رەسىمسىز ھالەت
|
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
|
باش بەت
»
سىز تېخى كۇلۇبقا
كىرمەپسىز
تىزىملىتىش
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
بانكا
|
ياردەم
|
ULY
كۇلۇب مۇلازىمىتى
قورال مەركىزى
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
black
gray
green
moon
movie
pink
wind
wind5
yellow
قىسقا ئۇچۇر
خەت ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئۇچۇر ئىز قوغلاش
قىسقا ئۇچۇر يېزىش
كونترول تاختا
كونترول تاختا باش بېتى
ماتېرىيال تەھرىرلەش
ماتېرىيال كۆرۈش
دوستلار تىزىملىكى
ئەزا ھوقۇقىنى كۆرۈش
سودا تەڭگىسى باشقۇرۇش
جۇغلانما ئالماشتۇرۇش
ئالاھىدە گورۇپپا سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتسىتكا
ئاساسىي سىتاتسىتكا
IP سىتاتسىتكىسى
باشقۇرۇش قوشۇنى
باشقۇرۇش سىتاتسىتكىسى
توردىكىلەر سىتاتسىتكىسى
ئەزالار قاتارى
سەھىپە قاتارى
يازما قاتارى
بىلقۇت باغچىسى
»
نەسىرلەر
»
مۇزىكا
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
سودا
راي
بۇ بەتتىكى يازما :
مۇزىكا
بېسىپ چىقىرىش
|
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش
|
تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش
|
تېما ساقلىۋېلىش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى :
كۇلۇب باشلىقى
نادىر يازمىلار :
5
يوللىغان تېما :
1571
شۆھرىتى:
1581 نومۇر
تەڭگىسى :
15725 تەڭگە
تۆھپە:
1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17
كىچىك
نورمال
چوڭ
مۇزىكا
دىلبىرىمنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى جىممىدە ئاڭلايمەن. ئۇنىڭ ئاۋازىدا بىر خىل كۈچ بارلىقىنى سېزىپ تۇرىمەن. يۈرىكىم مۇشۇ كۈچ ئۈچۈن تىترەيدۇ. ئاشۇ كۈچ توك ئېقىمىدەك بىر خىل تىترەك پەيدا قىلىپ تېنىمنى روھىمدىن ئايرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيانى چۈش، تەننى تار ھەپسە دەپ بىلىدىغان روھىم چەكسىز ئاسمان قەھرىگە پەرۋاز قىلىدۇ.
دىلبىرىمنىڭ ئاۋازى بىر خىل سېھرىي كۈچ بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇ سېھرىي كۈچ مېنىڭ ھېسسىياتىمنى ئەسىر قىلىپ، مېنى ئۈنسىز بىر خىل تىلسىم قوينىدا پەپىلەپ قويۇپ، دىلبىرىمنىڭ ئاۋازىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
خالايىق، مېنىڭ دىلبىرىم دەل مۇزىكا، مەن ئاشىق بولغان قىز بەزى گەپلەرنى دەپ بولۇپ ھەسرەتلىنىدۇ، يەنە بەزى گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئۇنىڭ ئاۋازى گاھى ئۈزۈپ - ئۈزۈپ، گاھى راۋان ئاڭلىنىدۇ. دىلبىرىم گاھى گېپىنىڭ يېرىمىنى دەپ، يېرىمىنى كۆڭلىدە ئېلىپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى يەنىلا ئاڭلاپ تۇرىمەن. مەن قۇلىقىمنى كۆز قىلىپ، دىلبىرىمنىڭ قەلب قەسىرىدىكى سىيماسىنى كۆرۈۋالدىم، بۇنىڭ بىلەن دىققەت - ئېتىبارىم سۆزلەرنىڭ جەۋھەرلىرىگە ئەمەس، مۇزىكىغا، قەلب ساداسىنىڭ ھېسسىيات جەۋھەرلىرىگە مەركەزلەشتى.
بەرھەق، مۇزىكا قەلبنىڭ تىلى، ھېسسىيات تارىلىرىنى چېكىدىغان ميىن شامال ۋە ھېسسىيات ئىشىكىنى ئاچىدىغان نازۇك بارماق. ئۇ كىشىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئويغىتىپ كېچىدىكى خۇپىيانە ئىشلار بىلەن ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى كۆز ئالدىمىزدا زاھىر قىلىدۇ.
مۇزىكا سېھرىي كۈچكە ئىگە نەپىس كۈي. ئۇ مۇڭلۇق بولسا كىشىگە دەرد - ئەلەم تارتقان چاغلارنى ئەسلىتىدۇ؛ شوخ ۋە شادىيانە بولسا كىشىگە ئاسايىش، شادىمان چاغلارنى ئەسلىتىدۇ.
مۇزىكا ئادەمنى مۇڭغا سالىدىغان ئاۋازنىڭ يىغىندىسى. سەن ئۇنى ئاڭلاپ يولۇڭدىن توختايسەن، قەلب قەسىرىڭ تەشۋىش تۇمانلىرى بىلەن تولىدۇ. بەختسىز چاغلىرىڭ ئالدىڭدا خىيالىي كۆلەڭگىدەك پەيدا بولىدۇ.
مۇزىكا ئادەمنى شادلاندۇرىدىغان كۈي - ئاۋازلارنىڭ يىغىندىسى. سەن ئۇنىڭدىن زوقلانساڭ، ئۇ سېنىڭ قەلب قەسىرىڭنى ئىلكىگە ئېلىۋالىدۇ ۋە سېنىڭ باغرىڭدا شادلىق ئۇسسۇلى ئوينايدۇ.
ئۇ سازنىڭ تارىلىرىدىن چىققان تىترەك سادا بولۇپ، ھاۋادىكى ئاۋاز دولقۇنلىرىنى قۇلىقىڭغا قۇيىدۇ، گاھىدا بىر تامچە ئىسسىق ياشقا ئايلىنىپ كۆزلىرىڭدىن سىرغىپ چۈشۈشىمۇ مۇمكىن. بۇ ياش دىلبىرىڭنىڭ پىراقىدىكى ھىجران يېشى ياكى ۋاقىت جاراھەتلىرى مەڭزىڭگە سىرغىغان ئازاب يېشى. ئۇ بەلكىم تەبەسسۇم بولۇپ لەۋلىرىڭدە پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇ بەخت بىلەن ئاسايىشلىقنىڭ ئىككىنچى خىل ئاتىلىشىدۇر.
ئۇ ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان ئادەمنىڭ تېنى، ئۇنىڭدا ئىچكى دۇنيادىن كەلگەن روھ ۋە قەلب تۆرىدىن كەلگەن ئاڭ بار.
ئادەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان مۇزىكا ئادەمگە ئىلھام ئاتا قىلىپ كەلدى، چۈنكى مۇزىكا تەڭرىنىڭ تىلى. ئۇ باشقا تىللارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئىزھار قىلغان مەزمۇن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىقىپ قەلبكىلا بايان قىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ قەلبنىڭمۇ تىلى. ئۇ مۇھەببەتكە ئوخشايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر قىلالايدۇ. قۇملۇقتىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى ناخشا ئېيتقۇزالايدۇ؛ ئوردا - قەسىرلەردىكى پادىشاھ - ۋەزىلەرنى ھاياجانغا سالالايدۇ؛ ئامراق ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانىنىڭ نالە - پەريادىنى ئۆزىگە يۇغۇرۇۋېتەلەيدۇ؛ خىرامان ۋە تاش يۈرەك كىشىلەرنىڭ يۈرەك - باغرىنى ئېزىپ تاشلايدۇ؛ شادلانغۇچىلارنىڭ خۇشاللىقىنى يۇغۇرۇپ پۈتۈن جاھانغا ياڭرىتىدۇ. مۇزىكا بەختسىز، مەزلۇملارغا ئىلھام بېرىدىغان قەسىدە. مۇزىكا قۇياشقا ئوخشاش دالالاردىكى ياۋا گۈللەرگە نۇر - ئاپتاپ بېرىدۇ.
