شاھدىيار ناھىيىسى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

نۆۋەتتىكى تېما : شاھدىيار ناھىيىسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1783ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 شاھدىيار ناھىيىسى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-05-28)
شايار ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كىرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، شىمال تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 220 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  32  مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 143 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  835  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  173 مىڭ  500. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  85.19%نى، خەنزۇلار  14.1% نى، باشقا مىللەتلەر  0.80% نى تەشكىل قىلىدۇ.
  شايار ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  23 - يىلى (1758 - يىلى) كۇچاغا قويۇلغان خان ئامبال شايارنى قوشۇمچە باشقۇرغان ھەمدە شاياردا  3 - دەرىجىلىك ھاكىمبەگ قويۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  8 - يىلى (1882 - يىلى) كۇچا ئەمىنىيە نازارىتىگە قارىغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  28  - يىلى (1902 - يىلى) شايار ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى،  4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان.
  يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنمىسى، تارىم دەرياسى ۋادىسى تۈزلەڭلىكى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك، بوستانلىق  19.5% نى، قۇملۇق  80.5% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈگەن دەرياسى ۋە تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان ئىككى دەرياسى بار، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئالتە مىليارد  300 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد  120  مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارالەيلەك، كوكۇلىلىق تۇرنا، قارا تايغان بۇغا، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن لوپنۇر كەندىرى، توغراق (زاپاس مىقدارى 540 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ)، چۈچۈكبۇيا، ئالىقات، توشقان زەدىكى، چىغان قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، گىلائۇبېر تۇزى، شۇلتا قاتارلىقلار بار.
  شايار ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.8℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  -28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 87.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃  تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3036.3 سائەت  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4109.6℃. قىروسىز مەزگىلى  216 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى  42.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2006.7 مىللىمېتىر.
  بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  42 مىڭ  600 گېكتار (639 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى  107 مىڭ  300 گېكتار (1  مىليون 610 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  48 مىڭ گېكتار  (720 مىڭ مو)، ئورمان بىنا قىلىشقا ۋە چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  213 مىڭ  300 گېكتار (3  مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، قولماق قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېۋەز ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ناھىيە  1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈچلۈك  100  ناھىيە ئىچىدە 10 - قاتارغا ئۆتتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۆستۈرۈش ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، قەغەز ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماي خىمىيە سانائىتى، ماشىنا رېمونتچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
  شايار ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 210 - ۋە  211 - لىنىيىسى دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە تۇتىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.  3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.
  ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى، بوساتانتوغراق قەدىمىي شەھىرى، ھەجە ئانام قەدىمى قەبرىستانلىقى، تاشدۆڭ قەدىمىي شەھىرى ۋە ئەگمە يانتاق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.
[ بۇ يازما Bilqut_L تەرىپىدىن 2008-06-22 11:19 دە قا ]
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-05-21 12:01 | [ئاپتور]
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


مەن  شايار دا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن  مەن ئانا يۇرتۇمدىن پەخىرلىنىمەن، سۈيۈنىمەن.
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-05-25 19:31 | 1 -قەۋەت
UyghurBilqut

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 0 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 


تەسۋىر : گۈزەل شايار
رەسىم :
تەسۋىر : guzal xayar
رەسىم :
شايار خەلق مەيدانندىن بىر كۈرنۈش . شايارغا بارسىڭىز مەنزىرلىك ۋە گۈزەل ساياھەت ئۇرۇنلىردىن ھۈزۈرلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت ھاردىقىڭىز چىقىدۇ.
Posted: 2008-06-02 16:13 | 2 -قەۋەت
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


Quote:
2 - قەۋەتتىكى UyghurBilqut 2008-06-02 16:13 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
شايار خەلق مەيدانندىن بىر كۈرنۈش . شايارغا بارسىڭىز مەنزىرلىك ۋە گۈزەل ساياھەت ئۇرۇنلىردىن ھۈزۈرلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت ھاردىقىڭىز چىقىدۇ.


بۇ رەسىمدىكى شايارنىڭ قايسى يىلدىكى ۋاقتى، قېنى مەيداننىڭ ئارقىدىكى خەلىقئارا تىياتېرخانا.



http://www.xjdaily.com/xwzx/jrxj/images/2005/10/25/21412.jpg[/img]
[ بۇ يازما Bilqut_L تەرىپىدىن 2008-06-03 18:26 دە قا ]
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-06-03 17:43 | 3 -قەۋەت
tograh

دەرىجىسى : تۈتۈن بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 41
شۆھرىتى: 42 نومۇر
پۇلى: 193 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


ھەر  ئىككىلىڭلارنىڭ  2005- يىلى 9-ئايدا  تارتىلغان  رەسىملەركەن ، uyghurbilqut  ناھىيەلىك  خەلىق  سوت  مەھكىمىسى  تەرەپتىن  ئىگىزدە  تۇرۇپ  رەسىمگە  تارتىپتۇ .  bilqut-l  يېقىندىن  رەسىمگە  تارتىپتۇ .  ھازىر  بۇ  رەسىمگە  قارىغاندا  كۆپ  ئۆزگىرىپ  تېخىمۇ  گۈزەللىشىپ  كەتتى .
Posted: 2008-06-05 21:01 | 4 -قەۋەت
bombardimanq

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 5 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-06-13

 


ھەقىقەتەن تۇلۇق يېزىپسز ،مەنمۇ يۇرتۇمدىن پەخىرلىنمەن.
Posted: 2008-06-06 11:42 | 5 -قەۋەت
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


باشتىكى رەسىم ھۇكۇمەت بىناسىنىڭ ئەڭ ئۈستىنكى قەۋتىدە تۇرۇپ تارىتقان رەسىم ئىكەن.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-06-14 12:41 | 6 -قەۋەت
tarim_boy

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 423
شۆھرىتى: 459 نومۇر
پۇلى: 997 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 


بىز نىڭ ناھىيەنى مەن سىز چىلىك چۈشەنمەيدىكەنمەن!!!!!    
كۆكلە تارىم
Posted: 2008-06-16 19:25 | 7 -قەۋەت
burkut2005

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 275
شۆھرىتى: 289 نومۇر
پۇلى: 39 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


پاھ ناھايتى چىرايلىق چىقىپ تۇ بۇرەسىملەر
ئوزەم شاياردىن بولغان بىلەن سىزچىلىك تەپسىلى بىلمەىدىكەن مەن.
ئۆگەت ۋە ئۆگەن
Posted: 2008-07-14 23:26 | 8 -قەۋەت
turkman01

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-11

 


بېلىق  ئۆپكىسىنى قوي ئۆپكىسىدەك قۇيالايدۇ -دەپ .ئاڭلىغان ئىدىم.(چاخچاق)
Posted: 2008-07-26 16:34 | 9 -قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ناھىيلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.081766(s) query 4, Time now is:10-23 02:32, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation