ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرىم BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرىم تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 728ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرىم


ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشتۇر. 
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە، چوقۇم باشلانغۇچ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشقى ۋە ئۇنىڭدىكى تەلەپلەرنى توغرا چۈشىنىش، توغرا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى زېرىكمەي - تېرىكمەي نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ كۆزىتىش، كۆپ ئوقۇش، كۆپ يېزىش، كۆپ ئاڭلاش، ئەمەلىيەتچانلىققا چوڭقۇر چۆكۈشكە يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇش لازىم. شۇڭا ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باشلامچىلىق بىلەن ماقالە يېزىپ ئۈلگە كۆرسىتىش لازىم. بەزى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى سۆزلەش بىلەنلا بولۇپ، ئۆزى ئۈلگە كۆرسەتمەيدۇ. بەزى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئاددىيدىن مۇرەككەپكە كۆچمەستىن بىراقلا تەلەپنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھېكايە، شېئىر، مەسەل، مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يېزىش تاپشۇرۇقىنى بېرىدۇ. مېنىڭچە ئالدى بىلەن خەت - چەك، كۈندىلىك خاتىرە، يىغىن خاتىرىسى، دوكلات، خەۋەر ماقالىلىرى… يېزىشتىن باشلاپ ئاندىن ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، يېزىقچىلىق بىلىملىرىدىن ساۋات بېرىش كېرەك. يەنە بەزى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرس تېكىستلىرىنى ئۆتۈپ، يېزىقچىلىقتىن ساۋات بېرىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىققاندا ئاددىي خەت - چەك، خەۋەر، ماقالە، دوكلات، خاتىرە… قاتارلىقلارنى يېزىشتا قىينىلىدۇ. ھازىر جەمئىيىتىمىزدىمۇ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى بىر قىسىم ياشلاردا خەت - چەك )ھۆججەت،  تونۇشتۇرۇش…( قاتارلىقلارنى يېزىشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يازسىمۇ ئىنتايىن ئۆلچەمسىز، قائىدە بويىچە يازماستىن تاقا - تۇقا يېزىپ قويىدۇ. ئەگەر يۇقىرى تەلەپ قويۇپ ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ئىشلەتسە، قولىغا ئەمدى قەلەم ئالغان ئوقۇغۇچىلار قانداق يېزىش، نېمىنى يېزىش، قانداق تېما تاللاش توغرىسىدا گاڭگىراپلا قالىدۇ. شۇڭا كىچىكىدىن باشلاپلا يېزىقچىلىق بىلىملىرىگە سەل قارىماسلىق لازىم. 
  ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ۋەزىپىسى يالغۇز دەرسلىك كىتابتىكى نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى سۆزلەش، دەرس تېكىستلىرىنى تەھلىل قىلىپلا قالماستىن بەلكى مۇشۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن. 
  1. ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە پروگرامما تەلىپى بويىچە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. پروگراممىدا ماقالە يېزىش ئوقۇتۇشى  ئۈچۈنمۇ كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
  
 
 
 
  2. تونۇشنى ئۆستۈرۈش لازىم. يېزىقچىلىق دەرسنىڭ )بىلىملىرىنىڭ( ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا تۇتقان ئورنى ۋە تۈرلۈك جەھەتلەردىكى رولى ھەققىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،
 
  يېزىقچىلىق دەرسىگە سەل قاراشتەك ىاھىشىنى تۈگەتكەندە، يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 
  3. سىستېمىلىققا دىققەت قىلىش لازىم.
 
 
  دېمەك، ئوقۇتقۇچى سىستېمىلىق نۇقتىلىق ھالدا نەزەرىيە بىلىمى بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ،
 
 
 
 
 
  كۆزىتىشكە يېتەكلەش، مۇھىتنى كۆزىتىش، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، يازماقچى بولغان نۇقتا ئۈستىدە ماتېرىيال توپلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كۆزىتىشتىن كېيىنكى ئەمەلىيەتچانلىقنى توغرا ئىپادىلەشكە يېتەكلەش. 
  كۆپ ئوقۇشقا يېتەكلەش: كۆپ كىتاب كۆرۈشكە، كۆپ خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى  چۈشىنىپ ئوقۇش، شۇ ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىنى توغرا تېپىپ چىقىش، قانداق ئۇسۇلدا يېزىلغانلىقىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق سۆز قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش، ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيىنى قايسى ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويسا ئۈنۈملۈك، ئوبرازلىق، جانلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ دېگەن نۇقتىلارغىچە دىققەت قىلىپ ئوقۇشقا، كۆپ يېزىشقا يېتەكلەش؛
 
  يىغىنچاقلىغاندا، ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئاددىي، ئىخچام، ئوبرازلىق تىللارنى قوللىنىش ئارقىلىق مەزمۇنى مول بولغان ئۈلگىلەرنى كۆرسەتكەندە ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىشقا بولغان ئىنتىلىشى كۈچىيىدۇ. 
  يۇقىرىدا ئېيتقان مۇھىم مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزىقچىلىقنىڭ جەمئىيەتكە تەشۋىقاتچىلىق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-04-20 12:40 | [ئاپتور]
tarim_boy

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 423
شۆھرىتى: 459 نومۇر
پۇلى: 997 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 


بۇ ياخشى ماقالىكەن  رەھمەت سىزگە!!!!!!
كۆكلە تارىم
Posted: 2008-06-18 21:40 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ماقالىلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.075811(s) query 4, Time now is:10-23 02:30, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation