مىڭ بىر كېچە (31) BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مىڭ بىر كېچە (31) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 997ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مىڭ بىر كېچە (31)


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-04)

- ئەي بەختلىك شاھ، - دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، ئۇكام كىيىملىرىنى يېشىپ يالىڭاچ بوپتۇ، كېنىزەك ئۇكامغا: ئارقامدىن قوغلا! مەن ئالدىڭدىن قاچىمەن، ئەگەر مەقسىدىڭ ماڭا يېتىشىش بولسا، قېنى شۇ ئىشنىمۇ قىل! دەپتۇ. ئۆزى ئالدىغاكىرىپ قچىشقا باشلاپتۇ، ئۇكام ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. بىر ئۆيدە خېلى ۋاقىت قوغلاشقاندىن كېيىن ئىككىنچى ئۆيگە ئۆتۈپ قوغلىشىپتۇ. قىز بىر ئۆيدىن كىرىپ، ئىككىنچى ئۆيدىن چىقىۋېرىپتۇ. ئۇكام ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ چېپىۋېرىپتۇ، شەھۋانىي نەپسى قوزغىلىپ تامامەن بىر تەلۋىگە ئوخشاپ قاپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇكام يۇققا بىر تاختىنى دەسسەپ سالغانىكەن، تاختا بىلەن پەسكە - كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا - ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا قاڭقىپ يېقىلىپ چۈشۈپتۇ. ئۇ يەر ئەلتېرىچىلەر بازىرى بولۇپ ئادەملەرنىڭ بىرى سېتىپ، بىرى ئېلىپ تۇرۇشقانىكەن. ئۇكام ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە شۇنداق ئېغىرلىق بىلەن چۈشۈپتۇكى، بەزىلىرىنىڭ بوينى ئۈزۈلۈشكە، بەزىلىرىنىڭ بولسا بىلى چىقىپ كېتىشكە تاس قاپتۇ. ئۇكامنى بۇنداق شەرمەندە قىياپەتتە يالىڭاچ، يۈز - قاشلىرى بويالغان، ساقال - بۇرۇتلىرى چۈشۈرۈلگەن ھالدا كۆرۈپ، كىشىلەر توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتۇشۇپتۇ. ئۇكام ھوشىنى يوقىتىپ يېقىلىپتۇ. ئۇنىمۇ ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ ھاكىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. ھاكىم: بۇ كىم! دەپ سوراپتۇ. ئادەملەر: بۇ تەنتەكنى بىزمۇ تونۇمايمىز. بۇ ۋەزىرنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىن ئەنە شۇ ئەھۋالدا تېرە - تەسەك بازىرىغا يىقىلىپ چۈشتى، بىز بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدۇق دېيىشىپتۇ. ھاكىم ئۇنى يۈز دەررۇ ئۇرۇپ، شەھەردىن قوغلاشقا بۇيرۇپتۇ. مەن ئارقىسىدىن بېرىپ ئىزدەپ تاپتىم. كىشىلەرگە تۇيدۇرماي ھويلامغا ئېلىپ كەلدىم. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاش - غىزاسىدىن خەۋر ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ ئۇكامغا قىلغان بۇ مەردانىلىقىمنى قېنى قايسى مەرد قىلالىغان!... 

ساتىراشنىڭ ئۈچىنچى ئۇكىسى
ئۈچىنچى ئۇكامنى سورىسىڭىز، - دېدىم خەلىپىگە، - ئىسمى بەقىق يەنى غەلۋىچى بولۇپ، كۆزى كور ئىدى؛ ئۇ بىر كۈنى تىلەمچىلىك قىلىپ بىر ھويلا ئىشىكنى تاقىلدىتىپتۇ، ئىچكىرىسىدىن: كىم دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ، ئۇكام جاۋاب بەرمەپتۇ. لېكىن ھويلا ئىگىسىنىڭ ئشىك تۈۋىگە كەلگىنىنى ئۇكام سېزىپتۇ. ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئېچىپ: نېمە دەيسەن؟ دەپ سوراپتۇ. خۇدا ھەققى، بىرەر نەرسە سەدىقە قىلسىڭىز! دەپ سوراپتۇ ئۇكام.
سەن قاىغۇمۇ؟ دەپتۇ ئۆي ئىگىسى. ھەئە دەپتۇ ئۇكام. بولمىسا قولۇڭنى بەر! دەپتۇ ئۆي ئىگىسى. ئۇكام بىر نەرسە بېرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قولىنى ئۇزىتىپتۇ. ئۆي ئىگىسى تىلەمچىنى قولىدىن تۇتۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپتۇ. ئۇ يەردىن ئۇنى تاختا شوتا بىلەن ئەڭ ئېگىز بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپتۇ. ئۇكام: بىرەر ۋاقلىق ئاش - نان ياكى كېيىم بەرسە كېرەك دەپ خۇرسەن بوپتۇ. يۇقىرىغا چىققاندىن كېيىن: نېمە سورايسەن، ئەي قارىغۇ؟ دەپتۇ پىخسىق باي. خۇدا يولىدا سەسىقە سورايمەن! دەپتۇ ئۇكام. خۇدا بەرسۇن! دەپتۇ پىخسىق باي. بۇ سۆزىڭىزنى مېنى شۇنچە ئېگىزگە ئېلىپ چىقىپ ئېيتقۇچە، نېمە ئۈچۈن پەستە چېغىمدىلا دېمىدىڭىز؟ دەپتۇ ئۇكام ئۆڭۈپ. نېمە ئۈچۈن سەنمۇ باشتىلا سەدىقە سورىماي، خۇددى مېنىڭ بىلەن ئېلىم - بېرىمن قىلغان كىشىدەك پەسكە چۈشۈرۈپ ئىشىكنى ئاچقۇزۇپ، ئاندىن تىلەمچىلىك قىلدىڭ؟ دەپتۇ ئۇكام. ساڭا بېرىدىغان ھېچ نەرسەم يوق! دەپتۇ باي. ئانداق بولسا مېنى شوتىدىن چۈشۈرۈپ قوي! دەپتۇ ئۇكام. شوتا ئەنە ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ، ئۆزۈڭ چۈشۈپ كېتىۋەر! دەپتۇ باي. ئۇكام تېنەپ - تەمتىرەپ، مىڭ مۇشەققەتتە شوتىدىن چۈشۈشكە باشلاپتۇ. بىر نەچچە بالداق قالغاندا ئايىغى تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. بېشى ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا تېگىپ يېرىلىپتۇ. ئۇ كوچىغا چىقىپ نەگە بېرىشىنى بىلمەپتۇ. شۇ چاغدا ئۆزىگە ئوخشاش بىر نەچچە كور تونۇشلىرى كېلىپ قاپتۇ. بۈگۈن قانچە پۇل تاپتىڭ؟ دەپ سورىشىپتۇ ئۇلار. ئۇكام بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ: بۈگۈن يېنىمدا قالغان پۇلدىن بىر ئاز خەجلەيمەن دەپتۇ تونۇشلىرىغا، پىخسىق باي ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماراپ كېلىۋاتقانىكەن. ئۇلار باينىڭ كېلىۋاتقىنىنى سەزمەپتۇ. ئۇكام ھويلىسىغا كلېىپ ئۆيىگە كىرىپتۇ. پىخسىق بايمۇ ئۆيگە بىلىندۈرمەي كىرىپتۇ. ئۇكام ئۆز ئورنىغا ئولتۇرۇپتۇ، شېرىكلىرىنى كۈتۈپتۇ. بايمۇ بىر بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇرۇپتۇ. شېرىكلىرىمۇ يېتىپ كېلىشىپ ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئۇكام: ئىشىكنى ئېتىڭلار، ئۇياق - بۇياقنى ياخشىلاپ قاراپ سىلاپ چىقىڭلار. بىرەر غەيرىي ئادەم كىرىپ قالغان بولمىسۇن يەنە! دەپتۇ. پىخسىق باي ئۇكامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ تورۇسقا ئېسىقلىق تۇرغان بىر ئارغامچىغا ئېسىلىۋاپتۇ. ئۇلار ئۆينىڭ ھەممە تەرىپىنى سىلاشتۇرۇپ تىمىسقىلاپ چىقىپتۇ. ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىمنى ئۇچراتماپتۇ. كېيىن ئۇكامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ، يانلىرىدىن پۇللىرىنى ئېلىپ ساناشقا باشلاپتۇ. قارىسا ئون مىڭ تەڭگىدىن جىق ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئارتۇقىنى قالدۇرۇپ، ئون مىڭ تەڭگىنى ئۆينىڭ بۇرجەكلىرىگە كۆمۈپتۇ. قالغان - قاتقان نانلىرىنى ئېلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇكام ئۆيدە يات كىشىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. شېرىكلىرىگە: ئۆيدە يات كىشى بارغا ئوخشايدۇ دەپ ئەتراپنى تىمىسقىلاشقا، سىلاپ - سىيپاپ ئىزدەشكە باشلاپتۇ. بىر چاغدا ئۇكامنىڭ قولى پىخسىق باينىڭ قولىغا تېگىپ كېتىپتۇ. مانا يات كىشى! دەپ ۋارقىراپتۇ ئۇكام. ھەممىلىرى بىرلىشىپ باينى راسا دۇمبالاپتۇ. قارىغۇلار ۋارقىرىشىپ: بۇرادەرلەر، ياردەم قىلىڭلار! ئۆيىمىزگە ئوغرىپ كىرىپ پۇلىمىزنى ئاپتۇ! ۋاي داد، ئوغرىنىڭ دەستىدىن داد! دېيىشىپتۇ. دەرھال ئادەملەر توپلىنىپتۇ. ئوغرى دەپ كۆرسىتىلگەن پىخسىق بايمۇ كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ ھېچكىم شۈبھىلەنمەيدىغان كور قىياپىتىگە كىرىۋاپتۇ. ئۇ: ھازىر ھاكىمغا بارىمەن، ئەرز قىلىمەن! دەپ دادلاپتۇ. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ھاكىمنىڭ چاپارمەنلىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ ھاكىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇكاممۇ بار ئىكەن. ھاكىم يېقىنراق كېلىشكە بۇيرۇپ: نېمە گەپ؟ دەپ سوراپتۇ. بىزنى ياخشىلاپ قىيىن - قىستاققا ئالمىغۇچە سىرنى ئېنىقلىيالمايسىز، - دەپتۇ پىخسىق باي، - قىيىن - قىستاق بىلەن سوراق قىلىشنى ئالدى بىلەن مەندىن باشلاڭ. كېيىن مانا بۇ يول باشلىغۇچىمىزنى تەكشۈرۈڭ دەپ ئۇكامنى كۆرسىتىپتۇ باي. ھاكىم پىخسىق باينىڭ دۈمبىسىگە توپتوغرا يۈز دەررۇ ئۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. ياساۋۇللار ئۇنى يەرگە ياتقۇزۇپ بىر نەچچە دەررۇ ئۇرغاندىن كېيىن ئۇ بىر كۆزىنى ئېچىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئۇنى يەنىمۇ قاتتىقراق ئۇرۇپتۇ. پىخسىق باي ئىككىنچى كۆزىنىمۇ ئېچىپتۇ. ھەي لەنىتى، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ دەپتۇ ھاكىم غەزەپلىنىپ، مېنى بۇ ئازابتىن قۇتقۇزساڭ، بولغان ۋەقەنى ئېيتىپ بېرەي دەپتۇ پىخسىق باي. ھاكىم ئۇنى بوشىتىشنى بۇيرۇپتۇ. بىز تۆت كىشى، - دەپتۇ ئۇ، - ئۆزىمىزنى قارىغۇلۇققا سېلىپ ئادەملەرنى ئالدايمىز، ئۆيلىرىگە كىرىمىز. كېرەك جايدا كۆزنى ئاچىمىز، خوتۇن - قىزلىرىنى كۆرىمىز، پۇرسەت تاپساق ماللىرىنى ئوغرىلاپ ئالىمىز. ئۆزلىرىنى پاراكەندىچىلىككە سالىمىز، بوغۇپمۇ تاشلايمىز، چاتاق چىقسا قارىغۇ بولۇۋالىمىز. شۇنداق قىلىپ، خېلى جىقلا پۇل توپلىدۇق. ھازىرغىچە بۇ پۇلىمىزنىڭ ئون مىڭ تەڭگىدىن ئاشقانلىقى مەلۇم. مەن شېرىكلىرىمگە، ئۆز ھەسسەمنى بەرسەڭلار دېسەم، ئۇلار مېنى ئوغرى دەپ تۇتۇۋېلىپ ئۇردى. مەن سىزدىن ياردەم سورايمەن. بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى مېنىڭدىنمۇ قاتتىقراق ئازابلاپ ئۇرسىڭىز كۆزلىرىنى ئاچىدۇ. ھاكىم ئۇلارنى قىستاشقا باشلاپتۇ. ئۇرۇشنى ئاۋۋال ئۇكامدىن باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئېسى ئېغىپ ھوشىدىن كەتكۈچە ئۇرۇپتۇ. ئۇكام قارىغۇ كۆزىنى ئاچالماپتۇ. توختاڭلار، كۆزىنى ئاچسۇن! دەپتۇ ھاكىم. لېكىن ئۇكامنىڭ كۆزى ئېچىلماپتۇ. ھاكىم ئەي لەنىتىلەر، نېمە ئۈچۈن خۇدا بەرگەن نۇرانە كۆزلىرىڭلارنى يوشۇرۇپ، قارىغۇ قىلىپ، ئادەم ئالدايسىلەر! دەپ سوراپتۇ. ئۇكام داد - پەرياد، نالە - زار قىپتۇ. ئەزبىرايى خۇدا، مەن راست قارىغۇمەن دەپتۇ ئۇكام. ھاكىم ئۇنىڭ قىلغان شېرىكلىرىنىمۇ ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. پىخسىق باي: كۆزۈڭلارنى ماڭا ئوخشاش ئېچىڭلار، ياخشىلىقچە ئاچمىساڭلار، سىلەرنى ئۇرىدۇ، قاتتىق ئازاب بىلەن قىينايدۇ دەپتۇ. پىخسىق باي يوشۇرۇپ قويغان پۇلنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھاكىم تەرىپىدىن كىشى قوشۇشنى سوراپتۇ. بۇلار بەرىبىر ئاسانلىقچە كۆزلىرىنى ئاچمايدۇ. كىشىلەر ئالدىدا سىرلىرى ئېچىلىپ رەسۋا بولۇشنى خالىمايدۇ دەپتۇ. ھاكىم پۇلنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پىخسىق بايغا كىشى قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار پۇلنى ئېلىپ كېلىپ ھاكىمغا بېرىپتۇ. ھاكىم ئۈچ مىڭ تەڭگىنى پىخسىق بايغا بېرىپتۇ. قالغان ئۈچ قارىغۇنى يەنە ئازابلاپ كۆرۈپ، كۆزى ئېچىلمىغاندىن كېيىن ئاخىرى، نەتىجىسى يوق بۇ ئىشتىن زېرىكىپ، شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ. مەن بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ ئۇكامنىڭ كەينىدىن باردىم. يوشۇرۇن ھالدا ئۇنى شەھەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلدىم، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇۋاتىمەن.
خەلىپە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ: بۇنىڭغا مۇكاپات بېرىڭلار، كەتسۇن! دېدى. مەن: قالغان ئۇكىلىرىمنىڭ ۋەقەسىنى تامامەن سۆزلەپ بولمىغۇچە ھېچ نەرسە ئالمايمەن دېدىم.

ساتىراشنىڭ تۆتىنچى ئۇكىسى
تۆتىنچى ئۇكام، - دېدىم خەلىپىگە، - ئەلقۇززۇلسانى، يەنى ئاغزى - تىلى ئاچچىق، بىر كۆزلۈك بولۇپ، باغدا شەھىرىدە قاسساپلىق قىلاتتى. ئۇ بۇ ھۈنىرى بىلەن باي - باياشاد ياشايتتى، كۆپ دۇنياغا ئىگە ئىدى. شۇنىڭ ئارقىسىدا ياخشى ئۆي - جايلارنى سالدۇرۇۋالدى، ھال - ئوقىتى ياخشى ئىدى. خېلى يىللارغىچە بىر خىلدا ئۆتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر ئاقساقال كىشى كېلىپ ئۇنىڭ دۇكىنىدا تۇرۇپتۇ. بىر قانچە تەڭگە پۇل بېرىپ، گۆش بېرىشنى سوراپتۇ. ئۇكام گۆش تارتىپ بېرىپتۇ. ئاقساقال گۆشنى ئېلىپ كەلگەن يولىغا كېتىپتۇ. ئۇكام ئۇ قېرىنىڭ بەرگەن پۇلىنى كۆرسە ئاپئاق پارقىراپ تۇرغۇدەك. ئۇ پۇللارنى بىر چەتكە ئالاھىدە قىلىپ ئايرىپ قويۇپتۇ. ئاقساقال ھەر كۈنى گۆش ئالغاندا، شۇنداق يېڭى پۇل ئېلىپ كېلىپ بېرىۋېرىپتۇ. بەش ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. ئۇكام قېرىنىڭ بەرگەن پۇلىنى ھامان ئايرىم ساندۇققا سېلىپ مەھكەم ساقلاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ، يىغىپ قويغان بۇ پۇلغان قوي ئالماقچى بوپتۇ. ساندۇقنى ئېچىپ قارىسا، ئۇ پۇلمۇ ئەمەس، ھەممىسى كېسىلگەن ئاق قەغەز بولۇپ چىقىپتۇ. ئۇكام ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ يىغلاپتۇ، ۋاي سېلىپ، داد - پەرياد قىپتۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىغا كىشىلەر توپلىنىپتۇ. قاسساپ ئۇكام بولغان ۋەقەنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ. ھەممە بۇ ۋەقەگە ھەيران بولۇپت، نېمە دېيىشلىرىنى بىلمەي، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشىپتۇ. ئۇكام يەنە ئاۋۋالقىدەك قوي سويۇپتۇ. ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىۋېرىپتۇ. ئۇكام شۇ گۆش ئالغان كىشىنىڭ يەنە بىر كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپتۇ. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، قېرى گۆش ئېلىش ئۈچۈن دۇكانغا كەپتۇ. ئۇكام ئۇنى ياقىسىدىن تۇتۇپ، ھاكىمنىڭ ئالدىغا سۆرەشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئادەملەرگە قاراپ: بۇ ئوغرى قېرىنىڭ ماڭا قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈڭلار دەپتۇ. قېرى: ياخشىلىقچە مېنى قويۇپ بەر. بولمىسا ئادەملەرگە سىرىڭنى ئېچىپ تاشلايمەن، شەرمەندە قىلىمەن! دەپتۇ. ئۇكام: مەن سېنى شەرمەندە قىلىمەن، - دەپتۇ قېرى ۋارقىراپ، - قوي گۆشى دەپ ئادەم گۆشى ساتقانلىقىڭنى پاش قىلىپ رەسۋا قىلىمەن. يالغان سۆزلىمە لەنىتى! - دەپتۇ ئۇكام، - بۇ سېنىڭ ئىككىنچى قېتىم يالغان سۆزلەپ، ئادەم ئالدىغىنىڭ بولىدۇ!. بولمىسا، ئادەم گۆشى ئېسىپ قويغان دۇكان كىمنىڭ دۇكىنى؟ دەپ سوراپتۇ قېرى. ئەگەر راست شۇنداقلا بولىدىغان بولسا، مېلىممۇ، جېنىممۇ - ھەممىسىڭلا سېنىڭكى بولسۇن! دەپتۇ ئۇكام تېرىكىپ. بۇرادەرلەر، - دەپتۇ قېرى ئادەملەرگە قاراپ، - بۇ نەس قاسساپ ھەر كۈنى قوي گۆشى دەپ ئادەم گۆشى ساتىدۇ. ئىشەنمىسەڭلار دۇكىنىغا كىرىپ كۆرۈڭلار! ئادەملەر قاسساپنىڭ دۇكىنىغا قارىسا، كاناردىكى ئېسىقلىق گۆش قوينىڭ ئەمەس، ئادەمنىڭ گۆشى ئىكەن. ھەممە بىردىن ئۇكامغا يېپىشىپتۇ. ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ مېڭىپتۇ، مۇتىھەم، ئىپلاس، شەرمەندە دەپ ھاقارەت قىلىشىپتۇ. ئۇكامنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى بولسا: سەن تېخى بىزگىمۇ قوي گۆشى دەپ ئادەم گۆشى سېتىپ يۈرگەنمىدىڭ؟ دەپ يۈز - كۆزلىرىگە ئۇرۇپتۇ، تېپىپتۇ. قېرى كېلىپ ئۇكامنىڭ بىر كۆزىگە مۆلچەرلەپ ئۇرغانىكەن، ئۇكامنىڭ بىر كۆزى قۇيۇلۇپ كېتىپ، شۇنىڭدىن بېرى بىر كۆزلۈك بولۇپ قاپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بوينىغا كاناردىكى ئادەم گۆشىنى ئېسىپ، ئۇنى شەھەر ھاكىمىنىڭ قېشىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىپتۇ. ھاكىمغا توغرىلاپ: بۇ مۇتىھەم، قوي گۆشى دەپ بىزنى ئالداپ ئادەم گۆشى سېتىپتۇ! دەپ، بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ، ئەرز قىلىشىپتۇ. راستمۇ؟ جاۋاب بەر! دەپتۇ ھاكىم غەزەپلىنىپ. ئۇكام ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپتۇ. لېكىن، ھاكىم گۆشنى كۆرۈپ، ئۇكامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماپتۇ. بەش يۈز دەررۇ ئۇرۇپ، ھەممە مال - مۈلكىنى ۋە پۇللىرىنى مۇسادىرە قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. ئەگەر مال - دۇنياسى كۆپ بولمىغاندا، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. پۇل ۋە مېلى جېنىغا ئارا تۇرۇپ، ئۇنى شەھەردىن سۈرگۈن قىلىشقا سەۋەبچى بوپتۇ. ئۇ، شەھەردىن چىقىپ نەگە بېرىشىنى بىلمەي قاپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ ئاخىرى بىر چوڭ شەھەرگە بېرىپتۇ. ئۆزىچە ئويلاپ، باش قاتۇرۇپ، ئاخىر ياماقچىلىق قىلىپ جان بېقىشنى ئۆزىگە لايىق كۆرۈپتۇ. شۇ مەقسەت بىلەن كىچىككىنە بىر دۇكان ئېچىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر ئىش ئۈچۈن، ياماقچىلىق دۇكىنىدىن چىقىپ بازارغا كېتىۋاتقانىكەن، ئۇزاقتىن كېلىۋاتقان ئاتلارنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلنىپتۇ. ئادەملەردىن: نېمە گەپ؟ دەپ سوراپتۇ ئۇكام. كىشىلەر شاھنىڭ ئۆتۈشىنى تاماشا قىلىپ تۇرغانىكەن. شاھنىڭ كۆزى ئۇكامغا چۈشۈپتۇ. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرغانىكەن، شاھ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، ئەسكەرلىرىگە قاراپتۇ، ئۇكامنى تۇتۇشقا بۇيرۇپتۇ. ئەسكەرلەر ئۇكامنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپتۇ، قىيناپتۇ. ئۇكام شۇ يەردىلا يەرگە يىقىلىپتۇ. ئۆلۈشكە ئاز قاپتۇ. ئەمما بۇرۇنقى قاسساپ، ھازىرقى ياماقچى بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەپتۇ. زورمۇزور ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ، بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنى شاھنىڭ خادىملىرىدىن بىرىگە ئېيتىپتۇ. شاھ بىر كۆزلۈك، بولۇپمۇ ئوڭ كۆزى يوق ئادەملەرنى بۇرۇندىنلا ياقتۇرمايدۇ. ئۇ، بۇنداق كىشىلەرنى كۆرسە، ئۆلتۈرمىگۈچە قويمايدۇ، ئەسلىدە شاھىمىز شىكارغا ماڭغانىدى،سېنى كۆرۈپ كۆڭلى غەش بولۇپ، ئىشكاردىن ياندى. سېنىڭ تاياق يېيىشىڭنىڭ سەۋەبى مانا شۇ! دەپتۇ شاھنىڭ خادىمى.
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئۇكامنى غەم - قايغۇ بېسىپتۇ. باشقا  شەھەرگە كېتىشكە قارار قىپتۇ. باشقا شەھەرگىمۇ قېچىپ بېرىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ، تاماشا قىلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇكام قورقۇپ، مۆكۈۋېلىشقا جاي ئىزدەپتۇ، ئەمما ئەپلىك جاي تېپىلماپتۇ. قارىسا قارشىسىدا يېپىق ئىشىك تۇرغۇدەك. ئۇنى ئاچماقچى بولۇپ، ئىشىكنى ئىتتەرگەنىكەن، ئىشىك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئىچكىرى كىرىپ، ئىشىكنى تۈزەۋاتقانىكەن، بىردىنلا ئىككى كىشى ئارقىسىدىن كېلىپ ئۇنى تۇتۇپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: سېنى ئۈچ كۈندىن بېرى ئىزدەپ يۈرۈپ ھالىمىز قالمىدى، پۇتلىرىمىزدىن ئاياغ چۈشۈپ قالدى. سېنىڭ كاساپىتىڭدىن بىز كۆز يۇمۇپ ئۇخلىغىنىمىزمۇ يوق. مېنى شۇنچىلىك ئىزدەپ نېمە قىلماقچىدىڭلار؟ دەپتۇ ئۇكام. سەن بىزنى شەرمەندە قىلىپ، ھىيلە بىلەن ئۆي ئىگىسىنى سويماقچىمۇ؟ بىزنى قورقۇنچقا سالغان پىچىقىڭنى بەر! دەپ، ئۇكامنىڭ ياقىسىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ، يېنىنى ئاختۇرۇپتۇ. بەلۋېغىغا ئېسىقلىق چەم كېىسىدىغان بىرەندىسىنى تېپىپ ئاپتۇ. شېرىكلىرىڭ بىلەن ساڭا ئۇنىڭ پۇللىرىنى ئوغرىلاش يېتىشمىگەنمىدى؟ دەپتۇ ئۇلار، ئۇكام بۇلارغا قاراپ: ناھايىتى قىزىق ۋە ئاجايىپ ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمەن دەپتۇ. قانداق ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈردۈڭ؟ دەپ سوراپتۇ ئۇلار. ئۇكام بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ، ئىچى ئاغرىپ، مېنى بوشاتسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ھەممە ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇلار بۇ سەرگۈزەشتىلىرىگە ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلماپتۇ. ئۇلار ئۇكامنى ياقىسىدىن بوغۇپ ئۇرۇپتۇ. كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، بەدەنلىرىدىكى دەررە ئىزلىرىنى كۆرۈپ: ئەي لەنىتى، ئەگەر سەن ئوغرى ياكى مۇتىھەم بولمىساڭ، دۈمبەڭدىكى دەررە ئىزلىرى قانداق پەيدا بولغان؟ دەپ ھاكىمنىڭ ئالدىغا سۆرەپتۇ. ئۇكام ئۆزىچە: كونا گۇناھىم ئېچىلىپ قالدى. ئەمدى ھاكىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسا، ھاكىم بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرمەي قويمايدۇ دەپ ئويلاپ يىغلاپتۇ. ئۇنى ھاكىمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىپتۇ: ئەي مۇتتەھەم، سەن بۇلارنىڭ ئۆيىگە كىشى ئۆلتۈرۈشكە كىرىپسەن. كىشى ئۆلتۈرۈشكە سېنى نېمە مەجبۇر قىلدى؟ دەپتۇ ھاكىم غەزەپ بىلەن. ئەي ھاكىم، ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇ يەرگە ئۇنداق مەقسەتتە كىرگىنىم يوق! - دەپتۇ ئۇكام، - سۆزلىرىمگە ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىشىڭىزنى، ماڭىمۇ دىققەت - ئېتىبارىڭىزنى بېرىشىڭىزنى سورايمەن. يېگەن تاياقلىرىڭنىڭ چوڭ جىيانەتكار ئىكەنلىكىڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئادەملەرگە خەۋپ سالغان كىشىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس دەپتۇ ھاكىم. ئۇ، ئۇكامنى يۈز دەررە ئۇرۇشقا، تۆگىگە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىلىپ، شەھەرنىڭ ئىچى - تېشىنى ئايلاندۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. ياماقچى ئۇكامنى تۆگىگە تەتۈر مىندۈرۈپتۇ. ئادەم جىق جايلاردا توختىتىپ جاكارچى: مانا ئوغرىلار ئۈچۈن ئەڭ كىچىك، ئەڭ يېنىك جازا دەپ جار ساپتۇ. ئاخىرىدا، ھاكىم ئۇكامنى شەھەردىن قوغلاشقا بۇيرۇپتۇ. ئۇكام شەھەردىن قوغلاندى بولۇپ چىقىپ، بېشى قايغان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ مەن ئۇكامنىڭ ئىزىدىن ئىزدەپ يېنىغا باردىم. ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم. ئۇكام ۋەقەنى باشتىن - ئاياغ ئېيتىپ بەردى. مەن ئۇنى ئادەملەردىن يوشۇرۇپ شەھەرگە ئېلىپ كەلدىم. كېرەكلىك ياردىمىمنى قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.

ساتىراشنىڭ بەشىنچى ئۇكىسى
بەشىنچى ئۇكامغا كەلگەندە - دېدىم خەلىپىگە، - ئۇنىڭ ئسىمى ئەلەششار، يەنى ئېلىپ قاچار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى كېسىلگەن. ئۇ ناھايىتىمۇ كەمبەغەل ئىدى. تىلەمچىلىك بىلەن كۈن كەچۈرەتتى. بىزنىڭ ئاتىمىز قېرىپ مۈكچىيىپ، ماڭىدىغان يولىنى پەرق ئېتەلمەس ھەم ماڭالماس بولۇپ قالغانىدى. ئۇ بىر كۈنى ئاغرىمايلا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭدىن بىزگە يەتتە يۈز تەڭگە مىراس قالغانىدى. ھەر بىرىمىز يۈز تەڭگىدىن بۆلۈشۈۋالدۇق. بۇ بەشىنچى ئۇكام مىراس تەگكەن تەڭگىنى قولىغا ئېلىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالدى. ئويلاپ - ئويلاپ، ئۇ چىنە ۋە شىشە پۇرۇشلۇق قىلماقچى بولۇپ، پۇلغا ھەر خىل چىنە ۋە شىشە قاچىلارنى ئالدى، ئالغان ماللىرىنى بىر چوڭ سېۋەتكە سېلىپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر چوڭ چەپچەكلىك پەتنۇسنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قۇر مال تىزىپ، ئادەم تولا ماڭىدىغان تام تۈۋىدىكى قىرغاقتا ئولتۇرۇپ سېتىشقا كىرىشىپتۇ. ئۇكام ماللىرىنى ئالدىدىكى سۇپىغا قويۇپ، ئۆزى تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كېتىپتۇ: يۈز تەڭگىگە چىنە ۋە شىشە قاچا ئالدىم. ئۇنى ئىككى يۈز تەڭگىگە ساتسام، كېيىن ئىككى يۈز تەڭگىگە چىنە ۋە شىشە قاچا ئېلىپ، تۆت يۈز تەڭگىگە ساتسام، پۇلۇپ كۆپەيگەنچە شۇنداق قىلسام، جىق دەسمايىگە ئىگە بولىدىكەنمەن. كېيىن پۇللارغا ئەڭ قىممەت باھا ماللارنى ئالسام، ئۇلاردىن يەنىمۇ كۆپرەك پايدا ئالىمەن. بۇ پۇلغا ياخشى قورو جاي ئالسام نېمىدىكەن ياخشى. ئۇ چاغدا قۇللارنى، ئاتلارنى سېتىۋالسام، ئاتقا ئالتۇندىن ئېگەر - جابدۇق ياساتسام، ماڭا نېمىدىگەن ئابرۇي - ھە؟ ئۇنىڭغا يارىشا، ياخشى يېسەم - ئىچسەم. بۇنداق چاغلاردا شەھىرىمىزدىكى داڭدار سازچىلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ ئوينىسام، بەزمە قىلسام، ئولتۇرۇشلارنى باشقۇرسام، شۇنداقلا پۇلۇمنىمۇ كۆپەيتىپ يۈز مىڭ تەڭگىگە يەتكۈزسەم - ھە؟ پەتنۇس ئالدىدا ئۇكام ئۆزىچە خىيالىنى داۋام قىلدۇرۇپتۇ: پۇلۇم يۈز مىڭ تەڭگىگە يەتكەندىلا، شاھ ياكى ۋەزىرنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتسەم؛ ئاڭلىشىمچە ۋەزىرنىڭ نىزى ناھايىتىمۇ چىرايلىق، بەكمۇ كېلىشكەن دەيدۇ. شۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆرسەم - ھە؟ ئۇنىڭ مېھرى ھەققى ۋە تويلۇقىغا دەپ مىڭ تىللا بەرسەم؛ ئەگەر ئاتىسى كۆنسە، ئشمۇ ئاسانلا پۈتەر؛ كۆنمىسە، پۇلنىڭ كۈچى بىلەن زورلاپ ئالسام. شۇنىڭ بىلەن داڭقىمنى يەنە بىر ئاشۇرسام نېمىدىگەن ياخشى ئىش - ھە؟ تېخى ئۇ ئۆيۈمگە كەلگەندە ئۇنىڭغا ياش چۆرە ئېلىپ بەرسەم؛ ئۆزۈمگە شاھلار كىيىمىدەك كىيىملەر ئالسام، تۈرلۈك قىممەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ كوچىغا چىققىنىمدا، ئالدى تەرىپىمدىمۇ، ئارقا تەرىپىمدىمۇ ئوڭ ۋە سول يانلىرىمدىمۇ قۇللىرىم بولسا، شۇلار بىلەن شەھەر ئايلانسام؛ ئادەملەر ماڭا يول ئېچىپ، قول باغلاپ، سەپ بولۇپ تۇرسا، سالام بەرسە، شۇنداق داغدۇغا بىلەن خوتۇنۇمنىڭ ئاتىسى - ۋەزىرنىڭ ئالدىغا بارسام؛ ۋەزىر قۇللارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ شاھلاردەك تۇرغىنىمنى كۆرۈپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى كۈتۈۋالسا، مېنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى پەگاغا چۈشۈپ، خوش دەپ قول قوۋۇشتۇرۇپ، باش ئېگىپ تۇرسا؛ ھەي - ھەي، يەنە مەن بىلەن بارغان ئىككى قۇلنىڭ قولىدىكى يىپەك ھەمياننىڭ ئىچىگە مىڭ تىللادىن پۇل سېلىنغان بولسا، ۋەزىرگە قىزىنىڭ يۈزى ئۈچۈن مىڭ تىللا بەرسەم، قالغان مىڭ تىللانى ۋەزىرنىڭ ئۆزىگە تەقدىم قىلسام؛ مېنىڭ قولۇمنىڭ ئوچۇقلۇقىنى، پۇلدارلىقىنىمۇ، بۇنداق پۇللارنى نەزەرىمگە ئىلمايدىغانلىقىمنى ۋەزىرگە بىر كۆرسەتسەم، ئۇمۇ مېنى بىر كۆرۈپ قويسا. مەن مانا مۇشۇنداق قىلسام - ھە! ئۇ، ئون ئېغىز گەپ قىلسا، مەن ئىككىلا ئېغىز سۆز بىلەن جاۋاب بېرىپ قايىل قىلسام، سۆزدىمۇ بەش كەلمىسەم، كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلسەم، خوتۇنۇم تەرەپتىن بىرى كەلسە، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغىمۇ پۇل بەرسەم، - كىيىم - كېچەك كىيگۈزسەم، ئەگەر ئۇ ماڭا بىرەر نەرسە ئېلىپ كەلگەن بولسا، تەكەببۇرلۇقۇمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئۆزىگە ھەدىيە قىلسام؛ كېيىن ئۆزۈمگە سۆلەت كىرگۈزۈپ پەرداز قىلسام، شۇنىڭدىن كېيىنلا قىزنى يېنىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلسام؛ ئۆيلەرنىمۇ ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ ياسىداق قىلسام، قىز بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىدا ئەڭ قىممەت باھا كىيىملىرىمنى كىيىپ، قەۋەت - قەۋەت ئەتلەس كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ غادىيىپ، كېرىلىپ ئولتۇرسام؛ ئەقلىمنىڭ كۆپلۈكىدىن، پىكرىمنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن ئۆزۈمگە تەماننە قىلىپ، ئوڭ ۋە سولغا مىت قىلىپ قارىماي ئولتۇرسام؛ خوتۇنۇممۇ ئالدىمدا قىممەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ھەر تۈرلۈك زىننەت - جابدۇقلىرىنى تاقاپ، ئايدەك ياسىنىپ، قول باغلاپ تۇرسا؛ مەن تېخى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي قويسام؛ ئەتراپىمدا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى: ئەي ھۆرمەتلىك كۈيئوغۇل، ئالدىڭىزدا كېنىزىكىڭىز كۈتۈپ تۇرۇپ قادى، سىزگە قاراپ كۆزلىرى تېشىلەي دېدى، ئاياغلىرى تالدى دەپ قايتا - قايتا ئىلتىماس بىلەن يەرنى سۆيگەندىن كېيىن، بېشىمنى كۆتۈرۈپ بىر قاراپ قويسام بولدى. شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ مەن يەنە بېشىمنى تۆۋەن سېلىۋالسام، ئۇنى ياتىدىغان ئۆيگە ئېلىپ كىرسە؛ مەن ئۈستۈمدىكى كىيىمنى يېشىپ تاشلاپ، يەنىمۇ قىممەتلىكرەك كىيىملىرىمنى كىيسەم؛ خوتۇننى يېنىمغا ئېلىپ كەلگەندە، يەنە بىر نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلمىغۇچە قارىماي قويسام، پەقەت كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلغىنىدا ۋە يېلىنغىنىدىلا بىر قارىسا،م يەنە بېشىمنى تۆۋەن سالسام، قىز كۆرۈش تامام بولغۇچە شۇنداق ئۇلۇغۋار سۈپەتتە تۇرسام، ئۇنى يەڭگىلىرى يەنە ياساپ تۈزەشتۈرسە...
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-04-04 13:15 | [ئاپتور]
红狼369

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-08-31

 


بىلقۇت باغچىسى
Posted: 2008-08-06 03:25 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مىڭ بىر كېچە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070509(s) query 4, Time now is:10-23 02:29, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation