىكى كىسەللىك ئالامىتى يەڭگىللىگەن، ھەتتا پۈتۈنلەي يوقالغان. بۇ خىل ئۈنۈم ئەمەلىيەتتە بولسا بىر خىل ئىشەنچىنىڭ  رولىدىن ئىبارەتتۇر. 
تەجربىلەردىن ئىسپاتلاندىكى، ئارام بەرگۈچى دورا بىماردىكى كىسەللىك ئالامىتىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئادەمنىڭ روھى ھالىتى بەدەندىكى خىمىيلىك ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرردۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر ئادەم مەلۇم خىل دورىنى كونكرېت نىشانلىق داۋالاش دورىسى دەپ ئىشەنسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بەدەن ھالىتى بەلكىم شۇ نىشانغا قاراپ ئۆزگىرىشى مۇمىكىن. ھەتتا بەزى مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلاردىكى 80% كىسەللىكنى ئىنسانلار ئۆزلىرى ئويلاپ كەلتۈرۈپ چىقارغان. باشقىچە ئېتقاندا، ئەگەر سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە چاتاق بار دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا بىر كۈنى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. 
نۇرغۇن ئالىملار ئورگانىزىمدىكى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بىلەن ئىشەنچ سىستېمىسى زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئىشەنچ ئۈمىد، ئېتىقاد ۋە ياشاش ئېڭى كىسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىشەنچ سىستېمىسى ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە ياشاش ئېڭىنى كىسەللىك بىلەن بىلەن كۈرەش قىلىدىغان پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرىدۇ. 
ئەلۋەتتە ئىشەنچ ھەممىگە قادىر دورا ئەمەس. كۇلۇمبىيە ئۈنۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور رىچارە سلوئان كىشىلەرنى ئىشەنچكە ھەممىدىن زىيادە تايىنۋالماسلىقنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەمەللىيەتتە دوختۇرلارمۇ ئىشەنچىنىڭ داۋالاشقا ياردەم بىرىدىغان بىر خىل ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. ئىشەنچ ئارقىلىق داۋالاشنىڭ يادروسى ئىشەنچنىڭ كىسەللىكنى داۋالىشىدا بولماستىن بەلكى كىسەللىك ساقىيىشىدا كۈچلۈك ئىرادىنىڭ بولۇشىدا بولىدۇ. 
نۆۋەتتە تېببىي ساھەدە دورا ئارقىلىق داۋالاش، ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق داۋالاش ۋە پسىخولوگىيىلىك داۋالاشنى بىرلىكتە ئېلىپ بىرىشى تەشەببۇس قىلىنۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئالىملار مۇنداق قارايدۇ: ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسى ئۆزىگە ۋاكالىتەن كىسەل داۋالايدىغان كۈچلۈك داۋالاش قورالى ۋە داۋالاش ۋاستىسى بولالايدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدىكى چوڭ مېڭە ئارقىلىق كىسەلنى توغرا يىتەكلىگەندە، ئۇ بۈگۈنكى كۈندىكى دورا ئىشلىتىش ۋە ئوپراتسىيىگە ئوخشاش ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن.
كۆكلە تارىم
Posted: 2008-06-22 12:07 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » غارايىباتلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070598(s) query 3, Time now is:10-23 02:48, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation