مىڭ بىر كېچە (49-كېچە) BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مىڭ بىر كېچە (49-كېچە) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 641ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مىڭ بىر كېچە (49-كېچە)


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-22)
- ئەي بەختلىك شاھ، - دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، - قىزدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ شەررىكاننىڭ غەيرىتى قوزغىلىپتۇ، ھىممەت ۋە شىجائىتى تەۋرەپتۇ. ئۇ، ئۆزىنى قىزغا تونۇتۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقچىمۇ بوپتۇ. لېكىن قىزنىڭ ھۆسن - جامالى غالىپ كېلىپ، شەررىكانغا بۇ ئىشنى قىلىشقا غالىپ كېلىپ، شەررىكانغا بۇ ئىشنى قىلىشقا يول بەرمەپتۇ. ئۇنىڭ ھىممىتى قوزغىلىپ، ھۇجۇم قىلىشتىن پەيلى يېنىپ، بۇ شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
ئەي گۈزەل، راۋا ئەمەس تىغ سېلىش ساڭا،
قالقاننى تاشلىدىم چارىسىز مانا.
نەۋقىران گۈزەل قىلسا بىر گۇناھ،
ماڭا لازىم ئەپۇ قىلىپ، بولۇش باشپاناھ.
قىز يول باشلاپ مېڭىپتۇ. شەررىكان ئۇنىڭ كەينىدىن ئىزمۇئىز كېتىپ بېرىپ، بۇ شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
بىر قاراشتا دىلدىن غەزەپ قوغلىغاي،
ھىمايىچى تەييار ئۇنىڭ كۆزىدە...
كۆرگەن كىشى ئەجەبلىنىپ يىغلىغاي،
تولۇن ئاينىڭ ئەكسى باردۇر يۈزىدە.
ئۇلار يول يۈرۈپ، گۈمبەزلىرى، مۇنارلىرى مەرمەردىن ئىشلەنگەن، كۆزنى چاقناتقۇدەك پارقىراپ تۇرىدىغان بىر ئىشىك ئالدىغا يېتىپ كەپتۇ. بىر قىز چىقىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ. شەررىكان مەلىكەم بىلەن ئىچكىرى كىرىپتۇ. ئۇزۇن ئايۋان ساراينىڭ ئوندەك يېرىگە ئالاھىدە قىلىپ ئىشلەنگەن پەشتاقلىرىغاقاش تېشىدىن قىلىنغان شامدانلارئېسىلغان. ئۇلار خۇددى كۈن شولىسىدەك نۇر چېچىپ تۇرغانىكەن. ئايۋاننىڭ ئاخىرىدا قىزنى كېنىزەكلەر قوللىرىغا ئالاھىدە خۇشبۇي شاملارنى تۇتقان ھالدا قارشى ئاپتۇ. ھەر تۈرلۈك قىممەت باھا تاشلار ئورنىتىلغان پېشايۋانلار پارقىراپ، ئۇلارغا ئالاھىدە بىر زىننەت بېغىشلاپتۇ. قىز كېنىزەكلەر بىلەن بىللە مېڭىپتۇ. شەررىكان ئۆزى يالغۇز ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئچىكىرى كىرىپتۇ. ئىبادەتخانىنىڭ ئىككى چېتىدە بىر - بىرىگە قارشى ئورۇندۇقلار قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇندۇقلارغا ئالتۇن رەڭلىك گۈل چېكىلگەن يوپۇقلار يېپىلغان، گىلەم يېكەندازلار سېلىنغانىكەن. ئىبادەتخانىنىڭ سەھنىسىگە تۈرلۈك رەڭدىكى پارقىراق مەرمەرلەر ئورنىتىلغان، ئوتتۇرىدىكى چوڭ كۆلگە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن يىگىرمە تۆت بۇلاق كۆزى ئېچىلغانىكەن. ئۇلاردىن كۈمۈشتەك سۈزۈك سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغۇدەك. شەررىكاننىڭ كۆزى تۆردىكى تەختكە چۈشۈپتۇ. تەخت شاھانە، نەپىس رەختلەر بىلەن بېزەلگەنىكەن. قىز يېقىملىق ئاۋاز بىلەن: شۇ تەختكە مەرھەمەت قىلىپ ئولتۇر، ئەي يىگىت دەپتۇ شەررىكانغا قاراپ، شەررىكان تەختە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. قىز ئۇنىڭ يېنىدىن، بىر ئاز ۋاقىت غايىپ بوپتۇ. شەررىكان ئۇنىڭ كېنىزەكلىرىدىن: قىز نەگە كەتتى؟ دەپ سوراپتۇ. ئۇلاردىن بىرى: ئۇ، ئۆزىنىڭ دەم ئالىدىغان ئۆيىگە كەتتى. ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىغا مۇۋاپىق بىز سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلىمىز دەپتۇ. كېنىزەكلەر شەررىكانغا ئالاھىدە قىلىپ ھازىرلانغان تائاملارنى ئېلىپ كەپتۇ. كېيىن ئالتۇن ئاپتۇۋا بىلەن كۈمۈش چىلاپچا ئېلىپ كەپتۇ. شەررىكان قولىنى يۇيۇپتۇ. ئۇ، لەشكەرلىرىنىڭ ھالىنى، ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە ئىشلار كەلگىنىنى بىلەلمەي، ئۆز ئىشىغا ھەيران بوپتۇ، سەھەرگىچە ئۆز لەشكەرلىرىنى ئويلاپ ئۆكۈنۈپتۇ، ئاتىسىنىڭ سۆزىنى ئويلاپتۇ، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىپتۇ. ئاخىرى بۇ شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
راھىتى ئىشرەتتىمەن، رەنجى كۈلپەت ئۈستىدە،
يولدىن ئازدىم، مەندىن ئۆتتى بۇ ئىش غۇربەت ئۈستىدە.
ئەقلى بار ھوشيار كىشى قىلماس مېنىڭدەك سەيلىنى،
نەقنى مەن نېسىگە ساتتىم، بۇ تىجارەت ئۈستىدە.
ئۇ تاڭ ئاتقۇچە خىيال دېڭىزىغا چۆكۈپتۇ. تاڭمۇ ئېتىپتۇ. ئۇ ھامان ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن نارازى بولۇپ، ئۆزىگە ئېچىنىپ، تەشۋىشتە يەنە بۇ شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
مەن سېنى كۆرمەستىن ئاۋۋال ئەسلىي بىر ئىنسان ئىدىم،
بىر كۆرۈپ سېنى پەرىزات، ماڭا ئەقلىم بولدى يات.
گەر مېنى قىلسا خالاس سۆيگۈدىن ئادەم، دېدىم،
قالغىنىدىن ئۆز كۈچۈم بىرلە تاپاتتىم مەن نىجات.
جانۇ - كۆڭلۈمنى ئەسىر قىلدى جامالىڭ لەشكىرى،
ماڭا بەرسۇن ھەق ئۆزى ئىشقى - مۇھەبەتتە سۇبات.
شەررىكان شېئىرنى تېخى تامام قىلمايلا، بىر توپ قىزلار كىرىشىپ سالام بېرىپتۇ. قارىسا، يىگىرمىدىن ئارتۇق تولۇن ئايدەك كېنىزەكلەر ئوتتۇرىسىدا ھېلىقى قىز كۈلۈپ تۇرغان. ئۇ، يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى ئايدەك ئېچىلىپ، نۇرلىنىپ، ئەتراپنى يورۇتۇۋېتىپتۇ. ئۇ ئۈستىگە شاھانە كىيىملەر كىيگەن، بېلىگە قىممەت باھا تاشلار ئورنىتىلغان كەمەر باغلىغان. بۇلار ئۇنىڭ قامىتىگە قويۇپ قويغاندەك يارىشىپ، ئالاھىدە زىننەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. شەررىكان قىزنى بۇ ھالدا كۆرۈپ، خۇشلۇقىدىن ھوشىدىن كېتىشكە ئازلا قاپتۇ. لەشكەرلىرىنىمۇ، ۋەزىرىنىمۇ يادىدىن چىقىرىپتۇ، قىزنىڭ بېشىغا كۆز سالغانىكەن، قىممەتلىك جاۋاھىرلاردىن توقۇلغان تور سالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.كېنىزەكلەر ئوڭ ۋە سول تەرەپتىن ئۇنىڭ ئېتىكىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇ، خامۇش ۋە پەرىشان ھالدا ھەر تەرەپكە قارىغۇدەك. شەررىكان ناھايىتى ھەيران قالغانلىقىدىن، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپتۇ: بۇ قانداق ئاي؟ بۇنىڭغا قاراشتىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟ دەپ بۇ شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
يۈرۈشى تەمكىن ئۇنىڭ بەكمۇ سالماقدار ئىكەن،
ھەممە ئەزاسى كېلىشكەن، مەڭگۈ ھۆسنى بار ئىكەن.
بىجىغى ئاپئاق - يېقىملىق، جىلۋىگەر ئايدەك يۈزى،
ئالغۇسى بىر دەمدەئەقلىن، كۆزلىرى خۇمار ئىكەن.
ئاي يېنىدا ھۆر كېنىزەكلەر قاتار يۇلتۇز بولۇپ،
يىپقا تىزغان ئۈنچە - مارجاندەك قاتار تەييار ئىكەن.
ئۇستا ئىكەن سۆيگۈ ھېسسىنى يوشۇرماققا ئۆزى،
مەندىكى ھېس - تۇيغۇلار ئاپتاپ كەبى ئاشكارا ئىكەن.
قىز خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ، كېيىن ئۇنىڭ قېشىغا كەپتۇ. ۋە: مۇبارەك قەدىمىڭ بىلەن بۇ يەرلەر شەرەب تاپتى، ئەي شەررىكان. بىز سىزنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىنكى كېچىنى ئۆزىڭىز يالغۇز قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟ يالغان سۆز شاھلار ئۈچۈن نۇقساندۇر، بولۇپمۇ شاھلارنىڭ ئۇلۇغى بولغان سىز ئۈچۈن ئار ۋە نومۇس. سىز - ئۆمەر ئىبنى نوئماننىڭ ئوغلى شەررىكان. ئۆز نەسىبىڭىز، ئىشىڭىزنى مەندىن يوشۇرماڭ! مېنى راست سۆزدىن نېسىۋىسىز قىلماي، توغرا سكزلە. چۈنكى، يالغان گەپ نەپرەت ۋە دۈشمەنلىكنى تۇغدۇرىدۇ. قازا ئوقى سىزدىن يىراقلاشتى. شۈكۈر قىلىشىڭ ۋە سۆيۈنۈشىڭ لازىم دەپتۇ. شەررىكان قىزدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەمدى تانالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ توغرىسىنى ئېيتىپ: ھەقىقەتەن، مەن ئۆمەر ئىبنى نوئماننىڭ ئوغلى شەررىكانمەن. مېنى زاماننىڭ خاھىشى بۇ يەرلەرگە كېلىشكە مەجبۇر قىلدى. ئەمدى ماڭا نېمىنى مۇناسىپ كۆرسىڭىز شۇنى قىلالايسىز دەپتۇ. قىز ئۇزاق ۋاقىتقىچە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ، كېيىن شەررىكانغاقاراپتۇ: خاتىرجەم بول! تىنچلان! سەن مېنىڭ مېھمىنىم، ئارىمىزدا تۇز، نان، سۆز ۋە ئۈلپەتلىك ئالاقىلىرى پەيدا بولدى. سەن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا، مېنىڭ ھىمايەمدىسەن. ئامان بول! مۇسا پەيغەمبەر ھەققى، قەسەميات قىلمەنكى، بۇ يەردىكىلەر مېنى ئۆلتۈرمىگۈچە، ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سەن مۇساپەيغەمبەر بىلەن مېنىڭ پاناھىمدىسەن. شۇنداق دەپ ئۇ، شەررىكاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باشلاپتۇ. شەررىكاننىڭ كۆڭلىدىن تەھلىكە كۆتۈرۈلگۈچە، شۇ تەقلىدتە سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. شەررىكان بۇ سىرنىڭ تەكتىگە يېتەلمەي، ئۆزىچە: ئەگەر مېنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى بولغاندا، بۇ نىيەتنى ئۆتكەن كېچىدىلا قىلىشى لازىم ئىدى دەپ ئويلاپتۇ. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، قىز كېنىزەكلىرىنىڭ بىرىگە رۇم تىلىدا بىر نەرسىلەر دەپتۇ. ئۆزى كېنىزەكلەرنىڭ بىرىگە رۇم تىلىدا بىر نەرسىلەر دەپتۇ. ئۆزى شاھزادىنىڭ كۆزىدىن يىراقلىشىپتۇ، كېيىن قايتىپ كەپتۇ. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، كېنىزەك تائام ۋە ياغ ئېلىپ كىرىپتۇ. شەررىكان كۆڭلىدە تاماققا بىرەر نەرسە سېلىنغان بولمىسۇن يەنە؟ دەپ، ئۇنىڭغا قول ئۇزارتماي تۇرۇۋېرىپتۇ. قىز ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغىنىنى چېچەنلىك بىلەن بىلىپ: مۇسا پەيغەمبەر ھەققى، سىز خاتىرجەم بولۇڭ! بۇ تائامدا سىز گۇمان قىلغان نەرسە يوق. ئەگەر كۆڭلۈمدە سىزنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى بولغاندا ئىدى، ئۆز ۋاقتىدىلا ئۆلتۈرگەن بولاتتىم دەپ، قويۇلغان ھەر تۈرلۈك تائاملاردىن ئاز - ئازدىن تېتىپ بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن شەررىكانمۇ تاماققا قول ساپتۇ. قىز خۇش بوپتۇ. ئىككىسى بىرلىكتە تاماق يەپتۇ. تاماقنى تويغۇچە ھۇزۇرلىنىپ يەپ، قوللىرىنى يۇيۇپتۇ. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ، كېنىزەكلىرىدىن بىرسىگە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا شاراب قاچىلىرى بىلەن كاۋاپ ۋە تۈرلۈك مەيلەردىن ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. كېنىزەك ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى تەييار قىلىپ كەپتۇ. قىز ئالدى بىلەن ئۆزى ئىچىپ، ئاندىن كېيىن شەررىكانغا تۇتۇپتۇ. شەررىكانمۇ ئىچىپتۇ. بۇنىڭ قانداق يېقىملىق ۋە قانداق شېرىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باققانمۇ سىز، ئەي مۇسۇلمان ئوغلى شاھزادە؟ دەپتۇ قىز. ئۇلار شۇ ئولتۇرۇشتا ھەددىدىن زىيادە مەي ئىچىشىپتۇ.
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-04-22 11:12 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مىڭ بىر كېچە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.069531(s) query 3, Time now is:10-23 02:30, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation