سوۋېت ئىتتىپاقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى كۇبادىن ئاچىقىپ كەتسۇن ! BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : سوۋېت ئىتتىپاقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى كۇبادىن ئاچىقىپ كەتسۇن ! تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1358ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 سوۋېت ئىتتىپاقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى كۇبادىن ئاچىقىپ كەتسۇن !


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_L تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-04)
جون كېننېدى    (1917 - 1963)
جون كېننېدى ئامېرىكىنىڭ 35 - قېتىملىق زۇڭتۇڭى (1961 - 1963). دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. ماسسا چۇستېس شتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدە دۆلەتمەن ئائىلىدە تۇغۇلغان. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئارمىيىسىدە لېيتنانت بولغان. 1946 - 1960 - يىللىرى ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىغا ئەزا بولغان. 1961 - يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلىدە پۈتكۈل يەر شارىغا زومىگەر بولۇش ئىستراتېگىيىسىنى يۈرگۈزگەن ھەمدە «تىنچلىق قوشۇنى» قۇرۇپ ئاتالمىش «جانلىق ئىنكاس قايتۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىنى يۈرگۈزۈپ، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى رايونلىرىغا قارىتا سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. 1961 - يىلى ۋېيتنامغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. 1963 - يىلى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. «سوۋېت ئىتتىپاقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى كۇبادىن ئاچىقىپ كەتسۇن» ناملىق بۇ نۇتۇق كېننېدىنىڭ 1962 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۇبادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىق مەسىلىسى ھەققىدە تېلېۋىزوردا ئېلان قىلغان مۇھىم نۇتۇقىدۇر.
1962 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى $$  قېرىنداشلار، كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن.
ھۆكۈمىتىمىز ئىلگىرى كاپالەت بەرگىنىگە ئوخشاش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۇبا ئارىلىدا ئەسكەر توپلىشىنى قاتتىق كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى بىر ھەپتە مۇنداق بىر پاكىت ئىشەنچلىك ئاساس بىلەن ئىسپاتلاندى، بىر مۇنچە ھۇجۇم خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بازىسى ھازىر بىز كۆزىتىۋاتقان مۇشۇ ئارالدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بازىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى باشقا ئەمەس، دەل غەربىي يېرىم شارغا ھۇجۇم قىلىشقا شەرت - شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت.
بۇ تۇيۇقسىز زور كۆلەمدە ۋەيران قىلىدىغان چوڭ تىپتىكى، يىراقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان ۋە روشەن ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە قوراللارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن كۇبا جىددىي تۈردە بىر مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك بازىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ پۈتكۈل جەنۇبىي - شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تىنچلىقى بىلەن بىخەتەرلىكىگە روشەن تەھدىتلەرنى سالىدۇ.
نەچچە يىلدىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانىدى. زور خىرىس بولمىغان ئەھۋالدا ئۇ قوراللارنى زادى ئىشلەتمەسلىك ھالىتىنى بۇزماي كەلگەنىدى. بىز ئەزەلدىن ئۆزىمىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمىزنى مەخپىي ۋە ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچىگە يۆتكەپ كىرمىدۇق. ئامېرىكا پۇقرالىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز دۆلىتىدە ياكى پاراخوتلىرىغا مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ قارىغا ئېلىش نىشانى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىپ قالغانىدى.
ئەمما، كوممۇنىستلارنىڭ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئامېرىكا ۋە مۇشۇ يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاھىدە تارىخىي مۇناسىۋەتلىك رايوندا ئۆزلىرىنىڭ كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئامېرىكا ۋە مۇشۇ يېرىم شاردىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە ئېتىۋارسىز، قاراپ، مەخپىي ھەم تېزلىك بىلەن كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئۇشتۇمتۇت، مەخپىي ھالدا ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللىرىنى ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى مەقسەتلىك قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك ۋە ھازىرقى ھالەتنى ئاساسسىز ئۆزگەرتكەنلىكتىن ئىبارەت. ئەگەر بىز دوستلىرىمىز ياكى دۈشمەنلىرىمىزنى بىزنىڭ باتۇرلۇقىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزگە ئىشەندۈرمەكچى بولساق، ئۇ ھالدا مۇنداق ئۆزگىرىشنى ئامېرىكىلىقلار قوبۇل قىلالمايمىز.
XX - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى بىز ئېنىق بىر ساۋاقنى قوبۇل قىلدۇق: ئەگەر تاجاۋۇزچىلىق قىلىش چەكلەنمەي ۋە قارشى تۇرۇلماي داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، ئۇ ئەڭ ئاخىردا جەزمەن ئۇرۇش قوزغايدۇ. ئامېرىكا ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، بىز دېگەن گېپىمىزدە تۇرىمىز. بىزنىڭ تەۋرەنمەس نىشانىمىز: بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلدۇرماسلىق، ئۇنى مۇشۇ يېرىم شاردىن كەتتۈرۈۋېتىش ياكى يوقىتىشتىن ئىبارەت.
بىز پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك يادرو ئۇرۇشى خەتىرىگە بەك بۇرۇن ياكى زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا تەۋەككۈل قىلمايمىز. يادرو ئۇرۇشىدا غەلىبە مېۋىسىمۇ ئاغزىمىزدا تۇرۇپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئەمما، بىز مۇنداق خەتەرگە تاقابىل تۇرمىساق بولمايدىغان چاغدا ھەرگىز قورقۇپ قالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تۆۋەندىكى دەسلەپكى تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز:
بىرىنچى، ھۇجۇم خاراكتېرلىك كۈچنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن، كۇباغا توشۇلىدىغان بارلىق ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەربىي قورال - ياراقلارنى قاتتىق قامال قىلىشنى باشلايمىز. ھەرقانداق دۆلەت ۋە پورتلاردىن كۇباغا بارىدىغان ھەرقانداق خىلدىكى پاراخوتلاردا ھۇجۇم خاراكتېرىدىكى قوراللار بارلىقى سېزىلسە، ئۇلارنى كەلگەن يېرىگە قايتۇرىۋېتىمىز. زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا تۈردىكى مال ۋە ترانسپورت سايمانلىرىنىمۇ قامال قىلىمىز. ئەمما، بىز ھەرگىز سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىلەر 1948 - يىلى بېرلىننى قامال قىلغان ۋاقىتتا تۇرمۇشقا لازىمەتلىك نەرسىلەرنىمۇ كىرگۈزگىلى قويمىغاندەك ئىشنى قىلمايمىز.
ئىككىنچى، مەن كۇبانى ۋە كۇبانىڭ ھەربىي ئىشلار كۈچىنى كۈچەيتىش ئۇسۇلىنى داۋاملىق قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇق بەردىم. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى ئاخباراتىدا مۇشۇ يېرىم شارغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش رەت قىلىنغان. ئەگەر بۇنداق ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەربىي ھازىرلىق داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، بۇ يېرىم شارغا بولغان تەھدىت بارغانچە كۈچىيىپ بارىدۇ. بىز ئۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىمىز. مەن قوراللىق قىسىمغا ھەرقانداق جىددىي ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈش يوليورۇقىنى چۈشۈردۈم. ئىشىنىمەنكى، بۇنداق تەھدىتنىڭ كۇبا خەلقى ۋە قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ھەمدە بارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى كىشىلەر ئاخىر چۈشىنىدۇ.
ئۈچىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى شۇكى، بىز كۇبادىن غەربىي يېرىم شاردىكى ھەرقانداق دۆلەتكە ھەرقانداق يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلسە، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى دەپ قاراپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تولۇق، قىساس ئېلىش خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرىمىز.
تۆتىنچى، بىز زۆرۈر بولغان ھەربىي كۆزەتچىلىك تەدبىرى سۈپىتىدە گۇئاتتا نومودىكى بازىمىزنى كۈچەيتتۇق، بۈگۈن بىز ئۇ يەردىكى خادىملىرىمىزنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدۇق ھەم باشقا ھەربىي قوشۇنغا ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردۇق.
بەشىنچى، بىز بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتنىڭ كېڭەش ئاپپاراتلىرى دەرھال يىغىن ئېچىپ، مۇشۇ يېرىم شارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتنى ئويلىشىشنى ھەم رىئو - دې - ژانېيرو شەرتنامىسىنىڭ 6 - ۋە 8 - ماددىسىغا تەتبىقلاپ زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامىدا رايونلاردا بىخەتەرلىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. مۇشۇ يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر سىرتقى كۈچلەرنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا قارشى تۇرۇشنى بۇرۇنلا قارار قىلىشقان. بىزنىڭ دۇنيادىكى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىمىزمۇ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويدى.
ئالتىنچى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ئاساسەن، بىز بۈگۈن كەچتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دەرھال جىددىي يىغىن ئېچىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىشىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمىز. بىزنىڭ تەكلىپىمىز شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا كۇبادىكى بارلىق ھۇجۇم خاراكتېرلىك قۇراللارنى چۇۋۇۋېتىشى ياكى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك، بىز ئاندىن قامال قىلىشنى توختىتىمىز.
يەتتىنچى، ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇقتا شۇكى، مەن رەئىس خرۇششوۋنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىز ئىككى دۆلەتنىڭ مۇقىم مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سالىدىغان ئۇنداق مەخپىي، قوپال ھەم ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىنى ئالغان ھەرىكىتىنى توختىشىنى ۋە بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىمەن. مەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇنىڭ دۇنيانى زومىگىرى بولۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىشىنى، تارىخىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەتەرلىك ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسىگە خاتىمە بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. دۇنيانى ئېغىر ھالاكەتتىن ساقلايدىغان ياخشى پۇرسەت ھازىر ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۇ، ئەلۋەتتە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن باشقا جايلاردا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ بۇ قوراللىرىنى كۇبادىن ئاچىقىپ كېتىشى كېرەك. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى، نۆۋەتتىكى بۇ كرىزىسنى كېڭەيتىدىغان ۋە كۈچەيتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تاللىغان يولىمىز ھەرقانداق يولغا ئوخشاش خەتەرگە تولغان. ئەمما بۇ بىزنىڭ بىر دۆلەت بولۇش ئالاھىدىلىكىمىز ۋە جاسارىتىمىزگە بەكمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، بىزنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئۈستىمىزگە ئالغان مەجبۇرىيەت يولىمىزغا بەكمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەركىنلىكنىڭ بەدىلى ئەزەلدىن يۇقىرى بولىدۇ. بىراق ئامېرىكىلىقلار ئەزەلدىن بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇپ كەلگەن. بىز مەڭگۈ تەسلىم بولۇش ياكى تىز پۈكۈش يولىنى تاللىمايمىز.
بىزنىڭ مۇددىئايىمىز زوراۋانلىق قىلىش ئەمەس، غەلىبە قىلىش، بەلكى ھەقىقەتنى ياقىلاش؛ ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقنى قۇربان قىلىش ئەمەس، بەلكى مۇشۇ يېرىم شاردىن ئىبارەت بۇ زېمىندا، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ مەقسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەڭرى بىزگە مەدەت بەرگەي.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-04-03 21:04 | [ئاپتور]
tumurkala

دەرىجىسى : تۈتۈن بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 52
شۆھرىتى: 58 نومۇر
پۇلى: 285 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-20
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-17

 


ئامرىكىنڭ سابىق زۇڭتۇڭى
Posted: 2008-08-20 21:47 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » نۇتۇقلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071874(s) query 4, Time now is:10-23 02:29, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation