رەسىمسىز ھالەت
|
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
|
باش بەت
»
سىز تېخى كۇلۇبقا
كىرمەپسىز
تىزىملىتىش
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
بانكا
|
ياردەم
|
ULY
كۇلۇب مۇلازىمىتى
قورال مەركىزى
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
black
gray
green
moon
movie
pink
wind
wind5
yellow
قىسقا ئۇچۇر
خەت ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئۇچۇر ئىز قوغلاش
قىسقا ئۇچۇر يېزىش
كونترول تاختا
كونترول تاختا باش بېتى
ماتېرىيال تەھرىرلەش
ماتېرىيال كۆرۈش
دوستلار تىزىملىكى
ئەزا ھوقۇقىنى كۆرۈش
سودا تەڭگىسى باشقۇرۇش
جۇغلانما ئالماشتۇرۇش
ئالاھىدە گورۇپپا سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتسىتكا
ئاساسىي سىتاتسىتكا
IP سىتاتسىتكىسى
باشقۇرۇش قوشۇنى
باشقۇرۇش سىتاتسىتكىسى
توردىكىلەر سىتاتسىتكىسى
ئەزالار قاتارى
سەھىپە قاتارى
يازما قاتارى
بىلقۇت باغچىسى
»
غارايىباتلار
»
كەلكۈن، جۇت ۋە دۇنيا ئۇرۇشى
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
سودا
راي
بۇ بەتتىكى يازما :
كەلكۈن، جۇت ۋە دۇنيا ئۇرۇشى
بېسىپ چىقىرىش
|
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش
|
تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش
|
تېما ساقلىۋېلىش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى :
كۇلۇب باشلىقى
نادىر يازمىلار :
5
يوللىغان تېما :
1571
شۆھرىتى:
1581 نومۇر
تەڭگىسى :
15725 تەڭگە
تۆھپە:
1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17
كىچىك
نورمال
چوڭ
كەلكۈن، جۇت ۋە دۇنيا ئۇرۇشى
پەمگە ئوخشاش، خىيالمۇ تەبىئىتى، مىجەزـ خۇلقى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئادەملردە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولىدۇ. روھىي تەھلىل ئىلمىنىڭ ئەللامىلىرىدىن بىرى بولغان كارىل گۇستاۋ رۇنگىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغان ئادەم ئۆزىنىڭ كۆرگەن ھەر خىل چۈشلىرى ۋە كۆڭلىدە پەيدا بولغان خىياللىرى توغرىسىدا رۇنگى جانلىق، قىزىقارلىق ۋە تەپسىلىي يازغان خاتىرىلەردىن ۋە تەھلىللەردىن چوڭقۇر تەسىرلەنمەي قالمايدۇ.
رۇنگىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان خىياللاردىن دەسلەپتە '' تولىمۇ بىزار بولغان ھەتتا كۆڭلىدە ئېنىق قورقۇنچىمۇ پەيدا بولغان'' ئىكەن. چۈنكى ئۇ روھىي كېسەل مۇتەخەسسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر ئۆزىنى توختىتىۋالالمايدىغان بولسا، خىيالنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىدىكەن ۋە لېكىن ئۇنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان روھىي تەھلىل مۇتەخەسسىسىلىك بۇرچى ئۇنىڭ ئۆزىگە مېڭىسىگە كەچكەن تۈرلۈك خىياللارنى خاتىرىلەتتۈرگەن:
1913- يىلى كۈز يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ئىچىمدىكى بىر سىقىلىش خۇددى تاشقىرىغا يۆتكىلىۋاتقاندەك، ھاۋادا قانداقتۇر بىر نەرسە پەيدا بولغاندەك بولدى. ئەيراپ مۇھىتىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھەقىيقەتەن دېمىق تۇيۇلدى، بۇ ئەھۋال خۇددى بۇنداق سىقىلىش پەقەت مەنىۋىـ روھىي جەھەتتىكى ۋەزىيەتنىلا ئەمەس، كونكرېت رېئاللىقتىن پەيدا بولغاندەك سېزىلدى. بۇ سېزىم بارغانسېرى كۈچەيدى.
10- ئاي، سەپەردە يالغۇز كېتىۋاتاتتىم، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر خىيال بىردىنلا چىرمىۋالدى: خىيالىمدا كۆرۈندىكى، شىمالىي دېڭىز بىلەن ئالپىس تاغلىرى ئارىلىقىدىكى زېمىنلارنى ۋە ئويمانراق يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى كەلكۈن بېسىپ كەتتى.كەلكۈن شۋېتسارىيىگە بېسىپ بارغاندا، قاراپ تۇرىسام تاغلار بارغانسېرى ئېگىزلەپ، بىزنىڭ مەملىكىتىمىزنى قوغداپ تۇرۇپتۇ. كۆڭلۈمدە قورقۇنچلۇق چوڭ بىر بالايىئاپەت ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندەك ئايان بولدى. ئاسمان پەلەك دولقۇن بېرىدىغان پارچەـ پۇرات بىر نەرسىلەر، كەلكۈندە سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ مىڭ - تۈمەنلىگەن جەسەتلىرى لەيلەپ تۇرۇپتۇ. ئەنە شۇ خىيال تەخمىنەن بىر سائەتتەك داۋام قىلدى. تېڭىرقاپ قالدىم ۋە كۆڭلۈم ئاينىدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆزۈمنىڭ ئىلاجىسىزلىقىمدىن ھەسرەتلەندىم.
ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. كېيىن يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەھۋالدا ھېلىقى خىيال يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. كۆرۈنۈشلەر ئىلگىرىكىدىنمۇ كونكرېت، جانلىق بولدى، قان دېڭىزى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ كۆرۈندى. ئىچىمدىن '' ئوبدان قارا، بۇلارنىڭ ھەممىسى راست، بەلكىم شۇنداق بولىدۇ، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرمە!'' دېگەن زۇۋان چىقتى. شۇ يىلى قىشتا بىراۋ مەندىن: دۇنيانىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىز؟ دەپ سوراپ قالدى. مەن: ئۇ ھەقتە چوڭقۇرراق ئويلاپ باقمىدىم، لېكىن تاغدەك دەستەـ دەستە بولۇپ دۆۋىلىنىپ كەتكەن جەسەتلەرنى، دەريا بولۇپ ئاققان قىزىل قانلارنى كۆزدۈم، دەپ جاۋاب بەردىم.
ئۆزۈمچە: ئۇ خىياللىرىم بىرەر ئىنقىلاب پارتلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ دەپ سوئال چىقىرىپ باقتىم، لېكىن ئۇنداق ئىش بولىدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە تەسەۋۋۇرۇمغا سىغمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىيال مېنىڭ ئۆزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، دېدىم ۋە روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغاندەك خەۋپ بار ئىكەن، دېگەن قاراشقا كەلدىم. ئۇرۇش بولىدىكەن دېگەن خىيال زادىلا كەچمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 1914- يىلى باھار ۋە ياز ۋاقتىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم ئوخشاش بىر چۈشنى كۆردۈم: تومۇز ۋاقتى، شىمالىي قۇتۇپنىڭ جۇت سوغۇقى جۇغۇلدىتىپ ھۇجۇم قىلىپ، يەرـ زېمىننى مۇزلىتىۋەتتى. مەسىلەن، پۈتكۈل لوررايىن رايونى ۋە ئۇنىڭدىكى قاناللارنىڭ مۇزلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. خەق چۆلسىرەپ قالغان بۇ يەرلەردىن قېچىپ كەتتى. ياپيېشىل كۆكىرىپ تۇرغان ئۆسۈملۈكلەرنى قىرو بېسىپ ئۈششۈتىۋەتتى..
بۇ چۈشلەرنى 1914- يىلى 4- ۋە 5- ئايلاردا كۆردۈم، ئاخىرىدا كۆرگەن ۋاقىت 6- ئايدا بولدى.
8- ئاينىڭ 1- كۈنى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. مېنىڭ بۇرچۇم ئەمدى ئايدىڭلاشتى: نېمە ئىش يۈز بەردى، مېنىڭ كۆرگەنلىرىم، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ كۆرگەنلىرى بىلەن زادى قانچىلىك ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇلارنى ئىمكانقەدەر چۈشىنىپ بېقىشىم كېرەك، ئۆزۈمچە نامايان بولغان بېشارەتلەرنىڭ تېگىنى كوچىلاپـ قېزىپ بېقىشىم كېرەك. شۇنىڭ بىلەن باش تارتىپ بولمايديغان بىرىنچى مەسئۇلىيىتىم روھىي دۇنيايىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىنى بىلىپ بېقىش بولۇپ قالدى ....
سىرلىق تۇمان
بېشارەت ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە سىڭىپ كەتكەن، ئادەملەر ئۇنىڭ نامايان بولغانلىقىنى تۈرلۈك ساھەلەردە كۆزەتكەن ياكى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەيەردىن ۋە قانداق بولغان - بولىدىغانلىقىنى ھەتتا بىرەر بېشارەتنى ناھايىتى كۈچلۈك سەزگەن ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.
ئويلانمىغان يەردىن چىققان، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۇشۇنداق سىرلىق ھادىسىلەر ئۇزۇن زامانلارغىچە قانائەتلەندۈرگۈدەك، ئەقىلغا سىغقۇدەك شەرھلەرگە ئېرىشەلمەي، سىرلىق تۇمان ئىچىدە قالغاچقا، ئىنسانىپەتنىڭ ئۆزى يېشىپ بېرەلمەيدىغان تېپىشماق بولۇپ كەلدى.
قانچىكى سىرلىق ۋە چۈشىنىڭسىز ئىش بولسا، ئادەمدە شۇنچە ئاسان ۋەھىمە، ئېتىقاد پەيدا قىلىپ، خۇراپات تۈسىگە كىرىۋالىدۇ. بۇندق ئەھۋال بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتاـ بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ يۈز بېرىپتىكەن، ئىپتىدائيى ياۋروپالىقلاردىمۇ، ئافرىقىلقلاردىمۇ يۈز بەرگەنىكەن، ھەتتا بىزدەك يېڭى زامان مەدەنىي ئادەملىرىمۇ روزى مىساقتىن قالغان شۇ تېپىشماقنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولالماي كېلىۋاتىمىز.
بېشارەتكە ئېتىقاد قىلىشنىڭ ناھايەت دەرىجىدىكى ئىپادىلىرىنى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
ياپونىيە ئېتنوگرافىيە مۇتەخەسسىسى كانچىنياكىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئېتىقاد بىلەن خۇراپاتلىقنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى ھادىسىلىرى ئۈستىدىن قىلغان تەتقىقاتلىرىدا بايان قىلىشىچە، بېشارەتكە چوقۇنۇش دېمەك كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان پاكىتلارنى مەلۇم ھادىسىلەر ئاساسىدا ئالدىن بىلىش مۇمكىن دەيدىغان ئېتىقادتۇر. بۇلارنى ئىككى خىلغا بۆلۈش مۇمكىن:
بىرى، پاسسىپ بېشارەت، يەنى نامەلۇم پاكىتلارنى كەلگۈسىدە پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارنى تەبىئىي پەيدا بولغا ھادىسە ) ياكى ئالامەت ( لەرگە ئاساسەن پەرەز ياكى قىياس قىلىش. ئالدىن بىلگىلى بولىدىغان شۇنداق ئىشلار، مەسىلەن،)1(ئۇچارقاناتلارىڭ مايىقى ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشسە شۇ ئادەمگە بىرەر پېشكەللىك كېلىدىكەن؛ )2( قىزنى ياتلىق قىلىۋاتقاندا، ئەگەر شۇ قىز ياكى ئۇنىڭ ئانىسى يولدا كېتىۋېتىپ مۈدۈرۈپ كەتسە ياكى بېشىدىكى چازىسى چۈشۈپ كەتسە توي بولماي قالىدىكەن؛ )3( يىلان يولدا كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ يولىنى توسۇپ ياتقان بولسا، شۇ ئادەم شۇ كۈنى چوڭ بىر بالا - قازاغا ئۇچرايدىكەن.
1982- يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا مەلۇم بىر تاغلىق كەنتتە ئۇدا بىر نەچچە كۈن پاقا بېلىقنىڭ يىغىسى ئاڭلىنىپتۇ.
كەنت ئۇزۇن بىر جىلغىدا ئىكەن. جىلغىدا گاھىدا ئۇلغىيىپ قالىدىغان بىر ئۆستەڭ سۇ تاغنى بويلاپ، تاشـ شېغىللارنى ئارىلاپ، كېچىدە پاقا بېلىقلارنىڭ يىغلىغاندەك چىقارغان ئاۋازى بىردىنلا كېڭىيىپ كەتكەندەك قىلغان جىلغا ئېقىنىنىڭ شاۋقۇنىدا گويا ئادەمنىڭ قورققۇسى كەلگۈدەك ئاڭلىنىپتۇ. بەزى ياشانغان ئادەملەر پاقا بېلىقلارنىڭ ئىڭەلىگەندەك ئاۋاز چىقارغانلىقى '' بالايىئاپەت'' تىن بېشارەت بېرىدۇ دېيىشىپتۇ.
ھايۋاناتنىڭ بولۇپمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ بىرەر ئاپەتنى ئالدىدىن سېزىشى ئادەمگە قارىغاندا ھەم ئېنىق، ھەم تېز بولىدۇ. بۇ ھايۋاناتنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى '' تەبىئەتكە ماسلىشالايدىغان مەخلۇقات ھايات تۇرالايدۇ'' غان جانلىقلار دۇنياسىدا، ھازىرغىچە ھايات ياشاپ كېلىۋاتقان مەخلۇقلارنىڭ تولىسى پەۋقۇلئاددە خۇسۇسىيەتكە ياكى ئىقتىدارغا ئىگە. مەسىلەن: بۈركۈتنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئادەمنىڭكىدىن 30 ھەسسە ئارتۇق؛ شەپەرەڭنىڭ قانىتى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چىقىرالايدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلغۇچ بار؛ ۋۇجۇدى ئاران 35 سانېىمېتىز كېلىدىغان شىمالىي قۇتۇپ شاخ سانىغۇچ قۇشى شىمالىي قۇتۇپتا ئۇۋا تۇتۇپ، ھەر يىلى 6- ئايدا تۇخۇم بېسىپ بالىلايدىكەن، 8- ئايدا بالىلىرىنى ئېلىپ جەنۇبقا قاراپ ئۇچىدىكەن. 12- جەنۇبىي قۇتۇپقا يېقىن بارىدىكەن، كېيىنكى يىلى 3- ئايدا يەنە شىمالىي قۇتۇپقا كۆچىدىغان، دېمەك ھەر يىلى يەتتە ئاي ئىچىدە 35 مىڭ كىلومېتىر ئۇچىدىكەن. ئەسلى ئۇلۇغ ئوكياننىڭ شىمالىدىكى بېرنىگ بوغۇزىدا ياشايدىغان چوڭ ماخا بېلىقى ھەر يىلى كۈزدە ئېلىمىزدىكى سۇڭخۇاجياڭ، خېيلۇڭجياڭ دەرياسىغا كېلىپ تۇخۇم چىقىرىپ نەسىل كۆپەيتىدىكەن. كەپتەردە يەرنىڭ ماگنىتى بىلەن ئۇچىدىغان پەۋقۇلئاددە بىر ئىقتىدار بار ئىكەن. رادار بازىلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدىغان چاغدا يولىنى ياكى ئۇچۇش سۈرئىتىنى تەبىئىي ئۆزگەرتىۋالىدىكەن. ئافرىقا ئورمانلىرىدا شۇنداق بىر خىل قۇرت بار ئىكەن: ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى ۋاقىتقا قاراپ ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن، ئۇ ئۆلچەملىك '' قۇرت سائەت'' ئىكەن. چىشى ئېيىق قىش كىرىشى بىلەنلا قاتتىق ئۆسۈملۈكنى يۇتۇپ ئاشقازىنىدىن چوڭ ئۈچىيىگە ئۆتكۈزۈۋېتىكەن، شۇ قاتتىق جىسىم كۆتەنگە بارغاندىن كېيىن پۇرۇپكدەك كەپلىشىپ تۇرۇۋېلىپ، ئۈچەيلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ئىشتىن توسۇپ قويىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلىرى ھەزم قىلىشتىن، بۆرەكلىرى ئۆز پائالىيىتىدىن توختايدىكەن، نەپەسلىرى ئاستىلايدىكەن، يۈرىكىنىڭ سوقۇشى بارغانسېرى ئازىيىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۈچەككە كىرىپ كېتىدىكەن، لېكىن ئۈچەككە كىرىپ ئۇخلاپ ياتقان چىشى ئېيىقنىڭ خەۋپ - خەتەرنى سېزىش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈز بولۇپ، بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقتىكى ئىتنىڭ قاۋىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغىنالايدىكەن، كۆزىنى ئاچقان ھامان كۆتىنىدىكى پۇرۇپكا ئۆزىچىلا چىقىپ كېتىدىكەن، ئېيىق شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى يىرتقۇچلىشىپ، ئۇچرىغانلىكى ھايۋانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى '' يەم قىلىدىكەن دەرەخ پىتىمۇ تۇرالايدىغان بۇلۇتسىمان نەرسىنى پۇرقۇپ چىقىرىدىكەن، ئۇنىڭدىكى ناھايىتى مۇرەككەپ خىمىيىۋى تەركىبلەردىن چىققان مەلۇم بىر خىل گازسىمان پۇراق ئارقىلىق باشقا چۈمۈلىلەرگە سىگنال بېرىدىكەن.
شۇنداق دېيىشكە توغرا كېلىدۇكى، بەزى ھايۋانلار تۇيدۇرماي يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ۋەھىمە ياكى خەۋپلەردىن ئۆزلىرىنىڭ'' پەۋقۇلئاددە سېزىم'' لىرى بىلەن سېزىپ چۆچۈرسە، ھۈركىسە، بىئارام بولسا يەنى ئادەمزات نەزىرىدكى '' غەيرىي نورمال ھادىسە'' يۈز بەرسە، بۇنداق ئەھۋاللار ئادەم ئۈچۈن يامانلىقنىڭ بېشارىتى '' بولۇشى مۇمكىن! بۇ يەردىكى قىيىنچىلىق شۇكى، ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تىل يوق، ئۆز ئارا ئۇقۇشۇش مۇمكىن ئەمەس. ئاندىن قالسا، مەلۇم ھايۋانغا تەھدىت ياكى خەۋپلىك بولغان شەيئىلەر ئادەم ئۈچۈن تەھدىت ۋە خەۋپلىك بولماسلىقى ھەتتا قىلچىلىكمۇ خەۋپلىك بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، قارا چاشقان كۈل رەڭ چاشقاننى كۆرگەندە كۈل رەڭ چاشقاندىن چىققان غەلىتە بىر خىل ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قارا چاشقاننىڭ مۇسكۈللىرىدىن سىڭىپ ئۆتۈپ مەركىزىي بېرۋىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران قىلالايدىغان بولغاچقا، قارا چاشقان قورققىنىدىن قىمىرلىيالمايدىكەن؛ لېكىن بۇ ئەھۋال ئادەمگە ھېچقانداق بېشارەت بېرەلمەيدىكەن؛ چۈنكى ئادەم كۈل رەڭ چاشقاندىن چىققان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى زادىلا سەزمەيدىكەن، ئۇنداق دولقۇندىنمۇ قورقمايدىكەن. دېمەك، نۇرغۇن ھايۋاندا پەيدا بولىدىغان پەۋقۇلئاددە ھادىسسىلەر ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە تارتالمايدىكەن.
1982- يىلى ئىيۇلدا، پاقا بېلىقتىن كونا تاغلىق كەنتتە بېشارەت بولغان ئاپەت ناھايىتى تېزلا يۈز بەرگەنىكەن. قارا يامغۇر شارقىراپ قۇيۇۋاتقان تۈن كېچىدە جىلغىنىڭ ئايىغىدىكى گىياھلىرى قاتتىق ۋەيران بولغان تاغنىڭ قاپ بېلىدىن ناھايىتى كۈچلۈك يەر ئاستى سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ئالىمىنى مالەم قىلغىلى تاسلا قاپتۇ. كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يەر ئاستىدىن كۈچلۈك ئېتىلىپ چىققان سۇ تاغنىڭ ئېتىكىدىكى تۆت ئىشىكلىك بىر كۆتۈرمە ياغاچ ئۆينى 100 مېتىرچە يىراقلىققا سۈرۈپ، چۇۋۇپ تاشلاپتۇ. مۆرەپ تۇرغان بىر چوڭ سۇ كالىسىنى دەرەخ بويى ئاسمانغا قاڭقىتىپ، شال ئېتىزىنىڭ يېنىغا تاشلاپتۇ ۋە گۈرۈلدەپ كەلگەن دولقۇن ئېقىتىپ كېتىپتۇ...
ئۆيلەر تامامەن گۇم بوپتۇ، زىيان بولغان ئاشلىق ئۆي سەرەمجان، چوڭ - كىچىك چارۋا مال ۋە ئېتىزـ ئېرىقنىڭ ھەددىـ ھېسابى يوق ئىكەن. ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايالنىڭ قورققانلىقتىن ئېلىشىپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالىمىغاندا، پۈتۈن كەنت بويىچە بىر ئادەمگىمۇ زىيان - زەخمەت يەتمەپتۇ. تارقىلىپ تۇرغان گەپ - سۆزلەرگە قارىغاندا، كەنت كادىرلىرى بىر نەچچە ياشانغان ئادەمنىڭ تاغدىن كەلكۈن كېلىۋاتىدۇ، ئۆيلەرگە كىرىۋاتىدۇ، ئۆيدە قاراپ ئولتۇساق ناھايىتى خەۋپلىك بولىدۇ، ئەھۋال يامان بولىدىغاندەك تۇرىدۇ! دېگەن ئاگاھلىرىنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كەنتتىكى چوڭ - كىچىك ھەممە ئادەمنى كېچىلەپ ئېگىز يەرلەرگە كۆچۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ تۈرلۈك چارەـ ئاماللار بىلەن ئۇلارغا تەييار يېمەكلىك توشۇپ ئاپىرىپ بېرىدىغان ئىش ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ قالغانىكەن.
ھايۋاناتنىڭ بېشارەتلىرى قاتناشـ ئالاقە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان جايلاردا ئادەتتە خېلىلا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.بۇ ئەھۋال شۇ جايلاردىكى ئادەملەرنىڭ ھايۋانات بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۆپرەك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لېكىن ئىقتىسادتا ئارقىدا قالغانلىقى تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقى، باردىـ كەلدى ئالاقىلىرى ئاسان ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدۇ.لېكىن ھايۋاناتتىن چىققان بېشارەتلەرنىڭ تولىسى تەبىئىي ئاپەت ۋە ئادەمدىن كېلىدىغان بالاـ قازالار) ئەلۋەتتە ياخشىلىقنىڭ بېشارەتلىرىمۇ بار( بولۇپ، ئۇلارنىڭ پايداـ زىيىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلار شەھەرلىكلەردەك بىغەم بولالمايدۇ.
ھايۋاناتتىن، ئۆسۈملۈكلەردىن چىققان پەۋقۇلئاددە بېشارەتلىك ئالامەتلەرگە قانداق قاراش مەسىلىسىدە، شەكسىزكى، مەدەنىيەت جەھەتتىن تېخىمۇ مۇھىم بىر سەۋەبمۇـ مەلۇم ھايۋانات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. بۇنداق ئەھۋال شەرقتىمۇ، غەربتىمۇ ئوخشاش بولغان. مەسىلەن، قەدىمكى مىسىر ئاساتىرلىرىدىكى ئۇلۇغ ئىلاھ ئەسلى مۇلۇن باشلىق، ئادەم تەنلىك خەرنوم ئىكەن؛ يۇنان ئاساتىرلىرىدىكى تاغـ ئورمان ۋە مالـ چارۋا ئىلاھلىرى پان بىلەن شاتېل بېشى ۋە بويى ئادەمگە، پۇت - ئاياغلىرى ئۆچكىگە ئوخشايدىغان مەخلۇق ئىكەن؛ ئىلاھ خالپىنىڭ بېشى ئادەم، بويى قۇش ئىكەن؛ ئىلاھ قادى بولسا يىلان، ئىلاھ نىمىيا بولسا شىر ئىكەن؛ ئىسپانكىسنىڭ بېشى ئادەم، بويى ئادەم ئىكەن؛ ھامرانىڭ بېشى شىر، بويى قوي، قۇيرۇقى يىلان ئىكەن.
ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئادەملەر تىمساخقا، يىلانغا، شىرغا ئېتىقاد قىلىدىكەن؛ ئاۋسترالىيىلىكلەر كىنگۇرۇغا چوقۇنىدىكەن؛ شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرى قۇلۇلە، قوڭغۇز، ئېيىق، تۈلكە ۋە بۆرىگە ئېتىقاد قىلىدىكەن.
سرىلانكىدىكى '' ۋېدداھ'' لار ئېلىمىزنىڭ گۇيجۇدىكى مياۋ خەلقىگە ئوخشاش كالىنى مۇقەددەس بىلىدىكەن. ياپونىيىنىڭ ھوككايدو خەلقى ئېلىمىزنىڭ ئېلۈنچۈن مىللىتىگەن ئوخشاش قارا ئېيىقنى چېقىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن.
جۇڭگودا قەدىمكى ''با'' خەلقى ئاق يولۋاسقا، '' شۇ '' خەلقى پىلىگە '' توتېم '' بىلىپ چوقۇنىدىكەن؛ ياۋ خەلقى ئىتنى ئىلاھ دەپ بىلىدىكەن؛ نۇ قەۋمى ئىچىدە '' بېئاچىلار'' دېگەن ئىسىم بار ئىكەن، '' بېئا '' دېگەن سۆز ھەرە،'' چى '' دېگەن سۆز قەۋم دېگەن سۆز بولۇپ، ھەرە قەۋمىگە مەنسۇپ ئادەملەر دېگەن بولىدىكەن؛ يىزۇ خەلقى يولۋاسنى ئەجدادىمىز دەپ ئاتايدىكەن؛ نوپۇسى كۆپ خەنزۇ خەلقى بولسا ئىلگىرى تۈلكىگىمۇ، بۇلغۇنغىمۇ چوقۇنغانىكەن،
بۇنداق ئۇدۇملار ئۆزگەرمەس نەرسە ئەلۋەتتە. ھەر خىل ئۇدۇملار بىرـ بىرى بىلەن ئالمىشىپ، سىڭىشىپ، ئۇدۇمنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىدە باراـ بارا ئاجىزلىشىش ھالىتىنى پەيدا قىلىدۇ.12- ئەسىرىگە كەلگىچە پۈتۈن خەنزۇ مىللىتى ئۆزىنى '' ئەجدىھانىڭ پۇشتى'' دەپ يۈزگەنىكەن. سودا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىش بىلەن شەھە, رگە كىرىۋالغان ئادەملەر باردى - كەلدى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاسانلاشقانلىقى، باشقا مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ تەسىرىنى ئاسانراق قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇدۇمىڭ ئاجىزلىشىش سۈرئىتى تېزلەشكەن، ئەمما قەدىمىي تاغلىق يېزا ۋە پايناپ كەنتلەردە تەبىئىي ئىپتىدائىي ئىرىملەر ئاسانراق ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن '' ئىرىم '' دېگەن مەدەنىيەت ھادىسىسىنى ئۆزگەرتىش قەدىمى ئاستاراق بولىدۇ'' شەھەرلەردە'' ھۇۋقۇش كۆرۈنمىگەچكە ھۇۋقۇش ھۇۋلىسا ئادەم ئۆلىدۇ'' دەيدىغان ئۇدۇم ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئادەملەر پايناق تاغلىق رايونلاردا بولسا بۇنداق شۇ خەۋەرگە ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ، تەبىر بېرىشتىمۇ ھۇۋقۇش '' شۇم قۇش ''، '' تاپنى ئىزدەپ تېپىپ يەيدۇ''، '' سەت ھۇۋلايدۇ'' دېگەندەك يۈرەكى ئالامەتلىرىنى كۆپرەك نەزەردە تۇتىدۇ. لېكىن چالا موللا بولۇپ قالغان ناھايىتى ئاز ماتېرىيالىستلار بۇنداق ئەھۋالنى '' خۇراپاتلىق ''، ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك كېرەك، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. لېكىن ئالىملار بولسا مۇنداق دەيدۇ: تاپنى ۋە چاشقاننى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدىغان ھۇۋقۇشنىڭ پەۋقۇلئاددە پۇراش ئىقتىدارى بار؛ ئۇ تاپتىن چىققان پۇراقنى ۋە ھەتتا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەملەردىكى تۇرغۇن ) ستاتىك ( توك چىقىرىش ھادىسىسىدىن پەيدا بولغان باشقىچە ھىدلارنى ناھايىتى يىراق يەردە تۇرۇپمۇ تېز سېزىۋالالايدۇ. ئۇ قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ئۆلۈكنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كەلگەندە ئىختىيازسىزلا ھۇۋلايدىكەن.
يەنە بىرى، ئاكتىپ بېشارەت، يەنى مەلۇم تەدبىر قوللىنىلسا، بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن بىلگىلى بولىدۇ دەپ ئىشىنىش. بۇ پالـ رەم بېقىش دەپمۇ ئېيتىلىدۇ. پال بېقىش توغرا كەلگەندە بەزى ئادەملەر ئۆزى يالغۇز يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا باقىدۇ؛ بەزىلەر پالچى ياكى رەمماللارغا باقتۇرىدۇ؛ پۈتۈن بىرەر كەنت خەلقى روھـ ئەرۋاھلارغا بىرلىكتە سېغىنىدۇ. دېمەك، كېلىدىغان بالاـ قازادىن ساقلىنىش ئۈچۈن پال بېقىش، رەم سېلىش يولى بىلەن كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ ياكى تەدبىر قوللىنىدۇ. ھەر قانداق جەمئىيەتتە جامائەت ئېتىراپ قىلغان ۋە قىلمىغان كەسپىي رەممال، پالچىلار بولىدۇ.
جۇڭگودا خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادىتىدىكى خۇراپاتلىقلارمۇ جادۇگەرلىككە ۋە پال بېقىشـ رەم سېلىشقا چوقۇنۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. رەمماللىق جۇ دەۋرىدىن بۇرۇنلا كەڭ ئومۇملاشقان؛ چۇ دەۋرىدە جادۇگەرلىك ئەۋج ئالغان؛ ئۇستىخانغا، چوكىغا قاراپ پال بېقىشتىن باشقا يەنە رەڭگى - روھىغا قاراپ پال بېقىش ئادەتلىرىمۇ بار. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، يېغىلىق دەۋرىدە ھەتتا كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرىش يولى بىلەن پال باقىدىغان مەخسۇس ئەمەلدارلارمۇ تەسىس قىلىنغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، گۇگۇڭ خان ئالىيلىرى چۈشىدە ئەۋلىيانى كۆرگەنىكەن، ئويغانغاندىن كېيىن قۇرئەنداز بەگكە قۇررە سالدۇرسا، '' ھەممە ئىش ياخشى بولىدىكەن'' دېگەن بېشارەت چىقىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خان ئالىيلىرى پۈتۈن ئەلـ يۇرتنى قوزغاپ، چۈشىنى تەبرىكلەتتۈرۈپتۇ.
بېشارەتكە شۇنداق قاتتىق ئىشىنىش ئۇسۇللىرى جاھالەت دەۋرىدىكى ئىپتىدائىي ئادەملەر بىلەن ھازىرقى كۈندىكى مەدەنىي ئادەملەردە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا گېزىتلىرى ئامېرىكىنىڭ سابىق مەلىكىسى نامھىنىڭ قۇرئەندازلارنڭ قۇررەسىگە ئاشىق ئىكەنلىكىنى بىر قانچە قېتىم خەۋەر قىلدى. بۇ مەلىكىنىڭ قۇررە باقتۇرۇش خۇمارى كۈچلۈك بولغاچقا، ھەتتا زۇڭتۇڭ رىگان ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرىدىغان بىر ئايال قۇرئەندازى رىگانغا تۇمار بولىدىغان بىر'' كالېندار'' تەييارلاپ، ئاقساراي ئىشخانا مۇدىرى رىگامنىڭ ئىش ئۈستىلىگە قويۇپ قويغانىكە. ئۇ رىگاننىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئائىت پائالىيەتلىرىنى شۇ '' كالېندار '' غا قاراپ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، تاشقى پائالىيەتلىرىنى رىگانغا خەۋپلىك، زىيان - زەخمەتلىك بولغان ئاتالمىش '' شۇم كۈن '' لەرگە توغرىلاشتىن ھەزەر قىلىدىكەن. بۇ ئەھۋالغا ئاقساراينىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا مەسئول غوجىدار رىگاملا ئەمەس، ئامېرىكا جامائەتچىلىكىمۇ، پۈتۈن دۇنيامۇ نارازى بولغانىكەن. بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈكسەك دەىجىدە تەرەققىي قىلغان زامانىۋى مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانىدا سادىر بولۇشى تولىمۇ غەلىتە ئەھۋال ئەمەسمۇ؟ بۇ خۇددى ئىنسانىيەت بىر نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن يەنە ئاشۇ جاھالەت باسقان قاراڭغۇ جاھانغا قايتىپ كەتكەنگە ئوخشاش بىر ئەھۋال بولسا كېرەك.
جاھالەت، ھەرىپەت ۋە بىلمەسلىك
ئىنساننىڭ ئەقلى يېشىپ بېرەلمەيدىغان، تېگىگە يېتەلمەيدىغان تۇغۇلماق ۋە ئۆلمەك بالاـ قازا ۋە بەخت - تەلەي دېگەنگە ئوخشاش سىرلىق ساھەلەردە غەلىتە بېشارەتلەر ئايان بولۇپ، شۇ بېشارەتلەر بىلگىلى بولمايدىغان بۇ نامەلۇم دۇنيانى سىزگە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ '' قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ'' ، بۇ ئەھۋال ئادەملەرنى پۈتۈن روھىيىتىدىن زىلزىلىگە سالماي قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىنى ئالدىدىن بېشارەت بەخت - تەلىيىمنى بەرگەيسەن، بالايىئاپەتتىن ساقلىغايسەن دەيدىغان ۋەھىمىنى پەيدا قىلىدۇ. ئىنسانىيەت تۈمەن مىڭ يىللاردىن بۇرۇنلا شۇنداق مەجھۇل، قاراڭغۇ، چېكى يوق، ئاڭقىرغىلى بولمايدىغان غۇۋا، سىرلىق دۇنياغا قەدەم تاشلاشقا باشلىغان. شۇنداق ئىزدىنىش يولىدا باسقان قەدەملەرنىڭ ئىزى ئەلھال بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئېچىلمىغان سىر بولۇپ تۇرماقتا.
ئىنسانىيەت قانچىكى تەقەززالىق بىلەن تەلپۈنسە، جاھاندا سىرلىق ۋە بىلگىلى بولمايدىغان ھادىسىلەر شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ئىنسانىيەت بىلىش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن، سان - ساناقسىز بىلىش يوللىرىنى ۋە تەپەككۇر يوللىرىنى تاپتى. دېمەك، تەبىئەتنىڭ تېپىشماقلىرىنى تېپىشقا تىرىشىش بىلەن تەڭ يەنە ئۇ ۋۇجۇدىدا بىرمۇنچە تېپىشماقلارنىمۇ پەيدا قىلدى. بىز بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ۋۇجۇدىمىزدىكى تېپىشماقلارنى تېپىش، سىرلارنى ئېچىش ئۈچۈن، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان تارىخ دەرياىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، روزى مىساقتىكى ئاتاـ بوۋىلىمىزدىن شاپائەت تىلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمىز.
ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان غەربىي ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا 19- ئەسىرنىڭ بېشىدا ۋە ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ ئىزدىگۈچى ئەلچىلەرنى ماڭدۇردى. دەسلەپتە مىسيونېرلار، ساياھەتچىلەر ۋە ئىنسانشۇناسـ ئانتروپولوگلار ماڭدى، رويى زېمىندا ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتمىگەن بۇلۇڭـ پۇچقاق قالمىدى، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان ھازىرقى زامان ئىپتىدائىي قەبىلىلەرگىمۇ باردى. بىراق شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتقىنى ماكان جەھەتتە تولىمۇ يىراق يەرلەردە ياشاۋاتقان ھازىرقى زامان ئىپتىدائىي ئادەملىرى بىلەن زامان جەھەتتە ئەڭ كونا، زامانى ئەۋۋەلدە ياشىغان ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ بىرـ بىرىگە ئوخشىشىدىغان يەرلىرىنىڭ زادى بارـ يوقلۇقى مەسىلىسى ئىكەن؛ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى جەمئىيتىدە ياشاۋاتقان بىزدەك ئادەملەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشىغان بەدەۋى ئىپتىدائىي ئادەملەر بىلەن ئوخشىشىدىغان يەرلىرى بارمۇـ يوق دېگەن مەسىلىنى نەزەردە تۇتماپتىكەن، نەزەردە تۇتۇشنىمۇ خالىماپتىكەن،ھەتتا نەزەردە تۇتۇشقا جۈرئەتمۇ قىلماپتىكەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى، خۇددى ھايۋاندىن ئايرىغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ ئاتاـ بوۋىسىدىن '' تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى '' ئۇسۇلى بويىچە ئايرىۋەتكەنىكەن.
ئۆزىنىڭ ئەقىل - ئىدراك ئىسكەنجىسى بىلەن بەنت بولۇپ مۈشكۈلچىلىككە چۈشۈپ قالغان ئادەملەر 20- ئەسىردە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى يېڭىۋاشتىن بىلىش، تونۇش ۋە ئۆزلىرىنىمۇ يېڭىۋاشتىن چۈشىنىش، دەڭسەپ كۆرۈش زۆرۈرلۈكىنى بىلىپ، ئاخىر شۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدىكى: ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئادەملەر جاھالەتتە تۇرۇۋاتقان بەدەۋى ئادەملەر بىلەن نۇرغۇن ساھەلەردە ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر قەدەم تاشلاش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
ئامېرىكىلىق بىر مەشھۇر ئىنسانشۇناسنىڭ ئېيتقىنىدەك، مەيلى ئىپتىدائىي ئادەم بولسۇن ياكى ھازىرقى زامان ئادەملىرى بولسۇن، ئادەمنىڭ روھىدا ۋە جىسمىدا سىرى ئېچىلمىغان ساھە ناھايىتى كۆپ. شۇنداق، ھازىرقى زامان ئىلىمـ پەنلىرىنى مەدەتكار قىلغان بىزدەك ئادەملەرنىڭ ھازىرقى زامانغا لايىق ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغان تەقدىردىمۇ، ئادەم ۋۇجۇدىنىڭ ئۆسۈش جەريانى، مەيلى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئالمىشىش جەھەتتە بولسۇن ياكى پىشىپ يېتىلىشى جەھەتتە بولسۇن، گويا بىر تۈرلۈك سىرلىق ئۇسۇلدا داۋام قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، جاننىڭ پەيدا بولۇشى، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى، جانلىك جىسىملار بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر غەلىتە ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ھامىلە مەسىلىسىنى ئالساقمۇ شۇنداق، ھەر قېتىملىق جىمائدا ھامىلە بولۇۋەرمەيدۇ. شۇنداق شارائىتتا ئىلمىي تەپەككۇز ھەرگىزمۇ نەسىللەندۈرۈش پائالىيىتى بىلەن ھامىلىدار بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدىلا توختاپ قالمايدۇ، بەلكىم باشقا سەۋەبـ نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزدەيدۇ. ھامىلىدار بولۇشنىڭ ھەممە قوشۇمچە سەۋەبلىرى تولۇق تېپىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە مەسىلە چىقىدۇ. بىزدەك مەدەنىي ئادەملەر ئالدىدىمۇ جانـ ھاياتلىق، ھامىلە، كۆز يورۇش دېگەندەك ھادىسىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايديغان تەرەپلىرى يوق ئەمەس.
ئىپتىدائىي ئادەملەر ھايات ۋە مامات مەسىلىلىرىنى سىرلىق چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىدە ھازىرقى زامان ئىلىمـ پەنلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىرىدىن بىزنىڭ ئىچىمىزدە قانائەتلىنىدىغان ئادەممۇ بارمۇ؟!... نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىچىدە پەقەت پالانى ئادەمگە '' ئامەت '' كەپتۇ، پوكۇنى ئادەمدە '' ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بېشارەت نامايان بوپتۇ'' دېگەن مەسىلىلەرنى ئەقىلـ ئىدراك بىلەن يېشىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنى ئىلمىي تەپەككۇرنىڭ نىشانى قىلىۋېلىشمۇ يارىمايدۇ.
ھازىرقى مەدەنىي جەمئىيەتتە نۇرغۇن شارائىتتا خاتا ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى ئەقلىي ھەرىكەت ئالغان بولسىمۇ، مەدەنىي ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشتا مەنتىقىي پىكىر قىلىشى، ھەممە ئىشنى '' ئەقىل '' گە ئۇيغۇن قىلىشى نايايىن. ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ '' غەلىتە '' قىلىقلىرى مەدەنىي ئادەملەردە كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇشى ئېھتىمال. مەسىلەن، غەرب ئادەملىرى كالتەكنى ئۈچ قېتىم سوقۇپ، مۇشۇنداق قىلساق جىن قاچىدۇ دەيدىكەن. يەنە، غەرب ئادەملىرى قەسەم قىلغاندا ئۈچ بارمىقىنى چىقىرىدىكەن. يەنە كۇلۇبتا قويۇلغان ئويۇندىن زوقلانسا چاۋاك چالىدىغان، ياراتمىسا ئىسقىرتىدىغان ئادەتلىرى بار، ھەتتا بىراۋلارغا قەدەھ كۆتۈرۈپ سالامەتلىك تىلەيدىغان خۇراپاتلىق ۋە ئادەتلەر بار. ئەنە شۇنداق شارائىتتا، ھەرىكەت بىلەن شۇ ھەرىكەتكە سەۋەبچى بولغان ئەھۋال ئوتتۇرىسىدا ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھېچقانداق مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس. ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ غەلىتە قىلىق - ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاشلا بۇنداق ھەرىكەتلەرنىمۇ ئەقىل بىلەن يېشىش مۇمكىن ئەمەس.
ھەممە ئادەمگە مەلۇم بولغان لېكىن ھېچكىم تېگى - تەكتىگە يەتمىگەن، تۇرمۇشتا دائىم پەيدا بولىدىغان شۇنداق ھادىسىلەر غەربىتىمۇ، شەرقتىمۇ ھەر قانداق مەدەنىي جەمئىيەتتە ناھايىتى كۆپلەپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەگەر شۇنداق ھادىسىلەرنى پەيدا بولغان چېغىدىن تارتىپ بىمەنە ھادىسە دەپ قارىساق، ئۇلارنى تۇرمۇشىمىزدىن ئۈرۈلـ كېسىل يوقىتىۋېتىشكە ھازىرمۇ ئىلاجىسىزمىز. بۇ ئىلاجىسىزلىق بىزنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بەزىبىر ئىنسانشۇناسلار بىزگە شۇنداق تەلىم بېرىدۇكى، ئىپتىدائىي ئادەملرنىڭ زېھنى بىلەن مەدەنىي ئادەملەرنىڭ زېھنى ئوتتۇرىسىدا تۈپ پەرق يوق. ئۆزىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭكىدىن ئۈستۈن چاغلايدىغان، ئىپتىدائىي ئادەملەردە بولمىغان ئېنىق تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگىمىز دەپ قارايدىغان ئادەملەرمۇ بەدەۋى ئادەملەرنىڭ زېھنى ۋە ھەرىكىتىگە مەنسۇپ بولغان بىر مۇنچە نەرسىلەر ئۆز ۋۇجۇدىدا پەيدا بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بايغاپ قالىدۇ. ئىپتىدائىي دىنلاردىكى جادۇگەرلىك ۋە پەرھىزلەر، ھازىرقى زامان ئەقىل ئىگىلىرى نەزىرىدە بىدئەت دەپ قارىلىدىغان ئەنە شۇنداق نەرىسىلەر شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
پەرھىز ۋە بېشارەت
بېشارەت ھەمىشە مەلۇم پەرھىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىر ئىنسانشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى مۇنداق دەيدۇ: '' پەرھىزدىن بىلىنەرـ بىلىنمەس ئايان بولۇپ تۇرىدىغان ھېسـ تۇيغۇ بىزنى ھەرقاچان مەھكۇم قىلىۋالىدۇ: جادۇگەرلىكنى ئالايلى، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىر ئوغۇل بالا ئۆزىنىڭ فوتو سۈرىتىنى ئۆچەكىشىپ تۇرغان بىر ئادەم قايچا بىلەن پارچە - پارچە قىلىپ كېسىپ تاشلىغانلىقىنى كۆرسە گويا ئۆزىمۇ زەخىملەنگەندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ. ئۆزۈم بىلىمەنكى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا شۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ قالغان بولسام، بۇنىڭ ئاقىۋىتى دۇئېل بولۇپ چىقاتتى: بارلىق ئىمكانىيىتىم بىلەن دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغان بولاتتىم، خۇددى ئۇ مېنىڭ فوتو سۈرىتىمنى قايچىلاپ تاشلىغاندەك، پۇخسامنى چىقىرىۋالاتتىم. شۇ غەلىبەمنى ماڭا قىلىنغان ئازارنىڭ ئورنىغا ئېلىنغان تۆلەم دەپ قارىغان بولاتتىم...'' ھالبۇكى، مۇشۇنداق ھەرىكەت ئۆلچىمىدىن ۋە شۇنداق ئەقىدىدىن بىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا نايامان بولغان '' پەرھىز تۇيغۇسى '' ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ پەرھىزلىرىگە ئوخشاشلا چوڭقۇر ۋەھىمە ھېسسىياتىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئىپتىدائىي جادۇگەرلىك بېشارەت بىلەن ۋە بالاـ قازانى توسۇش، بەختـ تەلەي تىلەش بىلەن ئالاقىدار، پەرھىز بولسا'' بىرەر شەيئىدىن ئادەت بويىچە ۋەھىمە يېيىشتىن پەيدا بولىدۇ''، ھەر قانداق سىرلىق ۋە ئادەمدە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان شەيئى پەرھىزگە ۋە بېشارەتكە دەستەك بولۇپ قالىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ پەرھىزلىرىگە ئائىت ماتېرىياللار ئۈستىدىن قىلىنغان تەھلىللەرنى يىغىنچاقلاپ قارايدىغان بولساق، پەرھىز مۇنداق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن: 1( بىۋاسىتە پەرھىز. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىرىنچىدىن ، ئەمر رەھبان دېگەنگە ئوخشاش مۇھىم ئەربابلارنى زىيانـ زەخمەتتىن ساقلاش؛ ئىككىنچىدىن، ئاجىزلارنى ۋە كىچىكلەرنى، مەسىلەن، ئاياللارنى، كىچىك بالىلارنى ۋە ئادەتتىكى ئادەملەرنى ئەمر، رەھبان دېگەنگە ئوخشاش كۈچ - قۇۋۋىتى بار ئادەملەرنىڭ '' مانا '' لىرىنىڭ ) دۇئايىبەتلىرىنىڭ ( زىيانـ زەخمىتىدىن ساقلاپ قېلىش؛ ئۈچىنچىدىن، جەسەتنى سىلاش ياكى تۇتۇشتىن ۋە ياكى مەلۇم بىر خىل غىزانى سەۋەن يەپ سېلىش سەۋەبى بىلەن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ تۆتىنچىدىن، بەزى مۇھىم تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرىنى، مەسىلەن، تۇغۇت، يىگىتلىك مۇرسىمى، ئۆيلىنىش ۋە ئەرەنلىك قاتارلىقلارنى دەخلى - تەرۇزدىن ساقلاش؛ بەشىنچىدىن، ئىنسانلارنى ئەرۋاھلارنىڭ غەزىپىنىڭ ياكى قۇدرىتىنىڭ زىيانـ زەخمىتىدىن ساقلاش؛ ئالتىنچىدىن، مەلۇم پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدىن، بولۇپمۇ مەلۇم ئوزۇق ئوقەتتىن پەيدا بولغان ۋە ئۇنىڭدىن يوقىشى مۇمكىن دەپ قارالغان ئالاھىدە بىر نەرسىنى تۇغۇلمىغان بالىنىڭ ياكى بوۋاق بالىنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئۇ نەرسىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى بىلەن ياكى ھەر ئىككىسى بىلەن ئالاھىدە سىمپاتىكـ تۇيغۇداشلىق مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراش. 2( پەرھىز شەخسىي پۇلـ مال، زىرائەت، قورال - سايمان ۋە باشقىلارنىڭ ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
ئەنگلىيىلىك ناھايىتى مەشھۇر ئىنسانشۇناس جامېس.G فرازىر ئىپتىدائىي جادۇگەرلىكتىن ئىككى خىل مەنتىقە تاپقان، ئۇنىڭ بىرى، ئاكتىپ مەنتىقە، '' مەلۇم بىر ئىشنى قىلغاندا ئۇنىڭدىن يەنە مەلۇم بىر ئىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن''؛ يەنە بىرى، پاسسىپ مەنتىقە '' مەلۇم بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك.'' بۇ كېيىنكى پاسسىپ مەنتىقە بويىچە ئالغاندا، جادۇگەرلىكتە ئىنكار قىلىنغان تەلىملەر دەل پەرھىزنىڭ ئۆزىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن فرازىر: '' تەستىق خاراكتېرلىك تەلىملەر قاغاشتۇر، ئىنكار خاراكتېرلىك تەلىملەر بولسا پەرھىزدۇر'' دېگەن بۇلاردىن مەلۇمكى، ھازىرقى زامان مەدەنىي ئادەملىرىنىڭ '' ئىچكى تۇيغۇسىدىكى پەرھىر'' لەر ئەنە شۇلارغا ئوخشاش پسىخىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ھازىرقى مەسىلە شۇكى، بىزدەك مۇشۇنداق مەدەنىي ئادەملەردە نېمە ئۈچۈن شۇنداق '' خاتالىق '' لارنى ئىلمىي ئەقىل بىلەن تازىلاپ تاشلايدىغان '' ئىچكى '' چوڭقۇر قاتلاملىق روھىي ھالەت ) پسىخىكا( يوق؟ مەشھۇر روھىي تەھلىك مۇتەخەسسىسى سىگمۇند فروئىدنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىنى يېشىش ئۈچۈن شۇنداق پەرەز قىلىشىمىز لازىم: پەرھىز بولسا بۇرۇنقى زاماندا ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ مەلۇم بىر بوغۇنىغا مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرغان كونا ئۇدۇملاردۇر، ئۇلارنىڭ شۇ ئۇدۇملارنىمۇ ئەجدادلىرىدىن مەجبۇرىي قوبۇل قىلغانلىقىدا شەك يوق. پەرھىز قىلىنغان تۈرلۈك ئۇدۇملارنىڭ بەزى قاتتىق خاھىشلىق پائالىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كەلگەنلىكى مۇقەررەر، ئاتاـ ئانىدىن ۋە جەمئىيەت مۆتىۋەرلىرىدىن تەۋەررۈك بولۇپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق بۇ پەرھىزلەر كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرىسىي روھىي خۇسۇسىيەتكە ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاڭسىزلىقىغا سىڭىپ كەتكەن.
فروئد پەرھىز مەسىلىسىگە روھىي ھالەت تەھلىلاتى جەھەتتىن يېقىنلىشىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك پەھىز ياكى چەكلىمىلەرنى ياراتقان ئادەملەرنىڭ شۇ پەرھىز ياكى چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئۆز قەبىلىلىرىدە ۋە ئۆز جەمئىيەتلىرىدە ئورتاق پەرھىزلەرگە رىئايە قىلغىنىغا ئوخشاش چىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ پەرھىز قىلىش ئادىتى بىلەن ئەسەبىيلىك ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئوخشاشلىقنى تەھلىل قىلىلپ سېلىشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ ئوتتۇراىسىدا كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئوخشاشلىقنى يەنى بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ھەرىكەتنىڭ مەقسەت مۇددىئاسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەي، كىشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى بىلگەن. پەرھىز قىلىش ئادىتى بىلەن ئەسەبىيلىك ھەددىدىن ئاشقاندا تەك كەلگىلى بولمايدىغان بىر خىل ۋەھىمە ئىزچىل زورلۇق قىلىدۇ. شۇنداق جازاسى يوق تەھدىت كۆڭۈلدە مۇئەييەتلىشىپ قالىدۇ، ئەخلاق جەھەتتە گۇناھقا ئايلىنىدۇ يەنى ھەرقانداق پەرھىز ئۇدۇملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ چىدىغۇسىز بالايىئاپەت پەيدا قىلىدۇ.
فروئىدنىڭ قارىشىچە، ئادەملەر ھاياتلىق، تەبىئەتنىڭ كۈچـ قۇدرىتى، چۈشىنىلمىگەن مەلۇم بىرەر سىرلىق كۈچ، ئالەمـ كائىنات توغرىسىدا مەلۇم بولمىغان تەكشۈرۈپ كۆرۈش يوللىرىنى ئىزدەپ تاپالمىغان چاغدا پەيدا بولغان ۋەھىمىلەر ئاساسىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەر خىل پەرھىز ۋە چەكلىمىلەرنى يارىتىۋالىدۇ. ئۇلار خىيالىدا پەرھىزنى ياكى چەكلىمىنى بۇزۇپ سالدىم دەپ ئەندىشىگە چۈشكەندە، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان بەزى تەبىئەت ھادىسىلىرى ياكى شەيئىلەرنى '' يامانلىقنىڭ بەلگىسى '' قىلىۋالىدۇ ياكى چۈش كۆرۈش، خىيال سۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يوللار بىلەن بېشارەت قىلىدۇ.
Posted: 2008-02-03 17:59 |
[ئاپتور]
bilqut_A
دەرىجىسى :
كۇلۇب باشلىقى
نادىر يازمىلار :
1
يوللىغان تېما :
19
شۆھرىتى:
21 نومۇر
تەڭگىسى :
210 تەڭگە
تۆھپە:
0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17
كىچىك
نورمال
چوڭ
Posted: 2008-02-03 20:21 |
1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە يۆتكىلىش
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
بىلقۇت باغچىسى
»
غارايىباتلار
Total 0.060504(s) query 4, Time now is:03-17 17:44, Gzip disabled
Powered by
PHPWind
v6.0
Certificate
Code © 2003-07
PHPWind.com
Corporation
Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008
bilqut.com
Corporation