شەخس پەرقلىرى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 شەخس پەرقلىرى

بېشارەتنى توغرا شەرھلىمەسلىكنىڭ ئۆزى بەرزىدە كۆرگەن چۈشنىڭ چالا بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرنى ئايدىڭلاشتۇرغاندا، ئۇنىڭ رېئاللىق تەركىبى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سوراپ كۆرۈشىمىز شەرت.نىبراسكا شتاتلىق بىر خانىمنىڭ بەرگەن مۇلۇماتىغا قاراپ باقايلى:
  1981- يىلى، ئىككىنچى ئوغلۇم دۇنياغا كېلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كارىۋاتتا راھەت قىلىپ ياتاتتىم. تېخى ئۇيقۇغا كەتمىگەندەك تۇرساممۇ، مېڭەمدە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بولدۇم. قارىسام چىرايلىق باراقسان دەرەخلىك چوڭ يول. تەخمىنەن 100 قەدەم يىراق بىر يەردە بىر ئاي ئۆي تۇرۇپتۇ، ئاق ئۆينىڭ پەگاسىغا گىلەم سېلىنغان. خۇددى توي مۇراسىمىمدا ماڭغاندەك گىلەم ئۈستىدە مېڭىۋاتىمەن، يەنە تېخى بىر قېرىندىشىمنىڭ ) لېكىن دادام ئەمەس ( قولىنى قولتۇقلىۋاپتىمەن. ئادەملەر ئىككى تەرىپىمدىن توپلىنىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ '' نېمىدېگەن جەسۇر كىشىـ ھە! ''دېگەن گەپلىرى قۇلىقىمغا كىردى. ئويغانغاندىن كېيىن ئويلاپ قالدىم: بۇ ئەجەبمۇ غەلىيە چۈش ئىكەن، بىرەر نەرسىنىڭ ئايان بولغانلىقىمۇـ يا؟ نېمىشقا يوي مۇراسمىدا شۇنداق باتۇرلۇق قىلغاندىمەن؟
  ئوغلۇم 1981- يىلى 27- ئۆكتەبىردە تۇغۇلدى، شۇ يىلى 7- دېكابىر ئېرىم ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولدى. ئوماھا شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم. دەپنى مۇراسمىغا ئولتۇرۇپ بارغان چوڭ ماشىنىدىن تولىمۇ مەيۈس ھالدا چۈشۈپ، ئىلگىرى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان بىر گۆرىستانلىققا كەلگەندە ھېلىقى چۈشۈمگە كىرگەن كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ قالدى! ھاۋا سوغۇق، قار يېغىۋاتىدۇ، ئەگەر گىلەملەر سېلىنغان، ئىككى تەرىپىم غىچلا ئادەم، يەنە تېخى ئاق ئۆيمۇ بار! كىشىلەر مېنىڭ ھەققىمدە '' نېمىدېگەن جەسۇر كىشىـ ھە!'' دېيىشمەكتە. مەن ئۇكامنىڭ بېلىكىگە تايىنىۋالغانىدىم. مانا شۇ چاغدا خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولدۇم.
  بۇ مىسالدىن شۇنداق بىر چۈشەنچىگە كېلىش مۇقەررەر: قىياسنىڭ رېئاللىقتىن چەتنەپ كېتىشى مۇنداق ئىككى سەۋەبنىڭ بىرىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن.ـ بىر بولسا ئورۇن ۋە كۆرۈنۈشنى خاتا تاللىغان، بۇنىڭدىن مەقسىتى ياراشمايدىغان پاكىتنى يېپىش؛ ياكى بىر بولسا مەيداننى، كۆرۈنۈشلەرنى توغرا شەرھلەپ بېرەلمىگەن، ئۇنىڭ توي مۇراسىمى ئەمەس، ماتەم مۇراسىمى ئىكەنلىكىنى پەرقلىيەلمىگەن. مەيلى قايسىبىرى بولسۇن چۈشكە تەسىر قىلىدۇ. شۇ ئورۇن، شۇ كۈرۈنۈشلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان پاكىتلارغا چېتىلغان بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئېتىبار بىلەن قارالمىغان. بۇ ئەھۋالمۇ خۇددى ئادەملەرنىڭ زامانىۋى سالاپىتى ۋە خۇسۇسىيىتىگە ئوخشاش، خۇلق ۋە مىجەزدىن پەيدا بولغان بولۇشى ئېھتىمال.
  بەزىلەر بۇنداق ئەھۋاللارنى مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى تىلەيدىغان تۆۋەنكى ئاڭ ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۈ دەپ شەرھلەيدۇ. خۇددى ئاغزىدىن سائەت چىقىپ كەتتى دېگەنگە ئوخشاش گەپلەر يوشۇرۇن مۇددىئانىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشىدۇر دەپ قارالغىنىغا ئوخشاش، ھېلىىدەك كۆپرەك دەلىل - ئىسپات بولمىسا، ئۇنداق شەرھلەر پاكىتتىن چەتنەپ كەتكەن بولىدۇ، بولۇپمۇ بىر مۇنچە ئالامەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاڭسىزلىقتىن چىققان ئۇچۇر ناھايىتى كىچىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزگەرتىلىپ كېتىشى، يەڭگۈشلىنىشى ياكى بۇرمىلىنىشى مۇمكىن. 
  يۇقىرىقى مىساللاردىن مەلۇمكى، رېئال قىياش قىلىش مېخانىك ھەرىكەت ئەمەس، چۈش كۆرگەن ئادەم ئۆز مەيلىچە تاللاپ، رېئاللىقنى پۈتۈن ئورۇن ۋە كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان قىياسقا ئايلاندۇرۇپ ئۆۈپ بېرىشىمۇ مۇمكىن، شۇنداق قىياسنى ئوڭشىشى ياكى غۇۋاـ مۇجىمەل قىلىشىمۇ مۇمكىن.
  نېمە ئۈچۈن چالاـ چۈشتى ئورۇن ۋە كۆرۈنۈشنى تاللايدۇ ياكى شۇنداق قىياس قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى روشەنكى، شەخسىكە باغلىق. مەيلى ناھايىتى مۇھىم بولغان تەرەپلىرىدىن قارايلى، مەسىلەن، بالاـ قازا ۋە زىيانـ زەخمەتلەرگە، پېشانىسىنىڭ تەتۈرلۈكىدىن چىققان قاتتىق دەرد - ئەلەم، غەم - ئەندىشىلەرگە توغرا قارىيالامدۇـ يوقمۇ؟ مەيلى ئانچە مۇھىم بولمىغان تەرەپلىرىدىن قارايلى، مەسىلەن، ئەرزىمەس ئۇششاق سەۋەبلەر بىلەن مۇقەررەر پەيدا بولىدىغانلىقىغا كۆز يېتىپ تۇرغان بەزى ئىشلار بولسۇن، ھەممىدىن شەخسىي پەرقلەر كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
Posted: 2008-01-22 18:21 | [ئاپتور]
bilqut_A
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 19
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 

 
Posted: 2008-02-03 22:05 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » غارايىباتلار

Total 0.058879(s) query 4, Time now is:03-17 17:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation