شىپاڭ مەنزىرىلىرى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : شىپاڭ مەنزىرىلىرى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1051ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 شىپاڭ مەنزىرىلىرى


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-12)

جۇڭگو باغ -ئورمانلىرىدا، شەكلى خىلمۇخىل شىپاڭلار ھەممىدىن كۆپ ئۇچرايدۇ. باغ توغرىسىدىكى مەشھۇر ئەسەر «باغشۇناسلىق» تا شىپاڭلارغا: «شىپاڭ دېمەك توختا دېمەكتۇر» دەپ تەبىر بېرىلگەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شىپاڭ ئادەمنى توختىتىدىغان يەر، دېگەنلىك بولىدۇ، شۇڭا شىپاڭلارنىڭ كۆپىنچىسى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
شىپاڭلار چوڭمۇ بولىدۇ، كىچىكمۇ بولىدۇ، ئەڭ چوڭى يىخېيۈەن باغچىسىدىكى17  تۆشۈكلۈك كۆۋرۈكنىڭ شەرقىدىكى «لاڭرۇ شىپاڭى» بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى130  كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. بۇ شىپاڭنىڭ ئۆگزىسى ئۇچلۇق مۇنار شەكلىدە، لېكىن مۇنارغا ئوخشىمايدىغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن، جوجېڭيۈەن بېغىدىكى «شۆشياڭ يۈنۋېي شىپاڭى»، گۇگۇڭ (خان سارىيى) دىكى «جىڭتىڭ شىپاڭى»، سۇجۇدىكى «ساڭلاڭ شىپاڭى» ۋەھاكازالارنىڭ ئۆگزىسى مۇنار شەكلىدە ئەمەس. شىپاڭلار ئادەتتە ئاز دېگەندە ئۈچ تۈۋرۈكلۈك بولىدۇ، بۇلۇڭ تەرىپىدە چوقۇم تۈۋرۈك بولۇش كېرەك، لېكىن بىر تۈۋرۈكلۈك كۈنلۈك شەكلىدىكى شىپاڭلارمۇ، تۆت تۈۋرۈكلۈك، سەككىز بۇرجەكلىك ياكى تۆت بۇرجەكلىك،16  تۈۋرۈكلۈك دېگەنگە ئوخشاش شىپاڭلارمۇ بار. تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەكلى ھەر خىل شىپاڭلار100  نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.
شىپاڭ كىچىك بولغىنى بىلەن، بەزى باغلاردىكى شىپاڭلارغا مەشھۇر جايلارنىڭ نامى بېرىلگەن. مەسىلەن، شاۋشىڭدىكى «لەنتىڭ» شىپاڭى «قەلەمكەشلەر ئەۋلىياسى» دەپ ئاتالغان ۋاڭ شىجى يازغان «لەنتىڭ نەزملىرىگە كىرىش سۆز» دېگەن ئەسىرى بىلەن داڭق چىقىرىپ، مەنزىرىلىك رايوننىڭ نامى بولۇپ قالغان. سۇجۇدىكى «ساڭلاڭ شىپاڭى» دېگەن نام باغ نامى قىلىنغان، بۇ باغ سۇجۇدىكى ئەڭ قەدىمكى باغ ھېسابلىنىدۇ. باغلاردىن شىپاڭلار ئاساسلىق مەنزىرە قىلىنىدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئالايلۇق: بېيجىڭ جىڭسەن بېغىدىكى «ۋەنچۇن شىپاڭى» ۋە شۇ باغنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدىكى «جۇشاڭ»، «گۇەنمياۋ»، «فۇلەن»، «جىفاڭ» قاتارلىق بەش شىپاڭ تاغ قاپتىلىغا قاتىرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەنزىرە قىلىنغان، شۇنىڭدەك بۇمۇ بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ بىر مۇھىم مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ. بېيخەي بېغىدىكى «ۋۇلۇڭتىڭ (بەش ئەجدىھا) شىپاڭى»، يىخېيۈەن بېغىدىكى «جىچۇن شىپاڭى»، ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇشيەن ناھىيىسىدىكى «زۇيۋېڭ شىپاڭى (مەيخور شىپاڭى)» ۋە خۇنەن چاڭسا شەھىرىدىكى «ئەيۋەن شىپاڭى» قاتارلىق شىپاڭلارمۇ ناھايىتى مەشھۇر شىپاڭلاردۇر.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-04-12 19:44 | [ئاپتور]
yalguzturna

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 7
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 25 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-04-13

 


مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللىغاندا ،،،بولسا رەسىم قىستۇرسا ياخشى بولىدۇ .......بولمىسا كورگەنلەمۇ ئىشەنمەيدۇ ،بۇنداق تونوشتۇرۇشلاغا
Posted: 2008-04-13 20:12 | 1 -قەۋەت
nawruzguli

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 259
شۆھرىتى: 260 نومۇر
پۇلى: 1655 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


چاڭشا شەھەر ئوتتۇرىسىغا جايلايشقان  يۇې لۇ تېغى باغرىدىكى < ئەي ۋەن تىڭ > يەنى < ئەي ۋەن شىپاڭى >  مەملىكەت بويىچە 4 چوڭ شىپاڭنىڭ بىرى بولۇپ، يېنىدا بۇلاق سۈيى ئېقىپ تۇرغان، شاماللىق ، كىشىگە تۆت پەسىلدە تۆت خىل مەنزىرە ھەم تۆت خىل ھوزۇر بېغىشلىيالايدىغان گۈزەل شىپاڭ. 
awazlik
 
Posted: 2008-08-17 12:54 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مۇھىت


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.073784(s) query 4, Time now is:10-23 02:29, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation