شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش بىرىنچى شىسى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش بىرىنچى شىسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 555ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش بىرىنچى شىسى


بىناكارلىق قۇرۇلۇش 1 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 22 - بىڭتۇەنىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر 8 - شىسى ئىدى. بۇ قىسىم 1953 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، قەشقەر، يەكەن، بورتالا، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا شەھەر قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە تاشيول قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1953 - يىلىنىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش 1 - شىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1974 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى ياساش ئۈچۈن، بىڭتۇەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق شىتابى ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇش ئىدارىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1983 - يىلى 4 - ئايدا بىڭتۇەنگە قايتۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش 1 - شىسى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
قۇرۇلۇش 1 - شىسىغا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 27 سى قارايدۇ، ئۇنىڭ 15 ى چوڭ تىپتىكى بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش كارخانىسى، 12 سى باشقا تىپتىكى كارخانىلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 50 ى بار. بۇ كارخانا كەسپىي ئورۇنلار ئۈرۈمچى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى ۋە بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 65 مىڭ، ئەمگەكچى 32 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 30 مىڭ 300 نەپەر.
قۇرۇلۇش 1 - شىسى بىناكارلىق - قۇراشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، قوشۇمچە بېزەش - زىننەتلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئۇنىڭدىن باشقا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىك، ترانسپورت، سودا كەسىپلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر بار تۈرلۈك تېخنىك خادىم 7000 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە كەسپىي خادىملار 2400 دىن ئاشىدۇ؛ 5000 دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇش قىلىش ماشىنىسى بار بولۇپ، ئومۇمىي كۈچى 120 مىڭ كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بۇ شى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، شىخەنزە، كۈيتۈن، قاراماي، غۇلجا، كورلا قاتارلىق جايلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، نەچچە 10 مىليون كۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت بىناسى ۋە ئولتۇراق ئۆيلەرنى سالدى، 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتا تۆمۈر يول غول لىنىيىسى، تارماق لىنىيىسى ۋە مەخسۇس لىنىيە ياسىدى، 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتا 8 تاشيول غول لىنىيىسى ۋە بىرقانچە تارماق لىنىيىسىنى ياسىدى؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماناس دەرياسى، كۈيتۈن دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئۈرۈمچى دەرياسى، قاراشەھەر دەرياسى، كۆنچى دەرياسى، يەكەن دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىق چوڭ ئېقىنلارنىڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 15 نى، چوڭ تىپتىكى سۇ باشلاش تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدىن 19 نى ياسىدى، چوڭ تىپتىكى سۇ باشلاش ئۆستىڭىدىن 24 نى چاپتى، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن 31 نى ياسىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراماي نېفىتلىكى شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكى، تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكى، شىمالىي تارىم نېفىتلىكى قاتارلىق تۆت چوڭ نېفىتلىك قۇرۇلۇشىغا ۋە شىنجاڭدىكى ئالتە چوڭ ئايرودروم قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېرلانكا، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە تاشيول قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى. قۇرۇلۇش 1 - شىسى >ئالاھىدە چىداملىق، ئالاھىدە سەۋرچان، ئالاھىدە جەڭگۋار، ئالاھىدە تۆھپە قوشىدىغان< بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، >تۆمۈر قوشۇن< دېگەن نامى بار.
Posted: 2008-05-09 10:54 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » بىڭتۈەنلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.069073(s) query 3, Time now is:10-23 02:31, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation