يىلان بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 يىلان

تېبابەتتە ئاساسەن چاريىلان دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياز، كۈز پەسلىدە ئۇزۇنلۇقى 30 ~ 50 سانتىمىتېر كېلىدىغان، بېشى كىچىك، قۇيرۇقى ئىنچىكە چاريىلان بالىسىنى تۇتۇپ، ئىچ - قارنىنى ئېلىۋېتىپ، تازىلاپ، ئىسپىرتقا چىلاپ، چەمبەردەك قىلىپ يۆگەپ، باغلاپ، ئاپتاپقا ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇلىدۇ. دورىغا قۇرۇتۇلغان تېنى ئىشلىتىلىدۇ.
چار يىلاننىڭ نېرۋا مەنبەلىك زەھىرى كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
يىلان زەھىرى نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرى، نېرۋا سىسىتېمىسى ۋە نەپەس مەركىزىنى تورمۇزلايدۇ، ئاشقازان، ئۈچەيدە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ھەم ئېغىر ھالدا يۈرەك مۇسكۇلى زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، يىلان چېقىۋالسا ئادەم ھايات قالمايدۇ.
تەبىئىتى:ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:يىلان يەلنى تۈگىتىش، قان تازىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:رېماتىزىم، بەل، پۇت، يانپاش ئاغرىقلىرى، لىمفا تۇبېركۇليوزى، ئۆپكە سىلى، ھەر خىل ئۆسمە، تېرە كېسەللىكلىرىگ ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا بەرەس، تەمرەتكە، ھۆل سېرىق چاقا ۋە جاراھەتلەرگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
يىلاننى سىركىگە ياكى ئىسپىرتقا چىلاپ، يەرلىك ئورۇنغا سىرتىدىن چېپىپ بەرسە، بەھەق، يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە شىپا بولىدۇ.
يىلاندىن بىر دانە توخۇ مېيى، ئاق پارپا، قەلەمپۇرلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام، قانتېپەردىن 30 گرام، جىگدە يېلىمىدىن 50 گرام، توخۇ تۇخۇمىنىڭ شاكىلىدىن 30 گرام، قىچىدىن 20 گرام، زەرچىۋە، داشياڭلارنىڭ ھەر بىرىدىن 25 گرام، كاۋاۋىچىندىن 10 گرام ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ، تاسقاپ، تالقىنىنى كۈندە بىر قېتىم 4 ~ 5 گرامدىن توخۇ مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ دوۋسۇن ھەم بەلگە چېپىپ بەرسە، بالىياتقۇدىكى جاراھەتلەرنى داۋالايدۇ، بالىياتقۇدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، بالىياتقۇ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
يىلان تېرىسى، سۇزاپ يوپۇرمىقىنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گرام، سۈپۈرگە ئۇرۇقىدىن 45 گرام، ئېلىپ دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تەييار بولغان تالقاندىن ھەر كۈنى بىر قېتىم 50 گرامنى ئۈزۈم شەربىتىگە ئارىلاشتۇرۇپ يەپ، ئاپتاپتا چىلىق - چىلىق تەرلەنگەنگە قەدەر ئولتۇرسا )بەش كۈن شۇ بويىچە قىلسا(، بەرەس، بەھەق كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق يەر يىلىنىدىن 60 گرام، قارا پارپىدىن 15 گرام زەنجىۋىل، دارچىن، خولىنجان، پىلپىللارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گرام، كۈشتە قىلىنغان ئىت ياڭىقى ئۇرۇقىدىن توققۇز گرام، ناۋاتتىن 200 گرام ئېلىپ، بۇ دورىلارنى سوقۇپ، قائىدە بويىچە تالقان تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىللىتىلغان توخۇ تۇخۇمىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، بالىياتقۇ ئىششىقى، بالىياتقۇ جاراھىتى، بالىياتقۇدىكى ئۆسمە ۋە بالىياتقۇ ئاغرىقلىرىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق يەر يىلىنىدىن بەش سانتىمېتىرنى ھەر تۆت كۈندە 200 گرام قوي گۆشى بىلەن 1500 گرام سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، شورپىسىنى چىقىرىپ مەلۇم مىقداردا قارىمۇچ، ئاقمۇچ، پىننە، زىرە ئارىلاشتۇرۇپ، يىلاننى ئېلىۋېتىپ شورپىسى بىلەن گۆشىنى ئىستېمال قىلسا، بالىياتقۇ چىقۇقى، بالىياتقۇ ئىششىقى، بالىياتقۇ جاراھىتى ۋە بالىياتقۇ ئۆسمىسى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
يىلاندىن 70 گرام، مۇدەپپەر قىلىنغان كۇچۇلىدىن 20 گرام، قىزىل سىردىن 15 گرام، چاياندىن 15 گرام ئېلىپ، دورىلارنى سوقۇپ، تاسقاپ، دورىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر ساپ ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن ياساپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلسا، قىزىلئۆڭگۈچتىكى ھەر خىل ئۆسمىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ.
يىلاندىن 30 گرام، قىزىل قولتۇق پاقىدىن 15 گرام، ئادراسمان ئۇرۇقىدىن 10 گرام ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تاسقاپ، ساپ ھەسەلدىن 150 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئسىتېمال قىلسا، قىزىل ئۆڭگەچ ئۆسمىسىگە شىپا بولىدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ.
يىلاندىن 50 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى، ھېلىلە كابىلى، بەلىلە پوستى، ئامىلە مۇقەششەر، قارا ھېلىلە، مۇقەل، كۈدە ئۇرۇقى، بىخ مارجانلارنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە تالقان قىلىپ، كۈدە سۈيى بىلەن ھەب تەييارلاپ )كۆك ماش چوڭلۇقىدا(كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 دانىدىن ئىستىمال قىلسا، ئىچكى - تاشقى بوۋاسىر كېسەللىكىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
يىلاندىن 20 گرام، تاباشىر، كۇندۇر، ئەرەب يېلىمى، گىلى ئەرمىنىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 01 گرام، نىشاستە، ھەببۇلئاس، كەتىرا، بادام مېغىزى، كۆكنار ئۇرۇقلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام، پىرىسياۋشان، سۆئلەپ چىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام ئېلىپ دورىلارنى قائىدە بويىچە تالقان قىلىپ، تەييارلانغان دورىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ ساپ ھەسەل ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن ياساپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
يىلان، سۆرۈنجان، مۇدەپپەر قىلىنغان كۇچۇلا، سەبرە، ئادراسمان ئۇرۇقى، شەترەنجى ھىندىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، كۆكماش چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ قىلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 دانىدىن يەپ بەرسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ، رېماتىزىمغا شىپا بولىدۇ.
يىلان، قىزىل قولتۇق پاقا، بىخ مارجان، موزا، چۆپچىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گرام ئېلىپ، تالقان تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلسا، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
ئاق يەر يىلىنىدىن 100 گرام، پىلپىل، قارىمۇچ، خولىنجان، قوۋزاق دارچىن، ئاق چەشكىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام، ھەسەلدىن 250 گرام ئېلىپ، يىرىك دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلاپ، كۈنىگە ئۈچ ۋاخ، ھەر قېتىمدا بىر يېرىم گرامدىن ئىككى گىرامغىچە ئىستېمال قىلسا، تەڭگە تەمرەتكىگە شىپا بولىدۇ.
يىلاندىن 70 گرام زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۈچۈلىدىن 20 گرام، چاياندىن 10 گرام، مامۇرانچىن، چۆپچىننىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام، ئادراسمان ئۇرۇقىدىن 30 گرام ئېلىپ، يىرىك دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر ئارىلاشتۇرۇپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ ۋاخ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلسا، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، يامان خاراكتېرلىك يەل، راك، ئۈچەي سىلىغا شىپا بولىدۇ.
يىلان زەھىرىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش رولىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا. يىلان زەھىرىنىڭ ئاغرىق توختىتىش تەسىرى ياخشى بولۇپ، مۈگدىتىش، ھوشسىزلاندۇرۇشتەك ناچار تەسىرى يوق. يىلان زەھىرى ئارىلاشتۇرۇلغان دورىنى ئىچكەن كېسەللەرنىڭ ئىشتىھاسى، ئۇيقۇسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقى، دورىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچكەندە ئەتراپ قان ئايلىنىش ۋە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقى، دورا ئىچكەندىن كېيىن قاننىڭ يېپشقاقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، مىكرو قان ئايلىنىشتا ئۆزگىرىش بولۇپ، پۇتتىكى ئىششىق كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى، كېسەلنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقانلىقى ئىسپاتلاندى
Posted: 2008-02-24 18:59 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ھايۋاناتلار

Total 0.057581(s) query 3, Time now is:03-17 17:54, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation