ناھايىتى تەسىرلىك بېشارەت بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ناھايىتى تەسىرلىك بېشارەت

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا intilim دىن نەسىھەت غا يۆتكەلدى (2008-01-02)
ناھايىتى تەسىرلىك بېشارەت 
زۇڭتۇڭ لىنكولننىڭ ۋە روز دىلسون خانىمنىڭ بېشارىتى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى كەچۈرمىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ، بۇ يەردىكى سىرنىمۇ'' شۇنداق توغرا كېلىپ قالغان '' دېگەن سۆز بىلەنلا يېشىپ كېتىش ھەرگىزمۇمىكىن ئەمەس.
  ئەمەلىيەتتە سەلـ پەل زەن قويىدىغان بولساق، ئوبيېكتىپ ھادسە بولغان بېشارەتنى تۇرمۇشىمىزدا ھەر قاچان ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن . ئائىلىمىزدىكىلەر، يارۇ بۇرادەرلىرىمىز، خىزمەتداشلىرىمىز ئۆزلىرىدە نامايان بولغان بېشارەتلەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ؛ بىزنىڭ ئۆزىمىزدىمۇ ئۆزىمىز ئېنىق يېشىپ بېرەلمەيدىغان ۋە لېكىن تولىمۇ تەسىرلىك بولغان ياكى ئۇنداق، ياكى بۇنداق بېشارەتلەر نامايان بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بەزى ئادەمنىڭ ئىشلارنى ۋە ئۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىشىڭىز مۇمكىن.
  بىرەر قېرىندىشىڭىز ياكى جان دوستىڭىزنىڭ ئامانلىقى، ئىستىقبالى، تەقدىرى جىددىي بىر ھالەتكە توغراكېلىپ قالغاندا، سىزدىمۇ" بىرەر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك قىلىدۇ'' دەيدىغان بېشارەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، چۈشىڭىزدە مەلۇم بىر يېقىن دوستىڭىزنىڭ كېسەل بولۇپ قاغانلىقىنى ياكى بىر پالاكەت باسقانلىقىنى كۆردىڭىز، سىزنىڭ شۇ دوستىڭىز دەل چۈش كۆرگەن چاغدا راستتىن كېسەل بولۇپ قالدى ياكى بىر كېلىشمەسلىككە يولۇقتى. مانا مۇشۇنداق ئەپسانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بېشارەتلەر نۇرغۇن ئادەمنىڭ بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇقەررەر. كەمىنە قەلەم ئىگىسىنىڭ تەۋەررۈك پېشقەدەملىرىدىن بىرىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ئۇ ھەرقاچان مەھەللىدە بىرەر ئادەم ئۆلۈپ چۈش كۆرسە، شۇ ئادەم بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالغانىكەن؛ ئۇ بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىدە ئالدىن كۆرگەنىكەن. شۇڭا ئۇنىڭغا يېقىن يۈرىدىغان بىزلەرمۇ ھازىر ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ قېلىشتىن قورقمىز. كەمىنە قەلەم ئىگىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللارنى يولۇقتۇزغانمەن: ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا تاڭزۇڭزا چاغىنى كېلىپ قالدى، شۇ چاغدا ئۇكامنىڭ ئاتىسىغا ) ئۇكام بىزگە ئاسراندى بالا ئىدى( بىر پارچە سالام خەت يېزىش خىيالى ئۇشتۇمتۇتلا مېڭەمگە كىرىۋالدى، ئىلگىرى ئۇنداق خىيال زادىلا يوق ئىدى، سالام خەت يېرىش دېگەندەك بىرەر ئەھۋالمۇ خىيالىمغا كىرىپ باقمىغانىدى. لېكىن كونۋېرت ئۈستىگە خەت يازىدىغان چاغدا، باشقا بىراۋلار ئارقىلىق ماڭدۇرسام بىرمۇنچە ئاۋارىگەرچىلىك بولىدىكەن، خەتنىڭ ئۆز قولىغا تېگىشى نايايىن، دەپمۇ ئويلاپ قالغانىدىم. ئىسىت، يازلىق تەتىلدە قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىلدىم، ئۇكامنىڭ ئاتىسى تاڭزۇڭزا چاغىنى تۈگەپ ئىككى كۈن ئۆتكەندە باقىي دۇنياغا سەپەر قىپتۇ.
  1988- يىلى 18- يانۋاردا غەربىي جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بالاـ قازاغا ئۇچراپتۇ. شۇ ئايروپىلاندا قازا تاپقان مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلات بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن مىڭنىڭ رەپىقىسى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ھادىسىدىن كېيىن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بېشارىتىنى مۇنداق بايان قىلىپ بەرگەن:
  ئەمەلىيەتتە تيەن مىڭ يولغا چىقىپ كەتكەن كۈنى ئۆزۈم بىر قىسما بولۇپ قالغانىدىم، ئۇ شۇ كېچىسى ئىككى قېتىم چۈشۈمگە كىرىپ قالدى. بىزنىڭ تونۇشقىنىمىزغا20 يىل، ئۆي تۇتۇۋاتقىنىمىزغا 17 يىل بولغان. بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ چۈشۈمگە بىرىنچى قېتىم كىرىشى. ئۇ ئىشتانچاق بولۇۋاپتۇ، ھى - ھىلاپلا كۈلىدۇ، پۈتۈن ئەزايى تۇخۇمدەك قىزىل قاپارتقۇلار بىلەن تولغان، كۈپتەك ئېسىلىپ كەتكەن ئۇ كۈلگەن پېتى ئالدىمغا كەلدى.
  - ئاغرىۋاتامدۇ؟ قىچىشىۋاتامدۇ؟ بۇ قانداق بولغىنى؟ـ دەپ سورىدىم. 
  ئۇ جاۋاب بەرمىدى. ئەتىسى سەھەردە ئوغلۇمغا دېدىم: 
  - بىرەر چاتاق بارمۇـ نېمە؟ داداڭنى كېچە ئىككى قېتىم چۈشۈمدە كۆردۈم.
  19- يانۋاردا چۈشتىن ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانىغا نازارەت قىلۋاتاتتىم، دەسلەپتە ئولتۇرالمايلا قالدىم. بۇنى 6- سەزگۈمىكى دەي دېسەم، بىرەر ئادەم ماڭا چاتاق چىقىپتۇ دېمىسە، مەن قانداق بولۇپ بىئارام بولاي؟! چۈش ۋاقتىدا ئۆيگە قايتتىم، ئوغلۇمغا قازان نېنى پىشۇرۇپ بەردىم، ئۆزۈم يېمەي، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاراپ چاچتىم ) ئادەتتىكى چاغلاردا يولدىشىم بىرەر خىزمەت بىلەن بىر يەرگە كەتكەندە، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىغانىدىم(، خىيالىمدا بىرەر ئادەم چۇڭچىڭغا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون بېرىشىپ بەرسىكەن، ئۇ ئامان - ئېسەن باردىمۇ، سوراپ باقساق ئىكەن دەپلا ئويلايتتىم. نەدىن بىلەي، 3- قەۋەتكە ئەمدىلا چىققاندا، ئىككى كىشىنىڭ پەلەمپەي ئالدىدا قىلىشىۋاتقان پاراڭلىرى قۇلىقىمغا كىردى، ئۇلار قەيەرىدۇر بىر يەردە قانداقتۇر بىر ھادىسە يۈز بېرىپتۇ دېگەندەك قىلىشىدۇ. ئالدىنقى گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم، قۇلاق سالدىم، ئاخىرىدا بىرسى ئالدىراپلا:'' ھە؟ نەدە، شۇنداق بوپتۇ؟" دەپ سورىغانىدى، يەنە بىرىسى:''چۇڭچىڭدا!'' جاۋاب بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى، بۇ گەپلەرنىڭ چوقۇم تيەن مىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم.
  ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تونۇشۇڭ:
  بىر ئاددىي ئائىلە ئايالى قوۋۇرغا گۆشتىن سېتىۋالماقچى بولۇپ بىر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى بار ئىكەن، بىرى توققۇز ياشتا، بىرى يەتتە ياشتا، يەنە بىرى بەش ياشتا. شۇ چاغدا ئۇلار تاتلىق ئۇيقۇدا تاتقانىكەن. ئايال ئۆيدىن چىققاندىن كېيىن ئىشىكنى قۇلۇپلاپتۇ، لېكىن نەرسەـ كېرەك قاچىلايدىغان سېۋەتنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇلۇپنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ سېۋەتنى ئاپتۇ، لېكىن ئالاقزادىچىلىكتە ئاچقۇچنى قەيەردە قويغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. دالاندىكى ئاشخانىنىڭ تەكچىسىدىن ئاچقۇچنى تاپقاندا قارىسا، قولىدىكى گۆش بېلىتى ئەمەس ئىكەن. ئەنە شۇ چاغدا كۆڭلىدە بىر ئىلەڭگۈچلۈك پەيدا بوپتۇ. ئىچكىرىكى ئۆي بىلەن دالاندىكى ئاشخانا ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇ يان، بىربۇ يان مېڭىپ گاڭگىراپ قاپتۇـ دە، بالىلىرىدىن ئەنسىرەپ، كىچىك ئوغلىنى كۆتۈرگىنىچە ئەرـ خوتۇن ئىككىيلەن ياتىدىغان ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن بازارغا چىقىپ كېتىپتۇ.
  ئايال ئىككى سائەتتەك ۋاقىت قاتارغا تىزىلىپ تۇرۇپ ئاران تەسلىكتە گۆش ئاپتۇ. لېكن ھېلىقى بىئارام قىلغان بېشارەت ئۇنى '' تېزدىن ئۆيۈڭگە قايت'' دەپ ئالدىرىتىۋاتقاندەك قىپتۇـ دە، ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. يولدا تېخى بىراۋلار '' ئېرىڭىز قوينىنى ئېچىپ كۈتۈپ تۇرۇپتۇ!'' دەپ چاقچاقمۇ قىپتۇ.
  ئۆيىگە بېرىپ قارىسا، چوڭ بالىسى بىلەن ئوتتۇرانچى بالىسى بىر - بىرىنى مەھكەم قۇچاقلىغىنىچە قىمىر قىلماي تۇرۇپتۇ. كارىۋاتنىڭ ئۈستى مالىمان، كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىدە يۈزىنى تامغا قارىتىپ ئۆرە تۇرغان چوڭ بالىسى تورۇستىن تام بويلاپ چۈشكەن توك سىمىنى ئككى قولى بىلەن چىڭ تۇتۇۋاپتۇ. كەنجى بالىسى بولسا يالاڭ ئاياغ ئىكەن، ئۇ ھەدەپ كارىۋاتقا يامىشىپ، قىقىقلاپ كۈلۈۋېتىپتۇ ۋە '' ئانا، ئاكىلىرىم جىن كەلدى دەپ مېنى قورقىتىۋاتىدۇ، ئۇلار قىچىقلاي دەۋتىمەن'' دەپتۇ. ئانىسى '' ھاي...'' دەپ كەنجى بالىسىنى توسۇپتۇ. دېمەك، كەنجى بالىسى ئامان قاپتۇ، چوڭ بالىسى بىلەن ئوتتۇرانچى بالىسى توك سوقۇپ قازا تېپىپتۇ. كەنجى بالىسىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە قارىغاندا، ئانىسى بەش مىنۇتتىن سەككىز مىنۇتقىچە بالدۇرراق قايتىپ كەلگەن بولسا، ئىككى بالىسىمۇ ئامان قالار ئىكەندۇق.
  1984- يىلى مارت ئېيىدا، مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى بىر مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىنى '' ئېسىپ'' قويۇلغان بىر مۇئاۋىن ھاكىمنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە جىددىي بۇيرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەلۇم بىر يەرگە بارىدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ بېلىتىنى 6- مارت كۈنى سېتىۋاپتۇـ دە، ئەتىسى سەھەردە يولغا چىقىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. كەچقۇرۇن بولغاندا، تۆت ياشلىق بالىسىنى يەسلىدىن ئېلىپ چىقىپتۇ. يولدا كېتىۋاتقاندا ئوغلى:
  - بۈگۈن ئانام مېنى مېمىشقا ئالغىلى كەلمىدى؟ـ دەپ سوراپتۇ دادىسىدىن. دادىسى:
  - ئەتە مەن يىراق سەپەرگە بارماقچى، ئانىڭىز كۆكتان ئالغىلى چىقىپ كەتكەن،ـ دەپتۇ.
  - سىلەر ئولتۇرىدىغان ماشىنا ئەتە موللاقلايدۇ، ئانام بىلەن ئىككىمىز سىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇق،ـ دەپتۇ ئوغلى.
  كىچىك بالىنىڭ گېپىدە ئەيىب يوق! لېكىن بۇنداق شۇم سۆز يىراققا سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلماي قالمايدۇ.
  ئۆزىنى ئەزەلدىن '' ماتېرىيالىزم'' چى دەپ يۈرگەن بۇ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئۈنى ئۆچۈپ كېتىپتۇ.
  بالىنىڭ شۇ گەپنى كەچقۇرۇنلۇق تاماقتىن كېيىن يەنە تەكرار سۆزلىشى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەچسۇن دەيسىز:
  - دادامنىڭ ماشىنىسى موللاقلايدىكەن!ـ بالا كەسكىن سۆزلەپتۇ، لېكىن كېيىنكى بىر جۈملە سۆزىنى دېمەپتۇ.
  خوتۇنى چوڭ بىر پېشكەللىك بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئېرىگە ماشىنا بېلىتىنى بالدۇرراق قايتۇرۇۋېتىشنى مەسلىھەت ساپتۇ.
  - كىچىك بالىنىڭ سۆزىگىمۇ ئىشەنگەن بارمۇ؟!ـ دەپتۇ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئېرەن قىلماي قولىنى شىلتىپ،ـ بۇ بۈگۈن يەسلىدە تەربىيىچىلىرىنىڭ ياكى دوستلىرىنىڭ ماشىنا موللاقلاپ كەتكەنگە ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدا قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالغان بولسا كېرەك، شۇنى دوراپ سۆزلىگەن ئوخشايدۇ. مەۋجۇدىيەت ئاڭنى بەلگىلەيدىغۇ!
  ئۇ سەپەر جابدۇقلىرىنى - كىچىككىنە تۆت چاسا قارا تۈگۈنچىنى تەق قىلىپ قويۇپتۇ. شۇ كېچىسى خوتۇنى بىردىنلا كۆز يېشى قىلىپ، يەنە ئېرىگە: بولدى قىلىڭ، ئەتە ماڭماڭ، بىرەر كۈن ئارقىغا سۈرسىڭىز بولمامدۇ؟ دەپتۇ. ئېرى سىلىق گەپ بىلەن: يەنە بىر ھەمراھىم بار، مېڭىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش تەس،دەپتۇ. بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندا تاڭ ئوبدانلا سۈزۈلۈپ، ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىغا 15 مىنۇتلا قاپتۇ. ئۇ پالاق - پۇلۇق كىيىنىپ، ئالدىراپ - ئۇشقۇرۇپ ئاپتوبۇس بېكىتىگە كىرىپتۇ. شۇ نۆۋەتلىك ئاپتوبۇستىكى ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇننى تاپقان چاغدىمۇ كۆزى تېخى ئۇيقۇدىن كەتمىگەنىكەن. ئالدىرىغاندا سالدىراپتۇ دېگەندەك، ئاپتوبۇس خادىمى بېلەت تەكشۈرۈپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە تېخى ئۈستىبېشىدىن ئەتىيازلىق، يازلىق، كۈلۈك ھەتتا قىشلىق كىيىملەرنىڭ ھەممسى تېپىلىدىغان بىرسەتەڭ چوكانمۇ بار ئىكەن.مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى يانچۇقلىرىدىن بېلەتنى ئاختۇرۇپتۇ، لېكىن ھېلىراقتا بېكەتكە كىرىش ۋاقتىدا تەكشۈرتكەن بېلەتنى زادىلا تاپالماپتۇ! تۆت يانچۇقلۇق موۋۇت چاپىنىنىڭ يانچۇقلىرىنى تەتۈرگە ئۆرۈپ ئاختۇرغان بولسىمۇ ھېلىقى ئىككىلىك كەڭلىكتىكى قاتتىق ئاق قەغەز تېپىلماپتۇ. ئەجەب ئىش - ھە! ئومۇمەن بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق ئادەملەرنىڭ يۈزى بۇنداق سورۇنلاردا تولىمۇ نېپىز بولىدىكەن، ئۇ ئۆپكىدەك ئېسىلىپ، پوكاندەك قىزىرىپ، پېشانىسىدىن تەر چىپىلداپتۇ. ئاپتوبۇس خادىمى بىتاقەت بولۇپ، بىر دەم تاپانچىسى بىلەن، بىر دەم كالتىكى بىلەن دوقۇسلىتىپ، بېلەتنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈشكە قىستاپتۇ. مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىنىڭ ھەمراھىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:
  - خىزمەت بىلەن كېتىۋاتىمىز، بېلەتنى تۈنۈگۈن ئىككىمىزبىللە ئالغان،ـ دەپ گۇۋاھلىق بېرىپتۇ ۋە،ـ بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن يوقىتىپ قويغان بولسا كېرەك،ـ دەپتۇ،
  - يوقىتىپ قويغان بولسا كېرەك؟ ئۇنداق بولسا تېپىپ كەلسۇن! - ئاپتوبۇس خادىمى خۇددى باھانە تېپىلغاندەك قىلىپ، ھېچ گەپكە پەرۋا قىلماي، ئۇنى ئاپتوبۇستىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. ھېلىقى ھەمراھىمۇ نائىلاج ئاپتوبۇستىن چۈشۈپتۇ. بۇ ئىككىيلەن كۆڭلى غەش بولۇپ، ئۇ يەرـ بۇ يەرگە قاراپ بېلەتنى ئىزدەپتۇ، ئاپتوبۇسمۇ يۈرۈپ كېتىپتۇ. ھېلىقى چوكان تېرىسىگە پاتماي ھال تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇرۇپتۇ. بۇ قانداق خىزمەت پوزىتسىيىسى؟ خەپ! شۇنداقمۇ ئارقا ئىشىك ئاچقان بارمۇ؟!...
  مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى تولىمۇ خاپا ھالدا يانچۇقىدىن تاماكىسىنى چىقارغانىكەن، ئاپتوبۇس ئاللىقاچان ئۇزاپ كەتكەنىكەن. ھەي...
  مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن خەۋەر تېپىپتۇكى، ھېلىقى ئاپتوبۇس يولغا چىقىپ ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ماڭغاندىن كېيىن تورمۇزى تۇتماس بولۇپ، تىك ياردىن موللاقلاپ چۈشۈپ بەش ئادەم ئۆلۈپتۇ،17 ئادەم ئېغىر يارىدار بوپتۇ. ھېلىقى پەيلى يامان ئاپتوبۇس خادىمىمۇ شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يېرىدە جان بېرىپتۇ. شاپىلاقتەك ئەينەك پارچىسى پېشانىسىگە قادىلىپ كىرىپ كەتكەنىكەن، يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ ئەينەكنى چىقىرىپ ئېلىشى بىلەنلا جان ئۈزۈپتۇ.
  ئامېرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى مارك تىۋىن ياش ۋاقتىدا مىسسىسىپىي دەرياسىدا پاراخوت ھەيدىگۈچى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇكىسى ھىنرىكمۇ شۇ پاراخوتتا شاگىرت بولۇپ ئىشلەيدىكەن. 
  ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن ھەمىشە پاراخوتتا ساينىت لۇئىس بىلەن نېۋئورلىئان ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىكەن.
  بىركۈنى ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن پاراخوتتىن چۈشۈپ، ساينىت لۇئىستىكى ئۆيىدە قونۇپتۇ. شۇ چاغدا مارك تىۋىن مۇنداق ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆرۈپتۇ:
  چۈشىدە ئۇكىسى ئۆلۈپ قاپتۇ، ئۇنى تۆمۈر ساندۇققا ياتقۇزۇپ قويۇشۇپتۇ، ئۈستىگە مارك تىۋىننىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋاپتۇ، مەيدىسىدە يوغان بىر گۈلچەمبىرەك، چەمبىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوغدەك تاۋلىنىپ تۇرغان قىزىل ئەتىرگۈل، مېيىتنىڭ ئەتراپىدىمۇ ئاق ئەتىرگۈل تۇرۇپتۇ. 
  مارك تىۋىن ئويغانغاندىن كېيىن خېلى ۋاقىتقىچە ھېلىقى چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئۇنتۇيالماپتۇ. تاكى ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدا ئۇكىسىنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ:
  - ئۇھ!چۈشۈم ئىكەن - دە!ـ دەۋېتىپتۇ.
  كەچقۇرۇندا ئاكاـ ئۇكا ئىككىيلەن يەنە مىسسىسىپى دەرياسى بىلەن نېۋئورلىئانغا بارىدىغان پاراخوتقا ئۈلگۈرمەكچى بوپتۇ. ئۆيىدىن چىقىدىغان چاغدا ئانىسى بۇ ئوغۇللىرى بىلەن ئادەتتىكىدەك خوشلىشىپتۇ. ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن دەرۋازىدىن چىقىپ بولغاندائانىسى:
  - ھىنرىك!ـ دەپ چاقىرىپتۇ.
  ئانىسى بۇ كىچىك قىلىپ قولىنى مەھكەم سىقىپتۇ. مارك تىۋىن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قاپتۇ. شۇ كۈنى ئاكاـ ئۇكا ئىككىيلەن ئادەتتىكىدەك كۈلكەـ چاقچاقلىرىنى تاشلاپ، جىم ـجىم ماڭغىنىچە پورتقا قاراپ كېتىپتۇ.
  ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. ھىنرىك ئولتۇرغان '' شىربانىيە'' ناملىق پاراخوت پار قازانىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئوت كېتىپ، چۆكۈپ كېتىۋاتقان پاراخوتقا قايتىپ چىقىپ، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى قۇتقۇزغانىكەن.
  شۇ ۋەقەدە '' شىربانىيە ''دىكى پاراخوتچىلار ۋە يولۇچىلاردىن جەمئىي 150 ئادەم قازا قىپتۇ. مارك تىۋىن ھادىسە يۈز بەرگەن يەرگە بارغاندا، ھىنرىكنى باشقا مەجرۇھلار بىلەن بىللە ئاق شەھەرـ مەمپىستىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىشكەنىكەن.
  ھىنرىك توپتوغرا ئالتە كۈن بىھوش يېتىپتۇ. مارك تىۋىن بۇ ئۇكىسىنى ئۇخلىماي - دەم ئالماي بېقىپتۇ. ھىنرىك 6- كۈنى كەچتە ئاخىر كۆزىنى ئېچىپتۇ، دوختۇر ئۇنىڭغا كېسەلدىن ياخشىلىنىۋاتىسىز دەپتۇ. ئەنە شۇ چاغدا مارك تىۋىن خاتىرجەم ھالدا بىركېچە ئۇخلىۋالماقچى بوپتۇ.
  لېكىن شۇ كېچىسى ھىنرىكنىڭ خۇددى ئۇيقۇدا ياتقاندەك نەپەسسىز ياتقان مۇردىسىغا قاراپ، تاراملاپ ياش تۆكۈپتۇ. ھىنرىكنى يېنىڭ مېتال ساندۇققا مارك تىۋىننىڭ كىيىملىرىنى كىيدۈزگەن ھالدا ياتقۇزۇشۇپتۇ، ئۇ كىيىمنى بوقچىسىدىن ئېلىپ كىيگۈزۈشكەنىكەن. شەھەردىن ماتەم تۇتۇپ كەلگەن ئاياللار قوللىرىدىكى گۈل دەستىلىرىنى - بىر چەمبىرەك قىزىلگۈلنى ئاق ئەتىرگۈل بىلەن چۆرىدەپ - باتۇر يىگىت ھىنرىكنىڭ كۆكىسىگە قويۇپتۇ. 
  بۇ ئەھۋاللار مارك تىۋىننىڭ چۈشىدە ئايان بولغان بېشارەت بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىكەن 
Posted: 2007-12-30 11:56 | [ئاپتور]
bilqut_A
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 19
شۆھرىتى: 21 نومۇر
تەڭگىسى : 210 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 

Posted: 2008-02-03 22:07 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » غارايىباتلار

Total 0.060136(s) query 4, Time now is:03-17 17:50, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation