رەسىمسىز ھالەت
|
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
|
باش بەت
»
سىز تېخى كۇلۇبقا
كىرمەپسىز
تىزىملىتىش
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
بانكا
|
ياردەم
|
ULY
كۇلۇب مۇلازىمىتى
قورال مەركىزى
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
black
gray
green
moon
movie
pink
wind
wind5
yellow
قىسقا ئۇچۇر
خەت ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئۇچۇر ئىز قوغلاش
قىسقا ئۇچۇر يېزىش
كونترول تاختا
كونترول تاختا باش بېتى
ماتېرىيال تەھرىرلەش
ماتېرىيال كۆرۈش
دوستلار تىزىملىكى
ئەزا ھوقۇقىنى كۆرۈش
سودا تەڭگىسى باشقۇرۇش
جۇغلانما ئالماشتۇرۇش
ئالاھىدە گورۇپپا سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتسىتكا
ئاساسىي سىتاتسىتكا
IP سىتاتسىتكىسى
باشقۇرۇش قوشۇنى
باشقۇرۇش سىتاتسىتكىسى
توردىكىلەر سىتاتسىتكىسى
ئەزالار قاتارى
سەھىپە قاتارى
يازما قاتارى
بىلقۇت باغچىسى
»
مۆچەل
»
ئات يىللىقلار
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
سودا
راي
بۇ بەتتىكى يازما :
ئات يىللىقلار
بېسىپ چىقىرىش
|
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش
|
تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش
|
تېما ساقلىۋېلىش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى :
كۇلۇب باشلىقى
نادىر يازمىلار :
5
يوللىغان تېما :
1571
شۆھرىتى:
1581 نومۇر
تەڭگىسى :
15725 تەڭگە
تۆھپە:
1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئات يىللىقلار
چۈشەندۈرۈشكە ماھىر، رەسىم - يوسۇنلۇق، زېرەك، ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ تۇرىدۇ.\Gشەخسىيەتچى، ئالدىراقسان، ئىنتايىن تەكەببۇر، بىتاقەت، تەتۈر، دىمىقى ئۈستۈن.\Iئات يىلىدا تۇغۇلغانلار ئوچۇق - يورۇق، زېرەك، سۆزمەن كېلىدۇ، كىيىم - كېچەكتە زامانغا لايىقلىشالايدۇ، كۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، كەيپىياتى ئۆزگىرىشچان بولغاچقا دائىم چېچىلىپ، تېرىكىپ ۋە قېنى قىزىقلىق قىلىپ تۇرىدۇ. ئات يىللىقلار ئادەتتە ئاسانلا مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالىدۇ ھەم مۇھەببەت تورىدىن ئاسانلا ئۆزىنى تارتىۋالالايدۇ.
تۈرلۈك ئەھۋاللاردىن مەلۇمكى، ئات يىللىقلار ئىچىدە ياش تۇرۇپلا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىدىغانلار كۆپ بولىدۇ، ئۇلار ئۆيىدە بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىكى مۇستەقىللىك روھى ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىگە خاس ئىش تۇتۇشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. ئۇلار زېھنىي كۈچكە تولغان بولىدۇ، ئەمما ئالدىراقسان، قارام كېلىدۇ. ئۇلاردىكى ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىق شۇكى، ئۇلار ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۆزىنى ئۆزى كۈچەيتىپ بارالايدۇ، كىشىلەرگە خۇش خۇي مۇئامىلىدە بولىدۇ، باشقىلارغا ۋاكالەتچىلىك قىلىشقا، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ. كونا قائىدە - يوسۇنلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان ئات يىللىقلار زامانغا لايىق كىيىنىپ يۈرىدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كېلىدۇ، بىرەر پائالىيەت ياكى يىغىلىش بولغاندا، ئادەتتە سۇس، پاسونى ئالاھىدە، كۆركەم ھەم ئاددىي كىيىم كىيىدۇ.
ئات يىللىقلار ئەقلىي چېنىقىشنى ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. كىشىلەر بۇنى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ چاققانلىقىدىن، قىياپىتىنىڭ گۈزەللىكىدىن، گەپ - سۆزىنىڭ تېز ۋە راۋانلىقىدىن ھېس قىلىۋالالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنكاسى تېز، ئىشتا كەسكىن بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى بىقارارلىق ۋە يېنىكلىككە ئوخشاش ئاجىزلىقلارنى ئۆزىنىڭ جانلىق، ئوچۇق - يورۇق مىجەزى بىلەن تولۇقلاپ كېتىدۇ.
ئات شەرق خەلقلىرىنىڭ ئېڭىدا چېچەنلىك، چەبدەسلىك، نازۇكلۈك، ھوشيارلىق ۋە ۋاپادارلىقنىڭ تۈپ تىمسالى بولۇپ كەلگەن. ئات يىللىق كىشىلەر ئويۇن - تاماشاغا ئامراق كېلىدۇ، قولى ئوچۇق، مەرد بولۇپ، تازا غەم يېمەس كېلىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشتا خۇددى ئۆزىنىڭ مۇھەببەت كۆز قارىشىدەك جانلىق يول تۇتىدۇ ھەمدە زېرەك، چەبدەس كېلىدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ھامان ئۆز تەسىر دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرالايدۇ.
ئات يىللىقلارنىڭ ئاجىزلىق يېرى شۇكى، ئۇلار ئىشتا ئالدىراقسان، مىجەزى تەرسا، ئاچچىقى يامان كېلىدۇ، لېكىن ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەڭ ئاجىزلىقى شۇكى، ئۇلار ئۆز ئاجىزلىقىنىڭ نېمىلىكىنى سەزگۈرلۈكى بىلەن تونۇپ يېتەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىپمۇ كېتەلمەيدۇ. بۇ ھال بەزىدە ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتسىزلىك، ھەتتا قوپاللىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ باشقىلاردىن ئىشتا ئۆزىگە ئوخشاش چەبدەس بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، كۈتكەن يەردىن چىقمىسا، قايناپ - چېچىلىپ كېتىدۇ، چىرايى تۇتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇ ھەمىشە تاغدەك ئىرادىگە كېلىپ تۇرىدىيۇ، ئەمەلدە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشقا دۇچ كەلگەندە، كۆپ ھاللاردا نادانلىق قىلىپ ئەرزىمەس نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ، ھەمىشە ئۇنتۇغاقلىق قىلىپ، ئىشقا تازا كۆڭۈل قويمايدۇ. بەزىدە گەپتە تېمىدىن تېيىپ كېتىدۇ.
ئات يىلىدا تۇغۇلغان كىشىلەر ھەمىشە مەنمەنچى، ئۆزىن مەركەز قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆز ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرۈشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئالاھىدە ئىبارىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئۆز ئوي - پىكرى تەرەپكە تارتىدۇ، ئۆز ئوي - پىكرىنى قول - پۇتلىىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇپ ئىپادىلەيدۇ، قورسىقىدىكىنى تولۇق داۋالمىغۇچە توختىمايدۇ.
ئات يىللىقلارنى تولۇق چۈشىنىۋالاي دەيدىكەنسىز، شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئات يىللىقلار <شەخسىي ئەركىنلىك ۋە بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش> نىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ. سىزمۇ مۇشۇنداق ئەقىدىدە بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا سىزگە مايىل بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز بەختىگىلا ئىنتىلىدۇ. بىراق، ئۇ ئۇنچىۋالا ئاچكۆز، شەخسىيەتچى، ھەسەتخور ئادەممۇ ئەمەس. ئۇ بىرەر ئىشىدا تەرەپ - تەرەپتىن بۇرنىغا يېگىنىدە، پەقەت غەزەبلىنىپلا قويىدۇكى، سۈيقەست، ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.
ئۇ ماددىي جەھەتتە شەخسىيەتچىلىك قىلمايدۇ، بەلكى باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۆز قارىشىنى باشقىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش يولى بىلەن كوللېكتىپنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇنى شەخسىيەتچىلىك دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ قەستەن ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان پوزىتسىيىدە بولمايدۇ، پەقەت باشقىلارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى تېڭىشقا يول قويمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ زېرەكلىك بىلەن قىلغان پىكرى ۋە ھەرىكىتىگە ماسلىشالمىغان چاغدا بىتاقەت بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەم ياراملىق ئارتىس بولۇپ چىقالىشى مۇمكىن، لېكىن ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىق كەلمەيدۇ.
ئات يىللىقلارنىڭ مىجەزىدىكى زىددىيەتلىك ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشچان كەيپىياتىدىن تۇغۇلىدۇ. ئۇلار ئىچ مىجەز تىپىدىكى ھېسسىيات ئىپادىسىدە بولمايدۇ، ئۇلاردىكى ئۇششاق - چۈششەك ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمايدۇ. دېمەك، ئۇلار شەيئىلەر ئۈستىدىكى بىۋاستە تۇيغۇسىغا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ. ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىنى ۋە شەيئى ئۈستىدىكى ئەقلىي تەھلىلىنى ئىزاھلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق، بىرەر پائالىيەت تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغاندا، ئۆزىنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ شۇ پائالىيەت قاينىمىغا كىرىپ ئۇنى چوڭقۇر ئەۋج ئالدۇرىدۇ. ئۇ ھەمىشە بىر ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشنى تەڭ تۇتىدۇ، يەنە كېلىپ ۋەزىيەتنى ماھىرلىق بىلەن خېلى ئوبدان تىزگىنلەپ تۇرىدۇ. ئۇ بىر ئىشقا بەل باغلىغان ھامان ئۇنىڭغا قىلچە ئىككىلەنمەي ئاتىلىنىدۇ، كىشىلەر بۇنداق ئادەمنى بىر بولسا ئىش بىلەن تەرەپمۇ تەرەپ چېپىپ يۈرگەن ھالەتتە كۆرىدۇ، بىر بولسا ھالىدىن كېتىپ ياتقان ھالەتتە كۆرىدۇ.
ئات يىللىقلار باشقىلار تۈزگەن ۋاقىت جەدۋىلىگە ئوڭايلىقچە لايىقلىشالمايدۇ، قائىدە - نىزاملارغا رىئايە قىلىشتىن بىزار بولىدۇ، سەۋر - تاقەت قىلالمايدۇ، بۇنداق ئادەم ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
ئات يىللىقلار نۇرغۇن ئىجابىي ئەقىل - چارىلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئوبدان ئېپىنى تاپالايدۇ. ئات يىللىقلار قىيىن ئىشلارنى باشقا چىقىرىشقا ماھىر كېلىدۇ. دېمەك، يېنىڭىزدا ھە - ھۇ دەپ بېرىدىغان ئات يىللىق ئادەمدىن بىرى بولسا، ئۇنىڭغا مۇرەككەپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ. ئۇ بىر ئىشلارنى ئوڭچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاندا، چوڭ نەتىجە يارىتالايدۇ، بىراق ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرمىسىڭىز، ئىلھام بېرىپ تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.
ئات يىللىقلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىنىڭىزدا، گەپنى چوقۇم ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك قىلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە تارتالمايسىز. مەيلى ئاقسۇن - ئاقمىسۇن، گېپىڭىزنى توغرىدىن - توغرا ئۇدۇل دەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇسىزنى ئالقىشلايدۇ، سىزنىڭ تۈز كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكىڭىزدىن ھۇزۇر ئالىدۇ ھەمدە ۋاقتىنى قەدىرلەيدۇ. ئات يىللىقلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئارتۇقچە بېسىش يارىمايدۇ، ئۇ ھېسسىياتى بېسىمغا ئۇچرىغان ھامان دەرغەزەپكە كېلىدۇ - دە، سورۇندىن كېتىپ قالىدۇ.
ئات يىللىقلار ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولۇشنى خالىمايدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۇنىڭغا ھەر قانچە يېپىشىۋالسىمۇ بىكار. ئات يىللىقلار چەك - چېگرىنى ئېنىق ئاجرىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشى بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە ئوڭايلىقچە بېقىنمايدۇ، ئۇنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭ، دوستى كۆپ بولىدۇ، يەنە كېلىپ ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭىدىن يېڭى دوست تۇتۇپ تۇرىدۇ، بىراق ئۇ بۇ دوستلىرىغا ئارتۇقچە تايىنىۋالمايدۇ.
ئۇ مەنىسىز تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىدىمۇ ئويناپ - كۈلۈپ، تۇرمۇشىڭىزغا قىزغىنلىق بەخش ئېتىدۇ. دىققەت نەزەرىڭىز ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلغاندا بولسا، ئۇ كۆز ئالدىڭىزدىن نەگىدۇر غايىب بولىدۇ؛ ئۇنى ئىزدەشتىن يالتايغىنىڭىزدا بولسا، ئۇ گويا ھېچنەگە كەتمىگەندەك ئالدىڭىزدا جىندەكلا پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
ئات يىللىقلار ئىشنى ئەنجامىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ، بىراق ئۇزاققا داۋاملاشتۇرۇش روھى نىسپىي كەمچىل بولىدۇ؛ ئۇزاق مۇددەتلىك قىيىنچىلىققا تېخىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ؛ بىراق زامانغا بېقىپ ئىش كۆرۈشكە ماھىر كېلىدۇ. كىشىلەر بىلەن باردى - كەلدىي قىلىشقاندا، كىشىنىڭ ئۆيىگە بېلىق يىللىقلارغا ئوخشاش ئۈسۈپ كىرىۋەرمەي، ئاۋۋال نام كارتىسىنى بېرىدۇ ياكى تېلىفوندا كېلىشىۋالىدۇ، قارىشى تەرەپ ئۈچۈن قولاي بولغان ۋاقىتتا ئاندىن يوقلاپ كېلىدۇ.
ئۇلارنىڭ تەپەككۇر يولى تۈز سىزىق شەكلىدە بولمايدۇ، تۇتۇقراق بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ زادى نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ھامان تولۇق بىلىپ كېتەلمەيدۇ.
ئات يىللىقلار يولۋاس يىللىقلارغا ئوخشاش ئورما ئورىدۇ، بىراق بەزى تولغان باشاقلارنى ئورۇماي قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇلار پەرۋامۇ قىلىپ قويمايدۇ. ئۇ تەنقىدنى زورىغا قوبۇل قىلسىمۇ، ئېرەن قىلمىغاندەك دولىسىنى چىقىرىپ <مەندىن ئۆتۈپتۇ> دەپلا ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.
ئات يىللىق ئاياللار جۇشقۇن، چاققان، پوزۇر، سۆلەتلىك، لېۋەن، چىرايلىق كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېننىس توپ چېمپىيونى بولۇپ چىقىشى ياكى شوپۇر بولۇشى ۋە ياكى ئاغزى بېسىقمايدىغان كوت - كوت ئايال بولۇشى مۇمكىن.
ئات يىللىق ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا تىرنىقىنى ياسىشى، خەت يېزىشى، تېلېۋىزور كۆرۈشى، بالىلارغا قارىشى ھەمدە دوستلىرىغا تېلېفون بېرىشى مۇمكىن. ئۇنداق ئاياللار دەم ئېلىشنى ئارتۇقچە ئىش دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشقىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا زېھىن سەرپ قىلىدىغان ئېغىر ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىراۋ تاغقا چىقايلى دەپ تەكلىپ بەرسە، ئۇنىڭغا بوغجۇمىسىنى تېڭىشقا ئىككى مىنۇتلا ۋاقىت بېرىلسە، ئۇ بۇ مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ كېتىدۇ.
ئات يىللىق ئايال ھەممە ئىشنى يول - يولى بىلەن قىلىدۇ. ئۇلار زېھنىي كۈچكە تولغان بولىدۇ. ناۋادا مۇمكىن بولسا، ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە يەردە ھازىر بولغان بولاتتى. بەزىدە كىشىلەر ئۇلارنى بىز بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ، دەپ قراپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن ھېچكىم ئىشنى ئۇنىڭدەك جىق ھەم تېز قىلالمايدۇ.
ئات يىللىقلار مۇھەببەت كرىزىسى ئالدىدا ئىنتايىن سەزگۈر كېىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئەگەر ئۇلار مۇھەببەت سەۋدالىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئەسلى - ۋەسلىدىن ئوڭايلا ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇلار ھاياتىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قولدىن چىقىرىش ۋاقتىدا كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇشى مۇمكىن، ئېھتىمال ئۇلار نىكاھىدىن ئاجرىشىش تەقدىرىنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن.\rئومۇمەن ئالغاندا، ئات يىلى تۇغۇلغانلار ناھايىتى قاۋۇل كېلىدۇ، ئوچۇق - يورۇق، شوخ، زېھنىي كۈچكە تولغان بولىدۇ، مەڭزىلىرى تاۋلىنىپ تۇرىدۇ، غەم - غۇسسىسىز يۈرىدۇ. ھاياتى ھەر خىل خەۋپ - خەتەرلەرگە ۋە بوران - چاپقۇنلارغا دۇچ كېلىپ تۇرسىمۇ، تېگىدىن ئېسىل بولغاچقا، ئۇلارنى تۇغما ساغلام، بېجىرىم ئادەم دېيىشكە بولىدۇ.
بىراق، پەخەس بولمىسڭىز بولمايدۇ، بولمىسا بىردەملىك بىخەستىلىك تۈپەيلىدىن كېسەل تېپىۋېلىپ سالامەتلىكىڭىزنى بۇزۇۋالىسىز. چۈنكى، سىزمۇ ئوخشاشلا بىر ئادەم، كېسەلدىن خالىي بولالمايدىغان ئادەمسىز.
ئالدى بىلەن، سىز تۇرمۇشىڭىزدا داۋالغۇش بولۇپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىسىز، سىز قاتتىق ھارغىنلىقتىن ئۆزىڭىزنى تارتىۋالماقتا يوق، ئەكسىچە يەنە بىر قۇتۇبقا ئۆتۈپ كېتىسىز.
سىز ھەمىشە بىر ئاچ، بىر توق يۈرىسىز، ئىسسىق تاماقنىمۇ يەيسىز، سوغۇق تاماقنىمۇ يەيسىز، قەرەلسىز تاماقلىنىشقا ئادەتلىنىپ قالغاچقا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىڭىز بولۇپمۇ ئۈچەي، ئاشقازىنىڭىز ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئۈچەي ياللۇغى، 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىشكە ئوخشاش كېسەللىكلەرگە ناھايىتى ئوڭايلا دۇچار بولىدۇ، بۇلار بەك ئېغىر كېسەل ھېسابلانمىغاندىمۇ، سىزگە ئاراملىق بەرمەيدۇ.
سىز ئەزەلدىن ۋاقتىدا ئۇخلىمايسىز، ھەمىشە تۈن نىسپىغىچە ئىشلەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەبىئىتىڭىز باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك بىمالال، سوغۇققان ئەمەس، ئەكسىچە ھەددىدىن تاشقىرى جىددىيلىشىپ تۇرىسىز، تەلەپنى بەك يۇقىرى قويىسىز. بۇ ھال سىزنى نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەرگە ئوخشاش كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، نېرۋا سىستېمىسى جەھەتتە ئاسانلا كېسەللىككە يولۇقىسىز، بۇ ھال كۆپ ھاللاردا سىزگە كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، نېرۋا سىستېمىسى جەھەتتە ئاسانلا كېسەللىككە يولۇقىسىز، بۇ ھال كۆپ ھاللاردا سىزگە كۆرۈش نېرۋىسى جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنى، ئالايلۇق، نېرۋا ئاجىزلىقى، نېرۋا فۇنكسىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، قۇلاق غۇڭۇلداشقا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى ئەكېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز كۈچلۈك كۆپ تەرەپلىمىلىك مىجەزگە ئىگە، كەيپىياتىڭىز ھەمىشە تۇراقسىز ھالەتتە تۇرغاچقا، مېڭىگە قان چۈشۈش، شامالداپ قېلىشقا ئوخشاش قورقۇنچلۇق ئىللەتلەرگە يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قان ئايلىنىش ئەزالىرىڭىز ۋە يۈرىكىڭىز نۇرغۇن يامان تەسىرلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئوڭايلا سەل قاراپ قالىدىغان بەزى كېسەللىكلەردىن، ئالايلۇق، بۆرەك، دوۋسۇن ۋە سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرىدىن قىش كۈنلىرى ئالاھىدە پەخەس بولۇشىڭىز كېرەك.
ياشانغان بولسىڭىز، دەم ئېلىش ۋاقتىڭىزنىڭ تولۇق بولۇشىغا، روھىي ھالىتىڭىزنىڭ تىنچ بولۇشىغا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم، رېماتىزم كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، تالا - تۈزگە چىققاندا ئېھتىيات قىلىش، بولۇپمۇ قاتناش ھادىسىىرىدىن ئالاھىدە پەخەس بولۇش كېرەك.
قىسقىسى، تىنىمسىز ھاياتتا سالامەتلىكىڭىزگە جەزمەن دىققەت قىلىڭ، بولمىسا، زىياننى ئۆزىڭىز تارتىسىز.\lئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
△ ئات يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇد، بۇلار خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك بىلەن سۇەك قاتتىق كۈشەندە، شۇڭا ياخشىسى بىر - بىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
△ ئات يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - بۇلارنىڭ ھەۋىسى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئوخشاشمايدۇ، بۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەس، شۇڭا بۇلار ئومۇمەن دوست بولالمايدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بۇلار خېلى ئوبدان چىقىشىدىغان دوستلار، بۇلار ئېھتىمال ھەمىشە مۇنازىرىلىشىپ بىر - بىرىنىڭكىنى رەت قىلىشى، بىر - بىرىنى چۆكۈرۈشى مۇمكىن، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپ مۇشۇنداق مۇناسىۋەتنى ياخشى كۆرىدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - بۇلار ھەقىقىي سىرداش بولالايدۇ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلمىسىلا، ئوبدان دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - بۇلارنىڭ دوست بولمىقى تەس. چۈنكى، ئات يىللىقلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسى ئېغىر بولۇپ، بەك كۆپ بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ؛ بېلىق يىللىقلار كۆپ بەدەل تۆلىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ ئاز ئەمەس.
△ ئات يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - بۇلار ئىناق ئۆتەلەيدۇ، ئات يىللىقلارنىڭ تېرىككەكلىكى يىلان يىللىقلارغا تەسىر قىلمايدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ئادەتتىكىچە ئىجتىمائىي ئالاقىدە بولالايدۇ، لېكىن قويۇق ئالاقىدە بولالمايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى مەركەز قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان.
△ ئات يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - بۇلار بىر جۈپ ئەمەك دوستلاردىن بولۇپ، ئىككىسى بىللە تالا - تۈزگە چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم بۇنىڭدىن پەيز ئالىدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئات يىللىقلار مايمۇن يىللىقلارغا زادىلا ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار دوست بولالمايدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ئىككى تەرەپ ئادەتتىكىچە مۇناسىۋەتتە بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار بىللە يەپ - ئىچىش ۋە ئويۇن - تاماشىلاردا ياكى كۈندىلىك ئالاقىدە چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى بەك تەس.
△ ئات يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - بەزى سىياسىي مەسىلىلەرنى دائىم بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىدۇ، كۆز قاراشلىرى بىردەك بولۇپ چىقسا، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ، ئۇنداق بولمىسا بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ئۇلار دوست بولالىشى مۇمكىن، بىراق توڭگۇز يىللىقلار ئات يىللىقلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، بەدەل تۆلەشتە ھامان ئىمكانىيەت قالدۇرىدۇ.\Cئات يىللىقلار ۋاقىتنىڭ ياكى قائىدە - نىزاملارنىڭ چەكلىمىسىگە بەك ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ئويناقشىپ تۇرىدىغان مىجەزى ياكى كۈچلۈك پائالىيەتچانلىقى بوغۇپ قويۇلۇش ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئۇلار باشتا كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، مۇستەقىل ئىش تۇتۇشنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىشى كېرەك.
ئۇلار ئۆز ئوي - پىكرى بويىچە ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانپىدالىق بىلەن قىلىدۇ. ئەگەر بالىڭىز ئات يىللىق بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە كۆز قارىشىنى بوغۇپ قويىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ.\F<ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز.
12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
△ ئات يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلاشماسلىقى كېرەك، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىدىن بىزار، ھەمىشە قارشى تەرەپكە زىيان ئۇرۇشنىڭ پېيىدە بولىدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - بۇلار خېلى كۆڭۈلدىكىدەك ھەمشېرىكلەردىن بولالايدۇ. ئۇلار ئورتاق ئىشقا سادىق بولىدۇ، تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. شۇڭا، ئىشلىرىدا ھامان ئىلگىرى باسىدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - بۇلار ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ شېرىن خىيالىدا بولىدۇ، بىراق پايدا كېلىدىغان يەردە مەھكەم بىرلىشىدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، توشقان يىللىقلار بەتقىلىققا ئامراق كېلىدۇ، ئات يىللىقلار بولسا ئۆزىنى ئايىيالايدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئىككى تەرەپ بەزى كىچىك ئىشلاردا ۋاقىتلىق ھەمكارلاشسا بولىدۇ. بىراق، چوڭ ئىشلاردا ھەمكارلاشسا زادى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلىدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - بۇلار ئومۇمەن ئوبدان ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ قالىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ھەمكارلاشقان ئىشقا بېرىلىدۇ. يىلان يىللىقلار تەدبىرلىك كېلىدۇ، ئات يىللىقلار ئىشچان كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانماي قالمايدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - بۇلارنىڭ ھەمكارلىقىدا بىرقەدەر خەۋپ - خەتەر ساقلانغان بولىدۇ، بىراق قوي يىللىقلار ناھايىتى بەختلىك كېلىدۇ، بۇ پايدىلىق ئامىل.
△ ئات يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئات يىللىقلار مايمۇن يىللىقلار بىلەن ھەمكارلاشسام ھامان زىيان تارتىمەن دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا، مايمۇن يىللىقلارنى ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلىققا تاللىمايدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بىراق توخۇ يىللىقلار ئات يىللىقلارغا تايىنالمايدۇ. چۈنكى، ئات يىللىقلار توخۇ يىللىقلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى بىكار تەلەپلىكىگە يول قويالمايدۇ، ھەتتا ھەمكارلىقنى توختىتىشتىنمۇ يانمايدۇ.
△ ئات يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - بىرقەدەر كۆڭۈللۈك ھەمكارلىشىدۇ، بىراق ئىككى تەرەپ خىزمەتنى يۈكسەك دەرىجىدە تۈزۈملەشتۈرۈشى كېرەك.
△ ئات يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ئىككى تەرەپنىڭ غايە - ئىستىكى، ئارزۇ - ھەۋىسى بىر - بىرىنىڭكىدىن بەك يىراق بولىدۇ. شۇڭا، ئىشتا زىچ ھەمكارلىشىپ كېتەلمەيدۇ.\dئات يىللىقلار بالىلىق دەۋرىدە تولاراق بالا - قازالارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمۇ ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، بۇ ھال كۆپ ھاللاردا سىزنىڭ كېيىنكى ياشلىق دەۋرىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلىق ۋاقتىڭىزدا ھەمىشە ئۇششاق - چۈششەك كېسەللەر ئاجىز تېنىڭىزگە دارىپ تۇرىدۇ؛ ئاتا - ئانىڭىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە سىزگە قارىيالماسلىقى مۇمكىن. ئاتا - ئانا تەربىيىسىنىڭ كەملىكىدىن ھەمىشە كۈتۈلمىگەن زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچراشقا ئوخشاش ئۇششاق - چۈششەك بالا - قازالارغا ئۇچراپ، ئاتا - ئانىڭىزنى ئەنسىرىتىپ تۇرۇشىڭىز مۇمكىن.
ياشلىق دەۋرىگە كەلگەندە ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئوخشاش نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقىسىز. بۇلار سىزنى ھەمىشە ھەممىلا ئىش كۆڭلۈمدىكىدەك بولمايۋاتىدىغۇ، دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىدە، ئوخشاشلا بىر مۇنچە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايسىز. ياش ۋاقتىڭىزدا ئائىلىڭىزدىن پېشىڭىزنى قېقىپ چىقىپ ئۆز غايىڭىز يولىدا ئىزدەنگەچكە، كەينى - كەينىدىن كەلگەن مەغلۇبىيەت سىزگە تېخىمۇ زور ئۈمىدسىزلىكلەرنى ئەكېلىشى تۇرغان گەپ. بىراق، سىزنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىڭىز بىر قەدەر تىنچ ۋە بەختلىك ئۆتىدۇ.
ئومۇمەن ئالغاندا، ئات يىللىقلارنىڭ ئۆمرى تولاراق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تىنىمسىزلىق بىلەن ئۆتىدۇ. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، بۇنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ مىجەزىدىن كۆرۈش كېرەك.
ئامەتكە كەلسە، سىز تەرەپ - تەرەپكە قول سۇنۇپ، پائال ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، پۇل جەھەتتە كۆپ قىسىلىپ كەتمەيسىز. چۈنكى، كەڭ ئىجتىمائىي ئالاقىڭىز، تۇرمۇشقا بولغان تولۇپ تاشقان قىزغىن مۇئامىلىڭىز سىزگە ئامەتلەرنى ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ.
بىراق، سىز ئۇنداق ئىنتايىن ئىشەنچلىك ۋە پۇختا يول بىلەن پۇل تاپمايسىز، شۇنداقلا ئىقتىسادىي كۆز قاراش جەھەتتىكى مەبلەغدىن پايدىلىنىپمۇ بېيىيالمايسىز. سىز لولىلىق ئاساسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ۋە ئاغزىڭىزغا تايىنىپ ئىشلەيسىز. ئىشىڭىزنىڭ بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى تۆۋەن. شۇڭا، سىزنىڭ ھە دېگەندە مۇقىم كىرىمىڭىز بولمايدۇ، بۈگۈن يەيدىغىنىڭىز بولسا، ئەتىگە يەيدىغىنىڭىز قالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىسىز، بىر مۇنچە مەغلۇبىيەتلەرگىمۇ ئۇچرايسىز، ئامەت جەھەتتىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ. سودا - سېتىقتا جىق پايدا ئېلىشىڭىز مۇمكىن، جىق زىيان تارتىشىڭىزمۇ مۇمكىن، ھەممىلا ئىشىڭىز بىر قەدەر ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ راسا ئۆرلەپ ، بىردىنلا چۈشۈپ كېتىدىغان تەقدىرىدىن خالىي ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. سەللا بىخەستىلىك قىلىدىغان بولسىڭىز، ۋەيران بولۇپ كېتىشىڭىز، ھەتتا پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، قايتا - قايتا ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزنى، پەيتنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرىدىغانلا بولسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت سىزگە يار بولىدۇ.\Oمۇھەببەت ئات يىللىقلار مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئوخشاشلا تەشەببۇسكار، سەمىمىي كېلىدۇ، دىتىغا يېقىپلا قالسا ياخشى كۆرىۋېرىدۇ، دىتقا ياقمىسا شۇئان يىرگىنىدۇ، ئىشنى چورت قىلىدۇ، پۇخادىن چىقمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. ئاياللارنىڭ ياخشى - ياماننى ئايرىش ئېڭى كۈچلۈك بولغاچقا، تولىسى كېچىكىپ توي قىلىدۇ، دەرۋەقە بالدۇر توي قىلىدىغانلارمۇ بولىدۇ. بىراق، بۇنىڭدا بىر تەرەپ ئالاھىدە ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ، بولمىسا كۆپ ھاللاردا خەۋپ تۇغۇلىدۇ. يەنى يا ئايال تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك، يا ئەر تەرەپ ئايالغا يول قويۇشى كېرەك، بولمىسا نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ خەۋپلىك ھالغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالى خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ.
كۈچلۈك مۇستەقىللىق تۇيغۇسى بىلەن جەسۇر خاراكتېرىنىڭ ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى ياكى سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى قارشى تەرەپنىڭ نىكاھ قىسمىتىگە باغلىق بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، شۇنىمۇ قەيت قىلىشقا توغرا كېلىدۇكى، ئات يىللىقلاردىن ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كۈچ - ماغدۇرى بار ۋاقىتتا تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ كۈچ - ماغدۇرىدىن قالغاندا، پائالىيەتتىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك توختىۋالىدۇ. جىنسىي قىزىقىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق ئۇلار بۇنىڭ ئەھلى ئەمەس. بەزىدە قىزىقىش تۈپەيلىدىنلا بۇنىڭغا ئۆزىنى ئۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئالىدىغان قانائەت تۇيغۇسىغا كەلسەك، بۇنداق ھېسسىيات چوڭراق ياشقا يەتكەندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. بۇ يەردە، ئات يىللىقلارغا بۇ جەھەتتە ساددىلىق قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.
يۇقىرىقىلار ئات يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنىدىكى مىجەز - خاراكتېرى ۋە تەقدىرىگە دائىر ئەھۋاللاردۇر. ئەمدىن مۇشۇنداق خاراكتېرى ۋە تەقدىرىگە دائىر ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى مۇشۇنداق خاراكتېرگە ئىگە ئاياللارغا قانداق ئەرلەرنىڭ ماس كېلىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.\Pئات يىللىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز كۈچلۈك مۇستەقىللىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولغاچقا، ئەرلەردىن قېلىشمايسىز، ھەتتا مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تېز ماھارەت كۆرسىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئەرلەردىن تېخىمۇ ئۈستۈن تۇرىسىز. بىراق. بەك ئىقتىدارلىق بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئېھتىمال تاماق ئېتىش، بالا بېقىشقا ئوخشاش ئادەتتىكى ئائىلە ئىشلىرىغا ئانچە ماھىر ئەمەستەك قىياپەتكە كىرىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. ئېھتىمال، <ئەر بىلەن بالىغا باغلىنىپ قالغاندىن، بويتاق ئۆتكەن راھەت …> دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. دۇرۇس، تەبىئىتىڭىز شۇنداق بولغاچقا، كۆڭلىڭىزگە تويلىشىش ۋەسۋەسىسىنى سالالايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك بىر جورا تېپىش ناھايىتى تەس.
يىغىپ ئېيتقاندا، سىزنى ئۆز ئەركىڭىزگە قويۇپ بېرىدىغان ئادەم ئومۇمەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندە تويلىشىش ئوبيېكتىڭىز ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆلچەم قىلىپ مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز.
☆ ئات يىللىقلار
بىر جۈپ ئات يىللىق بىرلەشتە ناھايىتى سەگەك ئەر - خوتۇنلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا ئېنىق چەك - چېگرا ئاجرىتىدۇ، بىراق بىر - بىرىنىڭ مىجەزىنى چىن كۆڭلىدىن تولۇق چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى كۆرۈنۈشتىكىدەك ئۇنداق سوغۇق بولمايدۇ. ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشىدا ئومۇمەن مۇھەببەتلىك دەۋرىنى ئۇزارتىشقا مايىل كېلىدۇ، گۈزەل چاغلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا، ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ياكى پەرزەنت بېقىشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىدىن ساقلىنىشقا ئىنتىلىدۇ.
بىراق، ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، بۇنداق بىرلىشىشتىن ھاسىل بولغان ئائىلىدە ئىلىقلىق بىر قەدەر كەمچىل بولىدۇ. شۇڭا، ئات يىللىق ئايال ئائىلىدە بىر خىل يېقىملىق كەيپىيات يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى، جۈملىدىن يېڭى ئېچىلغان گۈللەرنى تىزىپ، ھەرخىل رەڭدىكى دېرىزە پەردىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.
☆ مايمۇن يىللىقلار
مايمۇن يىللىقلار ئادەتتىن تاشقىرى تالانتلىق كېلىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى شۇكى، ئۇششاق - چۈششەك نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالىدۇ، يەنى ئۇلاردا كەلگۈسىگە ئىنتىلىش بولمايدۇ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بەنت بولۇپ قالىدۇ. ھەمىشە ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن چاپىدۇ، ھەرگىز كۆڭلى تىنچلىنىپ باقمايدۇ. بىراق، سىزنىڭ ئەركىن، شوخ، ئوچۇق مىجەزىڭىز مايمۇن يىللىقلاردا بولىدىغان بۇ ئەيىبنى يېپىپ كېتىدۇ. مايمۇن يىللىقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار سىزگە ئوخشاش ئات يىللىق بىر ئادەمگە يولۇقۇپ قالسا، مىجەزىڭىزدىن تەسىرلىنىپ ، ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان بولىدۇ.
بىراق، سىز ھامان باتۇرلۇق بىلەن ئۇدۇل ئىلگىرىلەپ كېتىۋېرىدىغان بولسىڭىز، گۈزەل قىسمەتنى نابۇت قىلىپ قويىسز. بۇ بىرلىشىشتە سىز ئۇنىڭغا دائىم تۈرتكە بولۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
☆ توشقان يىللىقلار
توشقان يىللىقلار ھەر قانداق ئىش قىلغاندا، ھامان ماجىرا يۈز بېرىشتىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلىنىدۇ. شۇڭا، سىز ئىشتا ھەرقانچە ئۆز بېشىمچىلىق قىلسىڭىزمۇ ئاغرىنمايدۇ. بىراق، بەكرەك ئاشۇرۇۋېتىپ قالسىڭىز، ئۇ گەپ قىلماي كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۆزىڭىزنى ھەر ھالدا تىزگىنلەپ تۇرغىنىڭىز ياخشى." 25358 6 0 "Dمۆچەل\0چۈشەندۈرۈشكە ماھىر، رەسىم - يوسۇنلۇق، زېرەك، ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ تۇرىدۇ.\Gشەخسىيەتچى، ئالدىراقسان، ئىنتايىن تەكەببۇر، بىتاقەت، تەتۈر، دىمىقى ئۈستۈن.\Iئات يىلىدا تۇغۇلغانلار ئوچۇق - يورۇق، زېرەك، سۆزمەن كېلىدۇ، كىيىم - كېچەكتە زامانغا لايىقلىشالايدۇ، كۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، كەيپىياتى ئۆزگىرىشچان بولغاچقا دائىم چېچىلىپ، تېرىكىپ ۋە قېنى قىزىقلىق قىلىپ تۇرىدۇ. ئات يىللىقلار ئادەتتە ئاسانلا مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالىدۇ ھەم مۇھەببەت تورىدىن ئاسانلا ئۆزىنى تارتىۋالالايدۇ.

توشقان يىللىقلار ھەر قانداق ئىش قىلغاندا، ھامان ماجىرا يۈز بېرىشتىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلىنىدۇ. شۇڭا، سىز ئىشتا ھەرقانچە ئۆز بېشىمچىلىق قىلسىڭىزمۇ ئاغرىنمايدۇ. بىراق، بەكرەك ئاشۇرۇۋېتىپ قالسىڭىز، ئۇ گەپ قىلماي كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۆزىڭىزنى ھەر ھالدا تىزگىنلەپ تۇرغىنىڭىز ياخشى.
Posted: 2008-01-22 19:23 |
[ئاپتور]
uyghur
دەرىجىسى :
يېڭى ئەزا
نادىر يازمىلار :
0
يوللىغان تېما :
21
شۆھرىتى:
21 نومۇر
تەڭگىسى :
210 تەڭگە
تۆھپە:
0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07
كىچىك
نورمال
چوڭ
مەن يولۋاس يىلنىڭ، يولۋاس يىللىقلارنىڭ يوقمۇ ؟
Posted: 2008-02-03 20:18 |
1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە يۆتكىلىش
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
بىلقۇت باغچىسى
»
مۆچەل
Total 0.076044(s) query 4, Time now is:03-17 17:44, Gzip disabled
Powered by
PHPWind
v6.0
Certificate
Code © 2003-07
PHPWind.com
Corporation
Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008
bilqut.com
Corporation