مىڭ بىر كېچە (30) BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مىڭ بىر كېچە (30) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 700ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مىڭ بىر كېچە (30)


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-04)

- ئەي بەختلىك شاھ، - دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، - كىمنى كىم ئۆلتۈردى؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلغانىدى؟ بۇنىڭ ئۆزى كىم؟ دەپتۇ قازى. ئەي مۇتىھەم قازى! قىلغان ئىشىڭدىن تاماقچىمۇ سەن؟ - دەپتۇ ساتىراش - بۇنىڭدىن بىر سائەت ئىلگىرى، سەن قامچا بىلەن بىزنىڭ خوجىمىزنى ئۇردۇڭغۇ؟
ئۇنى مېىڭ ئۆيۈمگە كىم كىرگۈزگەن؟ قەيەردىن ئېلىپ، نەدىن كىرگەن؟ دەپتۇ ئاچچىقى بىلەن قازى. تولا لاۋزىلاشما! - دەپتۇ قازىغا ساتىراش، - سېنىڭ ئۆيۈڭگە ئۇنىڭ كىرىش سەۋەبىنى مەن بىلىمەن. قىزنىڭ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇمۇ قىزىڭنى سۆيىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىرگەن. قۇللىرىڭغا بۇيرۇپ ئۇردۇردۇڭ. ئۆزۈم كىرىپ تۇتۇپ ئېلىپ چىقماستىن بۇرۇن خوجىمىزنى چىقىرىپ بەر. قېرىنداشلىرى ئېلىپ كەتسۇن. بولمىسا بېرىپ خەلىپىگە ئەرز قىلىشتىنمۇ يانمايمەن. قازى كشىلەردىن خىجالەت بوپتۇ. سۆزۈڭ راست بولسا، - دەپتۇ ئۇ، - ئۆزۈڭ كىرىپ ئېلىپ چىق!
ساتىراش ئىچكىرىگە كىردى. ئۇنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ مەن يوشۇرۇنۇشقا ھەرىكەت قىلدىم. پاناھ بولغۇدەك جاي تاپالماي ئاۋارە بولدۇم. تۇرغان ئۆيۈمدە چوڭ بىر بوش ساندۇق بار ئىكەن. ساندۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ ئاغزىنى ئەتتىم. نەپەس ئېلىشىم تەس بولدى. ساتىراش ئۆيگە كىرىپ مېنى راسا ئىزدىگە بولسىمۇ تاپالماي بېشى قېتىپ تۇرغانىكەن. شۇ ۋاقىتتا ساندۇق قىمىرلاپ قاپتۇ. ئەزايى بەدىنىم بوشىشىپ كەتتى. ئۇ ساندۇقنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چقتى. مېنىڭ ئۇنىڭ ئارام تاپقۇزماسلىقىغا كۆزۈم يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم، ئايىغىم سندى. ئىشىككە قارىسام ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن. مەن بۇنداق چوڭ يىغىلىشنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. يېنىمدا ئاز - تولا ئالتۇنۇم بار ئىدى. ئادەملەرنى پاراكەندە قىلىش مەقسىتىدە ئالتۇنلارنى چاچتىم. كىشىلەرنىڭ ئۇنى تېرىمىز دەپ پاتىپاراق بولغىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇدۇل كەلگەن كوچىغا قاچتىم. لەنتى ساتىراش كەينىمدىن قوغلاپ كېلەتتى. خوجامغا ئازاب بېرىپ قىينىماقچى ئىدى، ئۇلارنىڭ قولىدىن سالامەت قۇتۇلدۇردۇم دەيتتى ئۇ يول بۇيى ۋارقىراپ، - ئېھتىياتسىزلىقىڭ سەۋەبىدىن سېنى ئەنە شۇنداق كۈلپەتكە يولۇقۇپ قالىدۇ، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، - دېدى ئۇ ماڭا قاراپ، - ئېھتىياتسىزلىقىڭ سەۋەبىدىن سېنى ئەنە شۇنداق كۈلپەتكە يولۇقۇپ قالىدۇ، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، - دېدى ئۇ ماڭا قاراپ، - ھېلىمۇ ياخشى، مەن كېلىپ قېلىپ، سەن ساق قالدىڭ. بولمىسا سەن ئۇ يەردىن ساق چىقمايتتىڭ، ماڭا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلە!  سېنى ھەمىشە شۇنداق پالاكەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ يۈرەي ھە! مەن: قىلغىنىڭنى ئاز دەپ، رەستىدە نېمىلەرنى دەپ ۋالاقلايسەن؟ مېنىڭ ئارقامدىن ئۇ يەرگە كىرىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ جېنىم چىقىشقا ئاز قالدى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جاندىن ۋاز كېچىشكىمۇ رازى ئىدىم. ئاخىرى رەستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر سارايغا قېچىپ كىردىم. ساراي باققۇچىغا مېنى ساتىراشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم ۋە جاۋابىنى كۈتمەستىنلا ساراي ھۇجرىلىرىدىن بىرىگە كىرىۋالدىم. بۇ لەنىتىدىن قاچان قۇتۇلارمەن دەيتتىم ئۆز - ئۆزۈمگە. ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈشكە  تاقىتىم يوق ئىدى. شۇ ھامانلا دەللاللارغا كىشى ئەۋەتتىم. قېرىنداشلىرىمدىن بىرىگە ۋاكالەت خەت يېزىپ بېرىپ، كىشىلەردىكى ئېلىم - بېرىم ھەققىدە چۈشەندۈردۈم. بۇ ئىشلارغا ۋەكىل تەيىنلىدىم. ئۇلارغا ئۆي - جاي، يەر - سۇلىرىمنى سېتىشقا بۇيرۇدۇم. شەھەرنى تاشلاپ كەتتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن بۇ دەردىسەردىن نېرىراق يۈرۈپ ساياھەت قىلىشقا كىرىشتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بېرى مەن يول يۈرۈپ شەھىرىڭلارغا كەلگەنىدىم. بۈگۈن بۇ يەرگە زىياپەتكە تەكلىپ قىلدىڭلار، مەن كەلدىم. قارىسام بۇ لەنىتى بۇ يەرگە مېنىڭدىن بۇرۇن كېلىپ تۆردە ئولتۇرۇپتۇ. ئەمدى بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇيۈز قانداق قىلىپ تاقەت بىلەن چىداپ ئولتۇرىمەن ئۇ بۇ ئولتۇرۇشتىن چىقىپ كەتتى. بىز ساتىراشتىن: بۇ ۋەقە راستمۇ؟ دەپ سورىدۇق. مەن، - دېدى ساتىراش - بۇ ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ دانالىقىم، مەردلىكىم، ھىمايەپەرۋەرلىكىمدىن، ئاتا كۆرگەن ياش يىگىتكە ياخشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن قىلغانلىقىم راست. ئەگەر مەن بولماي، مېنىڭ ئورنۇمدا باشقا ئادەم بولغاندا، بەلكى ئۇ ئۆلۈپمۇ كېتەتتى. ئۇنىڭ قۇتۇلۇشىغا پەقەت مەنلا سەۋەبچى بولدۇم. ئۇ پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى، دېدى. جېنىنىڭ ئامان قالغانلىقىنى سۆزلىمىدى. مەن ئارتۇق گەپ قىلماي، ناھايىتى ئاز سۆزلەيدىغان پەقەت ۋاقتى كەلگەندە بىر - ئىكى ئېغىزلا گەپ قىلىپ قويىدىغان ئادەم. ئەگەر مەن ئەزمە ئادەم بولغىنىمدا ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلمىغان بولاتتىم. يەنە بېشىمدىن ئۆتكەن ئاجايىپ قىزىق بىر ۋەقە بار، سۆزلەپ بېرەي. شۇ چاغدىلا سىلەر مېنىڭ ئالتە ئۇكام ئىچىدە پەقەت مېنىڭلا كەم سۆز، بىھۇدە گەپلەرنى قىلمايدىغانلىقىمنى تەستىقلايسىلەر. مېنىڭ بۇ ھېكايەم بەكمۇ ئاجايىپ ۋە ناھايىتىمۇ قىزىق

ساتىراشنىڭ ھېكايىسى
خەلىپە ئەلمۇستەنسىرۇن بىللاھىنىڭ زامانىسىدە مەن باغدادتا ياشايتتىم. ئۇ پېقىرلارنى ھاجەتمەنلەرنى، ئالىملارنى دوست تۇتاتتى. بىر كۈنى مەن دەجلە دەرياسى بويىغا چىققانىدىم. بىر قېيىق كۆرۈندى. مەن قېيىقتىكىلەرنى كۆرۈپ ئۆز - ئۆزۈمگە دېدىمكى: بۇ كىشىلەر ئەلۋەتتە بىرەر يەرگە مېھماندارچىلىققا بارىدىغان ئوخشايدۇ. ئەڭ ياخشىسى، مەنمۇ بۇلارغا ھەمراھ بولۇپ قوشۇلۇپ باراي دەپ ھېچكىمدىن سورىماي قېيىققا چىقىپ ئوبدانلا جايلىشىپ ئولتۇردۇم. ئەسلىدە بۇ ئون كىشىدىن خەلىپە غەزەپلەنگەنىكەن. ئۇلارنى قېيىقتا ئېلىپ كېلىشنى ھاكىمغا بۇيرۇغانىكەن. ھاكىم ئۇلارنى قېيىققا سېلىپ ماڭغانىكەن. مەن بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز، يەپ - ئىچىپ، ساياھەت قىلىپ كېلىشنى ئويلاپ ماڭدىم. بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەندىن باشقا كۆڭۈل ئاچقۇدەك قىزىقچىراق كىشى يوق ئىكەن. قېيىق قىرغاققا يەتكەندىن كېيىن ھاكىمنىڭ خادىملىرى پەيدا بولدى. ئۇلار كېلىپ قېيىقتىكىلەرنىڭ قوللىرىغا كويزا، بويۇنلىرىغا كويزا سالدى. مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم. چۈنكى مەن ئورۇنسىز سۆز قىلمايدىغان ئادەملىكىمنى ئۇلارغىمۇ كۆرسەتمەكچى بولدۇم. مانا بۇ مېنىڭ مەردلىكىمنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى. ھەممىمىزنى چېتىپ خەلىپە ئەلمۇستەنسىرۇن بىللاھ ئالدىغا ئېلىپ كىردى. خەلىپە جاللاتقا بۇ ئون كىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇدى. جاللات بىر چەتتىن ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا باشلاپ، پەقەت مەن قالدىم. خەلىپە مېنى كۆرۈپ: نېمىشقا بۇنىڭ بېشىنى ئالمىدىڭ؟ دەپ سورىدى. تايىنلانغان ئون كىشىنىڭ بېشىنى ئالدىم دېدى  جاللات. سەن توققۇزىنىڭ بېشىنى ئالدىڭ، بۇ كىشى بىلەن ئون بولىدۇ دېدى خەلىپە. مەن شۇ چاغدىمۇ لام - جىم دېمىدىم. ياق! - دېدى جاللات، - كېسىلگەن باش ئون بولدى. ئىشەنمىسىڭىز ساناپ كۆرۈشىڭىز مۇمكىن! كېسىلگەن باشلارنى بىر - بىردىن خەلىپە ھۇزۇرىغا ساناپ ئېلىپ كەلدى. ئۇلار، راست ئون ئىدى. خەلىپە ماڭا قارىدى: نېمىشقا جىم تۇرىسەن؟ بۇ گۇناھكارلار بىلەن بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ دېدى خەلىپە.
ئەي خەلىپەم، - دېدىم مەن، - مەن ئەسسامىت، يەنى كەم سۆز دېگەن لەقەم بىلەن ئاتالغان كىشىمەن. مېنىڭدە ھېكمەتلىك ئىشلار كۆپ، ئەقلىمنىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتمامسىز؟ زېرەكلىكىم، پەملىكلىكىمنى دېمەمسىز؟ كەم سۆزلۈكۈمچۇ تېخى! ئەمما مېنىڭ ھۈنىرىم ساتىراشلىق. ئەتىگەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتىم. بۇ كىشىلەرنىڭ قېيىققا ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم  چۈشتى. بۇلار زىياپەتكە كېتىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىچىگە قوشۇلۇۋالدىم. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي قېيىق قىرغاققا چىقتى. ھەربىي ۋە مەمۇرلار كېلىپ، بۇلارنىڭ ھەم مېنىڭ بوينۇمغا تاقاق، قوللىرىمىزغا كويزا سېلىشتىن. شۇ ۋاقىتتا مەن بۇلارنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەمما ناھايىتى مەردلىكىم ۋە كەم سۆزلۈكۈمدىن ھېچ نەرسە دېمىدىم، بۇ ئىشلارنى پەقەت مەردلەرنىڭ مەردلىرىلا قىلالايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىزنى ھۇزۇرىڭىزغا ئېلىپ كېلىشتى. سىز ئون كىشىنىڭ كاللىسنى ئېلىشقا بۇيرۇدىڭىز. جاللات ئالدى. پەقەت كەم توغرىسىدا سىزگە بىر ئېغىزمۇ گەپ - سۆز قىلىپ باقمىدىم. جېنىمنى ئالسىمۇ مەيلى، كەم سۆزلۈك ھالىتىمدە تۇراي دېدىم. مەرد ھەر قانچە كەم سۆز بولسىمۇ مەنچىلىك بولار؟ مېنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىم مانا شۇنداق مەردلىك، زېرەكلىك، كەم سۆزلۈكتىن ئىبارەت. مەن ھەمىشە ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلىمەن. لېكىن، كىشىلەر ئۇنىڭ بەدىلىگە ماڭا ناھايىتىمۇ ئەرزىمەيدىغان مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ. خەلىپە مەردلىكىمنى، كەم سۆزلۈكۈمنى، دانالىقىمنى دەرھال سېزىپ، قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئەي ئاسسامىت، - دەپ سوئال بەردى خەلىپە ماڭا قاراپ، - ئالتە ئۇكاڭنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشاش ھوشيار، دانا، ئالىم ۋە ەم سۆزمۇ؟
مەن: ئەزبىرائى خۇدا. ئەي خەلىپە، ئۇكىلىرىمنى مەن بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ، مېنى يەر قىلدىڭىز! ئەگەر ئۇكىلىرىم ماڭا ئوخشىغاندا ئىدى، باشقىچە كۈن كۆچۈرەتتى. ئۇلار ھېچقاچان ماڭا ئوخشىمىسۇن ۋە تىرىك ياشىمىسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورقۇنچاقلىقى، ئەقىلسىزلىقى، ئەزمىلىكلىكى، يوق گەپلەرگە ئىشىنىپ ۋەھىمە قىلىشلىرى بىلەن خەلق ئارىسىدا مەشھۇر. ئۇلار ھەممە ئىشتا كۈلكىگە قېلىپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى قىڭغىر، بىرى كور، بىرى كېكەچ، بىرى دوك، بىرى چولاق، بىرى كەمشۈك. ئەي خەلىپەم، مېنى ئەزمە دەپ ئەيىبلىمەڭ. چۈنكى، ماڭا گەپنىڭ ئورنى كەلگەندە، ئۇلاردىن مەردلىكىم، ئۇلاردىن دانالىقىمنى ئىسپات قىلىپ بېرىشىم زۆرۈر بولۇپ قالدى. مەن ھازىر شۇنىڭغا مەجبۇر بولدۇم. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ماجىراسى، غەلۋىسى، يولۇققان بالالىرى بار. ئەگەر خالىسىڭىز، مەن سىزگە ئۇلارنى بىرمۇ بىر ئېيتىپ بېرەي دېدىم. 

ساتىراشنىڭ بىرىنچى ھېكايىسى
مېنىڭ قۇلىقى چولاق ئاكام باغدادقا مەشھۇر ماشىنىچى، ئۇنىڭ ئىسمى ئەلبەكبۇك يەنى ئەزمە، - دېدى ئۇ گەپ باشلاپ، - بىر باينىڭ دۇكىنىنى ئىجارىگە ئېلىپ، شۇ دۇكاندا ئىش قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۈگمەن بار ئىدى. باي ئۆزى بالىخانىسىدا ياشايتتى. بىر كۈنى ئۇكام دۇكاندا كىيىم تىكىپ تۇرغاندا، بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپتۇ. شۇ چاغدا ئۆي ئىگىسىنىڭ خوتۇنى دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئەتراپقا قاراۋاتقانىكەن. ئۇكام قارىسا ئۇ، بىر چىرايلىق خوتۇن ئىكەن. ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈش بىلەنلا، ئۇنىڭ ھۆسنى - جامالىغا ئاشىق بوپتۇ، ئىشنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، شۇ خوتۇنغا ھالدا كۈننى كەچ قىپتۇ. ئەتىسىگە دۇكاننى ناھايىتى ئەتىگەن ئېچىپتۇ. يىڭنىنىڭ كۆزىدىن بىر يىپ ئۆتكۈزۈپ، دېرىزىگە قاراپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. يەنە خۇددى شۇ مەھەلدە خوتۇنغا كۆزى چۈشۈپتۇ، ئىشقى كۈچىيىپتۇ. بىر نەچچە كۈنگىچە شۇنداق ئۆتۈپتۇ. بىر ياماققا تۇشلۇق ئىش قىلماپتۇ. بىر كۈنى ئادىتى بويىچە دۇكانغا كېلىپ ئولتۇرغانىكەن. خوتۇن ئۇنىمۇ كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ۋەقەنى چۈشىنىپتۇ. كۈلۈپ قاراپتۇ، ئۇكاممۇ كۈلۈپ قاراپتۇ. بىراق خوتۇن دەرھال يوشۇرۇنۇپتۇ. خوتۇن ئۆزىنىڭ چۆرىسىدىن يىپەك كۆڭلەك چىقىرىپتۇ. چۆرە كىيىملىكنى ئۇكامغا بېرىۋېتىپ: خېنىم سىزگە سالام ئېيتتى. مانا شۇ رەختتىن كۆڭلەك پىچىپ، چىرايلىق تىكىپ بەرسۇن دەپ  تاپىلىدى دەپتۇ. جېنىم بىلەن دەپتۇ ئۇكام ۋە كىيىملىكنى شۇ زاماتلا پىچىپ تىكىپ بېرىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە چۆرە خوتۇن كېلىپ: خېنىم سىزگە سالام ئېيتتى. كېچىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى سورىدى. خېنىمنىڭ كۆڭلى سىزدە بولۇپ ھېچ ئۇخلىيالمىدى دەپتۇ، ئارقىدىنلا يەنە ئالدىغا بىر كىيىملىك ئەتلەس قويۇپ: خېنىم مۇشۇ ئەتلەستىن بۈگۈن ئىككى ئىشتان تىكىپ بەرسۇن دەيدۇ دەپتۇ. جېنىم بىلەن دەپتۇ مېنىڭ ئۇكام، - خېنىمغا مەندىنمۇ سالام دەڭ. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ئىش بولسا مەن تەييار، ھەرگىز تارتىمىسۇن. ئۇكام دەرھال ئىشقا چۈشۈپتۇ، كىيىمنى تىكىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن خوتۇن ئۇنىڭغا دېرىزىنى ئېچىپ قاراپتۇ، ئىشارەت بىلەن سالام بېرىپتۇ. بەزىدە قول بىلەن ۋە بەزى كۆزىنى قىسىپ ھەر  تۈرلۈك خۇلق قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خوتۇن ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ. چۆرە دۇكانغا كىرىپتۇ. ئۇكام ئىشتانلارنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. چۆرە ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. كەچ بولغاندا ئۇكام ئۆيىگە كېلىپ يېتىپتۇ، بىراق ئۇ زادىلا ئۇخلىيالماپتۇ. ھەر تەرەپكە يۇمۇلىنىپ - تولغىنىپ يېتىپتۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ دۇكىنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. چۆرە كىرىپ: خوجام سىزنى چاقىرۋاتىدۇ؟ دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئۇ قاتتىق  چۆچۈپتۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى چۆرە سېزىپ: بەختلىك كىشى ئىكەنسىز! - دەپتۇ ئۇ، - خېنىم سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى ئېيتىپ خوجامغا تونۇشتۇرۇپ قويىمەن دەيدۇ. خوجام بىلەن تونۇشىۋالسىڭىز، كۆڭلىڭىزدىكى گېپىڭزىنى ئېيتىۋېلىشىڭىز ئوڭاي. ئۇكام سۆيۈنۈپ، چۆرە بىلەن بىللە كىرىپتۇ. ھېلىقى خوتۇننىڭ ئېرىنى كۆرۈپ سالام بېرىپتۇ. ئۆي ئىگىسى سالامغا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ۋە ئۇكامنىڭ ئالدىغا جىققىدە كىيىملىك قويۇپ: مۇشۇلارنى تىكىپ بېرىڭ! دەپتۇ. جېنىم بىلەن دەپ ئۇكام كىيىملىكلەرنى قولىغا ئاپتۇ. كەچكىچە يىگىرمىگە يېقىن كۆڭلەك پىچىپتۇ. شۇنىڭغىچە ھېچ نەرسە يېمەپتۇ. بۇنىڭ ھەققى قانچە تەڭگە بولىدۇ؟ دەپ سوراپتۇ باي. يىگىرمە تەڭگە! دەپتۇ ئۇكام. يىگىرمە تەڭگە ئېلىپ بەر! دەپتۇ باي چۆرىسىگە. خوتۇن ئىشارەت بىلەن ئۇكامغا: ھەق ئالما! دېگەننى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئۇكام: سىزدىن ھەق ئالمايمەن دەپتۇ - دە، كىيىملىكلەرنى ئېلىپ يولغا چۈشۈپتۇ. بۇلارنىڭ كىيىملىرىنى تېزرەك تىكىپ بېرەي دەپ ئويلاپ، تۈزۈكرەك تاماقمۇ يېمەپتۇ. چۆرە كېلىپ: تەييار بولدىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئۇكام: تەييار بولدى! دەپتۇ. چۆرە تىكىلىپ بولغان كىيىملەرنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇنى خوتۇننىڭ ئېرىگە بېرىپ، ئۆزى قايتىپ چىقىپتۇ. خوتۇن ئېرىگە ئۇكامنى ئەخمەق قىلىپ، كولدۇرلىتىپ، ھەققىگە پۇل بەرمەي، كۆپ كىيىملەرنى تىكتۈرۈپتۇ. ئۇكام ئەتىگەندە، ئەمدى دۇكانغا كىرىپ ئولتۇرۇشىغا، چۆرە خوتۇن كىرىپ: خوجام سىزنى چاقىرۋاتىدۇ، سىز بىلەن سۆزلەشمەكچى دەپتۇ. ئۇكام چۆرە خوتۇن بىلەن بىللە يەنە باينىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ، خوجايىن بىلەن سالاملىشىپتۇ. باي ئۇكامنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر قانچە پاختىلىق كىيىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەش چاپان تىكىپ بېرىشنى سوراپتۇ. ئۇكام رەخت - پاختىلارنى قولتۇقلاپ دۇكىنىغا كېلىپ، چاپانلىرىنى پۈتكۈزۈپ، بايغا ئېلىپ كىرىپ تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. كىيىم ئۆي ئىگىسىگە ياراپتۇ. خىزمەتچىسىگە تەكچىدىكى پۇلداننى ئېلىپ بەر دەپتۇ. ئۇكام پۇلغا قولىنى ئۇزىتىش بىلەن، خوتۇن ئېرىنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ، ئۇكامغا قاراپ: ھېچ نەرسە ئالمايمەن! دېگىن دەپ ئىشارەت قىپتۇ، باي ئاكا! دەپتۇ ئۇكام يېرىم - يادتا ھىجىيىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.
ئۇ ئېشەكتىن بەتتەر خورلىنىپتۇ. چۈنكى ئۇ بەش تەرەپتىن قىسىلىدىكەن: سۆيگۈ، چارچىغانلىق، ئاچلىق، پۇلسىزلىق، خورلۇق بۇ بەشى بىرلىشىپ، ئۇنى ئېزىپ تاشلاپتۇ. ئۇكام ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپتۇ. ئۇلارمۇ ئىنساپسىزلىق بىلەن خېلىلا ئىشلىتىپتۇ. كېيىن ھىيلە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ چۆرىسىگە ئۇنى نىكاھلىماقچى بوپتۇ. خوتۇننىڭ قېشىغا كىرىدىغان كېچىسى ئۇلار ئۇكامغا: بۇ كېچە تۈگمەندە ياتقىن، تۇرمۇشۇڭ ياخشى بولىدۇ! دەپتۇ. ئۇكام: پايدىلىق ئىش بولسا كېرەك دەپ ماقۇل بولۇپ، كېچىسى تۈگمەندە يېتىپتۇ. خوتۇننىڭ ئېرى تۈگمەنچىگە بېرىپ، ئۇكامنى تۈگمەن تېشىنى سۆرەشكە مەجبۇر قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. يېرىم كېچىدە پوستەكچى ئۇكامنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ. بۇ ئۆكۈز ناھايىتى ھۇرۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، ھازىر ئۇ چۆرگىلىمەي تۇرۇۋالدى. ئەتىگىچە ئۇن تەييار قىلىش كېرەك ئىدى، ئۈگۈت شۇ پېتىچە تۇرىدۇ دەپ، تۈگمەننىڭ خاپىنىغا بۇغداي تولدۇرۇپتۇ. كېيىن ئارغامچىنى ئېلىپ ئۇكامنىڭ بوينىغا ساپتۇ. ئۇكامنىڭ بوينىدىن باغلاپ: ھە، بول چاققان! تاشنى تېز ئايلاندۇر. سەن پەقەت يەپ - ئىچىشنى بىلىدىكەنسەن! دەپ ئۇنى تارتىشقا كىرىشىپتۇ. تېز - تېز ئايلان! دەپ قامچا بىلەن ساۋاپ تۇرۇپتۇ. ئۇكام يىغلاپ - دادلاپتۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچكىم ياردەم قىلماپتۇ. تاڭ ئاتقاندا خاپاندىكى بۇغداي تۈگەپتۇ. تۈگمەن توختاپتۇ. چۆرە ئايال كىرىپ كۆرۈپ: مەن سېنىڭ ئەھۋالىڭغا بەكمۇ ئېچىندىم. مەن بىلەن خېنىم سېنىڭ توغراڭدا غەم قىلىپ ئويلاپ چىقتۇق دەپتۇ. لېكىن ناھايىتى چارچىغانلىقتىن، زۇۋان سۈرگۈدەك ئەھۋالى قالمىغان ئۇكام ھېچ نەرسە دېيەلمەپتۇ. كېيىن ئۇكام ئۆز ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئەمدىلا ئولتۇرغانىكەن، بىردىنلا چۆرىگە ئۇكامنى نىكاھ قىلماقچى بولغان موللام كىرىپ كېلىپ، ئۇكامغا سالام بېرىپتۇ: ئاخشامدىن تاڭ ئاتقۇچە لەززەت بىلەن خوتۇن قۇچاقلىماقچى بولۇپ تەييارلانغانلارنىڭ يۈزلىرى شۇنداق نۇرلۇق بولىدۇ! دەپتۇ كۈلۈپ. ئالدامچىلار ئىككىلا دۇنيادا تىنجىمىسۇن! - دەپتۇ ئۇكام موللامغا، - مەن ئاخشامدىن تاڭ ئاتقۇچە ئۆكۈز ئورنىدا  تۈگمەن چۆرۈدۈم. مەن نەدىن بىلەي، ۋەقەنى ئېيت! دەپتۇ موللام. ئۇكام بولغان ۋەقەنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. بەس، مەلۇم بولدىكى، سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ ئۇنىڭ يۇلتۇزى بىلەن  توغرا كەلمەپتۇ. ئەگەر خالىساڭ، مەن نىكاھنى يېڭىۋاشتىن ئوقۇپ قوياي دەپتۇ موللام. سېنى قارا، - دەپتۇ ئۇكام موللامغا، - يەنە باشقا ھيلەڭ يوقمۇ؟ موللام شۇ يەردە قېلىپ ئۇكام چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇكام ناھايىتىمۇ ئاچ، يانچۇقىدا پۇلمۇ يوق ئىكەن. دۇكاندا ئولتۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ ئىش ئېلىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپتۇ. بىر چاغدا چۆرە ئايال كىرىپ كېلىپ: خېنىم قىچقىرىۋاتىدۇ دەپتۇ. يولۇڭغا ماڭ! لولى، خېنىمىڭ بىلەن ئىشىم يوق! دەپتۇ ئۇكام ئاچچىقى بىلەن پېشانىلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ. چۆرە بېرىپ خېنىمىغا بۇ گەپنى يەتكۈزۈپتۇ. ئارىدىن ئانچە ئۆتمەي، خېنىم دېرىزىگە كېلىپ كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ، يىغلاپ تۇرۇپ: ئەي قەدىرلىك سۆيگۈنۈم! نېمىشقا سېنىڭ مەن بىلەن ئىشىڭ بولمايدۇ؟ - دەپ زارلىنىپتۇ، - ياكى ۋەدەڭنى بۇزدۇڭمۇ؟ ۋاپا جاپا دېگەن شۇمۇ؟. ئۇكام جاۋاب بەرمەپتۇ. ئايال  تۈگمەندە بولغان ئىشقا ئۆزىنىڭ ھېچ ئالاقىسى يوقلۇقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تامامەن ئەيىبسىزلىكىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇكام خوتۇنغا كۆز ساپتۇ. قارىسا ئۇنىڭ ھۆسنى يېقىملىق، سۆزلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىپ تاشلىغاندەك بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. ئۇكام دەرھال ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئۇ خوتۇننىڭ ئەھۋالىنى سوراپتۇ. ئايال بىر ئاز سۆزلىشىپ خەيرىلىشىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ئۇكام ئەمدىلا ئولتۇرغانىكەن، چۆرە خوتۇن يەنە كىرىپ كەپتۇ: خېنىم سىزگە سالام ئېيتتى. بۈگۈن خوجىمىز مېھماندارچىلىققا بېرىپ شۇ يەردە قونۇپ قالىدۇ. ئۇ كەتكەندىن سىز بىزنىڭكىگە كىرىپ  تاڭ ئاتقۇچە خېنىم بىلەن بىللە بولىدىكەنسىز دەپتۇ.
خوتۇننىڭ ئېرى ئۇكامنى خوتۇنىدىن قانداق يول بىلەن كۆڭۈلسىزلەندۈرۈشنى سۆزلىگەندە، خوتۇنى: ئۆزۈم بىر ئىلاجىنى قىلىپ بۇ شەھەردىن ئۇنى قۇغلاندى قىلىمەن دېگەنىكەن. لېكىن ئۇكامنىڭ بۇ ئىشتىن تامامەن خەۋىرى يوق ئىكەن، كەچ بوپتۇ. چۆرە خوتۇن كىىرپتۇ. ئۇ، ئۇكامنى بىللە ئېلىپ كىرىپ كېتىپتۇ. خوتۇن ئۇكامنى كۆرۈش بىلەنلا: مەن سېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، سېغىنىپلا تۇرىمەن دەپ يۈزىدىن سۆيۈۋاپتۇ. ئۇكاممۇ ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيمەكچى بولۇپ لېۋىنى تەگكۈزگۈچىلىكمۇ بولمىغانىكەن، بىردىنلا ئېرى چىقىپ، ئۇكامغا ۋارقىراپ: سەن بىلەن پەقەت شەھەر ھاكىمى ئالدىدىلا سۆزلىشىمەن دەپتۇ. ئۇكام يېلىنىپتۇ. لېكىن ئۇ قۇلاق سالماي ئۇنى تىللاپ ھاقارەت قىپتۇ. ئاخىرى ئۇكامنى ھاكىم ئالدىغا سۆرەپ بېرىپتۇ. ھاكىم ئۇكامغا بىر نەچچە دەررۇ ئۇرۇش، كېيىن تۆگىگە تەتۈر مىندۈرۈپ شەھەر كوچىلىرىدا سازايە قىلىپ شەرمەندە - رەسۋاسىنى چىقىرىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇنى تۆگىگە تەتۈر مىندۈرۈپ، بازار كوچىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ سازايە قىلغاندا جاكارچى: ئېرى بار نامەھرەم خوتۇنغا ئېسىلغاننىڭ جازاسى شۇ دەپ ۋارقىراپتۇ. ئاخىرىدا ئۇكامنى شەھەردىن ھەيدەپتۇ. ئۇكام شەھەردىن چىقىپ نەگە بېرىشنى بىلمەي تىنەپ يۈرگەندە مەن ئارقىسىدىن ئىزدەپ بېرىپ ئۇكامنى تاپتىم. ئۇنى ئۆز ئۆيۈمدە ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بەردىم. ھازىرغىچە ئۇنى ئۆز ئۆيۈمدە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.
خەلىپە مېنىڭ ھېكايەمنى ئاڭلاپ كۈلدى. بەللى، كەم سۆز، دانا ئادەم دېدى. مېنى يولغا سېلىپ قويۇشقا، ئالدى بىلەن ھەدىيە بېرىشكە بۇيرۇدى. مەن باشقا بەش ئۇكامنىڭ ھەممىسىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى جانابىڭىزغا ئېيتىپ تامام قىلمىغۇچە ھېچ نەرسە ئالمايمەن. لېكىن مېنى ئەزمە، دەپ ئەيىبلىمەسلىكىڭلارنى، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشىڭلارنى سورايمەن دېدىم. خەلىپە: سۆزلە! دېدى.

ساتىراشنىڭ ئىككىنچى ئۇكىسى
ئىككىنچى ئۇكامنىڭ ئىسمىنى ئەلھەددار يەنى ۋارقىرىغاق دەيدۇ. ئۇ بىر كۈنى ئۆز ئىشى بىلەن كوچىدا كېتىۋېتىپ ئۇشتۇمتۇتلا بىر بۈۋىگە دۇچ كېلىپ قاپتۇ. بىر ئاز تۇرۇپ تۇرغىن، ئەي ياخشى كىشى، - دەپتۇ بۈۋى، - ساڭا بىر ئاز گېپىم بار. ئەگەر ماقۇل كەلسە قىلىپ بېرەرسەن، بولمىسا ئۆزۈڭ بىلەرسەن. ئۇكام قۇلاق ساپتۇ. بۈۋى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: مەن ساڭا بىر گەپ قىلىمەن، شۇ ئىشنى قىلىشتا ئۆزۈم يول كۆرسىتىمەن، پەقەت ئەزمىلىك قىلماسلىقىڭ ياكى كاجلىق قىلىپ ۋارقىرىماسلىقىڭ شەرت. قېنى ئېيت دەپتۇ ئۇكام.
ياخشى ئۆيلەر، ياخشى جايلار، ھەر تەرەپتە سۇلار شىر - شىر ئېقىپ تۇرغان، ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر مەي باغلىشىپ پىشىپ تۇرغان، شۇنداق باغ، شۇنداق جاي چىرايلىق قىزلارنى ئاخشامدىن تاڭ ئاتقۇچە قۇچاقلاپ يېتىشقا ئەلۋەتتە خۇشتار بولساڭ كېرەك دەيمەن. لېكىن مەن نېمە دېسەم شۇنى قىلساڭ، ھەرگىز ئەزمىلىك قىلمىساڭ، ئاندىن شۇنڭغا ئۇلىشالايسەن دەپتۇ بۈۋى. ئۇكام: بۈۋى، بۇ ئىش ئۈچۈن نېمىشقا پەقەت مېنىلا تاللىدىڭ؟ دەپ سوراپتۇ. بۈۋى: سېنىڭدە ماڭا ياقىدىغان خۇسۇسىيەت بار ئىكەن، پەقەت ئەزمە بولمىساڭلار بولدى دەپ ئېيتتىمغۇ؟ جىم تۇر، ئىشىڭ بۇ تەرىپىنى ماڭا قويۇپ بەر، سەن ئارقامدىن مېڭىۋەر! دەپتۇ ئۇ يولغا چۈشۈپ، ئۇكام بۈۋىنىڭ ئېيتقان نەرسىلىرىدىن تەمە قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىۋېرىپتۇ. بىر كەڭ ھويلىغا كىرىشىپتۇ. ئۇ يەردە قۇللارمۇ بار ئىكەن. بۈۋى شوتىدىن بالىخانىغا چىقىپتۇ. قارىسا ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر ساراي ئىكەن. ئۆي ئىگىلىرى ئۇكامنى كۆرۈپ: سېنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ كەلدى؟ دەپ سوراپتۇ. بۈۋى ئۇلارغا قاراپ: قويۇڭلار، ئۇنىڭغا تەگمەڭلار! چۆچۈتمەڭلار، بۇ خىزمەتكار، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن ئۆزۈم ئېلىپ كەلدىم. بۇ بىزگە كېرەك دەپتۇ.
ئۇكام بۈۋى بىلەن ناھايىتى زىننەتلەنگەن بىر ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۇ يەردىكى خوتۇنلار ئۇكامنى كۆرۈپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ سالام بېرىشىپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ يانلىرىدىن جاي كۆرسىتىشىپتۇ. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئۇكامغا قاتتىق قىقاس - سۈرەن ئاڭلىنىپتۇ. بىردىنلا بىر قانچە كېنىزەكلەر يېتىپ كېلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىز بەك كېلىشكەن، بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن. ئۇكام ئۇنىڭغا تىكىلىپتۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئېگىلىپتۇ، قىزمۇ ئۇنىڭغا سالام بېرىپتۇ. قىز ئۇكامغا بۇرۇلۇپ: نېمە ياخشىلىقىڭ، قانداق خىسلىتىڭ بار؟ دەپ سوراپتۇ. ياخشىلىقىم ئىچىدە دەپتۇ ئۇكام. قىز تاماق ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ كېلىشىپتۇ. قىز تاماق يېيىشكە كىرىشىپتۇ، لېكىن كۈلۈشتىن توختىماپتۇ. ئۇكام ئۇنىڭغا قارىغانىكەن، قىز كۆزىنى قاچۇرۇپ كېنىزەكلەرگە قاراپتۇ. كېيىن قىز ئۇكامغا سۆيگۈ ئىزھار قىپتۇ، چاقچاق باشلاپتۇ. پەمسىز ئۇكام قىزغا ناھايىتى بېرىلىپ كەتكەندىن كەتكەنلىكىدىن ھېچ نەرسىنى سەزمەپتۇ: قىز مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەقسىدىمگە يېتىدىغان بولدۇم دېگەن ئۈمىدتە بوپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ ئىچىملىك كەلتۈرۈپتۇ. يەنىمۇ چىرايلىق كېنىزەكتىن ئونى پەيد بوپتۇ. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھەر تۈرلۈك سازلار بار ئىكەن. ئۇلار سازغا تەڭكەش قىلىپ يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ. ئۇكام ھەيران بوپتۇ، قىزغا ئاياق تۇتۇپتۇ. ئۇ ئىچىپتۇ. كېيىن كېنىزەكلەر ئىچىپتۇ. ئۇكام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىۋاتقانلارغا خۇشامەت قىلىپ: سالامەتلىك ئۈچۈن! دەپتۇ. ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دەممۇ دەم تىز چۆكۈرۈپتۇ. كېيىن قىز ئۇكامغا يەنە ئاياغ تۇتۇپتۇ. ئۇكام ئۇنى ئېلىپ ئىچىۋاتقاندا، قىز ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ تەستەك بىلەن ئۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇكام يامانلاپ چىقپ كەتمەكچى بوپتۇ. بۈۋى كېلىپ كۆزى بىلەن قايت! دېگەندەك ئىشارەت قىپتۇ. ئۇ قايتىپتۇ. قىز ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغانىكەن، ئۇ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇكام ھېچ نەرسە سۆزلىمەپتۇ. قىز يەنە مۈرىسىگە ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. بۇ يەتمىگەندەك كېنىزەكلىرىگىمۇ ئۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ يەردە سىز دېگەن ياخشىلىقنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ؟ دەپتۇ ئۇكام بۈۋىگە. توغرا! دەپتۇ بۈۋى. ئۇلار ئۇكامنى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈپتۇ. ئۇكام تاياقتىن قېچىپ ھاجەتكە چىقماقچى بولۇۋاتقانىكەن. بۈۋى: بىر ئاز سەۋر قىل! مەقسىتىڭگە يېتىسەن دەپ ئۇنى قايتۇرۇپتۇ. قاچانغىچە سەۋر قىلىمەن، شاپىلاق زەربىدىن ھەممە يېرىم كۆكىرىپ كەتتى دەپتۇ ئۇكام. ئۇ مەست بولسا، - دەپتۇ بۈۋى، - مەقسىدىڭگە يېتىسەن. بىر ئاز سەۋر قىل! ئۇكام ئۆز جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ھەممە كېنىزەكلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپتۇ. قىز كېنىزەكلەر ئۇكامنى ئىسقا تۇتۇپ يۈزىگە سېرىق بوياق سۈركەشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇلار شۇنداق قىپتۇ. كېيىن قىز يەنە مۇنداق دەپتۇ: سېنى خۇدا ئەزىز قىلسۇن. ئۆيۈمگە كىردىڭ، شەرتلىرىمنى ئورۇندىدىڭ، ماڭا قارشىلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدىگەنىدىم، كىم سەۋرلىك بولسا شۇ مەقسەتكە يېتىدۇ. ئەي مەلىكەم، - دەپتۇ ئۇكام، - مەن سېنىڭ قولۇڭمەن. مەن خۇشچاقچاقلىقنى سۆيىمەن. ماڭا ئىتائەت قىلغانلار خالىغىنىنى قىلىدۇ ۋە ئالىدۇ دەپتۇ قىز، ئاندىن پۈتۈن كېنىزەكلەرگە ۋارقىراپ تۇرۇپ: باشلاڭلار! دەپ ناخشا ئېيتىشنى بۇيرۇپتۇ. كېيىن يەنە بىر كېنىزەككە: سەن بۇ كىشىنى ئېلىپ بېرىپ كېرەكلىك ئىشىڭنى قىل! كېيىن مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەل! دەپتۇ. كېنىزەك ئۇكامنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇكام ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي ئارقىسىدىن مېڭىۋېرىپتۇ. بۈۋى بولسا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ: سەۋر قىل! ئازغىنا قالدى، مەقسىدىڭگە چوقۇم يېتىسەن! دەپتۇ. ئۇكامنىڭ يۈزىگە ماي سۈركەپتۇ. ئۇ، قىزغا يېقىن كەپتۇ. بۈۋى ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ: يەنە بىر ئاز سەۋر قىل! چوقۇم مەقسىدىڭگە يېتىسەن! دەيدىكەن. بۇ كېنىزەك مېنى نېمە قىلماقچى، ئېيت! دەپتۇ ئۇكام بۈۋىگە. بۇ يەردە ھېچ كۆڭۈلسىز ئىش يوق! كېنىزەك سېنىڭ قېشىڭنى بوياپ، ساقال - بۇرتۇڭنى چۈشۈرىدۇ! دەپتۇ بۈۋى. بوياقنىغۇ يۇيسا چىقىپ كېتىدۇ. ساقال - بۇرتۇمنى چۈشۈرۈش ئېغىر ئىش، مەن خەلق ئالەم ئالدىدا قانداق يۈرۈيمەن! دەپتۇ ئۇكام. قارشىلىق قىلما! ئۇنىڭ كۆڭلى ساڭا باغلانغان. ساقىلىڭ بىلەن قىزنىڭ قېشىغا بارساڭ، ئۇنىڭ نازۇك يۈزىگە ساقىلىڭ سانجىلسا، يەنە كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولىدۇ! ئۇ سېنى ساقالسىز كۆرۈشنى ئىستەيدۇ. مەيلى قېشىڭنى بوياپ ساقال - بۇرتۇڭنى چۈشۈرسە چۈشۈرسۇن! دەپتۇ. شۇ چاغدا قىز: توغرا دېدىڭ. ئەمدى بىر نەرسە، يەنى ساقال قالدى، ئۇ بولسىمۇ بولمايدۇ. بۇرۇتىنىمۇ قويماي چۈشۈرۈڭلار! ئۇ ياش بالىدەك ساقالسىز بولسۇن! دەپتۇ.
كېنىزەك ئۇكامغا قىزنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپتۇ. ئەخمەق ئۇكام بولسا: ئادەملەردىن تەنە گەپ ئاڭلاپ قانداق باش كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن! دەپتۇ. يۈزۈڭدە ئۇنىڭ يۈزىگە قادىلىدىغان بىر نەرسە قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇيرۇغان ئىشنى ئادا قىل! ئەمدى مەقسىدىڭگە يېتىدىغان ۋاقتىڭ كەلدىغۇ؟ دەپتۇ بۈۋى. ئۇكام كېنىزەككە بويسۇنۇپتۇ. ساقىلىنى چۈشۈرۈپتۇ. كېنىزەك ئۇنى قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. قارىسا قاشلىق ئېتىلگەن، ساقال - بۇرۇتلىرى چۈشۈرۈلگەن، يۈزى تۈرلۈك رەڭلەردە بويالغان. قىز ئەجەبلەنگەنلىكىدىن كۈلۈۋېرىپ يەرگە دومىلاپ كېتىپتۇ. چىرايلى يۈزۈڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە باغلىدىڭ. ئەمدى بىر ئاز ئويناپ بەرگىن! دەپتۇ قىز. ئۇكام ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلاپتۇ. كېنىزەك ئۇنىڭغا ياستۇقمۇ، مېۋىمۇ، شۆپۈكىمۇ، ئىش قىلىپ، نېمە چىقسا شۇ نەرسە بىلەن ئۇكامنى ئۇرۇپ ئېسىنى قويماپتۇ. بۈۋى ئۇكامغا: ئەمدى مەقسىدىڭگە يەتتىڭ. كۆرسەتمىگەن ھېچ قانداق ھۈنەر قالمىدى. پەقەت بىرلا ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ مەستلەردەك ئىشتان - كۆڭلىكىڭنى يېشىپ قىپيالىڭاچ بول! شۇنداق قىلمىساڭ ئۇ ھېچ نەرسىگە ئۇنىمايدۇ. قىز سېنى يېشىندۈرۈپ، ئۆزىنى قۇچاقلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ ئالدىڭغا كېلىپ قاچىدۇ. سەن كەينىدىن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ قوغلايسەن. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ، ساڭا بويسۇنىدۇ، كىيمىلىرىڭنى يەش، چاققان بول! دپتۇ. ئۇكام مەست ئىكەن، پۈتۈن كىيىملىرىنى يېشىپ يالىڭاچ بوپتۇ.
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-04-04 13:14 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مىڭ بىر كېچە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072071(s) query 3, Time now is:10-23 02:29, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation