ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ تۇرۇپ ئىسكەنجىگە ئېلىش بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


بۇ بەتتىكى يازما : ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ تۇرۇپ ئىسكەنجىگە ئېلىش بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ تۇرۇپ ئىسكەنجىگە ئېلىش

بىسمارك  35 يېشىدا پرۇسسىيىنىڭ  پارلامېنت ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدا چوڭ بىر بۇرۇلۇش بولىدۇ. ئەينى چاغدا ئاۋسترىيە گېرمانىيىنىڭ  جەنۇبىدىكى كۈچلۈك قوشنا دۆلەت ئىدى. ئاۋسترىيە گېرمانىيىگە تەھدىت سېلىپ، ئەگەر گېرمانىيە غەرەزلىك ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرسا ئۆزىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
  بىسمارك  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پرۇسىيىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئاۋسترىيىنى بويسۇندۇرۇپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئىنتىلەتتى، ئۇ قىزغىن،  جۇشقۇن، ۋەتەنپەرۋەر زات، ھەربىي ئىشلارنى سۆيىدىغان ئۇرۇش ماھىرى. ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر بىر جۈملە سۆزى: بۇ دەۋردىكى ئېغىر مەسىلىلەرنى نۇتۇق ۋە ئىرادىگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى قورال - ياراغ  ۋە ئىسسىق قانغا تايىنىپ ھەل قىلىش كېرەك.
  ھەممە كىشىنى ئەجەبلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، مۇشۇنداق ئۇرۇشقا ھېرىسمەن كىشى پارلامېنت يىغىنىدا تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلدى.  ئەمەلىيەتتە ئۇ چۈشىدىمۇ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئويلايتتى.
  ئۇ مۇنداق دەيدۇ:ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى سەگەكلىك بىلەن ئويلاشماي، جاھىللىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋالغان سىياسەتۋازلار! ئۇرۇشنى ئۆزۈڭلار قىلىڭلار! ئۇرۇش ئاخىرلاشقان چاغدىكى دېھقاننىڭ ئېتىزىدىكى كۈلگە ئايلانغان زىرائەتلەرگە، مېيىپ بولغان، خوتۇن - بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرگە مەسئۇل بولۇشقا  جۈرئىتىڭلار بارمۇ؟
  پارلامېنت يىغىنىدا ئۇ ئاۋسترىيىنى ھەدەپ تەرىپلەيدۇ ھەمدە ئۇلارغا  يان باسىدۇ، بۇ ئۇنىڭ مەۋقەسى بىلەن تۈپتىن زىت ئىدى.  بىسماركنىڭ  ئۇرۇش قىلىشقا قارشى  چىقىشتا باشقا غەرىزى  بارمۇ؟ ئۇرۇشقا تەقەززا بولۇپ تۇرغان پارلامېنت ئەزالىرى گاڭگىراپ قالىدۇ. ئاخىرى، بىسماركنىڭ  چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئۇرۇش قوزغالمايدۇ.
  بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، پادىشاھ  بىسماركنىڭ  تىنچلىق ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئىچكى كابىنېتنىڭ  كاتتىۋېشى  قىلىپ سايلايدۇ. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بىسمارك پرۇسىيىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ سايلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئاۋسترىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ ۋە ئەسلىدىكى ئىمپېرىيىنى  پاچاقلاپ تاشلاپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.
  نېمە ئۈچۈن بىسمارك  ئەينى چاغدا تىنچلىقنى قوللايدۇ، كېيىن يەنە ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇ پرۇسىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ باشقا ياۋروپا زوراۋانلىق - كۈچىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى،  ئۇرۇش پەيتى پىشىپ يېتەلمىگەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن. ئەگەر ئۇرۇش مەغلۇپ  بولسا ئۇنىڭ  سىياسىي ھاياتى خەتەرگە ئۇچرايدۇ دېگەن گەپ. ئۇ ھوقۇققا موھتاج، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز خاھىشىغا خىلاپ ھالدىكى تەشەببۇستا چىڭ تۇرۇپ ۋە پىكىر بايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئالدايدۇ.  دەل بىسماركنىڭ  مۇشۇ پىكىرلىرى سەۋەبىدىن  ئاجىز پادىشاھ ئۇنى ئەمەلدارلىققا كۆتۈرىدۇ ۋە  تېز سۈرئەتتە باش ۋەزىرلىك مەنسىپىگە ئېرىشىدۇ. ئۆزى ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، قورال كۈچى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.
  بىسمارك  تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئەقىللىق سىياسىي ئەربابنىڭ بىرى. ئۇ ئىستراتېگىيىگە ماھىر بولۇپ، تىنچلىق تەشەببۇسىدا ھېچكىم ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىدى. ئەگەر ئۇ ئەينى چاغدا ئۆز مۇددىئاسىنى ئوچۇق ئېيتقان بولسا، گېرمانىيىنىڭ كېيىنكى بىرلىككە كېلىشىمۇ بولمىغان بولاتتى.
  مەقسەتنى يوشۇرۇپ، خاتا ئۇچۇر تارقىتىشتىن  پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ غەرىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوشۇرۇپ،  ئارزۇسىغا يېتىش. مانا بۇ ھەقىقىي نىيىتىنى يوشۇرۇشنىڭ غايەت زور كۈچ - قۇدرىتى.
  قىلچە مەقسىتى بولمىغان ئادەم خۇددى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا يېيىپ قويۇلغان سالام خەتكە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، مۇۋاپىق سىر ساقلاش، تۈرلۈك ئارزۇ - غەزەپلەرنى باشقىلارغا ئېيتىشقا تېگىشلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىش، مۇۋاپىق دەرىجىدە سۈكۈت قىلىش قاتارلىقلار ھەقىقىي غەلىبىنىڭ ئاچقۇچى. قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى كۆڭلىڭىزدە بىلىڭ، ھەممىسىنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
  نۇرغۇن كىشىلەر پۇرسەت بولسىلا ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى، ئوي پىكرىنى  باشقىلارغا دېيىشكە ئامراق. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا ئىككى  خىل سەۋەب بار:  بىرى، ئۇلار ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسسىياتى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىنى باشقىلارغا دېيىشىنى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال  دەپ قارايدۇ؛ يەنە بىر سەۋەب ئۇلار شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشىشنى، باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ماھىيىتىنى نامايان قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنداق قاراش خاتا ئەمەس ئەلۋەتتە، لېكىن ئوخشىمىغان شارائىت ئوخشىمىغان ئوبيېكتقا ئاساسەن پەرقلىق ئىش كۆرۈش زۆرۈر. مەلۇم ئالاھىدە ئەھۋالدا سەمىمىيەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەي قالىدۇ. بۇ سىزنى ئازابلايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىز بەزىدە باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ  قويۇشى مۇمكىن.
  ئەگەر سىز باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشنى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى خالىسىڭىز، چوقۇم  ئۆز مەقسىتىڭىزنى سىپايىلىك  بىلەن ئىپادىلەڭ، ئۆز ھېسسىياتىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئەھۋالىنى توغرىدىن  توغرا دەپ سالماڭ.
  كىشىلىك مۇناسىۋەتتە مۇددىئانى يوشۇرۇش، بەزىدە سىزنى ناھايىتى ئاسانلا تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتكۈزەلەيدۇ، ئىنسان ماھىيىتىنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەقىقىتى شۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ھېسسىياتىنى تاشقى كۆرۈنۈش بەلگىلەيدۇ. كىشىلەر دائىم تەسەۋۋۇرنى ئەمەلىيەت دەپ  خاتا ھۆكۈم قىلىۋالىدۇ. شۇڭا،  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تەسەۋۋۇر ئەمەلىيەتتىنمۇ مۇھىم.
  كۆرۈنۈشتە ئۆز خاھىشىغا خىلاپ تەشەببۇسنى قوللىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش رەقىبىڭىزنى گاڭگىرىتىپ ئاسانلا خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە سەۋەبچى بولىدۇ. مانا بۇ دەل ئۇياقتىن شەپە بېرىپ بۇياقتىن زەربە بېرىش تاكتىكىسىدۇر.
  بۇ تاكتىكىنى قوللىنىشتا ئۇسۇلغا ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئەتىدىن كەچكىچە ئاغزىڭىزنى چىڭ يۇمۇپ گەپ قىلماي، تىمىسقلاپ يۈرسىڭىز باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيسىز. ئەكسچە كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىپ، يالغان ئارزۇلىرىڭىزنى، پىلانلىرىڭىزنى سۆزلەپ تۇرسىڭىز، كىشىلەرگە دوستانە، ئوچۇق، ئىشەنچلىك تەسىر بېرىسىز. رەقىبىڭىز يوقىلاڭ  ئىشلار ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھالىدىن كېتىدۇ.
  ئەگەر سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىڭىز تۈپەيلىدىن، ئۆز مەقسەتلىرىڭىز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىڭىزنى مەخپىي تۇتۇش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا، ھېچبولمىغاندا بىرەر قېتىم بولسىمۇ كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ  قويۇڭ. بۇنىڭ بىلەن ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزگە يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان، سىزگە دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ.
  ئەگەر سىز مەلۇم سورۇنلاردا باشقىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قىيىن ئەھۋالدا قالسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنى  قۇتۇلدۇرۇشنى سىناپ كۆرۈڭ.
  تاكتىكىڭىز ئاددىي، شەكلى مۇرەككەپ، كۆپ بېسىملىق بولسۇن.  بۇنداق بولغاندا رەقىبىڭىز گاڭگىراپ قانداق قىلىشنى بىلمەي قالىدۇ.  راست گەپ قىلىشمۇ يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تاللىيالىسىڭىز، ئۆچمەس نام قالدۇرۇشىڭىز، ئەگەر ئۇنداق  قىلالمىسىڭىز بارلىق پىلانلىرىڭىزنى بەربات قىلىشىڭىز مۇمكىن.

  قىلچە مەخپىيىتى بولمىغان ئادەم خۇددى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا يېيىپ قويۇلغان سالام خەتكە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، مۇۋاپىق سىر ساقلاش، تۈرلۈك ئارزۇ - غەرەزلەرنى باشقىلارغا ئېيتىشقا تېگىشلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق پەرق ئېتىش، مۇۋاپىق دەرىجىدە سۈكۈت قىلىش قاتارلىقلار ھەقىقىي غەلىبىنىڭ ئاچقۇچىدۇر
Posted: 2007-12-29 18:50 | [ئاپتور]
uyghur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 21
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07

 

Posted: 2008-02-03 20:50 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ياشلار سەمىگە

Total 0.064958(s) query 4, Time now is:03-17 17:56, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation