ئۈرۈمچىدە apple تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


bilqut_A
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 19
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-12

 ئۈرۈمچىدە apple تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا bilqut_A تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-03-11)
2008- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «apple تەتقىقاتچىلار يىغىنى» دا apple شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى قارلۇق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۈرۈمچىدە apple تەجرىبىخانىسى قۇرغانلىقى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر تەجرىبىخانا پروگراممىرلار ۋە ھەۋەسكارلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ apple مەھسۇلاتلىرىغا پروگرامما تۈزۈش تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ ۋە apple شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال تۈرلىرىنى ئىشلەيدۇ. قارلۇق شىركىتىنىڭ تېخنىكا دىرېكتورى پەخرىدىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە تەجرىبىخانىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ 1- باسقۇچتا apple مەھسۇلاتلىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللاش، كىرگۈزۈش، خەت نۇسخىسى، يەرلىكلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن. 2- باسقۇچتا ھازىر Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈستىدە بار بولغان بىر قىسىم ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار Mac مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈستىگە يۆتكىلىدىكەن. 3- باسقۇچتا توپلانغان تەجرىبە ۋە تېخنىكىلارغا ئاساسەن خەلقئاراغا يۈزلەنگەن يۇمشاق دېتاللار ئىشلىنىپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتال ئىشلەش جەھەتتە خەلقئارا بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
تەجىربىخانىڭ قۇرۇلمىسى ئومۇمى جەھەتتىن ئۈچ بۆلەككە بۆلىنىدىغان بولۇپ يادرولۇق بۆلەك، ئاساسى بۆلەك ۋە ئەزالار بۆلىكىدىن تەركىپ تاپىدۇ. يادرولۇق بۆلەك ۋە ئاساسى بۆلەكتىكى خادىملار مۇقىم تەجىربىخانا، تولۇق بولغان قاتتىق- يۇمشاق دېتال مۇھىتى ئىچىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەزالار بۆلىكى تور مۇھىتىدا تەتقىقاتقا قاتنىشىدۇ. تېخنىكىلىق ياردەمگە ئېرىشىدۇ ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى تەجىربىخانا تەرىپىدىن ئومۇملاشتۇرىدۇ.
يىغىندا يەنە تەجرىبىخانىنىڭ يادرولۇق بۆلىكىدىكى خادىملار ئېلان قىلىندى: تەجىربىخانا دېرىكتورى دوكتور دىلشات ھېۋىزۇللا)ئەنگىلىيىدە(، تۈرمەسلەھەتچىسى ئۆمەرجان ئابدۇراخمان ئەپەندى)ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورىدىن(، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئالىم ئەھەت ئەپەندى)ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن(، تۈر دىرېكتورى پەخرىدىن قارلۇق )قارلۇق شىركىتىدىن ( ئەپەندى.
بۇ تەجرىبىخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدىكى يېڭى بىر ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتۇشتىكى كۆۋرۈك بولۇپ قالغۇسى!!!
<<بىلقۇت>> ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
Posted: 2008-03-11 12:26 | [ئاپتور]
Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 1553
شۆھرىتى: 1559 نومۇر
تەڭگىسى : 15545 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-15

 

ئەزا قوبۇل قىلامدىكەن 
Posted: 2008-03-11 20:51 | 1 -قەۋەت
manggutax
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 2 نومۇر
تەڭگىسى : 10 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-12

 

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن دىلشات ھېۋىزۇللا، ئالىم ئەھەت، پەخىردىن شىرىپ قارلۇق......قاتارلىق بىر تۈركۈم بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئىقتىساس ئىگىسىنىڭ كۈچىكگە ۋە ئەقلى ئەمگىكىگە تايىنىش كېرەك....
Posted: 2008-03-12 12:06 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » باشقىلار

Total 0.071170(s) query 4, Time now is:03-15 19:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation