«بىلقۇت» خەزىنىسى 2 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇلدى! بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 1553
شۆھرىتى: 1559 نومۇر
تەڭگىسى : 15545 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-15

 «بىلقۇت» خەزىنىسى 2 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇلدى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» _ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل، چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن زور ھەجىمدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بىز بۇ قوللىغۇچىلىرىمىزغا سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.

«بىلقۇت خەزىنىسى» توردا ئەلالاشتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى - يېڭى مەزمۈنلار قېتىلغان ۋە بايقالغان خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1 - قېتىملىق 10 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 450 پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
2 - قېتىملىق 11 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 100 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
3 - قېتىملىق 12 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا:
1) 35 مىڭ سۆزلۈك دۇنيادىكى مىللەت ناملىرى (مىللەتشۇناسلىق لۇغىتى)
2) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى (2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان.)
3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى (2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلىدۇ.) قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
4 - قېتىملىق 1 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا: 200 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلق رېۋايەتلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
5 - قېتىملىق 2 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 20 - ئەسىردىكى بىر قىسىم چوڭ ئىشلار چۇشەندۈرۈشى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» گە 1 - ئايدا قېتىلماقچى بولغان رۇس تىلى ھەقلىق ئەلالاشتۇرۇش بولۇپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىنىپ بولۇنمىغانلىقتىن تورغا ۋاقتىنچە يوللانمىدى، رۇس تىلىغا جىددىي ئىھتىياجلىق دوستلارنىڭ بىز بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«بىلقۇت خەزىنىسى» ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، 3 - ئايدا «دۇنيادىكى ئەڭ» لەر توپلىمى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

ئەلالاشتۇرۇش: چۈشۈرۈش
Posted: 2008-02-28 15:26 | [ئاپتور]
kitabqi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 1 نومۇر
تەڭگىسى : 5 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-03

 

ياخشىمۇسىز ؟ مەن 2-ئايلىق ئالالاشتۇرغۇچنى چۇشۇرەي دەپ ، ئىككى كۈندىن بىرى چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن .
مىنىڭ ئىشلەتكىنىم شۈنلى ئىدى ، خاپا بولماي تەكشۈرۈپ بىقىپ، ئىنىق چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ياكى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار .
Posted: 2008-03-02 13:49 | 1 -قەۋەت
Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 1553
شۆھرىتى: 1559 نومۇر
تەڭگىسى : 15545 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-15

 

3-  ئايلىق ئەلالاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرسىىڭى ھەممىسى ئەلالىشىدۇ
Posted: 2008-03-05 17:54 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئەلالاشتۇرۇش

Total 0.077442(s) query 4, Time now is:03-15 19:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation