
( 1867- 1791 )
تەييارلىغۇچى _ ئىز
1820-يىلى ئېرستېد توكنىڭ ماگىنىت ئېفىكتىنى بايقىغاندىن كېيىن ، كىشىلەر تەبىئىي ھالدا مۇنداق ئويغا كەلگەن : توك ماگىنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلالايدىكەن ، ئەكىسچە ، ماگىنىت مەيدانىمۇ توكنى ھاسىل قىلالامدۇ ؟ كۆپلىگەن فىزىكا ئالىملىرى ماگىنىتتىن قانداق پايدىلىنىپ ئۆتكۈزگۈچكە توك ھاسىل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ ، لېكىن خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئالدىن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن . ئەنگىلىيە فىزىكا ئالىمى فارادېي 10يىللىق بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، ئاخىرى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ، 1831-يىلى ماگىنىت مەيدانى ئارقىلىق توك ھاسىل قىلىشنىڭ شەرتى ۋە قانونىيىتىنى بايقىدى . ماگىنىت مەيدانىدىن توك ھاسىل بولۇشتەك بۇ ھادىسە كېيىن « ئېلېكتروماگىنىت ئىندوكسىيە ھادىسىسى » دەپ ئاتالدى.
ئېلېكتروماگىنىت ئىندوكسىيە ھادىسىسى ئېلېكتروماگنىزىمدىكى زور بايقاشلارنىڭ بىرى . بۇ زور بايقاش ئېلىكتىر بىلەن ماگىنىتنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئېچىپ بېرىپ ، كىيىن ماكسېۋىلنىڭ مۇكەممەل بولغان ئېلېكتروماگىنىت نەزەرىيىسى ئۈچۈن ئاساس سالدى . بۇ بىر بايقاشقا ئاساسەن كېيىن گىنېراتور ، ترانسىفورماتور قاتارلىق ئېلىكتىر ئەسۋاب - ئۈسكۈنلىرى كەشىپ قىلىنىپ ، ئېلىكتىر ئىنىرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلىپ ، ئېلىكتىرلىشىش دەۋرى ئېچىلدى .
فارادېي ئىنگىليەنىڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ۋە خېمىيە ئالىمى ، ئۇ ئېلېكتروماگىنىت ئىندوكسىيە ھادىسىسىنى بايقاپ ، ئېلىكتىر مەيدانى ۋە ماگىنىت مەيدانى ئۇقۇمىنى ئوتتىرىغا قويغان . مەيدان ئوقۇمى يېقىنقى زامان فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە !
پەقەتلا " بىلقۇت " مۇنبىرىگە خاس !