كىتابتىكى ئويۇنچۇق بالا بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 كىتابتىكى ئويۇنچۇق بالا

توم ئوغۇل بالا بولۇپ، ئۇ كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. كۈن بويى قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىكەن، پەقەت ئوينىغىلى  چىقمايدىكەن.
  بىر كۈنى، توم ئادەتتىكىدەكلا كىتابنى ئېلىپ دىۋاندا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ. تۇيۇقسىزلا، بىر ئويۇنچۇق بالا كىتابتىن ئىرغىپ تۇرۇپتۇ. توم دىڭڭىدە چۆچۈپ كېتىپ:  - سەن كىم، قانداق قىلىپ مېنىڭ كىتابىمغا كىرىۋالدىڭ؟- دەپ سوراپتۇ.
  - مەنمۇ بۇرۇن ساڭا ئوخشاش بىر ئوغۇل بالا ئىدىم، كىتاب ئوقۇشنىمۇ بەك ياخشى كۆرەتتىم، ئەتىدىن - كەچكىچە كىتاب ئوقۇيتتىم، پەقەت ئوينىغىلى چىقمايتتىم، ئاغىنىمۇ تۇتمايتتىم. بىر  كۈنى تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ ئاستا - ئاستا كىچىكلەپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بايقىدىم، ئاخىرى مۇشۇنداق ئادەم بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن كىتابنىڭ ئىچىدىلا تۇرىدىغان بولدۇم. مەن يەنە ساڭا ئوخشاش ئوغۇل بالىغا ئايلىنىۋېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
  توم چۆچۈپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىتابلا ئوقۇماي، پات - پات كىچىك دوستلىرىنىمۇ ئىزدەيدىغان بوپتۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن دوست تۇتۇپتۇ.
Posted: 2007-12-30 13:25 | [ئاپتور]
bilqut_A
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 19
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 

Posted: 2008-02-03 20:46 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » بالىلار چۆچەكلىرى

Total 0.058817(s) query 4, Time now is:03-17 17:56, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation