ئوغرىلىق جىنايىتى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ئوغرىلىق جىنايىتى

بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئومۇمنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى كۆپرەك ياكى كۆپ قېتىم خۇپىيانە ئوغرىلىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل - ماللىرىنى خۇپىيانە ئوغرىلىغان ياكى كۆپ قېتىم ئوغرىلىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى يېشى 16 گە توشقان جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەملەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى تولۇقسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
264 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنىڭ كۆپرەك ياكى كۆپ قېتىم ئوغرىلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئوغرىلىغان سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلار؛
(2) قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار.
265 - مادد پايدا تېپىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ خەۋەرلىشىش لىنىيىسىنى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تېلېگراف نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغانلار ياكى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغان تېلېگراف ئۈسكۈنە، ئەسلىھەسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
210 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ۋە توغرىلاپ چىقرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
269 - ماددا ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، تارتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەردىن ھارام مالنى يوشۇرۇش، تۇتۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن نەق مەيداندا زورلۇق ئىشلەتكەن ياكى زورلۇق بىلەن تەھدىت سالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
196 - ماددا 3 - تارماق كرېدىت كارتوچكىسىنى ئوغرىلىغان ۋە ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
253 - ماددا پوچتا خادىملىرىدىن پوچتا يوللانمىىرىنى ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان ياكى تىقىۋالغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەنلەرگە ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى، پۇل - مال ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، دۆلەت سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
(1998 - يىل 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
بۇ بەلگىلىمە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇلىغان جىنايەتچىلەرنىڭ ھارام مالنى سېتىش يوللىرىنى ئېتىش، دۆلەت، كوللېكتىپنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق مال - مۈلكىنى قوغداش مەقسىتىدە، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى> (تۆۋەندە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> دېيىلىدۇ)، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> (تۆۋەندە <جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> دېيىلىدۇ) ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلدى.
1. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمدە ئورۇن ۋە شەخس ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 277 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
2. ئوغرىلىغان، بۇلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان ياكى سېتىپ بەرگەنلەرگە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 312 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئوغرىلىغان، بۇلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ چۇۋۇغان، ئۆزگەرتكەن، قۇراشتۇرغان، رەنىگە قويغان، ھايىنىغا ساتقانلارغا يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان ياكى سېتىپ بەرگەنلەر قاتارىدا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 312 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
3. دۆلەت بېكىتكەن ئاپتوموبىل سودا بازىرى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارەت كارخانىسى (جۈملىدىن رەنىخانا، كىمئارتۇق سودىسى ئورنى) ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلغۇچى، زاپچاسلىرىنى ساتقۇچى كارخانىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ياكى باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىدىن ئوغرىلىغان، بۇلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، چۇۋۇغان، ئۆزگەرتكەن، قۇراشتۇرغان، سېتىۋالغانلارغا ياكى سېتىپ بەرگەنلەرگە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 312 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن يۇقىرىقى قىلمىشلارنى ئۇيۇشتۇرغانلىرىغا سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى چارە كۆرىدۇ.
4. مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 2 - ۋە 3 - ماددىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلاردىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇلىغان جىنايەتچىلەر بىلەن ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوغرىلىق جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
5. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى دۆلەت بېكىتكەن سودا بازىرىدا ياكى قانۇنلۇق تىجارەت كارخانىسىدا قىلىش، ئۇلارنىڭ سودا دوكۇمېنتىنى سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تەكشۈرۈپ تامغا باسقاندىن كېيىن تىزىملاش ياكى نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىش شەرت، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى ئاستىرتتىن قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، بۇنى سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغانلارغا ھارام مال سېتىۋېلىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ياكى باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىدىن ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغانلىرىغا ھارام مال سېتىۋېلىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقۇچى، سېتىۋالغۇچىلارنى تونۇشتۇرغانلار ھارام مال سېتىۋېلىش، سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تالونلىرىنى قانۇنسىز ساتقانلارغا ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تالونلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسىغانلار ياكى شۇنداق تالونلارنى ساتقانلارغا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 209 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
7. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىرىلىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ۋە نوپۇسقا ئالغۇزۇش، نوپۇسنى يۆتكەش، تەكشۈرتۈشكە ئائىت ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەن، سېتىۋەتكەن، ئېلىپ - ساتقانلارغا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 280 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
8. جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى، سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، ھارام ئاپتوموبىلنى نوپۇسقا ئېلىپ، نوپۇسنى يۆتكەپ، تەكشۈرۈپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىگە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 385 - ماددىسى، 386 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
9. جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى، سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى خادىملىرى ياكى باشقا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ھارام ئاپتوموبىلنى نوپۇسقا ئالغان، نوپۇسنى يۆتكەپ بەرگەن ۋە تەكشۈرۈپ بەرگەنلەرگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 397 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
10. جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىدىن ئوغرىلاپ، بۇلاپ كېلىنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قانۇنسىز ھالدا نومۇر تاختىسى، كىنىشكە بېرىپ ياكى ئۇلارنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكە ئېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا ياردەملەشكەنلىرىگە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 417 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
11. جىنايەتچى ئوغرىلىغان، بۇلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋە ئۇنى سېتىپ تاپقان پۇلىنى <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 417 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋېلىش لازىم.
12. ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغانلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى سۈرۈشتۈرۈپ ھەقسىز ئېلىۋېلىش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا سېتىۋالغان ئاپتوموبىللاردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى <جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> نىڭ 110 - ماددىسى ۋە 114 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋالسا ۋە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلمەي سېتىۋالغانلىرى دېلو ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېتىۋالغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
13. ھارام ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندىن كېيىن قانۇنسىز بېجىرىلگەن نوپۇسقا ئېلىش، نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتى ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان نوپۇسقا ئېلىش، نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى ئىشلىتىپ ھارام ئاپتوموبىلنى نوپۇسقا ئالدۇرۇۋالغان، ئۇنىڭ نوپۇسىنى يۆتكىۋالغانلارنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش ھەمدە ئاپتوموبىلنى سۈرۈشتۈرۈپ ھەقسىز ئېلىۋېلىش لازىم؛ نوپۇسقا ئېلىنغان، نوپۇسى يۆتكەلگەن ئاپتوموبىلنى سېتىۋەتكەنلەرنىڭ تاپاۋىتى سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋېلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئىقتىسادىي زىيان تۆلىتىلىدۇ.
14. جىنايەتچىدىن بىۋاستە سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋېلىنغان ئوغرىلاپ، بۇلاپ كېلىنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئىگىسىگە قانۇن بويىچە ئالدىن قايتۇرۇپ بېرىلىپ، تىزىمى، سۈرىتى ۋە باشقا دەلىل - ئىسپاتلار دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە بولىدۇ. ئىگىسىگە قايتۇرۇشتىن بۇرۇن ھارام مالنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئىشلىتىۋېلىشقا، بۇزۇۋېتىشكە ياكى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
15. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى دېلو يۈز بەرگەن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ، ھارام ئاپتوموبىل بېرىپ قالغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ماسلىشىشى كېرەك. رايون ئاتلاپ نۇرغۇن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى دەسلەپتە قوبۇل قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئاساسىي جىنايەت سادىر بولغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىسە ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشنى بېكىتسە بولىدۇ.
16. جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تۇتۇپ قالغان ياكى باشقۇرغۇچى ئورۇنغا ھەمكارلىشىپ قايتۇرۇۋالغان ئوغرىلانغان، بۇلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك، ھەرقانداق باھانە بىلەن ئېلىپ قىلىشقا ياكى ھەق تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئارقىغا سۆرەپ تاپشۇرمىسا، شۇ ئورۇن رەھبىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
17. بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان <بىلىپ تۇرۇش> بىلىشنى ياكى بىلىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىلىشكە تېگىشلىك دەپ قارالسا بولىدۇ، ئەمما، ھەقىقەتەن ئالدانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، دەلىل - ئىسپات بولغانلىرى:
(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قانۇنسىز بىرژىسىدىن ۋە قانۇنسىز ساتقۇچى ئورۇندىن سېتىۋالغان بولسا؛
(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ گۇۋاھنامە، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسا ياكى ئۇ بەلگىلىمىگە روشەن خىلاپ بولسا؛
(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ماتور نومۇرى ياكى رام نومۇرىنى ئالماشتۇرغانلىق ئىزى بولۇپ، قانۇنلۇق ئىسپاتى بولمىسا؛
(4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بازا باھاسىدىن روشەن تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان بولسا.
18. بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، تارتىۋېلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلولىرى مۇشۇ بەلگىلىمىدىكى پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېخى ئاياغلاشتۇرۇلمىغان دېلولاردا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تېلېگراف بازارلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى)
7 - ماددا تېلېگراف كارتوچكىسىنى قانۇنسىز ھالدا قىممەتنى تولۇقلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، تېلېگراف ھەققى زىيىنى سوممىسى بىلەن ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوغرىلىق جىنايىتى قاتارىدا جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
8 - ماددا باشقىلارنىڭ جامائەت ئۇچۇرى تۈرىدىكى تور نومۇرىنى، مەخپىي سېفىرىنى تورغا كىرگۈزۈشتىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىپ، تېلېگراف ھەققى زىيىنى سوممىسىنى كۆپرەك ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوغرىلىق جىنايىتى قاتارىدا جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغرىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)
Posted: 2008-01-22 17:56 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » جىنايەت ۋە جازا

Total 0.058558(s) query 3, Time now is:03-17 17:52, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation