توكۇر دادا بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 توكۇر دادا

تام ئېسىنى بىلسىلا دادىسى توكۇر، ئاددىيلا ئادەم ئىدى. تامچە ئۇنىڭ ۋاي دېگۈدەك يېرى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ ھەدېسىلا ئانىسىدىن نېمىشقا بۇنداق ئادەم بىلەن توي قىلغان بولغىيتتىڭ؟ دەپ سوراپ تۇرۇۋالاتتى.
  بىر قېتىم شەھەردە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. تام مەكتەپ ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى ئاساسلىق ھۇجۇمچى ئىدى. ئۇ ئانىسىغا: >مەيداندا سېنىڭمۇ بىللە تۇرۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن< دېدى يالغۇز قالغاندا.
  — دېمىسەڭمۇ، داداڭ بىلەن ئىككىمىز چوقۇم بارىمىز، بالام،
  — دادامنى دېمىدىم، سەن بولساڭلا بولدى،— دېدى تام سوغۇقلا.
  ئانىسى ھەيران قېلىپ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى سورىۋىدى، ئۇ ئامالسىز:
  — مۇسابىقە مەيدانىدا مېيىپلار بولۇپ قالسا، مۇسابىقىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يېتىپ قالىدۇ،— دەپ قويدى.
  — داداڭدىن يىرگىنىۋاتىسەن، شۇنداقمۇ؟— دېدى ئانا قايغۇرۇپ.
  دەل شۇ چاغدا دادىسى كىرىپ قالدى — دە، كاماندىروپكىغا چىقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، مۇسابىقىگە بارالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
  — ئاق يول تىلەيمەن، دادا،— دېدى تام دەررۇلا.
  — مەنمۇ مۇسابىقەڭگە ئۇتۇق تىلەيمەن،— دېدى دادىسىمۇ تامنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق ھەم قايغۇ ئىچىدە سىلاپ.
  مۇسابىقە ئاخىرى تاملارنىڭ كوماندىسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئوينىغانىدى. يول بويى ئۇ ھاياجانلىنىپ توختىماي مۇسابىقە توغرىلىق گەپ قىلىپ ماڭدى.
  — داداڭ بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلىسا قانچە خۇش بولۇپ كېتەر — ھە؟!— دېدى ئانىسى.
  — ئانا، بۇنداق خۇشال چاغدا ئۇنىڭ گېپىنى قىلمىساڭ قانداق؟— دېدى تام. ئانىسى تاتىرىپ:
  — ئېيتە، نېمىشقا مۇنداق قىلىسەن؟— دېدى زەردىلىك ئاھاڭدا.
  — ھېچ ئىشقا، ئىشقىلىپ ھازىر ئۇنى تىلغا ئالغۇم يوق.
  — ماڭا قارا،— دېدى ئانىسى غەزىۋىنى باسالماي،— مەن بۇ گەپنى دېمەي دېگەن. لېكىن ئەمدى بولمىدى. سەن داداڭنىڭ نېمىشقا توكۇر - ئاقساق بولۇپ قالغىنىنى بىلەمسەن؟ بىلمەيسەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن يىرگىنىسەن. ئىككى ياش چېغىڭدا بىز سېنى باغچىغا ئېلىپ باردۇق. ئۆيگە قايتاشىمىزدا سەن كەپسىزلىك قىلىپ، تويۇقسىزلا يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا يۈگرەپ ماڭدىڭ. دەل شۇچاغدا ئوقتەك كېلىۋاتقان بىر ماشىنى سېنى سوقىۋېتەيلا دەپ قالدى. داداڭ سېنى دەپ ماشىنىغا ئۆزىنى ئاتتى. سەن ساق قالدىڭ. ئەمما داداڭ ئېغىر يارىلىنىپ ئاخىرى بىر پۇتى ئاقساق ساقىيىپ قالدى.
  تام ئەمدى جىمىپ، بېشى چۈشۈپ كەتتى. ئانىسى يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
  — داداڭ سېنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىڭگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن دەپ بۇ ئىشنى ئىزچىل سەندىن يوشۇرۇپ كەلدى. مېنىمۇ ئېيتقىلى قويمىدى. قايسى كۈنى سەن مۇسابىقىگە مېنىڭ بېرىشىم، داداڭنىڭ بارماسلىقىنى ئېيتقان چېغىڭدىمۇ ئۇ سىرتتا تۇرۇپ ھەممىنى ئاڭلاپتىكەن، ئۇ چىرايلىق يالغان گەپتىن بىرنى ئېيتىپ ئۆيدە قالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ كاماندىروپكىغا چىقمىدى. سېنى دەپ ئۆيگىمۇ كەلمەي سىرتتا يېتىپ - قوپۇپ ئىشلەپ يۈرىدۇ. سەن بۇنى بىلەمسەن؟ 
  ئانىسى ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدى. تام ھېچنىمە دېيەلمىدى. بوغۇزى قاپسىلىپ قالغاندەك تىنالمايلا قالدى. پەقەت كۆزىدە لىپمۇلىق ياش، قەلبىدە لىپمۇلىق ئۆكۈنۈش ئىچىدە >دادا، مېنى كەچۈر!< دېيەلىدى.
ھېكمەت:
ئاتا - ئاناڭلارغا ئىززەت بىلدۈرۈڭلار. ئۇلار سىلەرگە ئۈن - تىنسىز قۇربان بەرگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئادەملەر!
Posted: 2008-01-22 18:09 | [ئاپتور]
uyghur
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 21
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07

 

  بەكلا تەسىرلىككەن !
Posted: 2008-02-03 20:28 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ھىكمەت

Total 0.059335(s) query 4, Time now is:03-17 17:52, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation