ھايۋانلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭ سىرى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


بۇ بەتتىكى يازما : ھايۋانلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭ سىرى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ھايۋانلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭ سىرى

1996  -  يىلى ئامېرىكىنىڭ توقسۇن شەھەرىدە ئېچىلغان ئىلمىي يىغىندا ئالىملار شاتۇتنىڭ ساناق سانىغىنىنى، ئادەمسىمان مايمۇننىڭ سۆزلەشكىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تىخىمۇ ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلاردا ئادەتتىن تاشقىرى ئەقلىي ئىقتىدار ۋە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭ بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۆي ھايۋانلىرىنى باققان كىشىلەرگە مەلۇم، سىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار دائىم ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ، قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭلىتىپ سىزنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى  ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يېقىندا ئەنگلىيىدە ئۆيدە باققان بىر بۆرە ئىت توغرىسىدا ئاجايىپ خەۋەر تارقىلىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.
ئەنگلىليىنىڭ لانكىشىر دېگەن يېرىدە ئولتۇرىدىغان سىمېرت خانىم، باققان بۆرە ئىتنىڭ ئۆزىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۆيگە كىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلەيدىغانلىقىنى كىشلەرگە ئېيتقان. بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىش خادىملىرى سىمېرت خانىمنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، بىر گۇرۇپپا ئادەم ئىت بىلەن ئۆيدە قالغان. يەنە بىر گۇرۇپپا ئادەم سىمىرت خانىم بىلەن 45 ئىنگلىز مېلى يىراقلىقتىكى شەھەرگە بىللە بارغان. شۇ كۈنى سۈرەتكە ئېلىش خادىملىرى سىمىرت خانىمغا كۆپ قېتىم ئۆيگە قايتىش بۇيرۇقىنى بېرىش ھەم بۇ بۇيرۇقنى كۆپ قېتىم بىكار قىلىش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن. نەتىجىدە ئەڭ ئاخىرى بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى خادىملار شۇنى بايقىغانكى، ھەر قېتىمقى بۇيرۇق بويىچە خانىم ئۆيگە قايتىشقا تەييارلانغاندا، ئۇنىڭ ئىتى شوخ ھالدا يۈگۈرۈپ بېرىپ دائىم خوجايىنىنى كۈتۈۋالىدىغان جايغا كېلىپ تۇرغان. بۇيرۇق بىكار قىلىنغاندا بولسا سالپايغان ھالدا ئۆز جايىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ تەجرىبىگە قاتناشقان دوكتور لىدىر مۇنداق دەيدۇ: ئىلگىرى مەن تېلېۋىزوردىكى مۇنداق كۆرۈنۈشلەرگە ئانچە ئىشەنمەيتتىم، ئەمما بۇ قېتىمقى ھەقىقىي سۈرەتكە ئېلىنغان سۈرەتكە ئارتۇقچە چۈشەنچە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. 
بۇ تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى سىمېرت خانىمنىڭ ئىتى ئۇدا قىرىق قېتىم خوجايىنىنى كۈتۈۋالىدىغان خۇشاللىق ھالىتىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما خانىم راس ئۆيگە قايتىۋاتقاندا 01 مىنۇت ئىچىدە بولسا، ئىت ئىشىك ئالدىغا چىقىپ خوجايىنى كەلگۈچە 10 مىنۇت كۈتكەن. بۇنىڭدىن باشقا شەھەردىن ئۆيگە قايتىۋاتقان ئىككى مىنۇت ئىچىدىمۇ، ئۇنىڭ ئىتى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئىككى سائەت كۈتكەن. سىمېرت خانىڭ ھەر قېتىم ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇپ، خوشلىشىپ چىققاندىن باشلاپ، ئۆيگە قايتقىچە بولغان مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىتى ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ خوجايىنىنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن. خوشلىشىشقا كىتىدىغان 01~15 مىنۇتنىڭ ئىتقا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، ئىت يەنىلا شوخ ھالدا خوجايىننىڭ كېلىشىنى كۈتكەن. 
بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋال باشقا ئىتلاردىمۇ كۆرۈلگەن. ئەنگلىيىلىك سوسبېر دائىم باشقا جايلارغا بېرىپ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ كېلىدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم سىرتلارغا چىققاندا ئۆي خىزمەتچىسى بىلەن بۆرە ئىتنى ئۆيگە قويۇپ قويىدىكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قايسى ۋاقىتتا سەپەرگە چىقىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئۆي خىزمەتچىسىگە ئىيتىپ قويمايدىكەن. ئەمما ئۆي خىزمەتچس ھەر قېتىم خوجايىننىڭ قاچان سەپەرگە چىقىدىغانلىقىنى ئىتنىڭ ئىپادىسىگە قاراپلا بىلىۋالىدىكەن. ئۆي خىزمەتچىسى مۇتەخەسسى تەكلىپ قىلىپ ئىتنىڭ بۇ قىلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە خوجايىنى ھەر قېتىم ئىرلاندىيە، ئافرىقا ياكى پولشاغا ماڭىدىغان چاغدا ئۇنىڭ ئىتى روھى چۈشكۈن ھالدا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ خوجايىنىنى ئۇزۇتۇپ قويغان. ئالتە قېتىمنىڭ ھەممسىدىلا ئىت مۇشۇنداق ھالەتتە خوجايىنى ئۇزۇتۇپ قويغان. 
ئىتتىن باشقا ھايۋانلارنىڭمۇ ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئەنگىلىيىلىك بىر ئايال بىر قارىغوجا باققان، بۇ قارىغۇچا كىچىكىدىن باشلاپلا بۇ ئايالنىڭ ئوغلى روبېرىت بىلەن دوست بولغان. روبېرىت ھەر يىلى تەتىلدە ياتاقلىق مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىشتىن بىر - ئىككى كۈن بۇرۇن بۇ قارىغوجا توختىماستىن ئۇنىڭ ئىسمىنى روبېرت! روبېرت دەپ چاقىرىشقا باشلايدىكەن. 
روبېرت چوڭ بولۇپ ئافرىقىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ ھەر قېتىم يوقلاش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىدىغان چاغدا ئانىسىغا خەۋەر قىلمىسىمۇ ئانىسى ئوغلىنىڭ ئۆيگە كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدىكەن. چۈنكى روبېرت ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بۇ قارىغوجا توختىماستىن روبېرتنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدىكەن.
مۈشۈكنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىمۇ باشقا ھايۋانلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. مۈشۈك باققان بىر قىسىم ئائىلىدىكى كىشىلەر مۇنداق بىر ئىشنى بايقىغان. ھەر قېتىم تېلېفۇن جىرىڭلىغاندا ئۆي ئىگىسى تېلېفۇننى ئالماي تۇرۇپ كىمدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ بولىدىكەن. چۈنكى ناتونۇش كىشىلەردىن كەلگەن تېلېفۇن بولسا، مۈشۈك ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي جايىدا جىم تۇرۇۋالىدىكەن. ئەگەر تېلېفون يىقىن تۇغقانلاردىن كەلگەن بولسا، مۈشۈك تېلېفۇن جىرىڭلاشتىن بىر نەچچە سىكۇنت بۇرۇن تېلېفۇننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، تۇرۇۋالىدىكەن. ئەنگلىيىلىك بىر خانىم گېزىتخانىغا خەت يېزىپ خېتىدە مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئېرىم ھەر قېتىم يىراق جايدىن ئۆيگە تېلېفۇن بېرىش ئالدىدا ئۆيدىكى مۈشۈك تېلفۇن يېنىغا يۈگۈرۈپ بارىدۇ ھەم تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى پۇتى بىلەن ئېلىپ يوقىرى ئاۋازدا )مىياۋ - مىياۋ( دەپ مىياڭلايدۇ. بۇ ئاۋازنى ئېرىم تېلېفۇندا ئېنىق ئاڭلايدۇ.
گرمانىيىلىك ئاتاقلىق سېرىكچى دوروفنىڭ بىر ئىتى بولۇپ، ئۇ گەرچە ئارقان سەكرەش، ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلالمىسىمۇ، ئەمما دوروف ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا ئىتنىڭ ئاجايىپ ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ بايقىشىنى چوڭ مېڭە نىرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىس، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  ئاكادېمىكى بېخرۇفقا دوكلات قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى بىرلىكتە بۇ ئىت ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان. 
دوروف بىلەن ئىت بىر - بىرىگە ئۇدۇل بىر - ئىككى مىنۇت قارىشىپ تۇرغاندىن كىيىن، دورۇف ئىتنىڭ كىزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئۇققانلىقىنى ھېس قىلغان. ئىت جايىدا تۇرغان، دورۇف كاللىسىدا قەغەزگە يېزىلغان مەزموننى يەنە قايتا تەكرارلىغان، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىت ئورنىدىن تۇرۇپ تەجربىخانىدىن ئۆزى ئەزەلدىن كىرىپ باقمىغان باشقا بىر ئۆيگە قاراپ يۈگۈرگەن. ئۆي ئىچى كىتاب - ژۇرنال، قەغەز بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىت بىرىنچى ئۈستەل ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى تەپسىلىي  ئاختۇرۇپ چىققان. ئارقىدىنلا ئىككىنچى ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىرىنچى ئۈستەلدىن ئۆزى ئىزدېگەن تېلېفۇن دەپتىرىنى تېپىپ چىشلىگەن ھالدا ئۆزىنى ساقلاۋاتقان ئىگىسى بىلەن ئاكادېمىكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ تەجرىبىنى ناھايىتى مۇكەممەل ئورۇنلىغان. بۇ تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىت ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى بىلىۋالىدىكەن. 
لېكىن، ئالىملار بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشلەر ئادەم قىلالمىغان ئىشنى ھايۋان قانداق قىلالايدۇ دەپ بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. 
ھايۋانلارنىڭ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىغا ھۆكۈم قىلالايدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلانغان. ئامېرىكا بۇ جەھەتتە نۇرغۇن تەجرىبە ئىشلىگەن. كۆپچىلىككە مەلۇم، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى گالۋېستون بىلەن بتېساستا دېڭىز دېلفىنى ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەپ، دېڭىز دېلفىنىغا ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە تاپشۇرغان، نەتىجىدە دېڭىز دېلفىنلىرى بۇ ۋەزىپىنى ناھايىتى مۇكەممەل ئورۇندىغان.
يۇقىرىقى مىساللارنىڭ ھەممىسى ئىلمىي تەجربىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم سىستېمىلىق بولمىغان مىساللارمۇ بار. مەسىلەن، بەزى مۈشۈك، ئىت ھەتتاكى تاشپاقا قاتارلىق ھايۋانلار ئۆي ئىگىسى ئۇلارغا ئوزۇق بىرىشتىن بۇرۇن ھەممىسى ئېنىق ھالدا ئىپادە بىلدۈرىدۇ. نۇرغۇن شاتۇتى قايتماقچى بولغان كىشىلەرگە خەير - خوش دەپ خوشلىشىدۇ. بىراق يالغاندىن كەتمەكچى بولۇپ سىرىتقا چىقسا شاتۇتى ئېغىز ئاچمايدۇ. ھايۋانلارنىڭ بۇ ئۇچۇرنى قەيەردىن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئالىملار تېخى بىلىپ بولالالىغىنى يوق. بۇلارغا ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ سىرلار بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
Posted: 2008-01-22 18:35 | [ئاپتور]
kuysoyar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 3 نومۇر
تەڭگىسى : 30 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-28

 

دۇنيادا ئىچىلمىغان سىرلار تىخى نۇرغۇن
Posted: 2008-02-02 18:16 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » غارايىباتلار

Total 0.058443(s) query 4, Time now is:03-17 17:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation