تىياتىر بايرىمى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 تىياتىر بايرىمى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Bilqut_K دىن ھايۋاناتلار غا يۆتكەلدى (2008-02-24)

قەدىمقى يۇنانلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر يىلنىڭ ئەڭ خوشال ئۆتىدىغان چاغلىرى تىياتىر بايرىمى مەزگىللىرى ئىكەن. ھەر يىلى 3 - 4 - ئايلاردا يېڭى ئۈزۈم ھاراقلىرى بازارغا چىقىدىكەن. «ھاراق پىرى بايرىمى» ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەمشە تىياتىر مۇسابىقىس ئۆتكۈزۈلگەن. ئافىنالىقلارلا ئەمەس باشقا قەلئەلىك. ھەتتا چەتئەللىك دوستلارمۇ كېلىپ ئافىنا چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئويۇن كۆرىدىكەن.
    تىياتىرخانا ئافىنا شەھىرىدىكى بىر تاغ باغرىدا بولۇپ، قوللىرىغا كالتەك ئالغان چەتئەللىك قۇللار تەرتىپ ساقلايدىكەن. تاڭ ئاماستىن بۇرۇن باشلىرىغا گۈلتاج تاقىغان. رەڭگا _ رەڭ كىيىنگەن كىشىلەر بۇ يەرگە كېلپ ئورۇن ئىگەللەيدىكەن. تىياتىر بايرىمى بولغاچقا، يەنە كېلىپ بىر قەدەر سۇرلۇك تىراگېدىيىلەر ئوينىلىدىغان بولغاچقا، ئاياللار، بالىلار، قۇللار ھەتتا مەھبۇسلارنىڭمۇ كېلىپ ئويۇن كۆرۈشىگە يوقويۇلىدىكەن. ئافىنا ھۆكۈمىتى مىلادىدىن ئىلىرى 5 _ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پۇقرالارغا ئويۇن كۆرۈش داسغودى تارقاتقاچقا، نامراتلارمۇ ئويۇن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەن.
    تاڭ شەپىقى نۇر چاچقان چاغدا، تىياتىرخانىغا 15 -14 مىڭ ئادەم توپلىنىپتۇ، بۇ شۇ زامانلاردىكى ئافىنا پۇقرالىرى ئومۇمى سنىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدىكەن. ئادەم ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن قالايمىقانچىلىق بولماپتۇ. چۈنكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، تىياتىر كۆرۈش ئافىنالىقلارنىڭ مۇقەدددەس ھوقۇقى بولۇپ، كىمكى باشقىلارنى قىستاپ چىقىرىۋەتسە قاتتىق جازالىنىدىكەن.
    _ نېمە دېگەن كاتتا تىياتىرخانا بۇ ! _ دەپ ۋاقىراپتۇ بىر چەتئەللىك تىياتىرخانىغا كىرىپلا.
    دەرۋەقە. بۇ ئافىنالىقلار پەخىرلەنگۈدەك يازلىق تىياتىخانا ئىكەن. پۈتكۈل تىياتىرخانا تاغ باغرىغا يۆلەپ سېلىنغان بولۇپ، تاماشىچىلارنىڭ ئورنى يانتۇلاردىكى پەلەمپەيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. پەس جايلىرى مەرمەر تاش ۋە ياغاچ ماتېرىياللاردىن ياسالغان، ئىگىز جايلىرى توغرىدىن - توغرا تاغقا يانداپ ئويۇلغان، ئارىلىرىدا ئادەم ئۆتىدىغان يول قالدۇرۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ كۈرۈنۇشى يەلپۈگۈچكە ئوخشاش يېرىم _ يۇمۇلاق شەكىلدە بولغاچقا، يۇمۇلاق تىياتىرخانا دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. تاماشىچىلار ئورنىنىڭ ئالدى تەرىپى ناخشىچىلار ئەترىدى ناخشا ئېيتىدىغان يۇمۇلاق مەيدان بولۇپ، يۇمۇلاق مەيداننىڭ بىر چېتىدە، تاماشىچىلار ئورنىنىڭ ئۇدۇلىدا ئەرتىسلەر ئويۇن قويىدىغان سەھنە بار ئىكەن. سەھنىنىڭ ئىگىزلىكى تاماشىچىلار ئورنىدىكى ئەڭ ئىگىز رەتنىڭ ئىگىزلىكى بىلەن تەڭ بولغاچقا، ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان تامشىچىرلامۇ ئارتىسلارنىڭ ناخشىسىنى ئوچۇق ئاڭلىيالايدىكەن.
    تىياتىر مۇسابىقىسى باشىلىنىپ، بىرىنچى بولۇپ تىراگېدىيىچى شائىر ئائىسكۇيلۇس يازغان «پرومىتى» ئوينىلىپتۇ  بۇ تىياتىرنى ئاپتۇر ئەپساىۋى ھېكايىگە ئاساسەن يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر ۋەقە ھېكايە قىلىنغان: گىگاند  ئادەم پرومېتى باش خۇدا زېۋىسىنىڭ ئىلاھىي ئوتىنى بۇ ئېتىش، ئىسسىنىش ۋە مېتال ئېرىتىش، قورال _ سايمان ياساش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ قويغان، شۇڭلاشقا زېۋىسنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىغان. لېكىن پرومىتى باش ئەگمىگەن، ھەرخىل ئازاپ _ ئوقۇبەتكە چىدىغان. ئاخىرىدا، قەھرىمان ھېركۇلىسنىڭ يارىدىمى بىلەن ئازاتلىققا چىققان. مۇسابىقە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بۇ بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ كېتىدىغان 3 - تىياتىردىن تەركىپ تاپقان تىراگېدىيە بولۇپ، «ئۈچ قىسىملىق ئەسەر» دەپ ئاتىلىدىكە. ئاپتور سەھنە ئەسىرى يېزىپلا قالماي، بەلكى مۇزىكىسىنى ئۆزى ئويناپ چىقىدىكەن. ئۆزى رىژىسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئويناپ چىقىدىكەن.
    ئوركېستىر مۇزىكا چېلىش بىلەن تەڭ پۈتۈن مەيدان جىمجتلىققا چوكىدىكەن. ئوركېستىر دېگىنى، ئەمىلىيەتتە، ئىككى مۇزىكىچى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى قوش نولۇق نەي، يەنە بىرى چىلتار چالغان. ئۇلار مۇزىكا چالغان چاغدا، 12 كىشىلىك ناخشا ئەترىدى مۇڭلۇق ناخشا ئېيتىشقا باشلايدىكەن. سەھنىنىڭ پەردىسى بولمىغاچقا، ئەرتىسلەر سەھنىگە چىقىپ ئۆز ئورۇنلىرىنى تېپىپلا، ئويۇن قويۇشقا باشلايدىكەن.
    _ ۋاي، ئىككى ئارتىس با ئىكەن!
    _ كىيىملىرى ۋە ئوتۈگى نېمە دېگەن ئېسل  ھە! _ دەپ چۇقان سېلىشىپتۇ تاماشىچىلار ئارتىسلار سەھنىگە چىقان ھامان.
    بۇ ھەقىقەتەن يېڭىلىق بۈلۇپتۇ چۈنكى بۇنڭدىن ئىلگىرى سەھنىدە باشتىن _ ئاخىر بىر ئارتىس بولىدىكەن. ئۇ يۈزلىرىگە نىقاپ تارتىپ، نۆۋەت بىلەن بىرنەچچە رول ئېلىپ چىقىدىكەن ھەم ناخشا ئەترىدىنىڭ باشلىقى بىلەن دىيالوگلىشىدىكەن ھەم ناخشا ئەترىدىنىڭ باشلىقى بىلەن دىيالوگلىشىدىكەن. دېمەك ئائىسىكۇيلوس ئىككى ئارتىس سەھنىگە چىقىپ، ئارتىسلار ئۆزئارا سۆلزلىشىدىغان ئىشنى تۇنجى قېتىم ئىجات قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ئارتىسلار نىقاپ تارتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن كىيىم _ كېچەككە ئانچە دىققەت قىلمايدىكەن. بۇ قېتىم ئائىسكۇيلۇس بىلەن يەنە بىر ئارتىس چىرايلىق كىيىنگەن، ئىچىگە پاختا تىقىۋالغان ھەم ئىگىز پاشنىلىق ئۆتۈك كىيگەن ھالداسەھنىگە چىققاشقا، ئۇلار ئىگىز ۋە گۇرۇي بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ. بۇ يېڭىلىقتىن تاماشىچىلار ھەيران قېلىپتۇ. ئەلۋەتتە رازى بولۇپتۇ.
    ئۇيۇن جىددىي داملىشىپتۇ. تۇيۇقسىزلا بوران چىقىپ ئوت ئوغىرلاپ ئىنسانلارغا بەخت ئېلىپ كەلگن پرومىتى ياۋوز ئوت خۇداسى تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ چىقىلىپتۇ. ئوت خۇداسى زېۋىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە پرومىتىنى قاقاس كاۋكاز تېغىنىڭ تىك قىياسىغا باغلاپ قويۇپتۇ، ھەركۈنى ئىلاھى بۈكۈت تېغىنىڭ تىك قىياسىغا باغلاپ قويۇپتۇ. ھەركۈنى ئىلاھى بۈركۈت كېلىپ ئۇنىڭ يۈرەك - باغرىنى چوقۇپتۇ. كېچىدە ئۇنىڭ يارىسى ساقايسا، تاڭ ئاتقاندا ئىلاھى بۈركۈت كېلىپ يەنە چوقۇپتۇ، لېكىن پرومىتى كوكرەك كىرىپ ھەرگىز باش ئەگمەپتۇ. دەريا خۇداسى تۇلپار مىنىپ ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇنى زېۋىس بىلەن يارىشىشقا دەۋەت قىلىغاندا، ئۇ قەيسەرلىك بىلەن مۇنداق دەپتۇ:
    _ ياق، ھەرگىز ياراشمايمەن. زېۋىسىنىڭ خانلىق ھوقۇقى ئاغدۇرۇپ تاشلانمىغىچە، ئازاپ _ ئوقۇبەتلىرىمنىڭ چېكى بولمايدۇ؟
    شۇ زامان تاماشىچىلار ئارىسىدىن قىزغىن ئالقىش سادالىرى كۆتىرىلىپتۇ. كىشىلەر پرومىتېنىڭ بۇ مەردانە سۆزلىرىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ.
    ئاخىرىدا، قەھرىمان ھېركۇلىس سەھنىگە چىقىپتۇ. بوۋاق چېغىدىلا ئىككى زەھەرلىك يىلاننى  ئۆلتۈرگەن بۇ قەھرىمان ھېلىقى مۇقەددەس بۈركۈتنى ئولتۇرۇپ، ئاخىر پرومىتىنى قۇتقۇزۇپتۇ. تاماشىچىلار بۈركۈتنى ئۆلتۈرۈپ، ئاخىر پرومىتىنى قوتقۇزۇپتۇ. تاماشىچىلار يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلغان. ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتىمىغان پرومىتىنى مەدھيلىشىپتۇ.
    تىياتىر بايرىمىدا، تىياتىرخانىدا بىر كۈندە ئۇدا نەچچە تىياتىر ئوينىلىدىكەن، ئارىلىقتا دەم ئېلىشمۇ بولمايدىكەن. ئەگەر ئويۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرەلمىسە، تاماشىچىلار ئېلىپ كەلگەن يېمەك - ئىچمەكلىرىنى ئېلىپ، يەپ ئىچىپ ئولتۇرۇشىدىكەن ھەتتا سەھنىگە تاش ئاتىدىكەن. بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئويۇنلار باھالىنىپ ئۈچىنچى دەرىجىگە ئايرىلىدىكەن: بىرىنچى دەرىجىلىكلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك. ئۈچىنچى دەرىجىلىكلىرى مۇۋەپەقىيەتسىزس دەپ باھالىنىدىكەن. بىرنچى دەرىجىلككە بىر قوي مۇكاپات بېرىلدىكەن، تىياتىر تۈگىگەندىن كېيىن كېيىن، تاماشىچىلار ئۆيلىرىگە قايتىقىچە تىياتىرلاردىكى ئەڭ ياخشى ناخشىلارنى ئوقۇپ ماڭىدىكەن.
    ئائىسىكۇيلوس مىلادىدىن ئىلگىرى 5 - ئەسىردە ئۆتكەن قەدىمقى يۇناندىكى ئەڭ مەشھۇر ئۈچ تىراگېدىيىىچىنىڭ بىرسى. ئۇ كىچىك چېغىدىن تارتىپلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىغا ئىگە بولۇپ، مارافون ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، پىرسىيە تاجاۋوزچىلىرىغا قارشى تۇرغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە 70 تىراگېدىيە ۋە كومىدىيە يازغان، 13 قېتىم مۇكاپاتلانغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلەرنى ئويناپ چىقىپ، تۆت قېتىم غەلىبە قازانغان. ئەمما ئۇنىڭ تىراگېدىيىلىرىدىن ئاران يەتتىسىلا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان، «چۈشەككە چۈشكەن پرومىتى» بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتىرىغا ئىگە مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    قەدىمقى يۇنان تىياتىرلىرى دۇنيا تىياتىر تارىخىدا شانلىق ئورۇن تۇتىدۇ. قەدىمقى يۇناننىڭ نۇرغۇن تىياتىرلىرى ھازىرمۇ ئۆزگەرتىپ ئوينىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى زامان يۇنان تىياتىر بايرىمى 1938 - يىلىدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلۈشكە  باشلىغان. ھازىرقى كۈندىمۇ ئافىنا شەھىرىدە دائىم قەدىمقى يۇنان تىياتىرلىرى ئوينىلىنىدۇ. 
Posted: 2008-02-24 17:05 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » تارىخ

Total 0.057935(s) query 3, Time now is:03-17 17:54, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation