«ھەم خىيال، ھەم راست» بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 «ھەم خىيال، ھەم راست»

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا intilim دىن نەسىھەت غا يۆتكەلدى (2008-01-02)
«ھەم خىيال، ھەم راست»  
بېشارەت تولا چاغلاردا چۈش، خىيال بىلەن بىللە نامايان بولىدۇ، ياكى ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەملەردە نامايان بولغان بېشارەتلەر شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بەزىدە كۆرگەن غەلىتە چۈش ياكى چالا - پۇچۇق پەيدا بولغان خىياللار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىدۇ، ئاسىقتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىلىك ئوي - پىكىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كېيىن دەرۋەقە شۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، ھېلىقىدەك غەلىتە چۈش ۋە خىياللار بىرەر ئىش چىقىدىغانلىقىدىن ئۆزىڭىزدە نامايان بولغان بېشارەت ئىكەنلىكىنى غىلـ پال بىلىپ قالىسىز.
  ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ ئوزبۇرگ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق رولتۇن ئائىلىسىدىكىلەر فىلادىلفىيە شەھىرىدە ماكانلىشىپ قالغان چوڭ قىزى داروشنى يوقلاپ بارماقچى بولۇپ، يولغا چىقىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى خۇشاللىققا چۈمۈپتۇ.
  چوڭ قىزى داروشنىڭ ياتلىق بولغىنىغا ئۈچ يىل بولغانىكەن. ئۇ قىزنىڭ دادىسىمۇ، سىڭىسىمۇ ئۇنى بىرەر قېتىممۇ يوقلاپ بارمىغانىكەن. سىڭلىسى جۇد يازلىق تەتىلدە بولغاچقا، دادىسى ئۇنى ھەمراھ قىلىپ چوڭ قىزىنى يوقلاپ بېرىش ئۈچۈن شىركىتىدىن رۇخسەت ئاپتۇ.
  ـبەيدەمۇ چوڭ بولۇپ  قاپتۇمىش.ـ رولتۇن خانىم نەۋرىسىنى سېغىنىپ، يوقلاپ بارىدىغانلىقىدىن خۇشال بوپتۇ.
  - شۇنداق!ـ دەپتۇ مېھرى ئىسسىق كەلگەن بوۋىسى رولتۇن ئەپەندىمۇ گەپ ئارىلاپ،ـ توپتوغرا بىر ياشقا تولۇپتۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ سوۋغاـ پوغا ئېلىپ بارارمىز؟
  ھە، ئانا، ئەتە نېمە كىيىسىز؟ يېشىل ساراپانىڭىزنى كىيىۋالسىڭىز قانداق؟ ياكى سەپەر كىيىمىڭىزنى كىيەمسىز؟
  جۇد باياتىن كىيىم ئىشكاپىدىكى كىيىملەرنى تاللاشقا كىرىشكەنىكەن. ئۇ قايسى كىيىم يارىشىدىغانلىقىنى بىلەلمەي، يان ئۆيدە نەرسەـ كېرەك يىغىشتۇرۇۋاتقان ئانىسىنى چاقىرىپتۇ.
  - مەيلى، قايسىنى ياراتسىڭىز شۇنى كىيىڭ، داروش سىزنى كۆرسە، سىڭلىم جۇد چوڭ بوپتۇ، دەپ چوقۇم ھەيران قالىدۇ،ـ دەپتۇ ئانىسى كۈلگەن ھالدا جاۋاب بېرىپ.
  جۇد مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل ئاچىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بىر ئەمچەكنى ئېمىپ چوڭ بولغان قېرىنداش ئاچىسىنى سېغىنىپ، تولىمۇ كۆرگۈسى كەلگەنىكەن. كۆرۈشۈپ قالسا، تۆكىدىغان مۇڭلىرى كۆپ ئىكەن.
  ئايروپىلان ئەتىسى چۈش ۋاقتىدا ئۇچماقچى ئىكەن. جۇد بۇ قېتىمقى سەپەردىن تولىمۇ خۇشال ئىكەن:
  ئاچامنىڭ يېڭى ئائىلىسىگە بىرىنچى قېتىم يوقلاپ بارماقچى، زادى قانداق بولار؟ يەزنەم بىزنى قارىشى ئالارمۇ؟
  جۇد خىيال ئىچىدە بىر نەچچە قۇر كىيىمنى يۆتكەپتۇ. يوغان ئەينەك ئالدىغا كېلىپ قارىغاندا، ئەينەكتە بىردىنلا نامەلۇم بىر جاينىڭ يىراقتىن كۆرۈنگەن مەنزىرىسى نامايان بوپتۇ.
  شۇ ئەينەك بار ئۆي تېخى چىراغ ياندۇرۇلمىغاچقا قاراڭغۇ ئىكەن.
  شۇ چاغدا ئەينەكتە جۇدنىڭ ئۆزىنىڭ بوي - تۇرقى ئەمەس، ئارقىسىدىكى تامدىكى رەسىم ۋە بېزەكلەر ئەمەس، كەڭ ئوتلاقنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆرۈنۈپتۇ.
  - ۋاي قاراڭلار!ـ جۇد ئەينەكتىكى كۆرۈنۈشكەقاراپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئەينەكتىن ئايروپىلاندا ئۆزىنىڭمۇ دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندەك بوپتۇ.
  - بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى نېمىشقا بىر ئۈچ يولۇچىنىلا ئېلىپ ماڭغاندۇ؟
  جۇد ھەيران قاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئايروپىلان قاتتىق سىلكىنىپتۇ ۋە بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، تاغقا يېقىنلىشىپ قاپتۇ، ھەتتا دەل - دەرەخلەرمۇ ئېنىق كۆرۈنگىدەك تۆۋەنلىككە چۈشۈپتۇ.
  - ۋايجان! چاتاق! مۇشۇنداق تۆۋەنلەۋەرسە قانداق بولىدۇ؟
  جۇد شۇ خىيالدا تۇرغاندا، ئايروپىلان تاغقا سوقۇشقا ئاز قاپتۇ.
  كېيىن لاۇۋۇلداپ ئوت يېنىپتۇ.جۇد قاتتىق سوقۇلغان ئايروپىلاندىن يەرگە قاڭقىپ چۈشۈپتۇ.
  ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئايروپىلان بىلەن بىللە قىپقىزىل ئوت يالقۇنى ئىچىدە قاپتۇ.
  جۇدنىڭ ئەنە شۇ دەقىقىدە ئەينەكتىن كۆرگەنلىرى ناھايىتى راست، ئېنىق ئىكەن. لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ يەنە ئەينەكتىن كۆرگىنى ئۆزىنىڭ ئاق سەپەر كىيىمى بىلەن جابدۇنغان كۆرۈنۈشى بوپتۇ. باياتىن تاسادىپىي پەيدا بولغان كۆرۈنۈشلەر تامامەن يوقلىپ كېتىپتۇ.
  - دادا،ئانا، ئىش چاتاق تۇرىدۇ!
  - جۇد دادىسى بىلەن ئانىسى ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ، باياتىن ئەينەكتە كۆرۈنگەن ۋەھىمىلىك ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
  - قىزىم چۈشەكىگە ئوخشىمامسىز؟
  - ئەينەكتىن ئۇنداق ۋەقە كۆرۈنگەن ئەمەس، ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. جۇد ئۆينىڭ بىرەر يېرى بۇزۇلغانمۇـ يا؟
  ئاتا - ئانىسى كۆردۈم. بۇ چوقۇم بىر كېلىشمەسلىكنىڭ بەلگىسى. كېيىن چوقۇم كېلىشمەسلىك تۇغۇلىدىغاندەك قىلىدۇ.
  جۇد ئاتاـ ئانىسىغا ئاچىسىنى يوقلاپ بېرىش پىلانىنى ئۆزگەرتەيلى دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
  - بېلەتنى ئېلىپ قويۇپتۇق، داروشمۇ تەقەززالىق بىلەن يولىمىزغا قاراپ تۇرغاندۇ. ئەمدى يەنە ئارقىغا سۈرسەك ئۇ چاغدا...ـ دەپتۇ ئانىسى ئارىسالدى بولۇپ.
  جۇدنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى ئاتاـ ئانىسىغا پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپتەك ياكى مىجەزى بىردەملىك قوداڭشىپ قالغاندا قىلغان ئورۇنىسىز گەپتەك تۇيۇلۇپتۇ.
  لېكىن جۇد سەپەرگە چىقىشنى چوقۇم ئارقىغا سۈرەيلى دەپ قاتتىق تۇرۇۋالغاچقا، ئاخىر، ئاتاـ ئانىسىمۇ بىر نەرسە دېيەلمەپتۇ.
  - ئۇنداق بولسا چۈش ۋاقتىدىكى ئايروپىلانىغا چۈشمەي، بىر نۆۋەتنى ئارقىغا سۈرۈپ، كەچكى نۆۋەتكە چۈشسەك بولامدۇ؟
  - ھە، جۇد، ئەمدى خاتىرجەم بولارسىز؟
  - رەھمەت دادا، ئاناـ جۇد دادىسى بىلەن ئانىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىپتۇ.
  2- كۈنى چۈش ۋاقتىدا فىزبۇرگغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلان فىزبۇرگ بىلەن فىلادىلفىيە شەھىرى ئارىلىقىدىكى تاغقا سوقۇلۇپ، ئوتتا كۆيۈپ تۈگەپتۇ.
  رولتۇن ۋە ئۇنىڭ بالاـ چاقىلىرى جۇدنىڭ راست دېسىمۇ بولىدىغان، خىيال دېسىمۇ بولىدىغان بېشارىتىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئامان قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن رولتۇن ئەپەندىنى ۋە رولتۇن خانىمنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قىزىغا رەھمەت ئېيتىش نۆۋىتى رولتۇن ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ خانىمىغا كەپتۇ.
  ئەرابى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئەدىس 12 ياشلىق قىزى سارى بىلەن بىللە چۈشلۈك غىزا يەۋاتقانىكەن. سارى غىزاسىنى يېۋېتىپ ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. شۇ پۇرسەتتە ئەرابى >> ھازىرقى تېبابەتچىلىك << ناملىق ژۇرنالغا كۆز يۈگۈرتۈپ، بىر ھەجۋىي رەسىمنى كۆرۈپتۇ: بويـ تۇرقى كېلىشكەن، چىرايلىق بىر سېسترا سۇيۇق دورىنى چالغۇتۇپ تۇرۇپتۇ،
  ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئەركەك  كېسەل ئىچ - پەش تارتىپ قاراپ قاپتۇ. بىرئەركەك دوختۇر ھەسەتخورلۇقى تۇتۇپ:'' ئەكېلىڭ، مەنلا چالغۇتاي'' دەپتۇ. دەل شۇ چاغدا، ئەرابىنىڭ نېمىگە قاراۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن سارى:'' ئاننى ) دوستى ( نىڭ مۈشۈكى ئەجەبمۇ سەمىرىپ كېتىپتۇ ) قورساقلىق ئىكەن ( ' ئۆزىنى ئوڭشاپ ماڭالمايدىكەن'' دەپتۇ ئەرابى قولىدىكى چاكىنا ھەجۋىي رەسىملەر ئۈستىدە قىزى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ ئولتۇرۇشنى خالىماپتۇ. بىرەر بېشارەت بارلىقىنى ھېسابقا ئالمىسا، قىزىنىڭ مۈشۈك توغرىسىدىكى گېپى سۆز مۇھىتىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتكەن گەپ بولۇپ، ئەرابىنىڭ ھەجۋىي رەسىمنى كۆرگەن چاغدىكى ھۇزۇرىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ دىققىتىنى غەلىتە يوسوندا بۇزىۋەتكەنىكەن.
  ئەدىس توققۇز ياشلىق ئولكىنى يېتىلەپ يېزىق سايمانلىرى ماگىزىنىغا گېزىت ئالغىلى بېرىپتۇ. ئولكى ماگىزىننىڭ ئىچكىرىسىگە ژۇرنال كۆرگىلى كىرىپ كېتىپتۇ. ئەدىس ماگىزىننىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىدە نيۇـ يوركتا چىقىدىغان >> كۈندىلىك خەۋەر << گېزىتىنى ئىزدىگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ شۇنىڭدىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بىر دوستى بىلەن نيۇـ يورك شەھىرىدىكى >> لىنكولن مەركىزى << گە بارغىنىدا >> كۈندىلىك خەۋەر << نىڭ مۇخبىرى جونستاپتوننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانىكەن. ستاپتۇن ئۇنىڭ رەسىمىنى فوتوغا ئېلىپ، گېزىتنىڭ مەخسۇس ستونىغا پات يېقىندا بېسىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن. بۇ ئەدىسنىڭ مەخپىي سىرى ئىكەن، بۇنى ئائىلىسىدىكىلەردىنمۇ سىر تۇتقانىكەن. چۈنكى ئۇ مۇخبىر تېتىقسىز سوئائلارنى قويدى دەپ ئويلاپ قالغاچقا، يەنە بىر تۇرۇپ، ئېھتىمال فوتو رەسىم ئادىمىيانە تارتىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغاچقا، خىجالەتتە قالغانىكەن. گېزىتنى ئىزدەپ تۇرغاندا. ئولكى يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىر ژۇرنالنى ئانىسىغا ئېتىپتۇ:
  - ئانا، سىزنىڭ رەسىمىڭىز مانا مانىڭدا ئىكەن!
  ئولكى ئىلگىرى بۇنداق قىلىپ باقماپتىكەن، ئۇنىڭ ھازىرقى قىلىقى ئانىسىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپتۇ، گويا ئانام مېنى كولدۇرلىتالمايدۇ دېگەندەك قىلىپ، ئانىسىنى ناھايىتى جايىدا ئوسال قىپتۇ.
  كېسەل بولۇپ قالغان ئادەملەرنىڭ تولىسى روھىي داۋالاش جەريانىدا بەزى كۈلكىلىك ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدىن ئوبدان ئىزاھى بېشارەت بولسا كېرەك 
  بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىشتان سالدىلىق قىلىپ شەرمىي - ھايانى بۇزغانلىقى ئۈچۈن سولاقخانىغا كىرىپ چىقىپتۇ. ئۇ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ناھايىتى خىجىل بولىدىكەن. شۇڭا بۇ ئەھۋالنى ناھايىتى سىر تۇتىدىكەن. بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىر كۈنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان كونا دوستى بىلەن تاسادىپىيى ئۇچرىشىپ قاپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان كونا ئۈلپەتلىرى بىلەن بىرىنچى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى دوست - يارەنلىرى زادىلا بىلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، يەنە ناھايىتى خۇدۇكسىرەيدىكەن. ئەمما ھېلىقى دوستىنىڭ ئۇچراشقاندىن كېيىن قىلغان بىرىنچى سۆزى مۇنداق بوپتۇ:
  - قورققاق ئەنگىز ) قورقۇنچاقلىق كېسىلى ( بولۇپ ئىكەنمەن. بىر ياش كارخانىچى بىر نەچچە يىل مابەينىدە كىشىلەر بىلەن باردىـ كەلدى قىلشتىن قاچىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى دوختۇرغا كۆرۈىۈۋېتىپ مۇنداق دەپتۇ:
  - مەن مات بولۇپلا تۇرىدىغان تۇغما مات ئىكەنمەن. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۈنۈگۈن ئاخشام بىرىنچى قېتىم بولۇپ '' كۆكتەيل شارابى زىياپىتىگە قاتنىشىپ قالدىم. مەن پەقەت شۇ سورۇننىڭ خانىم خوجاينىنىلا تونۇيتتۇم، بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كۆرگەنىدىم. زىياپەت مانخاتتاندىكى بىر مېھمانخانىنىڭ 6-قەۋىتىدە ئىكەن. سورۇنغا ھازىر بولغان 50 نەچچە مېھمان ئىچىدە بىر ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. مەن: ''> ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ماقالىلەردىن تەرمە< نى ئوقۇيدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تەلۋە ئىكەن'' دېسەم، ئۇ، مەن ئەنە شۇ ژۇرنالدا ئىشلەيمەن، دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئوسال بولدۇم. نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، '' مەن سىزنى شۇ تەھرىر بۆلۈمىدە ئەمەس، دەپتىمەن '' دېدىم. ئۇ '' دەل شۇ تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەيمەن'' دېدى.
  پسىخولوگىيە دوختۇرى بورپ يەكشەنبە كۈنى كېچىدە ئەتىگە تىزىملاتقان كېسەللەرنىڭ رويخېتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈۋېتىپ، بىر خاتالىقنى كۆرۈپتۇ: ئۇنىڭ كاتىپى مېڭسىى ئېلىشىپ قالغان زەئىپ بىر كېسەلنى سائەت يەتتىدە كېلىشكە توغرىلاپ قويۇپتۇ، پروفېسسور كارىكنى بولسا سائەت يەتتە يېرىمغا توغرىلاپ قويۇپتۇ. بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت توقۇنۇشۇپ قالمىسۇن دەپ، كاتىپ توغرىلاپ قويغان ۋاقىتنى بىر ئاز ئۆزگەرتىپ قويماقچى بوپتۇـ دە، پروفېسسورغا تېلېفون ماڭماپتۇ، ئۇنىڭغا يېرىم سائەت كېچىكىپ كېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلالماپتۇ. نائىلاج كېسەلمەندىن سائەت ئالتە يېرىمدا كېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. پروفېسسور ئەتىسى سائەت سەككىزدە كەپتۇ ۋە:
  - سائەتنىڭ قوڭغۇرىقىنى يەتتە يېرىمغا ئەمەس، سەككىزگە توغرىلاپ قويغانىدىم. قىزىق گەپ، بۇ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كېسەل داۋالاشتا مەندە بىرىنچى قېتىم يۈز بەرگەن ئەھۋال. سىزنىڭ دوختۇرخانىڭىزغا ئادەتتىكى چاغدىكىدىن يېرىم سائەت كېيىن كەلسەم توغرا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
  جاي ئەپەندى بىر رەسمىي كاتتا زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغانىكەن. بىر قۇر مېھمانلىق ئۈستىباش ئىجارىگە ئېلىش ئۈچۈن ماگىزىنغا بېرىپتۇ. شىمـ كاستۇم قېلىن كاروپكىغا قاچىلانغانىكەن. ئېلىپ بولۇپ بىر ئاز خاتىرجەمسىزلىنىپتۇ. ئۇ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، خوتۇنىنىڭ '' خۇراپات '' بولۇپ قاپسىز دەپ مازاق قىلغىنىغا پەرۋا قىلماي، زىياپەتكە مېڭىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن كوروپكىنى ئېچىپ قاراپتۇ. ئۇنىڭ ئەندىشە قىلغىنى راست بولۇپ چىقىپتۇ: شىمنىڭ بىر پۇشقىقى يەنە بىر پۇشقىقىغا قارىغاندا سەككىزىلىك ئۇزۇن ئىكەن. ئۇنىڭدىكى بېشارەت دەل ۋاقتىدا نامايان بوپتۇ.
  تۆۋەندىكىسى بىر پىسىخولوگىيە دوختۇرىنىڭ بىر پارچە ئەسلىمىسى:
  بىز نېۋجىرسىدىكى مارىيە تالىشىئو خانىمنى يوقلاپ باردۇق. مارىيە خانىم بىر قېتىم غايىب تېلېفون ۋەقەسىنى بېشىدىن كەچۈرگەنىكەن؛ ئۇ بىرنەچچە يىل ئىلگىرى بىر چۈش كۆرۈپتۇ، قارىسا قىز ۋاقتىدىكى دوستى رونا قىز قانغا مىلىنىپ يېتىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ چۈش ئىلگىرى كۆرگەن بەزى يامان چۈشلىرىگە بىر ئاز ئوخشاپ كەتكەچكە ئېرىكە سۆزلەپ بەرگەنىكەن. ئېرى ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ بېقىڭ دەپتۇ. رونا تېلېفوندا:
  - بىر ھەپتە ئىلگىرى بالنىستقا كىرىپ ياتقانىدىم. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا ئۆيۈمگە قايتۇرۇۋەتتى، ئەتە يەنە بارماقچىمەن، - دەپتۇ.
  مارىيە خانىم يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
  - مەن يوقلاپ بارىمەن دېسەم، ئۇ ماڭا ياق، كەلمەڭ، ۋاقتى كەلگەندە مەن ئۆزۈم سىزگە خەۋەر قىلىمەن دېدى،ـ دەپتۇ.
  شۇنىڭدىن كېيىن مارىيە خانىمغا تېلېفونمۇ كەلمەپتۇ، بايراملىق ئاتكىرتكىمۇ كەلمەپتۇ. مارىيە خانىم بىر ئاز ھەيران بولۇپ، روناغا يەنە بىر قېتىم تېلېفون بېرىپتىكەن، تېلېفون ماڭماپتۇ. قوشنىسىغا تېلېفون بەرسە، رونا ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن دەپتۇ.
  بىز مارىيە خانىمنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق غايىب تېلېفون توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدا يەنە باشقا بېشارەت نامايان بولمىغاندۇرمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدۇق.
  ئۇ بېشارەتكە يېتىش ئېھتىمالى بولغان يەنە بىر قىزىق كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئىش ئۇنىڭ ئوغلى ئارشور بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئارشور 800 چاقىرىم يىراقتىكى گىئورگىيىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. مارىيە خانىمنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇ چۈشىدە ئوغلى ئارشورنىڭ ئاچقۇچنى تاپالماي ناھايىتى تىت - تىت بولغانلىقىنى كۆرۈپتۇدە، ئېرىنى ئويغىتىپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئېرى:
  - ھەيي ، ئۇنداقمۇ بولماس؟ـ دەپتۇ.
  مارىيە خانىم ئەتىسى ئوغلىغا تېلېفون بېرىپتۇ. ئۇ ئۇنىڭغا ئاسانلىقچە تېلېفون بەرمەيدىكەندۇق. ئارشور تېلېفوننى ئېلىپ كۈكۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئانىسى چۈش كۆرگەن چاغدا، ئۇ مۇنچىدا يۇيۇنۇۋاتقانىكەن، بىر نەچچە ئوغول بالا ئۇنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشكىنى قۇلۇپلاپ، ئاچقۇچنى ئېلىپ كېتىشكەنىكەن، مۇنچىدىن كۆڭگىگە ئورىنىپ چىققان ئارشور ھۇجرىسىغا كىرەلمەي نائىلاج دالاندىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا يېتىپ قالغانىكەن.
  جوسىپ بېرگوس ئامېرىكىدا خېلى داڭقى بار ئادەم بولۇپ، تۈرلۈك بېشارەتلىرىنى، غايىبتىن ئالغان ھېس - تۇيغۇلىرىنى مەشىق قىلىپ كۆرسىتپتۇ.
  ئۇ 1984-يلى 29- نويابىر كۈنى كوننىكتىكۇت شتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە مەشىق قىلىپ بېرىپتۇ. شۇ مەشىقىدە تامامەن ناتونۇش بولغان بىر توپ يىراقتا تۇرۇپ تۇيۇش چارىسى بىلەن بىرمۇنچە ئۇچۇر چىقىرىپتۇ. سەھنىدە تۇرۇپ، بىر مۇنچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالونىدىكى، ھېسابات قەغەزلىرىدىكى رەقەملەرنى، تەڭگە پۇللارنىڭ، تېلېغونلارنىڭ ۋە ئادرېسلارنىڭ نومۇرلىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
  شۇ قېتىمقى مەشىققە بىر ئۈنئالغۇچى نازارەت قىلىپ تۇرۇپتۇ.جوسىپكە ھەمكارلىشىدىغان ئادەممۇ يوق ئىكەن، ئۇ بىرەر نەرسىنىمۇ يازماپتۇ. ئۇ بەزى باغاقنى تاماشاچىلارغا تارقىتىپ بېرىپ، ئۆزى سەھنىدە تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن جاۋابلارنى يازغۇزغانىكەن، ئۇ ئېيتىپ بەرگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ چىقىپتۇ، ھېلىقى باغاقلار بولسا تاماشاچىلارنىڭ قوللىرىدىن زادىلا ئايرىلماپتۇ. تاماشاچىلار جوسىپنىڭ مۇتلەق كۆپ مەشىقىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدىن قىل سىغمايدىغان تەسىرات ھاسىل قىپتۇ.
  جوسىپ ئۆزىنىڭ ئويناپ بەرگەن مەشىقلىرى داۋامىدا ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدا بەزىدە قىلچە بېرىـ بېرى بولمىغان ئەۋلىيالارچە سۆزلەرنى قىلىدىكەن. مەسىلەن، ئۇنىڭ گېزىتـ ژۇرناللاردىن قىيىپ توپلىغان تەرمىلىرىدىكى يېقىندا چىققان گېزىتلاردىن ئىسىپاتلىنىشىچە، ئۇ بابور روسنىڭ ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تارىشا توپ مۇسابىقىسىدە رېكورت بۇزىدىغانلىقىدىن توغرا بېشارەت بەرگەنىكەن. نيۇـ يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى جىرمۋوركنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن ناھايىتى توغرا بېشارەت بەرگەنىكەن، ھەتتا ئۇنىڭ بېشارەتلىرى داغۋاز ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ گەپلىرىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئاقىلانە بولۇپ چىقىپتۇ.
  1971-يىلى 20- فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ ۋاشىنگتونبۇرگ شەھىرىدىكى ھىرادونـ پان پاركىر مېھمانخانىسىدا قوليازما ئورىگىناللارنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندە، جوسىپنىڭ كۈيئوغلى ) كىم ئاشتى قىلىپ ساتقۇچى ھەم تەۋەررۈكلەر سودىگىرى ( بورس تىمورسون بىخەستە تۇرغان جوسىپنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ، بۇ يىغىندىكى سودىدا قانچىلىك پۇل چۈشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ بېقىشنى تەلەپ قىپتۇ. جوسىپ شۇ چاغدا 69 ياشتا ئىكەن، سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن، شۇنداق بولسىمۇ بىر قەغەزگە 417 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ دېگەن رەقەمنى يېزىپتۇ ۋە شۇ قەغەزنى كونۋېرتقا سېلىپ، تۆت نەپەر گۇۋاھچىنىڭ ئالدىدا كونۋېرتنىڭ ئاغزىنى يەملەپ، ئىمزا قويۇپتۇ. كىم ئاشتى سودىسى ئاخىرلاشقاندا، بازارغا سېلىنغان 260 دانە نەرسىدىن كىرگەن ئومۇمىي كىرىم دەل 417 مىڭ 400 دوللار بولۇپ چىقىپتۇ! 
  1971- يىلى 25- فېۋرالدا نەشردىن چىققان >> ئامپۇلىر<< ناملىق گېزىتتە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭ بەت بويلاپ قويۇلغان ماۋزۇسى '' قوليازما ئورىگىناللارنىڭ كىم ئاشتى سودىسى تەۋەررۈكچىلەرنى قايىل قىلىۋەتتى'' ئىكەن. ماقالىنىڭ ئاپتورى روسى دېرىك شۇ ماقالىسىدا:'' جوسىپنى ھېسابـ كىتابتا ئەۋلىيا ئىكەن دەپ تەرىپلىسەك بولىدۇ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كىم ئاشتى سودىسىدىن چۈشىدىغان ھەممە پۇلنىڭ سانى 417 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ دېگەن ئەۋلىيالارچە سۆزى پەقەت بىر دوللار كەم بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەمەلىيەتتىكى رەقەم بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى '' دەپ يېزىپتۇ.
  تىمورسون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ھېلىقى ئاغزىنى يەملەپ، ئىمزا قويغان كونۋېرتنى ۋە ھېسابلىغۇچ ھېسابلاپ چىقىرىپ بەرگەن رەقەمنى كۆپچىلىككە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ) كۆپچىلىك سېلىشتۇرۇپ قارىسا ( روسى دىرىك خانىم يازغان خەۋەر تازا توغرا بولماپتۇ، جوسىپنىڭ بېشارەت بىلەن ئېيتقانلىرى بولسا ئەمەلىيەت بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ چىقىپتۇ.
  جوسىپ ھېچبىر ئىش بولمىغاندەك ئىلگىرىكىدەكلا تۇرۇپتۇ، ئۆزىنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى يېشىپمۇ ئولتۇرماپتۇ.
  ئېدىسون جان ئۈزۈشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ھوشسىزلىقتىن ھوشىغا كېلىپ، لەپپىدە كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. خۇددى '' ئاسمان نېمىدېگەن گۈزەل؟!'' دېگەندەك قىلىپ، چىرايىدا يەبەسسۇم پەيدا بولۇپتۇ. ئىنسانىيەتكە بەخت كەلتۈرگەن بۇ تالانت ئىگىسى توماس ئەلۋا ئېدىسون 1931- يىلى 18- ئۆكتەبىر كۈنى سەھەر سائەت ئۈچتىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇ ئالەمگە كەتكەن. ئۇ ۋاپات بولۇپ ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى سىجىل 30 كۈنگە يارايدىغان پۇرجىنىسى بار چوڭ تام سائىتى توختاپ قاپتۇ. ئېدىسوننىڭ ئۈچ نەپەر خىزمەتدىشىمۇ ئۆز سائەتلىرىنىڭ ئۈچتىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە توختاپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. بۇ پاكىتلار ئېدىسون ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەدىردان دوستى نۇرمان ئىسپدون بىلەن پاراڭلاشقاندا مەلۇم بوپتۇ. تەجرىبىخانىدىكى چوڭ سائەتنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى پائۇل كازاكوپ ئىسپاتلاپ بېرىپتۇ. كازاكوپ خىمىيە ئالىمى ئىكەن، ئۇ ئېدىسوننىڭ كېيىنكى 10 يىللىق ھاياتىدا ناھايىتى ئوبدان بىللە ئىشلىگەنىكەن. ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ تەجرىبىخانىنى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئاچىدىكەن، ئاندىن كېيىن ئېدىسون كېلىپ، تاكى كەچ سائەت ئونغىچە ئىشلەپ، ئاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىدىكەن.
  باشقاـ باشقا يەرلەردىكى تۆت سائەتنىڭ توختاپ قېلىشىدا بىرەر سۈنئىي ھەرىكەت يوق ئىكەن. ئېدىسون تەجرىبىخانىسىنىڭ كېچىلىك قاراۋۇلى جون فرانايگىن شۇ چاغلاردا 70 كە يېقىنلىشىپ قالغان ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشچە، چوڭ سائەت ئۈچتىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە توختاپتۇ. خالىي ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەتتە فرانايگىن ئېدىسوننىڭ ئوغلى چارلىزغا سائەتكە زادىلا چېقىلمىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. فرانايگىننىڭ سۆزى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
  ئېدىسوننىڭ ھايات چېغىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ پەرەزلىرىگە قارىغاندا، ئېدىسوننىڭ ۋاپات بولغان چاغدا سائەتنىڭ توختاپ قالغانلىقى >> دادامنىڭ چوڭ سائىتى << سەرلەۋھىلىك مودا ناخشىنىڭ تېكىستى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتىلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئېدىسون شۇ ناخشىنى كۆچۈرۈۋالغانىكەن. '' ئۇ تۇغۇلۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنى چوڭ سائەت ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەنىكەن. ئۇ سائەت باشتىن تارتىپ بوۋاينىڭ بايلىقى ھەم پەخرى بولۇپ كەلگەنىكەن. لېكىن بىردىنلا توختاپ ماڭماس بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بوۋاي يوقـ دە.'' ئېدىسون قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنى '' بوۋاي '' دەپ ئاتىشىدىغان بوپتىكەن.
  ئېدىسوننىڭ ھاياتىدا باشقا ئادەملەر بىلمەيدىغان بىر تەرىپىمۇ بار ئىكەن. ئۇ بېشارەتكە ۋە ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن تۈرلۈك ئەمەلىي '' جىسىم '' لار بىلەن مەۋجۇت بولۇپ قالىدىغان مۇناسىۋەتلەرگە دائىم قىزىقىدىكەن. ئۇنىڭ كۈندىلىك يېزىپ قالدۇرغان بىر قىسىم خاتىرىسىدىن ۋە خەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ شۇنداق قىزىقىشى 1885- يىلى باشلانغان بولسا كېرەك. ئىلگىرىـ كېيىن بولۇپ يېرىم ئەسىر داۋام قىپتۇ. ئۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بېشارەتكە پىسەنت قىلماسلىقى توغرىسىدا ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىك ۋە يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن مۇنداق پەرەزلەرنى قىلغانىكەن:
  '' بېشارەت مەدەنىيەتنى بەربات قىلىپ، ئادەملەرنى جاڭگالغا قوغلىشى مۇمكىن. 50 مىڭ ياكى 100 مىڭ ئەسىر ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت تەدرىجىيى تەرەققىي قىلىپ كەمـ كۈتىسىز تاكامۇللاشسا. ئەنە شۇ چاغدا بېشارەت راۋاجلىنىشى مۇمكىن، دۆلەتكە خەۋب يەتكۈزمەسلىكىمۇ مۇمكىن.''
  ئېدىسون 12 يېشىدىن تارتىپلا گاس ئىكەن. ئۇ ئۆزىدىكى شۇ نۇقساننىڭ زىيىنىنى قانداق تولدۇرغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە ئىجاد قىلىش قابىلىيىتىگە قانداق تەسىر قىلغانلىقى ئۈستىدە سۆزلەپ بەرگەنىكەن. ئۇ گاسلىق كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىش چارىسى بىلەن داۋالاشنى رەت قىلغانىكەن. ئەمدى بىز پەرەز قىلىپ كۆرەيلى، ئېدىسون ئوپېراتسىيە مەغلۇپ بولىدۇ دەپ قورققان ئەمەس، ئەكىسىچە ئوپېراتسىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولسا كېرەك. چۈنكى ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ئىجابىي نەپ يەتكۈزۈۋاتقان گاسلىقى يوقلىپ كېتىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن رول ئوينىماسلىقى مۇمكىن تېخىمۇ ئوبدان يىغىپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.
  ئېدىسون ئۆزىنىڭ كەشپىياتلىرىنى نامەلۇم دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنىڭ خاسىيىتىدىن بولدى دەپ بىر نەچچە قېتىم سۆزلەپ بەرگەنىكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش مەسلىسىنى ھايات چېغىدا ئۇزاق ۋاقىت مۇزاكىرە قىپتۇ. ئۇنىڭ خىزمەتدىشى كازاكوپ ئەسلەپ مۇنداق دېگەن:
  بوۋاي ۋاپات قىلغاندىن كېيىن، ئوغلى چارلىز ئېدىسون دادىسىنىڭ يېزىق ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىنى قۇلۇپلاپ قويغانىكەن. 16 يىل ئۆتكەندە يەنى ئېدىسون تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى، ئېدىسونغا دائىر بىرەر ئۈچۈر چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئۈمىد بىلەن تارتمىنى ئېچىپ كۆرۈشكەن.''
  مەشھۇر سېھرىگەر دىننىگېر ئېدىسوننىڭ 20 پارچىدەك سالام خېتىنى ۋە ئېدىسون ئۆز قەلىمى بىلەن ئىمزا قويغان بىر پارچە فوتو سۈرىتىنى تەۋەررۈك قىلىپ ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئېدىسون بىر چاغدا ئۇنىڭغا بىر ماشىنىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇ كەشپىياتچى ئېدىسون شۇ ماشىنا ئارقىلىق پەلەك بىلەن - يەنى باشقا يەر بىلەن، ئومۇمەن يەر شارىدىن باشقا پەلەك بىلەنـ ئالاقىلىشىپ، خەۋەرلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تىرىشقانىكەن. ئېدىسون ئۆرۈپ چۈشىنىش مۇمكىن بولمىغان بەزى ئۇچۇر. بەلگىلەرنى شۇ ماشىنا بىلەن قۇبۇل قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەرگەنىكەن. دېمەك، ئېدىسون بېشارەتنى ئېتىراپ قىلغان ۋە بەزى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنىمۇ ئۆتكۈزگەنىكەن.
  ئېدىسون تىنماي تىرىشىدىغان ئىرادىلىك ئادەم ئىدى،ـ دەيدۇ دىنىنگېر،ـ ئۇ كەشىپ قىلغانلىرى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە، شۇ كەشپىياتلىرىنى يېڭىدىن ياپقان چارەـ تەدبىرلەر بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ماھىر ئىدى. بىرەر ئىلمىي پاكىت قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇنى ھەرگىزمۇ بىكار تاشلاپ قويمايتتى. كەشپىياتچىلارنىڭ ھەر قاندىقى بېشارەت مەسىلىسىگە قىزىقىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى، ئېھتىمال، ئۇلاردا كۆڭلى تۇيىدىغان بىر تۇغما خۇسۇسىيەت بار بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن بەزى غۇۋا ھېسسىيات ياكى بەزى ئەقىل تاشقى دۇنيادىن كەلسە كېرەك.''
  ئېدىسون مەكتەپ يۈزى كۆرمەي يېتىشكەن كەشپىياتچى، ئۇنىڭ مەكتەپتە رەسمىي ئوقۇغان ۋاقتى ئالتە ھەپتىگە يەتمەيدىكەن. ئۇ تۇغما زېھىنلىك بولسا كېرەك، لېكىن ئۆزىنىڭ بېشارەت ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭدا شۇنداق بىر خۇسۇسىيەت بار ئىكەنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ زەن قويۇپ ئويلاپ تاپقان نەتىجىلىرىنى باشقا ئادەملەردىن غايىبانە ئالغان تەسىراتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ كەشىپ قىلىدىكەن. ئۇنىڭدا '' ئىشنىڭ ئوڭ - تەتۈرىنى، راست - يالغىنىنى ھېس - تۇيغۇ بىلەن پەرقلەيدۇ'' غان كارامەت قابىلىيەت بار ئىكەن. ئېدىسوننىڭ ئۇخلاش ئادىتى باشقىچىلا ئىكەن، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ داڭقى پۇر كەتكەن ئىكەن. ئۇ ھەر دائىم ئىش ئۈستىلىگە بېشىنى قويۇپ ياكى سافادا قىڭغىيىپ، تۆت سائەتلا كۆز يۇمىدىكەن، ئاندىن كېيىن ئۇدا 72 سائەت ئۇخلىماي ئىشلەۋېرىدىكەن. ئۇ، چۈش كۆرگىنىمنى بىلمەيمەن، دەيدىكەن.
  ئۇ بىر چاغدا ياش يازغۇچى گىئورگى پارسونس بىلەن ھەمكارلىشىپ، '' جۇلىس ۋېرن بىلەن ھېربېرت گىئورگى ۋېلىس ئۇسلۇبىدا ئاجايىپ تەسىرلىك بىر ھېكايە يېزىپ، ئىلگىرى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان بەزى كەشپىياتلارنى تونۇشتۇرماقچى'' 1890- يىلىدىكى چالا قالغان قوليازمىسىدا تەسۋىرلەنگەن، ئېدىسون بېشارەت بەرگەن گەپلەرنىڭ بىر مۇنچىسى كېيىنكى چاغلاردا راست بولۇپ چىقىپتۇ.
   كۆزىتىشتىن كەلگەن بېشارەت 
  ھەم خىيالىي، ھەم راست بېشارەتلەرگە ئوخشىمايديغان، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ غەيرىي نورمال ئىپادىلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن كۆزىتىشتىن كېلىدىغان يەنە بىر خىل بېشارەتلەرمۇ بولىدۇ.
  >> بېشارەت << ناملىق ئەسەردە مۇنداق ئىككى راست ۋەقە ھېكايە قىلىنىدۇ:
  مەلۇم ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى 06- يىللاردا بىر قېتىم زىناخورلۇق قىلغانىكەن. لېكىن خىزمەتتە تىرىشچان، كەسىپتە پىششىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 70- يىللارنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئۆيىگە ئاز قايتىدىغانلىقى سەۋەب بولغانمۇ قانداق، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى رەپىقىسى گاۋ خانىم ئۆتمۈشتىكى '' تەجرىبە'' لىرىگە ئاساسەن ئاۋۋال گۇمان قىلىدىغان بوپتۇ، كېيىنچە خۇرسىنىدىغان، جىددىيلىشىدىغان ھەتتا ئاسماننى بېشىغا كىيىدىغان بوپتۇ. ئوپېرا ئۆمىكىگە ھەر كۈنى دېگۈدەك بىرەر قېتىم كېلىپ جېدەللىشىدىغان بوپتۇ. مۇئاۋىن باشلىق ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدىغان بوپتۇ. ئىككىيلەننىڭ جېدىلى ئاساسەن پەسكويغا چۈشكەن ئىككىنچى يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بېشىدا گاۋ خېنىم يەنە ئۆمەككە كەپتۇ. شۇ چاغدا جېدەل قىلىش بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ - بۇنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىرىدىغان، كىنو كۆرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇ چاغدا باشقا بىر مۇئاۋىن رېژىسسور بىلەن يەنە بىر باش رولچى ئارتىس خانىمنىڭ مېڭىسىدە بىر يامان بېشارەت نامايان بولۇشقا باشلاپتۇ.
  - ھەي رېژىسسور، غەلىتە ھادىسىگە دىققەت قىلىۋاتامسىز؟
  گاۋ خانىمنى دەۋاتامسىز؟...  ئۇ بۇ نۆۋەت باشقىچىلا تۇرىدۇ.
  - خۇددى بىر ئەرۋاھقا ئوخشاپ قاپتۇ!ـ دەپتۇ ئارتىس خانىم پىچىرلىغاندەك سۆزلەپ،ـ تۈنۈگۈن كەچتە ياتىقىمغا كىرىپ، خېلى بىر ھازاغىچە مەشىق كىپىشىمنى ياماپ ئولتۇردى. كەشتە قىلىنغان مەشىق كىپىشىمنىڭ بىر گۈلى چۈشۈپ كېتەي دەپ قاپتىكەن، ئۇنى تىكىپ قويسام بولغۇدەك دەپ ئويلاپ تۇراتتىم. گاۋ خانىم ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، گەپ ـسۆزسىز كىرىپ كەلدى،... چۆچۈپ سەكرەپ تۇرۇپ كەتكۈدەك بولدۇم.
  - بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مېنىڭ ياتىقىمغىمۇ كىرىپ ئولتۇردى.ئۇنىڭ قىلغان گېپى: ھەر كۈنى ناھايىتى كەچ يېتىپ، ناھايىتى سەھەر تۇرىدىكەنسىز، دېگەن گەپ بولدى. شۇ گەپنى قىلىش ئۈچۈنلا كىرگەندەك قىلىدۇ. شۇنچە كۆپ يىلدىن بۇيان بىرىنچى قېتىم كىرىشى. ئۇ مېنىڭ مۇئاۋىن باشلىق بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىدىكەن.
  - ئۆمىكىمىزدىكى ئون ئايال ئارتىسنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ياتىقىغا كىرىپ، بەزىبىر ئىش - كۈشىنى قىلىشىپ بېرىدىكەن... بۇ ئەھۋاللار ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرمىسە كېرەك دەپ ئويلايمەن!
  - مۇئاۋىن باشلىق بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى، بىر ئامال تېپىپ ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ قويسىڭىز بولارمىكى ! يامانلىققا تارتىدىغان گەپنى قىلسام، ئۇنىڭ ئەپتىدىن '' مۇردا چىراي '' چىقىپ كېتىپتۇ.
  باش رولچى خانىم ئەتىسى چۈشتىن كېيىن مۇئاۋىن باشلىقنى تېپىپ '' دىققەت قىلىش '' نى سەمىگە ساپتۇ.
  - ئۇنداق ئىش يوقتۇر؟ـ مۇئاۋىن باشلىق كۈلۈپ كېتىپ، 
  - ئالدىنقى كۈنى كەچتە >> ليۇ ئايلا << دېگەن كىنونى كۆرۈپ قايتقاندا،ئۇ تېخى ماڭا كىنودىكى '' مەيلىم ئۆزۈمنىڭ'' دېگەن ناخشىنى ئوقۇپ بەرگەنتى. ئىچ كىيىملىرىمنى نەدە قويغان بولسام شۇ يەردىن تېپىپ، سۆكۈلگەن يەرلىرىنى يامان قويىدۇ. كەچقۇرۇندا مەجلىس - پەجلىس بىلەن كېچىكىپ قايتسام، ئۈگرە ئاش تەييارلاپمۇ بېرىدۇ....
  - ئۇنداق بولسا،...بۇ قېتىم بېشارەت، '' كۆرگۈلۈك ''ـ پۆرگۈلۈك دېگەندەك بىمەنە گەپلەرگە زادىلا ئىشەنمەيمەن، ئۇنداق گەپلەر'' ئېدىئالىسىت '' لارنىڭ بىر نېمىلىرى، سىلەر دەەۋاتقان گەپلەر مەندىن چىقمايدۇ!
  بىر ھەپتە ئۆتكەندە گاۋ خانىم سۇغا سەكرەپ ئۆلۈۋاپتۇ. شۇ كۈنى سەھەردە مۇئاۋىن رېژىسسور بىنانىڭ تۆۋەنكى قەۋىتىنىڭ كارىدورىدا گىمناستىكا ئويناۋېتىپ، گاۋ خانىمنىڭ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، ياتاق بىناسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.گاۋ خانىمنى ئاخىزقى قېتىم ھايات كۆرگەن ئادەم شۇ بولسا كېرەك. گاۋ خانىمنىڭ كۆرۈنىمىگەنلىكىنى مۇئاۋىن باشلىق چۈش مەرگىلىدە بايقىغانىكەن. شۇ چاغدا، مۇئاۋىن رېژىسسور'' بىر كېلىشمەسلىك باردەك قىلىدۇ! كۆپرەك ئادەم چىقىرايلى، سۇ بويلاپ ئىزدەپ باقسۇنمىكى!'' دەپتۇ. 
  جەسەت ئەتىسى چۈشنىڭ ئالدىدا ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ يېنىدىكى كۆلدىن تېپىلىپتۇ.
  80- يىللارنىڭ بېشى، شەرقىي سىچۇەننىڭ پايناپ تاغلىق يېزىسى. بىر كۈنى ۋۇخەت تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بىر '' كادىر'' ئىشچى قوبۇل قىلغىلى كەپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا يوغان قىزىل تامغا بېسىلغان يەتتە ۋاراق '' ئىشچى قوبۇل قىلىش جەدۋىلى '' بار ئىكەن. ئۇ كادىر: فامىلەم چيەن، كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىمەن، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يېنىدىكى بىر چوڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدىن كەلدىم، بۇ يەردىن يەتتە نەپەر توختاملىق ئايال ئىشچى ئالىمەن، يېشى 61ىلەن 22 ئارىلىقىدا، ياتلىق بولمىغان بولسا بولىدۇ، دەپتۇ. ئۇ فابرىكىنىڭ بەرىكىتى ۋە تەمناتى توغرىسىدا >> ئىشچىلار گېزىتى << دا پۈتۈن بىر بەت خەۋەر بېسىلغانىكەن، ئۇنىڭدىن 10 نۇسخا ئالغاچ كەپتۇ...
  رىقابەت كەسكىن بوپتۇ. شۇ يېزىدا يېشى توغرا كېلىدىغان قىزلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 50 نەچچىسى بار ئىكەن. چيەن گۈللەرنىڭ گۈلىنى تاللايدىغان بوپتۇ! ئۇ ئالدىدىن بەلگىلىۋالغان تەرتىپ بويىچە ئاخىر يەتتە قىزنى تاللاپتۇ، ئۇ باشلىقنى ئۆيمۇئۆي تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىپتۇ. ئەتە يولغا چىقىمىز دەپ تۇرغان كۈنى يەنى ئاخىرقى كۈنى رەن فامىلىلىك قىزنىڭ ئۆيىدە مېھمان بوپتۇ...
  شۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى، رەن قىزنىڭ ئۆيىدە ۋۇخەنلىك ئككى ئوغۇل، بىر قىز '' زىيالىي ياش '' تۇرغانىكەن. چيەنگە ئاتالغان زىياپەت ئەنە شۇ '' زىيالىي ياش '' لار ئىلگىرى يېتىپ - قوپقان ئۆيگە ھازىرلانغانىكەن. رەن قىزنىڭ ياتلىق بولۇپ كەتكەن ئاچىسى سىڭلىسىنى ئۇزىتىش ئۈچۈن كەلگەنىكەن، ئۇمۇ زىياپەتكە داخىل بوپتۇ.
  رەن قىزنىڭ ئاتاـ ئانىسى يېقىنچىلىق قىلىپ، زىياپەت ئۈستىدە پاراڭ باشلاپ ۋۇخەنلىك '' زىيالىي ياش ''لارنى ئېغىزغا ئاپتۇ.
  - ھە، ئازادلىق كوچىسى دېدىڭىزما؟ ئازادلىق كوچىسىنى ئوبدان بىلىمەن. دەريانى ياقىلاپ كەتكەن چوڭ كوچا. '' مىلىون ئەرىمەت دەريادىن ئۆتتى'' دېگەن شېئىردا ئېيتىلغان ئازادلىق ئارمىيە باتۇرلىرى شۇ يەردە قىرغاققا چىققانىكەن. ئازادلىق كوچىسى دېگەن ئىسىم ئەنە شۇنداق قويۇلۇپتىكەن!
  - شاتۇتى ئارىلىغا ئەلۋەتتە بارغانمەن. ئۇ ئەسلىدە كىچىككىنە بىر خالتا كوچا... نېمە؟ دەريا بويىدا؟ ھە، شۇنداق، شۇنداق، ناھايىتى چوڭ .... چوڭ بولمامدىغان! ئازادلىقتىن كېيىن يېڭى ياسالغان، ناھايىتى چوڭ! ئۇ يەرنىڭ كونا ئىسمىمۇ؟ شۇ يەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېقىڭا، مەن بىر كۆرەي قانداق يېزىلىدىكەن؟!... ھە، مەن دېمىدىممۇ، ئەسلى '' شاتۇتى ''.... قۇش ئىكەنـ دە! ھاھاھا. كونا ئىسمى ئەمەس دېمىدىممۇ.
  رەن قىز چيەن باشلىقنىڭ مۇنداق بىر قىلىقىغىمۇ دىققەت قىپتۇ:چيەن تاماق يەپ ئولتۇرۇپلا مىشقىرىپتۇ: بۇرنىنىڭ بىر تەرىپىنى باش بارمىقى بىلەن، يەنە بىر تەرىپىنى ئاش بارمىقى بىلەن بېسىپ تۇرۇپ، '' مارت!'' قىلىپ مىشقىرىپتۇ، ئاندىن كېيىن بارماقلىرىنى شىمىنىڭ پۇچقىقىغا سۈرتۈۋېتىپ، يەنە شۇ قولىدا ئۇنى - بۇنى ئېلىپ يەۋېرىپتۇ. بۇنداق قىلىقنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈچ زىيالىي ياشنىڭ بىرىسى بولغان قىزىقچى يىگىت ليۇ رەن قىزغا ۋە ئۇنىڭ ئاچاـ سىڭلىسىغا '' يېزىلىقلارنىڭ زىياپەتتە ئولتۇرۇشى '' دەپ بىر قانچە قېتىم دوراپ بەرگەنىكەن...
  رەن قىزنىڭ ئاچىسى چيەن باشلىقنىڭ يەنە باشقا ئىككى قىلىقىنى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن كۆڭلىدە بىر يامان بېشارەت ئايان بولۇشقا باشلاپتۇ!
  چيەن باشلىق شۇ كۈنى رەن ئائىلىسىدە قونۇپ قاپتۇ. رەن قىز ئاچىسى بىلەن بىر كارىۋاتتا سىغىشىپ يېتىپتۇ. بۆلۈم باشلىقىمەن دېگەن چيەننىڭ كونىراپ كەتكەن '' ئازادلىق خېيى دە بىرمۇنچە سىر يېلىمىنىڭ يۇقۇندىلىرى بار ئىكەن ئۇ سىر يۇقۇندىلىرىنىڭ بەزىسىيېڭى، بەزىسى كونا كۆرۈنىدۇ،ـ دەپتۇ ئاچىسى پاراڭ قىلىپ،ـ ۋۇخەندىن ئۇنداق سىر ياسايدىغان دەرەخ يېلىمى چىقمايدىكەن، قەيەردە يۇقتۇرۇۋالغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئاچقۇچلارنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئاچقۇچ بېغى تېخىمۇ كۈلكىلىك ئىكەن.ئاخشام پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولۇپ تىرناقلىرىنى ئېلىۋاتقاندا ئاچقۇچ بېغىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭغا نېمىلەرنى ئېسىۋاپتۇ دېمەمسەن، كوندوم ئېسىۋاپتۇ! چوڭ يەردىن كەلگەن بۆلۈم باشلىقى شۇنداق بىر نېمىنى مەزەڭگە قىلىپ ئېسىۋالسا، خەقنىڭ مازاق قىلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟! يەنە تېخى ئۇنىڭ '' ئازادلىق كوچىسى'' ،'' شاتۇتى ئارىلى '' دېگەنلىرىمۇ زىيالىي ياشلارنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئوخشىمايدۇ''... سىڭلىم، ھەر ھالدا دىققەت قىل، پەخەس بولغاننىڭ زىيىنى يوق.
  ئاچىسى قانداقلا بولمىسۇن ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان بولغاچقا، مەسىلىلەرنى جايى - جۇستىدە تەھلىك قىلىپ بېرىپتۇ ۋە 20 كويچەن پۇل بېرىپ، ئېھتىيات ئۈچۈن پايپاقنىڭ بوغقۇچنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ ساقلا، دەپ تاپىلاپتۇ...
  يېرىم ئايدىن كېيىن رەن قىز گويا بېشى چۆرگىلەپ قالغاندەكلا قېچىپ كەپتۇ. ئەسلىدە ھېلىقى چيەن دېگەن ئادەم خوتۇن - قىزلارنى گوللاپ ئېلىپ كېتىپ ساتىدىغان ئادەم بېدىكى ئىكەن.يۇقىرىدىكى ئىككى ھېكايىگە ئوخشىمايدىغان، پېشكەللىك ئالامىتى ئېنىق كۆرۈلۈپ تۇرغان ۋە لېكىن كۆز سېلىمىغانلىقى، ھوشيارلىق قىلىنمىغانلىقى سەۋەبى بىلەن پاجىئە يۈز بەرگەن ئەھۋاللارمۇ بار.>> بېشارەت << تە مۇنداق تولىمۇ تىپىك بىر مىسال بايان قىلىنىپتۇ:
  1983- يىل دۆلەت بايرىمى كۈنى مەلۇم بىر ناھىيىدىكى سېمونت زاۋۇتىنىڭ يېڭىدىن ماشىنىلاشتۇرۇلغان تىك خۇمدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپتۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەنتەنىلىك '' شەلپەركېسىش ''ـ خۇمدانغا ئوت يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ.
  زاۋۇتنىڭ بارلىق رەھبەرلىرى، ئوتتۇرا دەرىجلىك كادىرلار، خۇمداندا ئىشلەيدىغان بارلىق ئىشچىلار ۋە ئىش نۆۋىتى كەلمىگەن قىسمەن ئىشچىلارمۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپتۇ.
  يېڭى خۇمداننىڭ ئۈستىگە چوڭ قىزىل لوزۇنكا تارتىلىپتۇ، ئۇ يەردە نۆۋىتى كەلگەن ئىشچىلار توپلىشىپ تۇرۇپتۇ. باشقىلار بولسا خۇمدان ئالدىدىكى بوش يەردە توپلىشىپ تۇرۇپتۇ. ئالاھىدە تاللانغان، بويى ئەۋرىشىم، چىرايى ئالمىدەك چىرايلىق ئىككى قىز شەلپەرنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. زاۋۇت باشلىقى قىسقىچە سۆزلەپ '' قىزغىن يەبرىكلەيلى''، سېمونت ئىشلەپچىقىرىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى'' ۋەھاكازا دەپ قىسقىچە سۆزلەپتۇ، قايچىنى قولىغا ئېلىپ شەلپەرنى كېسىشكە تەرەددۇت قىلىپ تۇرغان ئەسنادا، مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى يىراقتىن ھاللاسلاپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھاي ئالدىرىمايلى!'' دەپ توۋلاپتۇ. كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، توك بېرىدىغان يېڭى ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەن. نۆۋەنچى توكچىلار ھازىر توك بېرىدىغان كونا ئۆيدە چىققان كىچىككىنە چاتاقنى ئوڭشاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرغاچقا، خۇمدانغا توك بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قاپتۇ. مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولسا توك بېرىدىغان يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالغان بولسىمۇ، قايسى توك يولىنى ئېچىشنى بىلەلمەپتۇ. ئىبارا توۋا!
  لېكىن خۇمداننىڭ بېشىدا پوجاڭزا ئېتىشقا مەسئۇل بولۇپ تۇرغان ئىشچى خۇمداننىڭ تۈۋىدە شەلپەر كېسىلگەنـ كېسىلمىگەنىلىكىنى كۆرمىگەچكە، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى '' ھاي ئاتايلى!'' دەۋاتىدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ، پوجاڭزىغا ئالدىراپ ئوت يېقىپ، بامبۇك خادا بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ. پاراسلاپ ئېتىلغان پوجاڭزا ئاۋازى ۋە تەرەپ - تەرەپكە چېچىلغان ئۇچقۇنداقلىرى خۇمدان ئالدىدا شەلپەر تۇتۇپ تۇرغان ئىشچى قىزنىمۇ قورقىتىۋېتىپتۇ. قىز باش - كۆزىنى تۇتقىنىچە شەلپەرنى سۆرەپ قېچىپتۇ. قايچا كۆتۈرگەن زاۋۇت باشلىقى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىشىپ، يەردە سۆرۈلۈپ تۇرغان شەلپەرنىڭ يوغان گۈلىنى غاچچىدا كېسىپ ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇراسىم تۈگىگەن بوپتۇ.
  '' ھەي، بۇ كېلىشمەسلىك! مۇراسىمنىڭ > يارىشىقى < نى بۇزۇۋەتتۇق ! يامان بولدى!''
  پۈتۈن زاۋۇت بويىچە چوڭـ كىچىك ھېچكىم بۇنداق گەپنىمۇ، خىيالنىمۇ قىلىپ باقماپتۇ.
  كېيىن، ئىشچىلار بۇ قەقتە مۇنداق قاراشلىرىنى بايان قىپتۇ:
  ئشچى A: بۇ پەقەت يۈزەكى كېلىشمەسلىك. بۇنىڭدىن كېيىن'' ئىچىدىن ئاداپ كەتكەن''، تېخى تېشىغا چىقمىغان پالاكەتچىلىكمۇ چىقىدۇ.ئەرگە تەگمەي تۇرۇپ قورسىقىغا ئۈندۈرۈۋالغىنىغا ئىككى ئاي بولغان قىز بالىغاشەلپەر'' تۇتقۇزۇش '' مۇ ئىش بولدىمۇ؟ بىراق ئۇ ئەھۋالنى بىلىدىغان ئادەم يوق، بىلگەن تەقدىرىدىمۇ كارى يوق.
  ئشچى B: يېڭى خۇمدان ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ ئانچە نورمال بولمايۋاتىدۇ، ئىشچىلار ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تاپالمىدى، رەھبەرلەر تېخىمۇ تاپالمايدۇ. ئىلگىرى لاباراتورىيە خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر چالا موللا تېخنىڭ بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر ئايالمۇ '' بىر ئاز نورمالسىزدەك قىلىدۇ'' دېگەن گەپنىلا قىپتۇ، بىرەر چارەـ تەدبىر قىلالماپتۇ.
  ئىشچى C: زاۋۇتتىكى قايسىبىر يېڭىۋاشتىن ياسالغان يېڭى ئەسلىھە بىز ئىشچىلارنى دەككەـ دۈككىگە سالمىدى؟! بىزدە نۆۋەنچى بولۇپ ئىشلەيدىغانلارنى يەربىيىلەيدىغان ئىش بولۇ باققىنى يوق.
  ئىشچى D: '' شەلپەر كىسىش '' مۇراسىمى شۇنچە تەنتەنىلىك چوڭ ئىش تۇرىسا، پۈتۈن زاۋۇتتىكى ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممە ئادەم شۇنچە قاتتىق دىققەت بىلەن شۇنچە ئۇزاق تەييارلىق كۆرگەن تۇرسا، يەنە ھېلى ئۇ يەردىن يەل ئۇرسا، ھېلى بۇ يەردىن تۈتۈن چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ، چاتاق تۈگىمىدى، '' مۇراسىم '' شەنىنى بولغىدى. ئادەتتىكى چاغدا قانداق بولىدىغانلىقىنى مانا شۇنىڭدىن بىلگىلى بولىدۇ.
  يېڭى ياسالغان خۇمدان 10- ئاينىڭ 3- كۈنى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 11 ئادەم كۆيۈك يارىسى بوپتۇ، يەتتە ئادەم قاتتىق زەخىملىنىپتۇ، بەش ئادەم ئۆلۈپتۇ. ياش ئىشچى تەن ئىش نۆۋىتىدىن بۇرۇنلا تىك خۇمدانغا چىقىپ ئىش سۇپىسىدا ۋادەكنىڭ بىر تاختىسىغا يۆلىنىپ ئۇخلىغانىكەن. خۇمدان گۆمۈرۈلگەندە ئېتلىپ چىققان قىپقىزىل داشقانلار ئۇنى تامامەن كۆمۈپ تاشلاپتۇ. قازا تاپقان ۋە يارىلانغانلارنى ئېنىقلىغانلارمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئۇ قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا جان ئۈزۈپتۇ، ئۇ تېخى ئەمدى 20 ياشقا كىرگەنىكەن.
  شۇ پاراكەندە '' شەلپەر كېسىش مۇراسىمى '' دىن بىۋاستە نامايان بولغان بېشارەتنىڭ ماھىيىتى تولىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. كېلىشمەسلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنچىسى - مۇراسىمنى تەييارلاشقا مەخسۇس ئادەم تەيىنلىسە، ئۇلار دىققەت بىلەن ئىشلىسىلا بولاتتى، بۇ ئىش ئەمەلدە ئىشلەپچىقىرىشقا قارىغاندا تولىمۇ ئاددىي ئىش ئىدى؛ ئىككىنچىسى - يېڭى خۇمدان ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشنىڭ ئالدىـ كەينىدە چوڭ چاتاق چىقمىسا ئادەم بېشىغا 30 كويچەندىن مۇكاپات بېرىدىغان بولۇپ، پۈتۈن زاۋۇتتىكى چوڭ - كىچىك ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتى '' شەلپەر كېسىش مۇراسمى'' غا ۋاقىتلىق، ناھايىتى ئۈنۈملۈك ۋە يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇلغانىكەن. شۇنداقتىمۇ كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى يەنىلا چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئاددىي مۇراسىم مۇرەككەپ، قىيىن تىك خۇمداننىڭ ئىشلىشىگە قارىغاندا مىڭ ھەسسە ئاسان؛ ئىلمىي سىستېمىلار بىلەن باشقۇرۇشقا ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىدىيىۋى، كەسپىي سەۋىيىسىنى ئەتراپلىق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قارىغاندىمۇ '' سۈپ - كۆچ '' دېگەنچىلىكلا بىر ئىش. '' شەلپەر كېسىش '' مۇراسىمىدا كېلىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى چىققانلىقى مۇقەررەر بىر ھادىسە ئىدى دېيىلىدىغان بولسا، كېيىنچە چوڭ ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ چىقىشى تېخىمۇ مۇقەررەر. بۇلاردا مۇقەررەر مەنتىقىي مۇناسىۋەت بار. مىركروخروم ئېرىتمىسىنى سۈركەپ قويۇشنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەمگە ئاخىرقى باسقۇچقا يەتكەن لىمغا راكىنى كېسىپ تاشلاش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسىڭىز، كېسەل ئادەمنى ئوپېراتسىيە كارىۋىتىدىلا ئۆلتۈرۈپ قويمىغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ بىرەر بارمىقىغا تىغ تەگدۈرۈۋېلىشى مۇمكىن.
  بېشارەتكە ئىشەنمىسىڭىز مەيلىڭىز. لېكىن نامايان بولغان بېشارەتنى تەھلىل قىلماسلىققا، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قاراشقا ھەققىڭىز يوق.
Posted: 2007-12-30 11:48 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » غارايىباتلار

Total 0.058554(s) query 3, Time now is:03-17 17:50, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation