قاتار بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 قاتار

ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پېرسىيە قولتۇق قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ يېرىم ئارال قىسمى بىلەن دېڭىزدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتار يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەر ۋەزىيىتى تەكشى بولغان بوز يەرلەر بىلەن قۇملۇقلار ئىگىلەيدۇ، جەنۇبىي قىسمىدا قۇملۇق بارخانلار بار. ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق، يامغۇرى ئاز، شىمالىي قىسمىدا يامغۇر كۆپرەك بولىدۇ. قاتارنىڭ ئاھالىسى 270 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر، قالغىنىنى پارس، ئوردو، ھىندى، بىلوجى قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ. قاتار كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن. مىلادىيە 7 - ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1871 - يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1882 - يىلى ئەنگلىيە بېسىپ كىرگەن، 1916 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1971 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. قاتار ئىقتىسادىي جەھەتتە نېفىتنى ئاساس قىلىدۇ. قاتار نېفىتتىن قىلىنغان مالىيە كىرىمىگە تايىنىپ سېلىنغان نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات - تۆمۈر، سېمونت، ئاليۇمىن قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. قاتار يېزا ئىگىلىكىدە كۆكتات، خورما، قارا ئاشلىق ئۆستۈرىدۇ. بېلىقچىلىقى بىلەن مەرۋايىت ئېلىش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. مەرۋايىت ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە نەچچە يۈزلىگەن قېيىق، نەچچە مىڭ ئادەم مەرۋايىت ئېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
\o
قاتار پارىس قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قاتار يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. <قاتار> سۆزى قەدىمكى دەۋرلەردىكى غەربنىڭ جاينى ئاتىشىدىن ئكزگىرىپ كەلگەن. قەدىمكى گرېك جۇغراپىيىشۇناسلىرى بۇ جاينى <كاتالا> دەپ ئاتىغان. ئەرەب ئالىملىرىنىڭ بولسا >قاتارىيە< دەپ ئاتىغان. 1846 - سانىي بىننى مۇھەممەد قاتار خەلىپىلىكىنى قۇرغان،  1882 - يىلى ئەنىگلىيە بېسىپ كىرگەن،  1916 - يىلى ئەنىگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان.  1971 - يىلى  9 - ئاينىڭ  1 - كۈنى قاتار مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
قاتارنىڭ يەر مەيدانى  11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى  560 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە  %40ى ( 1930 - يىلىدىن ئىلگىرى قاتاردا ئولتۇراقلاشقانلار ئۆلچەم قىلىنىدۇ) قاتارلار، قالغىنى چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى دوخا، پۇل بىرلىكى دىنار.
پارس قولتۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يېرىم ئارال دۆلىتى - قاتار ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى جايغا ئايلىنىپ قالغاندى؛ 1971 - يىلى سېنتەبىردە قاتار مۇستەقىل بولغان. ئەتراپىدىكى باشقا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئوخشاش قاتارنىڭ زېمىنىدىمۇ بىر قىزىل بايراق جەۋلان قىلغاندى.  1860 - يىلى قاتار قىزىل بايراققا ھەرە چىشلىق ئاق بەلدەمنى قوشقان. قىزىل ۋە ئاق رەڭ ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تاللانغان بولۇپ ئېنىق مەنىسى يوق. قاتارنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئىشلەتكەن قىزىل رەڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا تەدرىجىي بېغىررەڭگە ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قاتار ھۆكۈمىتى  1949 - يىلى قىزىل رەڭنىڭ ئورنىغا بېغىررەڭنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قاتارنىڭ دۆلەت بايرىقى بەھرەيننىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەنمۇ پەرقلىنىدىغان بولغان.
قاتار مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈزۈپ چىققان دۆلەت گېربى ئاساسلىقى بىر سېرىق يۇمىلاق گېرب، ئۈستىدىكى ئىككى ئايسىمان ئەرەب قىلىچىنى پولات ئىستىھكامغا ئوخشاتقان بولۇپ، ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قۇغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرەب قىلىچىنىڭ ھىمايىسىدە بىر ئاق يەلكەنلىك ئەرەب كېمىسى دولقۇن يېرىپ، پارس قولتۇقىدىكى كۆك دېڭىز ئۈستىدە ئالغا باسقان بولۇپ، قاتارنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىۋاتقان دېڭىز ترانسپورت سودىسى ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى نامايەن قىلنغان. كېمىنىڭ يېنىدىكى بېغىررەڭ زېمىنىدا ئىككى تۈپ ئەرەب خورما دەرىخى بولۇپ، دۆلەتنىڭ مول تەبئىي بايلىقىنى بىلدۈرگەن.گېرب ئاستى دۆلەت بايرىقى شەكىلدىكى يۇمىلاق بېزەككە ئېلىنغان، ئۈستىگە ئەرەبچە > قاتار دۆلىتى < دېگەن خەت يېزىلغان.
Posted: 2008-01-22 19:45 | [ئاپتور]
uyghur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 21
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07

 

بۇ دۆلەتنى بەك گۈزەل دەپ ئاڭلىغان ، پۇرسەت بولسا ساياھەت قىلىپ كەلسەم دەيمەن
Posted: 2008-02-03 20:21 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » دۇنيادىكى شەھەرلەر

Total 0.058381(s) query 4, Time now is:03-17 17:53, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation