مىڭ بىر كېچە (29) BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مىڭ بىر كېچە (29) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 803ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مىڭ بىر كېچە (29)


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-04)
- ئەي بەختلىك شاھ، - دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، - ساڭا ئوخشاش ئىلمىي نۇجۇمغا ماھىر ساتىراشنى ئۆمرۈمگە كېلىپ كۆرمىگەنىدىم. سېنىڭ سۆزلىرىڭ بىر تىيىنگىمۇ ئەرزىمەيدۇ. بول، قۇرۇق گەپنى مەن ياخشى كۆرمەيمەن. مەن سېنى چاچ ئالدۇرۇشقا قىچقارتقانىدىم. ھېلى ئۇياقتىن، بۇياقتىن تايىنى يوق سۆزلەنى بىلجىرلاۋېرىپ مېنى زىرىكتۈردۈڭ. بۇ قانداق ئىش؟ - دېدىم. ئاجايىپ ئىش دېدى ساتىراش، - كەم سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، سۆزگە بېخىللىقىمدىن يەتتە تۇغقان ئۇكامنىڭ ئارىسىدا پەقەت مېنىڭلا لەقىمىم ئەسسامىت يەنى كەم سۆز دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر. ئەڭ چوڭ ئۇكامنىڭ ئىسمى ئەلبەكبۇك يەنى ئەزمە؛ ئىككىنچى ئۇكامنىڭ ئىسمى ئەلھددار يەنى ۋاقىرىغاق؛ ئۈچىنچى ئۇكامنىڭ ئسىمى بەقىق يەنى غەلۋىچى؛ تۆتىنچى ئۇكامنىڭ ئىسمى ئەلقۇز زۇلسانى يەنى ئاغزى ئاچچىق، يەكچەشمە؛ بەشىنچىسىنىڭ ئسىمى ئەلەششار يەنە ئېلىپ قاچار؛ ئالتىنچى ئۇكامنىڭ ئسىمى شەقالۇق يەنە پوچى.
ساتىراش سۆزىنى ئۇلاپ كېتىۋاتقانىدى. يۈرىكىم يېرىلىپ ئۆلۈپ قېلىشىمغا ئەقلىم يەتتى. خىزمەتچىنى قىچقاردىم. بۇنىڭغا تۆت تەڭگە بېرىپ يولغا سال! چاچ ئالدۇرىدىغان ۋاقىت تۈگىدى. ئەمدى چاچ ئالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق! دېدىم. بۇ نېمە گەپ؟ - دەپ ھودۇقتى ساتىراش، - مەن ساڭا خىزمەت قىلماي ھەق ئالمايمەن! ئەلۋەتتە خىزمەت قىلىشم كېرەك. سەن مېنىڭ قەدىرىمگە يەتمىسەڭ، مەن سېنىڭ قەدرىڭگە يېتىمەن. چۈنكى ئاتاڭ رەھمەتلىك كۆپ ياخشى، قولى ئوچۇق، كۆپنى كۆرگەن ئادەم ئىدى. ئۇمۇ، خۇددى شۇنداق مۇبارەك بىر كۈندە ئادەم ئەۋەتكەنىدى، كەلدىم. ئالدىدا بىر قانچە ئاغىنە - بۇرادەرلىرى بار ئىكەن. ماڭا قان ئېلىشنى مەسلىھەت سالدى. مەن دەرھال ئۇستىرلاپنى كۆتۈرۈپ كۆردۈم. قارىسام يۇلتۇزلار ھېسابات ۋاقتى مۇۋاپىق ئەمەس، قان ئېلىش ۋاقتى ئەمەس ئىدى. قازايى ئىلمىي نۇجۇمنى ئاتاڭغا ئېيتتىم. ئىخلاس قىلغىنىدىن لام - جىم دېمىدى. ئىلمىي نۇجۇم ۋاقتى كەلگۈچە سەۋر قىلدى. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن نىجاتلىق سائىتى كەلگىنى مەلۇم بولدى. قان ئېلىشقا باشلىدىم. مەرھۇم ئاتاڭ مىننەتدارلىق ئىزھار قىلدى. شۇ يەردە ئولتۇرغانلارمۇ خۇش بولۇشتى. خىزمەت ھەققىم ئۈچۈن رەھمەتلىك ئاتاڭ يۈز تەڭگە بەردى. سەندەكلەرگە ئورۇنسىز پۇل چاپقان ئاتام گۆرىدىمۇ تىنجىمىسۇن! دېدىم. ساتىراش: ئەستەغپىرۇللا، سۇبھاناللا، - دەپ ھولۇقۇپ سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى، - مەن سېنى ئەقىل ئىگىسى، ئىدراكلىق، پەمى بار، دەپ پەرەز قىلاتتىم. سەن كېسەلنىڭ تەسىرى بىلەن بۇنداق ئورۇنسىز سۆزلەرنى دەپ گۇناھ قىلىۋاتامسەن؟ ئۇنداق بولسا سەن بۇ كەمچىلىكتىن خالىي. مەن ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن. نېمە سەۋەبتىن بۇنچىلىك ئالدىراۋاتقىنىڭنىمۇ چۈشىنىمەن. مەرھۇم ئاتاڭ مەندن مەسلىھەت ئالماي ھېچ ئىشنى ئىشلىمەيتتى. چۈنكى ھەدس شەرىپتە ئېيتىلغان مەسلىھەتنىڭ مەنپەتلىرىنى ئاتاڭ ياخشى بىلەتتى. سەن ياخشىراق ئويلان! مەندىن باشقا داناراق ئادەم تاپالمايسەن. مەن پۇت تىرەپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن. خاپا بولمايمەن. ئەمما سەن بولساڭ بىر يەردە ئولتۇرۇپمۇ سىقىلىۋاتىسەن. ئاتاڭنى ھۆرمەت قىلغىنىم ئۈچۈن، بۇ ىلغىنىڭغىمۇ چىدايمەن. ئەزبىرايى خۇدا! سۆزنى يەنە ئۇزارتتىڭ. سېنىڭدىن سورادىغان مەسلىھەتىم يوق ئىدىغۇ؟ چېچىمنى ئال - دە، يولۇڭغا ماڭ! دېدىم. بىلىمەن، - دېدى ئۇ گپىنى يەنە باشلاپ، - مەندىن قاتتىق رەنجىدىڭ! لېكىن  مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئالمايمەن، يەنىلا كەچۈرىمەن. چۈنكى سېنىڭ ئەقلىڭ توشمىغان، ھېلى ياشسەن. تېخى يېقىندىلا سېنى مۈرەمگە ئېلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغانىدىم،. خۇدا رازى بولسۇن! - دېدىم مەن ئۇنىڭغا، - ئىشىمدىن قالدىم. سەنمۇ ئۆز يولۇڭغا ماڭ! مەنمۇ ئىشىمغا باراي! شۇ چاغدىلا ئۇ قولىغا ئۇستىرا بىلەن بۈلەينى ئالدى، ئۇستىرىنى بۆلەيگە قايتىدىن بۈلۈشكە كىرىشتى. تۇتۇپ كۆرۈپ بېقىپ يەنىلا بۆلەيتتى، ھېچ توختاتمايتتى. بىر ئايىغىنى يەردىن ئېلىپ، ئىككىچنى ئايىغىنى تىرەپ بۆلەشكە كىرشتى. جېنىم بوغىزىمغا كېلىپ قالدى. ئاخىرى چېچىمغا ئۇسترا سالدى. ئازراق چۈشۈرۈپ قويۇپ يەنە گەپ باشلىدى: ئەي ئوغلۇم، كىتابلاردا ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاننىڭ ئىشى دېگەن شېئىر بار، ئاڭلا:
ئالدىدىن ئويلاپ ئىش قىلغان ئاخىرىدا ھولۇقماس،
شەپقەت كۈتسەڭ كىشىدىن ئۆزۈڭمۇ رەھىمدىل بول!
زۇلۇم قىلمىساڭ كىشىگە زالىملارمۇ يولۇقماس،
ئۇرۇق سالساڭ نېمىكى، ئالىسەن شۇنىڭدىن ھوسۇل!
مەن سېنى بىلىدۇ ۋە تونۇيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئەپسۇسكى مېنىڭ قولۇم پادىشاھ، ئەمىر، ۋەزىر، ھاكىم، ئالىم ۋە پۇقرالارنىڭ باشلىرىنى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنسەن. ماڭا ئوخشىغانلارنى شائىر مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن:
قولۇمدىكى بۇ ھۈنەرنى ئويلىما،
ھۈنەرلەرنىڭ پەسراقى دەپ، قېرىنداش.
بارچە كاسىپ يىپقا تىزىلغان مەرۋايىت،
ئۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزراقى ساتىراش.
ئىشقا چۈشەر بولسام ئەگەر ھەر ۋاقىت،
تەسلىم بولار، شاھۇ، گاداي، قېرى - ياش.
گەپنى سوزغانىدى. بۇ گەپلەرنى قويساڭچۇ، ئاتا، يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتتى! دېدىم. پەمىمچە ھازىرمۇ ئالدىراۋاتقاندەك تۇرىسەن؟ دېدى ساتىراش. ئاھ دېدىم مەن غەزەپ بىلەن. ئېغىر بول، بالام، - دېدى ساتىراش، - مەن ھېلىلا دېدىم، ئالدىراقسانلىق شەيتاننىڭ ئىشى، ئالدىراقسانلىق كىشىگە غەم - قايغۇ ئېلىپ كېلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئالدىرىماي قىلىنغان ئىش ياخشى نەتىجە بېرىدۇ دېگەن. سېنىڭ ئالدىراقسانلىقىڭ مەندە گۇمان پەيدا قىلدى. ئىشىڭدىن مېنى خەۋەردار قىلساڭ. چۈنكى مېنىڭ مەسلىھەتىم بىلەن قىلغان ئىشڭ نەتىجىسىز قالماس دەپ ئويلايمەن، ئۇ ئۇستىرىنى يەرگە قويۇپ، ئۇستىرلاپنى قولىغا ئالدى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ، كۈننىڭ نۇرىغا توغرىلىدى. بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: ناماز جۈمەگە ئانداق - مۇنداقمۇ ئەمەس، توپ توغرا ئۈچ سائەت ۋاقىت قاپتۇ دېدى. قۇرۇق گەپ قىلىۋېرىپ ئىچىمنى تىت - تىت قىلىۋەتتىڭ دېدىم مەن. ئۇ يەنە سۆز باشلىدى: ۋەقەنى ماڭا ئېيتساڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ ياخشى بولاتتى. چۈنكى ئاتاڭ مەرھۇممۇ، مەندىن مەسلىھەت سورىماي تۇرۇپ ئىش قىلمايتتى. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجى يوقلۇقىغا كۆزۈم يەتتى. ناماز ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى. مەن كىشىلەر نامازدىن چىقماستىن بۇرۇن، بارىدىغان يېرىمگە ئۈنۈشۈم كېرەك ئىدى. بىر ئاز كەچ قالسام ئىشىم بۇزۇلىدۇ دەيتتىم ئىچىمدە. سۆزنى قىسقا قىل! مەنىسىز سۆزلەرنى قوي! بىر يولدىشىمنىڭ ئۆيىگە زىياپەتكە بارىمەن. ئۇنىڭغا بازاردىن بىرەر نەرسىلەر ئېلىشىم كېرەك. قۇرۇق قول بېرىشقا بولمايدۇ. ۋاقىت بولسا قىستاپ كەلمەكتە دېدىم. ئەجەپمۇ ئېسىمگە سالدىڭ، ئوغلۇم، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ، دېدى ئۇ، - نېمە ئۈچۈن مۇبارەك بولدى؟ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، مەنمۇ بىر قانچە ئادەملەرنى بۈگۈن ئۆيگە تەكلىپ قىلغانىدىم. لېكىن ئۇنتۇلۇپ قېلىپ ھېچ نەرسە ھازىرلىماپتىمەن. ئەگەر سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن ئەسلىمىسەم تازىمۇ شەرمەندە بولىدىكەنمەن. ئەمدى ئىش قىلايلى! خاتىرجەم بول! - دېدىم مەن، - ئەگەر مېنى تېزراق قۇتقۇزساڭ مېھمانلىرىڭغا كېتىدىغان يېمەك - ئىچمەكنىڭ ھەممىسىنى مەن بېرەي ئۇ: خۇدا ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، مېھمانلىرىم ئۈچۈن بېرىدىغانلىرىڭنى سۆزلە، ئۆيۈڭدە نېمە بار؟ كۆڭلۈم تىنىم تاپسۇن! دەپ تۇرۇپلىۋالدى. بەش خىل تاماق، ئۇن، تۇزلانغان توخۇ، ھەر خىل شىرنىلىكلەر بار دېدىم مەن. شۇلارنى ماڭا ھازىرلا كۆرسەتسەڭ كۆڭلۈم تېخىمۇ ئارام ئاسا! دېدى ئۇ. مەن خىزمەتچىگە ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدۇم. خىزمەتچى ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدۇم. خىزمەتچى ھەممىنى ئېلىپ كەلدى. شاراب كەم ئىكەن! دېدى ئۇ بىر قۇر قاراپ چىقىپ، ئۇمۇ بار دېدىم مەن. شارابنى كۆرسەت، كۆڭلۈمدە ئەندىشە قالمىسۇن! دېدى ئۇ. شارابنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدۇم. خىزمەتچى ئۇنىمۇ ئېلىپ كەلدى. ھېسابسىز مىنەتدارمەن دېدى ئۇ كېيىن تۇتۇرۇق بىلەن ئەتىر يوق ئىكەن دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئەللىك تەڭگىلىڭ ئەتىرنى قۇتىسى بىلەن تۇتقۇزدۇم، ۋاقىت خۇددى يۈگۈرگەندەك قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. خاتىرجەم بولدۇڭمۇ؟ بۇلارنى ئال، تېز چېچىمنى چۈشەر دېدىم. ھەممىنى ئۆز قولۇم بىلەن بىرمۇ بىر ئېنىقلاپ تۇتۇپ كۆرمىسەم تىنجىمايمەن دېدى ساتىراش. خىزمەتچى ھەممە نەرسىنى بىرمۇ بىر ئېچىپ كۆرسەتتى. ئۇستىرىنى يەرگە قويۇپ ھەممە نەرسىنى بىرمۇ بىر ئۆتكۈزۈپ ئالدى. كېيىن ئۇستىرىنى قولىغا ئېلىپ چېچىمنى يەنە بىر ئاز چۈشۈردى. ئەي ئوغلۇم، - دېدى ئۇ يەنە سۆز باشلاپ، - مەن ساڭا رەھمەت ئېيتايمۇ؟ ئاتاڭغا رەھمەت ئېيتايمۇ؟ بۈگۈن زىياپىتىم پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ ئارقىسىدىلا ئوبدان تەييارلاندى. ئەمما مېھمانلىرىممۇ شۇنىڭغا ئەرزىيىدىغان كىشىلەردىن. مەسىلەن، ھاممامچى زەيتۇن سەئىد، تۆگىچى گۈلەخ خېلىل، تېزەكچى ئوبۇلقاسىم، پوقاق خەننات، قارىباي زىقنە، سېلىم قاراۋۇل، بۇخىت ئاتباقار، ئوگۇل كۆكتاترچى. بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوينايدىغان ئۇسۇللىرى، ئوقۇيدىغان غەزەللىرى بار. بۇلارمۇ پېقىرغا ئوخشاش ئارتۇقچە سۆز قىلمايدىغان، دانىشمەن ئادەملەردىن. بۇلارنىڭ ھەر بىر بۆلەكچە بىر پەزىلەتكە ئىگە، ئۇنىڭ ئىچىدە خۇشسۆھبەت بىرى بار. ئۇ دائىم ئاياللار ئالدىدا سىرىڭنى ئاچما! دېگەن بىر مىسرا شېئىر بىلەن ئەقىللىق كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىدە بار خۇسۇسىيەت باشقا بىرىدە يوق. مەسىلەن، بىرى لەتىپىگە ئۇستا. ئەگەر بىزنىڭ سۆھبىتىمىزگە بارساڭ بىز ئۈچۈنمۇ، كۆڭۈللۈك بولاتتى. ھېلى ئېيتقان دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە بۈگۈن بارما، چۈنكى سەندە ھېلىقى ئاغرىقنىڭ تەسىرى بار. كۆپىنچە زىياپەتلەردە كىشى ئورۇنسىز گەپلەرنى تولاراق سۆزلەيدىغان كاسكى - ئەزمە ئادەملەرگە دۇچار بولىدۇ. ئەمما ئۇنداق ئادەملەر ساڭا توغرا كەلمەيدۇ. سەن قىلىسەن، خاپىغان كېسىلى شۇنىڭدىن پەيدا بولىدۇ. خۇدا خالىسا باشقا بىر ۋاقىتتا بارىمەن دېدىم مەن. ياق! - دېدى ئۇ، - بۈگۈنلا بارغىن. ۋاقىت غەنىيمەت. ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن بەھرە ئال! شائىر ئېيتقاندەك:
خۇش ۋاقىت كەلسە ساڭا،
بىل غەنىيمەت سەن ئۇنى.
ھېچكىم بىلمەس سۈرۈلگەن،
ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى.
بىر نەپەسلىك خۇرسەنلىكىنى قولدىن بەرمە،
غەمگە چۆكمە، سېنى شادلىق كۈتمەكتە.
تەشۋىشلەرگە بوش كۆڭۈلدىن جاي بەرمە،
دەم غەنىيمەت، ئۆمرۈڭمۇ تېز ئۆتمەكتە.
بۈگۈنكى كۈنۈڭنى ئەتىگە تاپالمايسەن! دېدى سۆزىنى داۋام قىلىپ ئۇ. ئاچچىقىمغا چىدىماي كۈلەتتىم. مەيلى مەن بىر ئاماللاپ بېرىپ كېلەرمەن. ئەمما سەن يولۇڭدىن قالما! دوستلىرىڭ سېنى كۈتۈپ تۇرۇشقاندۇر دېدىم مەن. ياپوق! - دېدى ئۇ، - مەن سېنى ئۇلۇغ ئادەملەر بىلەن تونۇشتۇرماقچىمەن. تولا ئادەملەر ئەزمە گەپلىرىنى قىلىۋېرىپ دىققىتىڭنى ئاشۇرۇپ قويىدۇ. لېكىن ئۇلار ماڭا ئوخشاش ئادەملەر بولۇپ، ئارتۇق سۆزلىمەيدىغان كىشىلەردۇر. زۆرۈر جايىغا لازىم بولسا ئىككى ئېغىزلا سۆز قىلىپ بولدى قىلىدۇ. بولمىسا يوق ئەگەر سەن ئۇلارنى بىر قېتىملا كۆرسەڭ باشقا ئۈلپەتلىرىڭدىن كېچىسەن. ئەلۋەتتە بىر كۈنى بارىمەن دېدىم مەن. بۈگۈن بېرىشىڭنى خالايتتىم، - دەپ سۆزلەپلا كەتتى ئۇ، - بولمىسا مەسلىھەت شۇكى، مېھمانلىرىمغا بەرگەن نەرسىلىرىڭنى مەن ئۆزۈم بېىلىپ باراي، سەنمۇ بىللە بار. ئەگەر سەن ئۆز دوستلىرىم قېشىغىلا بارىمەن دەيدىغان بولساڭ مەن بۇ نەرسىلىرىمنى ئۆيۈمگە ئېلىپ بېرىپ قوياي، ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلىتىپ تۇرسۇن، يەپ - ئىچىپ ئويۇننى ئويناۋەرسۇن، مەن قايتىپ كېلەي، سېنىڭ بىلەن بىللە سەن بارىدىغان جايغا باراي. مېنىڭ دوستلىرىمغا بۇ ئىش ھېچ ئېغىر كەلمەيدۇ، دەرھال قايتىمەن دوستلىرىڭنىڭ يېنىغا بار. مېھماندارچىلىقنى قىلىپ، دوستلىرىڭنى خۇش قىل! ماڭىمۇ دوستلىرىمنىڭ يېنىغا بېرىشقا يول قوي! مەن سېنى يالغۇز ئۇ يەرگە ئەۋەتىشكە رازى ئەمەسمەن، - دېدى ئۇ، - چۈنكى ھەر جايغا بارساڭ ساڭا مېنىڭدەك دانا، ھوشيار، ئىش كۆرگەن، كېڭەشچى بىر كىشىنىڭ بولۇشى لازىم. سەن مەندىن ياخشىراق، داناراق كىشىنى تاپالمايسەن. مەن بارىدىغان جايغا ئۆزۈمدىن باشقا ھەر قانداق ئەقىللىق كىشىمۇ سىغمايدۇ دېدىم. پەرەز قىلىشىمچە، سەن بىر خوتۇن كىشى بىلەن ۋەدىلەشكەن ئوخشايسەن. شۇنىڭ ئالدىغا بارىدىغاندەك تۇرىسەن. بولمىسا مېنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ بارار ئىدىڭ. بۇ ھەقتە مەن باشقىلارغا قارىغاندىمۇ تەجرىبىلىك مەن. ساڭا ياردەم قىلىمەن. ئەندىشە قىلىمەنكى، سەن بىر يات خوتۇننىڭ يېنىغا بارىدىغاندەك تۇرىسەن. ئۇنداق قىلساڭ بىكارغىلا ھالاك بولىسەن، بېشىڭ كېتىدۇ. بۇ باغداھ شەھىرىدە ھېچكىم بۇنداق ئىشنى قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ جۈمە كۈنى. باغداد ھاكىمىنىڭ قانداق دەھشەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنىمۇ، ئۇنىڭ ھۆرمىتى بار ئىشى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشىڭ كېرەك. كۆكنار مەستانىلىرىنىڭ خىيالىدەك خام ئىش قىلماي، قوي بۇ ئىشىڭنى! ئەي شەيخ، نېمە گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ دېدىم مەن. غەزەپ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت جىم بولۇپ قالدى. ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى، چېچىمنى ئېلىپ  تۈگەتتى.
دوستلىرىڭغا بۇلارنى ئېلىپ بار. سەن قايتىپ كەلگۈچە مەن سېنى كۈتۈپ تۇرىمەن. كېيىن ئىككىمىز بىللە بارىمىز دېدىم مەن ئۇنى ئالداپ يولغا سېلىش ئۈچۈن. بىلىمەن، سەن مېنى ئالداپ يولغا سېلىپ، بارىدىغان يېرىڭگە بىر ئۆزۈڭ تەنھا بارماقچىسەن. چارىسىز قېلىپ بالاغا ئۇچرىمىغىدى دەپ قورقىمەن، - دېدى ئۇ، - ئەلۋەتتە مېنى كۈت! سەن بىلەن بىللە بېرىپ چوقۇم ساڭا ياردەم قىلىمەن! ياخشى، دېدىم مەن، - لېكىن كۆپ كېچىكىپ مېى ساقلىتىپ قويما! ئۇ مەن بەرگەن ماللارنى ئالدى، تاشقىرى چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنى ئۆيگە كەتتى دەپ ئويلىدىم. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇردۇم، كىيىملىرىمنى كىيدىم. ئۆيدىن چىقىپ توپتوغرا ئۆزۈم كۆرگەن تار كوچىغا باردىم. ئولتۇرۇپ دېرىزىگە كۆز سالدىم. بۇرۇن بۇ كوچىغا كىرگەن چېغىمدا كىرىپ ئولتۇرغان جايغا باردىم. موماي ئۇ يەردە مېنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن. موماي مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى، موماي مېنى قىز ئولتۇرغان ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئۇياق - بۇياقلارغا كۆز سالدىم. قارىسام ئۆي ئىگىسى نامازدىن قايتتى. ئۆيگە كىردىم. ئىشىكنى تاقىدى. دېرىزىدىن قارىسام، ساتىراش ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇ. بۇ لەنىتى قەيەردىن ئۇچۇپ كەلدى؟ دەپ ئويلىدىم. ئۇ نەرسىلەنرى ھاممالدىن ئەۋەتىپ، ئۆزى يوشۇرۇنچە كەينىمدىن ماراپ ماڭغانىكەن. بەختكە قارشى شۇ ۋاقىتتا ئۆيدىكى چۆرىلەردىن بىرى خوجايىنىغا گۇناھ قىلىپ قويغانىكەن. خوجايىن ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدى. قۇلى ئارىسىغا كىرىپ ئاجراتماقچى بولغانىكەن. خوجايىن قۇلنىمۇ قوشۇپ ئۇرۇشقا باشلىدى، چۆرىگە قوشۇلۇپ ئۇمۇ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. بەختى قارا ساتىراش ئۆزىچە ئۆي ئىگىسى مېنى ئۇرۇۋاتقان بولسا كېرەك دېگەن ئويغا كەپتۇ. بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ: ۋاي دادا دەپ غەۋغا كۆتۈرۈپتۇ. باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ. ئۆزىنى ئەتراپىغا توپلانغان كىشىلەرگە: قازىنىڭ ئۆيىدە مېنىڭ خوجايىنىم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ! دەپتۇ. بۇ خەۋەرنى دەرھال ئۇلار قوۋم - قېرىنداشلىرىمغا يەتكۈزۈشۈپتۇ. ئۇلار ھولۇقۇپ يىغلاپ غەزەپ بىلەن قازىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى. ساتىراش ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ شاپاشلاپ يۈرەتتى. ئەي بىچارە خوجىمىز؟ - دەپ ۋارقىراشتى ئۇلار، - ئەپسۇس ئۆلتۈرۈپ قويدىمىكىن؟ دەپ بىر - بىرىدىن سۈرۈشتۈرەتتى. قىيقاس - سۈرەن ئۆي ئىگىسىگىمۇ ئاڭلاندى بولغاي، قۇللىرىدىن بىرىگە: نېمە گەپ؟ ئۇقۇپ كەلگىن! دەپتۇ ئۆي ئىگىسى. قۇل يۈگۈرۈپ چىقىپ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ يېنىغا قايتىپتۇ. خوجام، - دەپتۇ قۇل قازىغا، - ئىشىك ئالدىغا بىر قانچە ئەر - ئاياللار توپلىنىپ قاپتۇ. بىزنىڭ ئۆيگە قاراپ: ئەپسۇس قىلىشىۋاتىدۇ، ۋارقىرىشىۋاتىدۇ قازى خەۋپسىرەپ دەرھال ئىشىك ئېچىپتۇ. توپلىنىپ تۇرغان ئادەملەرنى كۆرۈپ: نېمە گەپ؟ دەپ سوراپتۇ قازى. كىشىلەر: بىزنىڭ خوجىمىزنى نېمىشقا ئۇرۇپ ئۆلتۈردۈڭ؟ دېيىشىپتۇ. كىمنى؟ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپتىمەن؟ سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار قانداق كىشى؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلغان، ئۇ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ دەپتۇ قازى.
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى.
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-04-04 13:13 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مىڭ بىر كېچە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.069972(s) query 3, Time now is:10-23 02:29, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation