مايقوڭغۇزى
مايقوڭغۇزى كەبى خىيالىم
قەترە - قەترە نۇر بولۇپ،
پىلدىرلايدۇ زۇلمەت ئىلكىدە.
يول بويىدا كېپىنەكگۈلى،
چېقىلمايدۇ بىپەرۋا كۆزگە.
غىڭشىيدۇ ئۇ شۇنچىلىك مۇڭلۇق،
بۇ چۇۋالچاق ئىبارىلەرگە.
ھارغىن، غۇۋا بوشلۇقىغا قەلبىمنىڭ،
ئۇۋا ياسار چۈشۈم پەم بىلەن.
كۈندۈزى
كارۋانلار ئۇنتۇلۇپ قالغان —
پارچە - پۇرات نەرسىلەر بىلەن.
باھار شامىلىدىن ئۇچقان چېچەكلەر،
ئېچىلماس ئەتكىنى مېۋىسىنى دەپ.
ئۇ ياشار بىردەمقلىك خۇشاللىق ئىچرە،
ئۆزئارا كۆرۈشۈش، سۆيۈشنى ئىزدەپ.
شاد - خۇراملىق بوشاندى يەرنىڭ —
غەپلەتتىكى ئاسارىتىدىن.
كىردىن يېشىل ياپراق ئىچىگە،
ئۇسسۇل ئويناپ كۆكنىڭ قېتىدىن
يارقىن، راۋان مىسرالىرىم ۋاقىتنىڭ —
دولقۇنىدا، لەرزان ئۇسسۇل ئوينار بەلكىم.
چۈشۈپ كېتەر يەر قوينىغا گويا تاشتەك،
يۈكى ئېغىر سەلتەنەتلىك ئەسەرلىرىم.
قەلبىمدىكى پىنھان كېپىنەك،
يالتىراقتەك قانات چىقىرىپ؛
ئۇچتى زاۋال چېغى ئاسمانغا،
ۋىدالىشىش سەپىرى قىلىپ.
كېپىنەكنىڭ ۋاقىت بىرلىكى،
ئايمۇ ئەمەس ۋە ياكى مىنۇت.
كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بىر ھال،
يېتىپ ئاشار ئۇنىڭغا تولۇق.
ئوي - خىيالىم بولىدۇ ئۇچقۇن،
خۇش كۈلكىنى ئىچىگە سېلىپ.
ئۇچۇپ كېتەر قانات چىقارغان،
تەئەججۈپنى قولتۇققا ئېلىپ.
دەرەخلەر تىكىلىدۇ مۇھەببەتتە،
ئۆزىنىڭ بىر چىرايلىق سايىسىگە.
تۇتماقچى بولىدۇيۇ، ئۇنى لېكىن —
تۇتالماي ئاۋارىدۇر مەڭگۈلۈككە.
مۇھەببىتىم قۇياش نۇرىدەك،
قورشاۋىغا ئالىدۇ سېنى.
لېكىن ساڭا بېرىدۇ يەنە،
زەر يېپىنغان ئەرك يولىنى.
قاراڭغۇلۇق بەجايىكى سۇ،
قانچە چوڭقۇر بىلمەك مۇشەققەت.
كۈندۈز رەڭدار كۆپۈك بەئەينى،
كۈن ئۆتكۈزەر ئۈستىدە لەيلەپ.
ئىنئاملىرىم تارىنچاق ئەجەب!
زورلىمايمەن ئەسلە دەپ ئۇنى.
بىراق، بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن،
ئېسىڭدە چىڭ تۇتقانسەن ئۇنى.
ئېغىر كەلگەن بولساكۆتۈرۈش،
سوۋغىلاردىن ئىسمىمنى ئۆچۈر.
بىراق ساقلا ناخشامنى، مۇمكىن —
بولسا ئۇنى قەلبىڭگە كۆچۈر.
ئاپرېل كىچىك بالا كەبى تۇپراققا،
گۈل بىلەن يازىدۇ شەكلانە يېزىق.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈپ يەنە،
سەپەرگە كېتىدۇ ئەستىن چىقىرىپ
ئەسلىمە ئۇ نەزىر ئىلاھى،
ئۆلتۈرسىمۇ بۈگۈننىۇ ئەگەر.
شۇ بۈگۈنكى يۈرىكى بىلەن،
ئۆتكەنلەرگە سالىدۇ نەزەر.
سۈربەتلىك چېركاۋدىن چىقىپ بالىلار،
ئولتۇردى مىنىپ توپا - توزانغا.
ئېسىدىن چىقاردى مۇخلىسىن خۇدا،
نەزەر سېپ ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىغا
چۆچۈدى يۈرىكىم ئوي - خىيالىمنىڭ —
قوينىدىكى غايىب نۇرلار ۋەسلىدىن.
چۆچۈپ كەتكەن كەبى ئېرىق تۇيۇقسىز،
بىر كېلىپ كەتكۈچى سوغۇق پەسلىدىن.
جىمجىتلىق بالقىدى تاغلاردىن بۇ دەم،
بويىنى ئۆلچىمەك بولدى خىيالى.
كۆللەرمۇ ھەرىكەتكە يەتكۈزدى سۈكۈت،
ئۆز چوڭقۇرلۇقىغا باقتى جامالى.
ئۆتۈپ كەتكەن قاراڭغۇ كېچە،
سۆيدى تاڭنىڭ يۇمۇق يۇمۇق كۆزىگە.
بۇ سۆيۈشنىڭ ئوتى جىمىرلاپ،
لاۋۇلدىدى چولپان ئىچىدە.
گۈزەللىكىڭ سېنىڭ ئەي قىزچاق،
مەي بوللمىغان مېۋىدۇر بۇدەم.
ئېچىلمىغان كۆڭلۈڭدىكى سىر،
قەلبىڭ تىت - تىت شۇڭا دەممۇدەم.
ئەسلىمىدىن ئايرىلغان پىغان،
ئاۋ ئاۋازسىز كېچە بەئەينى.
چېكەتكىنىڭ چىرىلدىشى بار،
لېكىن بولماس قۇشلارنىڭ ئۈنى.
جاھىللىق تۇتماق بولۇپ ھەقىقەتنى بىخەتەر،
ئەتتەڭ بوغۇپ قويدى ئۇنى ئەكسىچە،
مەدەت بېرىپ بىر قورقۇنچاق چىراغقا،
يورۇتتى تۈن يۇلتۇزلارنى كېچىچە.
زېمىن دېگەن كېلىنچەك قىزنى،
ئالسىمۇ گەر ئاسمان قۇچاققا.
لېكىن ئۇنىڭ بىپايان كۆكسى،
زېمىن يۈزىدىن چەكسىز يىراقتا.
خۇدا ئىزدەپ مەسلەكداش بەندە،
تەلەپ قىلىدۇ مېھىر - مۇھەببەت.
شەيتان ئىزدەپ يۈرەر قۇل بەندە،
بۇيرۇقۇمغا قىل دەپ ئىتائەت.
يەرنىڭ ئەجرى ئۈچۈن دەرەخنى،
بەند قىلدى زېمىنگە تۇپراق.
دەرەخ ئەركىن ئۆسسە بولدى دەپ،
ئاسمان تەلەپ قويمىدى بىراق.
مەڭگۈلۈكلەر گويا قاشتېشى،
تارىخىنى تۇرماس پەش قىلىپ.
بىر دەقىقە نۇر چاچسا بولدى،
ھەر تەرەپكە كۆزنى چاقنىتىپ
بالىلار ياشايدۇ ھەمىشە،
ئەبەدلىك بىر سىرنىڭ قوينىدا.
قونمايدۇ تارىخنىڭ چاڭلىرى،
رام بولۇپ ئۇلارنىڭ بوينىغا.
ئىجادىمنىڭ مەنزىللىرىدە،
بولسا لەرزان كۈلكە بىر قېتىم.
ئىلھامىمنىڭ ئۇچقۇر قانىتى،
ۋاقىتلارنى ئۇتار بىتىنىم.
يىراقتىكى ئادەم سەھەردە،
يېقىنلىشار ماڭا بىگۇمان.
كېچە ئۇنى بۇلاپ كەتكەندە،
چاپلىشىدۇ بىر - بىرىگە جان
ئاق سۆگەتگۈل، ھال رەڭ سۆگەتگۈل،
كۆز بېقىشىپ تۇرۇشتى مانا.
ئوخشاشمىغان شېۋىلەر بىلەن،
چۈشۈپ كەتتى قىزغىن پاراڭغا.