ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 824ـ كۆرۈرمىنى
Bilqut_K

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 77
يوللىغان تېما : 2683
شۆھرىتى: 2843 نومۇر
پۇلى: 924 RMB
تۆھپە: 21 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-05-27)
بىر دانە مولېكۇلا فورمۇلىسىدىن مۇنداق ئىككى ئىشنى بىلەلەيمىز: بىرى، ئاتوملارنىڭ تۈرى؛ يەنە بىرى، بۇ ئاتوملارنىڭ بىرىكمىدىكى سانى. مەسىلەن، كالتسىي خلورىدنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى بولغان (2lCaC) بىزگە: ئۇنىڭ ئىككى خىل ئاتوم − كالتسىي بىلەن خلوردىن تەركىب تاپقانلىقىنى، ئۇنىڭدا بىر كالتسىي ئاتومى بىلەن ئىككى دانە خلور ئاتومى بىرىكىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر ناترىي مېتالىنى خلور گازى قاچىلانغان قاچىغا سېلىپ قىزدۇرساق قاچىدا ناترىي خلورىد ھاسىل بولىدۇ. بىز بۇنى ئىككى خىل ماددا بىرىكىش رېئاكسىيىسى ئارقىلىق بىرىكىپ يېڭى بىر خىل ماددىغا ئايلاندى دەيمىز. يەنە مەسىلەن، خلور بىلەن تۆمۈر رېئاكسىيىلىشىپ تۆمۈر خلورىدنى ھاسىل قىلىدۇ. خىمىيە ئالىملىرى مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن خلور گازى بىلەن ناترىي رېئاكسىيىلەشكەندە ھامان ناترىي خلورىد (NaCI) ھاسىل بولىدىغانلىقىنى، خلور گازى بىلەن ماگنىي رېئاكسىيىلەشكەندە ھامان ماگنىي خلور (MgCI2) ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. باشقىچە ئېيتقاندا، بىر دانە خلور ئاتومى پەقەت بىر دانىلا ناترىي ئاتومى بىلەن بىرىكەلەيدۇ، ئەمما ئىككى دانە خلور ئاتومىلا پەقەت بىر دانە ماگنىي ئاتومى بىلەن بىرىكەلەيدۇ. بىز بىر دانە ئاتومنىڭ باشقا ئاتوملار بىلەن بىرىكەلەيدىغان سانىنى ئۇنىڭ «ۋالېنتى» (ئاتوم ۋالېنتى) دەپ ئاتايمىز. ۋالېنتلىقتا ھىدروگېن ئاتومىنىڭ ۋالېنتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بىر دانە ھىدروگېن ئاتومى ئەڭ كۆپ بولغاندا باشقا ئېلېمېنتنىڭ پەقەت بىر دانە ئاتومى بىلەنلا بىرىكەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋالېنتى بىر بولىدۇ.
ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتىدا يەنە مۇسبەت ۋە مەنپىي خۇسۇسىيەت ئىپادىلىنىدۇ. ھىدروگېننىڭ ۋالېنتىنى1 + ۋالېنت دەپ مۇقىملاشتۇرۇۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىرىككەن ئېلېمېنتلار مەنپىي ۋالېنتلىق بولىدۇ. بىر دانە خلور ئاتومى پەقەت بىر دانىلا ھىدروگېن ئاتومى بىلەن بىرىكەلىگەنلىكتىن، خلورنىڭ ۋالېنتى1  - ۋالېنت بولىدۇ. مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولغاندا، ناترىينىڭ ۋالېنتى1 + ۋالېنت، تۆمۈرنىڭ ۋالېنتى3 + ۋالېنت بولىدۇ.
ۋالېنتلىقتا يەنە مۇنداق بىر قانۇنىيەت بار: A ۋە B دىن ئىبارەت ئىككى ئېلېمېنت بىرىكىپ ھاسىل قىلغان بىرىكمىدە، ئېلېمېنت A نىڭ ۋالېنتىنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن ئېلېمېنتB نىڭ ۋالېنتىنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ.P2O5 (فوسفور )Ⅴ( ئوكسىد)نى مىسالغا ئالساق، بۇ مولېكۇلىدا، فوسفورنىڭ ۋالېنتى × فوسفورنىڭ ئاتوم سانى = ئوكسىگېننىڭ ۋالېنتى × ئوكسىگېننىڭ ئاتوم سانى بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتىغا ئاساسەن بىرىكمىلەرنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسىنى يازالايمىز. مەسىلەن، ئوكسىگېننىڭ2 - ۋالېنتلىق، ئاليۇمىننىڭ3 + ۋالېنتلىق ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم، بۇنىڭغا ئاساسەن ئاليۇمىن ئوكسىدنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسىAI2O3 نى ئاسانلا يېزىپ چىقالايمىز
awazlik
Posted: 2008-05-25 11:56 | [ئاپتور]
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


خېمىيە دەرىسخانىسى دىگەن بۇ يەردىكەنغۇ؟!
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-06-08 11:36 | 1 -قەۋەت
karlukxahruz

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 50 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-06-08

 


ياخشى
Posted: 2008-06-08 18:30 | 2 -قەۋەت
arkali

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 102
شۆھرىتى: 103 نومۇر
پۇلى: 587 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-21

 


سېھرىگەرلىكنىڭ نۇرغۇنلىرى مۇشۇ خىمىيىلىك رىاكسىيەلەر ئارقىلىق بولدۇ .
Posted: 2008-09-19 12:45 | 3 -قەۋەت
arkali

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 102
شۆھرىتى: 103 نومۇر
پۇلى: 587 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-21

 


يۆلىنىشنى توغرا ئىگەللەڭ خەققە مۇنداق دەرس ئۆتسىڭىز نىمىنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى بىلمەي قالىدۇ . خەت ئۇرۇشنى ئۇمامسىزيا    ؟؟؟؟؟؟؟؟
Posted: 2008-10-14 11:02 | 4 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » خىمىيە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072715(s) query 4, Time now is:10-23 02:32, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation