مەن سۇ ئىسراپ قىلمىدىم. BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مەن سۇ ئىسراپ قىلمىدىم. تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 708ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مەن سۇ ئىسراپ قىلمىدىم.


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا بىلقۇت تەرىپىدىن چوققىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى (2008-07-28)
ياز كىرىپمۇ ئۇدا نەچچە ئاي ھۆل - يېغىن ياغمىدى. ئېتىزدىكى مايسىلارمۇ قۇرۇشقا باشلىدى. ئېقىنلاردىن سۇ، جاندارلاردىن سۈت تارتىلىپ كەتتى. دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالدى.
  ئالتە ياشلىق بېيك ئورمانغا ماڭدى. ئۇنىڭ مېڭىشى تەبىئىي ئەمەس، ئىنتايىن ئالدىرىماي، ئېھتىيات قىلىپ مېڭىۋاتاتتى. ئۇ ئورمانغا كىرىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى. يەنە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاستا قەدەملەر بىلەن ئورمانغا قاراپ ماڭدى. ئۇ بۇنى بىر نەچچە رەت تەكرارلىدى. دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بىرەر نەرسىنى سەزگەندەك تۇيدۇرماستىن مارىلاپ ئەگەشتى.
  دادىسىنى ھەيران قالدۇرغىنى بىك ئالقىنىنى ئوچۇملاپ ئازراق سۇ كۆتۈرۈۋالغان، تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىپ، كۈچىنىپ كېتىۋاتاتتى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى يوغان بۇغىدىن بىرى بېيكقا قۇلىقىنى تىكلەپ قاراپ تۇراتتى. بېيك بۇغىغا قاراپ ماڭغاندا دادىسى قورقۇپ ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى. ئەمما بۇغىمۇ، بالىسىمۇ بىر - بىرىدىن قورقۇپ قاچىدىغاندەك  قىلمايتتى. ئەكسىچە بېيك بۇغىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇردى — دە، ئوچۇملىۋالغان سۇنى بۇغىغا تەڭلىدى. بۇغا ئالىقىنىدىكى سۇنى پاك - پاكىز ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بېيك ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
  دادىسى ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي ئەگىشىپ كەلدى. بېيك ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇبىنى ئىنتايىن ئاستا ئاچتى. ئالىقىنىغا بىر تېمىم - بىر تېمىمدىن سۇ چۈشۈردى. قۇياش نۇرى ئۇنىڭ دۈمبىىسدە يالتىرايتتى. دادىسى شۇندلا ئوغلىنىڭ ئۆزلىرىنى نېمىشقا ياردەمگە چاقىرمىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئالدىنقى ھەپتىلا ئۇ سۇ ئويناپ تەنبىھ ئاڭلىغانىدى...
  بېيكنىڭ ئالىقىنى 20 مىنۇتلاردا سۇغا تولدى. ئۇ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا دادىسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى.
  — مەن سۇ ئىسراپ قىلمىدىم،— دېدى ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ھەمدە ئۇدۇللا يەنە ئورمانغا قاراپ ماڭدى. دادىسى بىر چەينەك سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئەمما بېيكنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىدى.
  دادىسى ئورماننىڭ چېتىدە ئۆز ھاياتىدا كۆرگەن ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە — يەنە بىر ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەمىمىي ئىنتىلىشكە قاراپ تۇراتتى. كۆز ياشلىرى توختاۋسىز دومىلايتتى.
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-04-20 12:15 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ھىكمەت


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.069690(s) query 3, Time now is:10-23 02:30, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation