ماركس (1818 - 1883) ماركس - پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى، ماركسزمغا ئاساس سالغۇچى؛ گېرمانىيىنىڭترېر شەھىرىدە بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1841 - يىلى ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان؛ 1842 - يىلى يېڭى رېيىن گېزىتى نى ماقالە بىلەن تەمىنلەش ۋە باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، 1844 - يىلى گېرمانىيە - فرانسىيە يىلنامىسى ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان، شۇ يىلى 8 - ئايدا ئۇ ئېنگېلس بىلەن پارىژدا ئۇچراشقان؛ ئۇلار 1848 - يىلى بىرلىكتە كوممۇنىزىمچىلارئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ھەمدە كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى لايىھىسىنى تەييارلىغان؛ 1867 - يىلى كاپىتال نىڭ بىرىنچى تومىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، قوشۇمچە قىممەت نەزەرىيىسى شەرھلەپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت قانۇنىنى بايان قىلغان؛ 1864 - يىلى 9 - ئايدا لوندوندا بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرغان ھەم ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان؛ پارىژ كوممۇنىسى قۇرۇلغان چاغدا، پارىژ كوممۇنىسىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئاكتىپ قوللىغان؛ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېنگېلس بىلەن ھەرخىل ۋە ھەر رەڭدىكى ئاغمىچىلىق مەزھەپلىرىنى پاش قىلغان ھەم تەنقىد قىلغان؛ گېرمانىيىدە مارت ئىنقىلابى پارتلىغاندا، ۋەتەنگە قايتىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرگۈن بولۇپ ئەنگلىيىنىڭ لوندوندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان؛ ئەسەرلىرى 39 توملۇق ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى گە كىرگۈزۈلگەن.
1856- يىل 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 1848 - يىلىدىكى ئاشۇ ئاتالمىش ئىنقىلابلار ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق ۋەقە، ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇپ كەتكەن پوستىدىكى كىچىكىنە دەز ۋە يوچۇقلاردىنلا ئىبارەت، خالاس. لېكىن بۇ دەرز ۋە يوچۇقلار پوست ئاستىدىكى تېگى يوق بىر ھاڭنى نامايان قىلدى. ناھايىتى قاتتىقتەك كۆرۈنگەن پوست ئاستىدا بىپايان بىر دېڭىز بارلىقى مەلۇم بولدى، ئۇ داۋالغۇپ كەتسىلا،ناھايىتى قاتتىق قىيا تاشلاردىن ھاسىل بولغان قۇرۇقلۇقنى سوقۇپ كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇ ئىنقىلابلار 19 - ئەسىرنىڭ پرولېتارىيات ئازادلىقىدىن ئىبارەت بۇ سىرىنى 19 - ئەسىر ئىنقىلابىنىڭ بۇ سىرىنى غوۋغا كۆتۈرۈپ، غۇۋا ھالدا جاكارلىدى.
دەرۋەقە، بۇ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب 1848 - يىلى كەشپ قىلىنغان يېڭى نەرسە ئەمەس. پار، ئېلېكتر ۋە ئاپتوماتىك ئېگىرىش ماشىنىسى ھەتتا بارجېس، راسپائىل ۋە بلانكى قاتارلىق زاتلاردىنمۇ خەۋپلىكرەك ئىنقىلابچىلاردۇر. لېكىن بىز ياشاپ تۇرغان ئاتموسفېرا ھەر بىرىمىزنى يىگىرمە مىڭ قاداق ئېغىرلىق بىلەن بېسىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ،قايسىڭلاr سەزدىڭلار؟ خۇددى شۇنىڭدەك، ياۋروپا جەمئىيىتىمۇ 8184 - يىلىغىچە ئۆزىنى تەرەپ - تەرەپتىن قورشىۋالغان ۋە بېسىپ تۇرۇۋاتقان ئىنقىلابىي كەيپىياتنى سەزمىگەنىدى.
بۇ يەردە 19 - ئەسىرىمىزنىڭ خۇسۇسىيىتى قىلىشقا بولىدىغان ئۇلۇغ بىر پاكىت، ھەرقانداق بىر پارتىيىنىڭ ئىنكار قىلىشقا چىشى پاتمايدىغان بىر پاكىت تۇرۇپتۇ. بىر تەرەپتىن، ئىلگىرى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھېچقانداق بىر دەۋرىدە تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدىغان سانائەت ۋە ئىلم - پەن كۈچى مەيدانغا كەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تارىخىي خاتىرىلەرگە كىرگۈزۈلگەن بارلىق قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەردىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدىغان چۈشكۈنلۈك ئالامەتلىرى ئاشكارىلاندى.
بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزدە، ھەر بىر شەيئى ئۆزىنىڭ ئەكس تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك تۇرىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ماشىنا ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكىنى ئازايتىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان ئاجايىپ كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئاچارچىلىق ۋە ھەددىدىن زىيادە ھارغىنلىقنى پەيدا قىلدى. يېڭى تېپىلغان بايلىق مەنبەلىرى مەلۇم غەلىتە ۋە ئەقىلغە سىغمايدىغان مېھرى كۈچ تۈپەيلىدىن نامراتلىق مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. تېخنىكىدىكى غەلىبە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى بەدىلىگە كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئىنسانىيەت تەبىئەتنى قانچىكى كونترول قىلسا، شەخسلەر باشقىلارغا ياكى ئۆزىنىڭقەبىھ ھەرىكەتلىرىگە شۇنچە قۇل بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. ھەتتا پەننىڭ سۈپسۈزۈك نۇرىمۇ پەقەت نادانلىقنىڭ قاراڭغۇ پەردىسىدىلا چاقنىيالايدىغاندەك تۇرىدۇ. كەشپىياتلىرىمىز ۋە تەرەققىياتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاخىر بېرىپ ماددىي كۈچلەرنى ئەقلىي ھاياتقا، كىشىنىڭ ھاياتىنى بولسا، گاللىشىپ كەتكەن ماددىي كۈچكە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئوخشايدۇ. ھازىرقى زامان سانائىتى ۋە پېنى بىلەن ھازىرقى زامان نامراتلىقى ۋە چۈشكۈنلۈكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق قارىمۇ قارشىلىق، زامانىمىزدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق قارىمۇ قارشىلىقنىڭ ئۆزى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرغان، ساقلانغىلى بولمايدىغان ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتۇر. بەزى پارتىيە - گۇرۇھلار بۇنىڭئۈچۈن قاقشاپ - زارلىنىشلىرى مۇمكىن؛ يەنە بەزى پارتىيە - گۇرۇھلار ھازىرقى زامان توقۇنۇشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھازىرقى زامان تېخنىكىسىنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن؛ يەنە بەزى پارتىيە - گۇرۇھلار سانائەتتىكى مۇنداق زور ئىلگىرىلەشكى سىياسىي جەھەتتىكى شۇنداق زور چېكىنىشنى قوشۇمچە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن بىز بۇ زىددىيەتلەر ئىچىدە ھەمىشە ھېلىقىپ تۇرىدىغان ئاشۇ ھىيلىگەر ئەرۋاھ ئالدىدا ئادىشىپ قالمايمىز. بىزگە مەلۇمكى، جەمئىيەتتىكى يېڭى كۈچلەرنىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى ئىجرا قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى پەقەت يېڭىدىندۇنياغا كەلگەن كىشىلەر ئىگىلىشى كېركە، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن كىشىلەر ئىشچىلار دېمەكتۇر، ئىشچىلارمۇ ماشىنىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاشلا ھازىرقى زاماننىڭ مەھسۇلى. بۇردۇئازىيىنى، ئاقسۆڭەكلەرنى ۋە بىچارە چېكىنىش ھۆكۈمالىرىنى ئالاقزادە قىلىپ قويغان ھادىسىلەر ئىچىدىن ئۆزىمىنىڭ ياخشى دوستى، ئوغۇل بالا روبىننى، يەرنى چاپسان كولايدىغان مۇشۇ قېرى دالا چاشقىنى، شەرەپلىك ساپيۇر - ئىنقىلابنى تونۇۋالدۇق. ئەنگلاىيە ئىشچىلىرى ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ تۇنجى پەرزەنتى. ئەلۋەتتە، ئۇلاr سانائەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشۇ ئىجتىمئاىي ئىنقىلابقا مەدەت بېرىش جەھەتتە ئارقىدا قالمايدۇ، بۇنداق ئىنقىلابقا مەدەت بېرىش جەھەتتە ئارقىدا قالمايدۇ، بۇنداق ئىنقىلاب ئۇلارنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئازادلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنداق ئىنقىلاب كاپىتالنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ياللانما قۇللۇق تۈزۈمگە ئوخشاشلا ئومۇمىي خاراكتېرگە ئىگە. ئەنگلىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئالدىنقىئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان نەقدەر باتۇرانە كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكى ماڭا مەلۇم، بۇ كۈرەشلەر بۇرژۇئا تارىخچىلىرىنىڭ ياپقانلىقى ۋە ئېيتماي يوشۇرغانلىقى ئۈچۈنلا جامائەتچىلىككە مەلۇم بولمىدى. ھۆكۈمران سىنىپنىڭ جىنايى ھەرىكەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىردىكى گېرمانىيدە فېمې سوتى دەپ ئاتالغان بىر خىل مەخپىي سوت بولغاندى. ئەگەر بىرەر ئۆيگە قىزىل كرېست بەلگىسى سېلىپ قويۇلسا، ھەممە ئادەم بۇ ئۆينىڭ ئىگخسىگە فېمې سوتى جازا كەسكەنلىكىنى بىلىۋالاتتى. ھازىر ياۋروپادا ھەممە ئۆيگە سىرلىق قىزىل كرېست بەلگىسى سېلىندى. تارىخنىڭ ئۆزى سوراقچى، پرولېتارىيات بولسا ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى.
[ بۇ يازما Bilqut_L تەرىپىدىن 2008-06-13 12:26 دە قا ]