مۇزىكا چىراغقا ئوخشاش كىشى قەلبىدىن قاراڭغۇلۇقنى قوغلاپ روھىي دۇنيانى يورۇتىدۇ ۋە يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى ئاچىدۇ. مېنىڭ ئۆلچىمىم بويىچە مۇزىكا ھەقىقىي ئۆزلۈكنىڭ ئوبرازى ۋە ياكى جانلىق ھېس - تۇيغۇنىڭ تەسەۋۋۇرى. قەلب گويا سۈزۈك ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئۇ دۇنيانىڭ مەركىزىدە تۈرلۈك ئىش - ھەرىكەتلەرنى، قىياپەت، تەسەۋۋۇر كۆرۈنۈشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئادەم دەرەخ شېخىغا قونۇۋالغان بۇلبۇلنىڭ نېمىدەپ سايراۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ؛ شېشىل تاشلار ئارىسىدىكى بۇلاق سۈيىنىڭ نېمىدەپ شىلدىرلاۋاتقانلىقىنى، ئارقا - ئارقىدىن قىرغاققا بىمالال ئۇرۇلۇپ تۇرغان دولقۇننىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ؛ دەرەخ ياپرىقىغا چۈشكەن يامغۇر سۈيىنىڭ بايانلىرىنى چۈشەنمەيدۇ؛ مەيىن شامال دالالاردىكى گۈل - چىمەنلەرگە ئېيتقان تاتلىق گەپلەرنىمۇ ئۇقمايدۇ. ئەمما، ئۇ بۇ ئاۋازلارنىڭ مەنىسىنى كۆڭلىدە بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ، شۇڭا گاھى شادلىقتىن ھاياجانلانسا، گاھى يەنە دەرد - ئەلەمدىن پىغان چېكىدۇ. ئەقىل - پاراسەت ئۇنى ئۆزىنىڭ ماھىيىتىدىن بۇرۇن ئاپىرىدە قىلغان، شۇڭا ئادەمنىڭ يۈرىكى تەبىئەت دۇنياسى بىلان تالاي قېتىم سۆھبەت قۇرغان. ئەمما ئۇ بولسا ھېچنېمە دېمەي پەرىشان پېتى تۇرغان يېرىدە تۇرۇۋېرىدۇ ياكى كۆز ياشلىرىنى تىلىنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. كۆز ياش ئادەم كۆڭلىنىڭ راۋان تەرجىمىسى.
تېز يېنىمغا كەل، ئەي ئويغاق ئادەم، مەن بىلەن ئەسلىمە سەھنىسىگە چىقىپ، ۋاقىت غەرق قىلىۋەتكەن مىللەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مۇزىكىنىڭ قانداق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا قاراپ باق. كەل، بىز مۇزىكىنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىگە ھازىرغىچە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە ئۈن - تىنسىز پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى.
غالبىدىلىقلار (غالبىدىلىقلار - جەنۇبىي مىسوپۇتامىيىدىكى ساملارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يېڭى بالىل دۆلىتىنى قۇرغان.) بىلەن مىسىرلىقلار مۇزىكىغا بۈيۈك ئىلاھ سۈپىتىدە چوقۇنىدۇ، سەجدە قىلىدۇ، مەدھىيە ئوقۇيدۇ. پارسلار بىلەن ھىندىلار مۇزىكىنىڭ ماھىيىتى تەڭرىنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى روھى دەپ چۈشىنىدۇ. بىر پارس شائىرى مۇنداق بىر گەپنى قىلغانىدى: «مۇزىكا ئەسلىدە ئەرشىئەلادىكى بىر پەرى ئىدى. ئۇ بىر ئىنسانغا ئاشىق بولۇپ قېلىپ ئەرشتىن زېمىنغا چۈشكەن. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئىلاھلار دەرغەزەپكە كېلىپ، بوران مۇئەككىلىنى قوغلاشقا ئەۋەتكەن. بوران پەرىنىڭ كىيىملىرىنى جۇل - جۇل قىلىۋېتىپ كىيىمىنىڭ پارچىلىرىنى دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا ئۇچۇرۇۋەتكەن، ئەمما پەرى ھايات قالغان. ئۇ ھېلىھەم ئىنسانلارنىڭ قۇلاق سارىيىدا ياشىماقتا.» بىر ھىندى پەيلاسوپى مۇنداق دېگەن: «بەپس كۈي مېنىڭ گۈزەللىك ۋە ئەبەدىيەتكە بولغان ئۈمىدىمنى كۈچەيتتى.»
گرېكلار بىلەن رىملىقلارنڭ ئەپسانىلىرىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار: مۇزىكا ئىلاھى ئورپوس چالغان ساز ھايۋانلارنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە ساپتۇ. بەزى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئورپوسنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ئۆسۈملۈكلەرمۇ شۇنداق قىپتۇ. گۈل - چىمەنلەر بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ قارىشىپتۇ، دەل - دەرەخ شاخلىرىمۇ بىر چەتكە قىيسىيىپ ئىرغاڭشىپتۇ ھەتتا جانسىز جىسىملارمۇ سازنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگىنىدىن ئارقا - ئارقىدىن يېرىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئورپۇس ئايالىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۇنىڭ دەردىدە قان يىغلاپتۇ، تەبىئەتمۇ ئۇنىڭغا ماتەم تۇتۇپ يىغلاپدۇ. ئىلاھلارنىڭ رەھمى كېلىپ ئايالى بىلەن روھلار دۇنياسىدا كۆرۈشۈۋالسۇن دەپ، ئۇنىڭغا باقىي دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، رەزىللىك ئىلاھى ئورپۇسنى ئۆلتۈرۈپ، ئورپوسنىڭ بېشى بىلەن سازنى دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. باش بىلان ساز سۇدا لەيلەپ ئاخىر بىر ئارالغا كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گرېكلار بۇ ئارالنى ناخشا - مۇزىكا ئارىلى دەپ ئاتاپتۇ.
شۇ چاغدىن باشلاپ ئورپوسنىڭ بېشى بىلەن سازنى ئېقىتىپ كەلگەن دولقۇن يۈرەكلەرنى تىترىتىدىغان مەرسىيە ۋە يۈرەكلەرنى ئۆرتەيدىغان مۇڭلۇق كۈيلەرنى پەيدا قىلىپتۇ. بۇ مەرسىيە بىلەن مۇڭلۇق كۈيلەر پۈتۈن ئەرشىئەلانى بىر ئاپتۇ. دېڭىزچىلار ھېلىھەم ئاشۇ مەرسىيىلەر بىلەن مۇڭلۇق كۈيلەرنى بېرىلىپ ئاڭلايدىكەن.
ئاشۇ مىللەتنىڭ شان - شۆھرىتى ئۆتمۈشكە ئايلانغاندىن كېيىن بىز بۇ گەپلەرنى قۇرۇق خىيال دەپ ئاتىغانىدۇق، ئەمما بۇ مۇزىكىنىڭ گرېكلارنىڭ قەلبىدە شۇنچە چوڭقۇر ۋە غايەت زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق. ئۇلار بۇ گەپلەر مۇستەھكەم ئېتىقادتىن كەلگەن دېيىشىدۇ. مۇبادا بىز بۇ گەپلەرنى نازۇك ھېسسىياتتىن ۋە ئىستېتىكىلىق قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان بىر خىل مۇبالىغە دەپ ئاتىساق، بىزگە نېمە زىيان؟ شائىرلارنىڭ ئادىتى بويىچە بولغاندا شېئىر دېگەن مۇشۇدۇ؟
ئاسورىيىلىكلەر (ئاسورىيىلىكلەر - مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 12 - ئەسىردىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 17 - ئەسىرگىچە مىسوپۇتامىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ساملارنى كۆرسىتىدۇ.) نىڭ ئىزنالىرى بىزنى بەزىبىر رەسىملەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ رەسىملەردە پادىشاھ قوشۇنىنىڭ چالغۇ ئەسۋابىنى يۈرۈشتە يول باشلىغۇچى قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
پادىشاھ داۋۇدنىڭ غەم - قايغۇسى پۇشايمان ۋە نادامەتتىن ھاسىل بولغان تەسىرلىك كۈينى ياراتقان. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قومۇش نېيى ئۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى بولغان. قومۇش نەي پەرۋەردىگاردىن ئۇنىڭ سەۋەنلىكىنى مەغپىرەت قىل دەپ تىلىگەن. ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قېتىدىن چىققان مۇڭلۇق نەي ئاۋازى قان تومۇرلىرىدىن بارمىقىنىڭ ئۇچىغا ئۆتكەن. بۇ بارماقلارنىڭ خىسلىتى پەرۋەردىگار بىلەن ئىنسانلار نەزەرىدە ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر. داۋۇد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنى كۈيلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەمدۇ سانا ئوقۇڭلار. نەي ۋە تارىلىق سازلار بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار! داپ - دۇمباق چېلىپ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار! ئود ۋە قالون بىلەن ئۇنى تەرىپلەڭلار! گۈزەل كۈيلەر بىلەن ئۇنىڭغا كۈي يارىتىڭلار.»
«ئىنجىل» دا مۇنداق قەيت قىلىنغان: قىيامەت قايىم بولغاندا بىر پەرىشتە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە بېرىپ يورغا چالدى. شۇنىڭ بىلەن روھلار ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ تەنگە كىرىپ، مېھرىبان تەڭرىنىڭ ئالدىدا تىرىلدى. مەن بۇ يەردە مۇزىكىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيىلىدىم ۋە ئۇنىڭغا خۇدا ئىنسانلارنىڭ روھىغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىك مۇقامىنى بەخش ئەتتىم. مەن ئۆزۈم ياشاۋاتقان دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ تىل ئادىتى بويىچە پەقەت ھېسسىياتىمنىڭ بىر تەرىپىنىلا بايان قىلدىم.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىسا پاجىئەسى يۈز بەرگەن دەسلەپكى چاغلاردا، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئۇستازى تۇتقۇن قىلىنغان زەيتۇنلۇق باغنىڭ ئالدىغا بېرىو قەسىدە ئوقۇغانىكەن. مەن شۇ تاپتا ئاشۇ مۇسىبەتلىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئاشۇ قەسىدىنى ئاڭلىغاددەك بولۇۋاتىمەن. ئۇلار شۇ چاغدا تىنچلىق ئەلچىسىنىڭ بېشىغا قارا كۈنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئايرىلىش كۈيىنى ياڭراتقانىكەن. مۇزىكا جەڭگە ئاتلانغان قوشۇن ئالدىدا مېڭىپ، جەڭچىلارنىڭ يالقۇنجاپ تۇرغان ئىرادىسىگە مەدەت، شىجائىتىگە ئىلھام بېرىدۇ. مۇزىكا شۇنداق سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنكى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەڭچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. جەڭگاھتا قىر - چاپ قىلىۋاتقان قوشۇن ئالدىدا، ئۆلۈم گىردابىغا يۈزلىنىۋاتقان جەڭچىلەر ئالدىدا نە شائىر، نە ناتىق بولمايدۇ. ئۇلاردا يا قەلەم، يا كىتاب يوق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغىنى يەنىلا مۇزىكا. مۇزىكا گويا بۈيۈك سەركەردىدەك ئۇلارنىڭ ھارغىن بەدىنىگە تەرىپلىگۈسىز كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە غەلبىگە بولغان ئىشەنچىنى، ئوتلۇق مۇھەببەت ئۇچقۇنىنى لاۋۇلدىتىدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن ئاچلىق ئازابى ۋە ھارغىنلىقتىن غالىب كېلىپ، جەڭگە ئاتلىنىدۇ. مۇزىكىغا خۇشال ئەگىشىپ، ھالاكەتتىن قورقماي يىرگىنىچلىك دۈشمەن زېمىنىغا كىرىدۇ. ئادەم ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرى دۇنيادىكى مۇقەددەس نەرسىدىن ئەنە شۇنداق پايدىلىنىپ، بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكنى زېمىننىڭ جىمى يەرلىرىگە چېچىۋاتىدۇ.
مۇزىكا چوپاننىڭ غېرىبلىق باسقان چاغلىرىدىكى ھەمراھى.
مۇزىكا كارۋاننىڭ تۆگىلىرىگە يول باشلايدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ ئۇزۇن سەپەرنى قىسقارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نار تۆگە تا كارۋان بېشىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىمىغۇچە قۇم بارخانلىرى ئارىسىغا قايتا بارمايدۇ. بوينىغا كولدۇرما ئېسىلمىغۇچە تۆگىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتىلمايدۇ. بۇ ئەزەلدىن بولۇپ باققان ئىش ئەمەس. ئەي ئەقىل ئىگىلىرى، بىزنىڭ زامانىمىزدا مۇزىكا بىلەن ھايۋانلار كۆندۈرۈلىدۇ، يېقىملىق ئاۋازلار ھايۋانلارغا ھەمراھ بولىدۇ.
مۇزىكا روھىمىزغا ھەمراھ بولۇپ، ھاياتىمىزدىكى ھەرقايسى باسقۇچلارنى بىز بىلەن بىللە بېسىپ ئۆتىدۇ. بىز بىلەن ھەمنەپەس بولىدۇ، راھەت - پاراغەتتە، جاپا - مۇشەققەتتە بىز بىلەن بىللە بولىدۇ. مۇزىكا خۇشال كۈنلىرىمىزدە تەكشۈرگۈچىگە، بەختسىز كۈنلىرىمىزدە كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىدىغان تۇغقانلارغا ئوخشايدۇ.
بوۋاق پىنھان ئالەمدىن بىزنىڭ ئالىمىمىزگە كەلگەندە، كىندىك ئانا ۋە دوست - يارەنلەر ئۇنى شوخ ناخشىلار بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. بوۋاق قۇياش نۇرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن يىغلاپ تۇرۇپ ئەھۋال سورايدۇ، ئۇلارمۇ بوۋاققا تەنتەنە بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئىلاھنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى بوۋاققا كىم بىلدۈرەلەيدىكىن، دېگەندەك ۋاقىت بىلەن مۇزىكىنى بەيگىگە سالىدۇ.
ئانان يىغلاۋاتقان بوۋاقنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىملىق ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بوۋاق يىغىدىن توختايدۇ. ئانىنىڭ ناخشىسى بىلەن لەرزان كۈيىدە شۇنداق بىر قۇدرەت باركى، ئۇ كىشىنى ئۇخلىتالايدۇ، بوۋاقنىڭ كۆزلىرىنى ئۇيقۇ پەردىسى بىلەن ياپالايدۇ. مۇبادا ئانا سىتېرو (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى «43 - 106» قەدىمكى رىم سىياسىيونى، ناتىق ۋە پەيلاسوپ.) نىڭ تىلىدا سۆزلىگەن ياكى بوۋاققا فارىد (ئېبن فارىد «1181 - 1234» ئەرەب ئابباسىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر.) نىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇپ بەرگەن بولسا بوۋاق ئۇخلىمىغان بولاتتى. ئەرلەر ئۆمۈرلۈك يولدىشىنى تاللاشتا تولىمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ. ئىككى يۈرەك توينىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بىر يۈرەككە ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئەقىل - پاراسەتنىڭ دەسلىپىدىلا ئۆز قەلبلىرىگە يازغان سەمىمىي نەسىھەتلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جان دوستلار بىر يەرگە جەم بولۇشىدۇ.
ئەزرائىل يېتىپ كېلىپ ھايات كومىدېيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۆرۈنۈشىنى ئوينىغان چاغدا، بىز ھەسرەتلىك مۇزىكىنى ئاڭسلايمىز. ئۇنىڭ پىغانلىق قارا كۆلەڭگۈلىرىنىڭ ئاسمان قەھرىنى قاپلىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىنسان ئازابلىنىدىغان ئاشۇ دەقىقىدە روھ گۈزەل دۇنيانىڭ قىرغىقىدىن ئايرىلىپ، ئەبەدىيەت دېڭىزىدا ئۈزىدۇ، ئۇستىخانلىرىنى غەزالخان بىلەن مۇسىبەت ئىگىسىگە قالدۇرىدۇ. كىشىلەر قايغۇ - ھەسرىتىنى ناخشىغا قوشۇپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ئېيتىدۇ. ھۆل توپا ئۈستىدىكى ھۆل توپا قۇرۇمىغىچە مەرسىيىنى ئۈزۈلدۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ قويۇلغىنىغا ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت مەرھۇم ياد ئېتىپ تۇرسىلا ئۇنىو روھىدىن قايتقان ئەكس سادا كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا قېلىۋېرىدۇ. مەن خۇش ئاۋاز بىر ئادەم بىلەن بىرگە ئولتۇردۇم. خۇدا ئۇنىڭغا سۈزۈك ئاۋازلا ئەمەس، مۇزىكىنى نوتىغا ئالالايدىغان پەلسەپىۋى سەزگۈ ئىقتىدارنىمۇ بەخش ئەتكەنىدى. ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ خۇش ناۋاسىنى بېرىلىپ ئاڭلايتتى، ئۆزىنىڭ يارىماي قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولاتتى، تىنىقىنىمۇ چىقارماي ئۆزلىرىگە قانداقتۇر بىر خىل سىز - ھېكمەتنى بايان قىلىپ بەرگەن شائرىغا باش ئۇرغاندەك ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي تىكىلىپ ئولتۇراتتى. غەزەلخان بىر غەزەلنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا ئاھ! ئاھ! دەپ ھەسرەت چېكەتتى. بۇ، مۇزىكا دولقۇنلىرى ھاسىل قىلغان ھەسرەت، كىشىنىڭ سىرلىق ئەسلىمىلىرى قوزغالغان تەشنا يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان پەرياد ئىدى. ئاھ، بۇ قىسقا بىر ئىملىق سۆز بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. ئاھ سۆزى غەزەلخاننىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىپ تۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ قەلب ساداسى بولماستىن، بەلكى بىر ئۈزۈلۈپ، بىر ئۇلىنىدىغان ناخشا ساداسىنى تازا بېرىلىپ ئاڭلايدىغان ئادەملەرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەسرەت ئىدى. ناخشا ساداسىدىكى ئوچۇق ئاڭلىنىپ تۇرغان جانلىق تىنىقلار ئۇنىڭغا ئۆتمۈشتىكى ھايات قىسسىسىنىڭ بىر سەھىپىسىنى بايان قىلىپ، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان سىرلارنى ئاشكارىلايتتى. مېنىڭ بىر زېرەك ئاڭلىغۇچىنىڭ چىرايىنى قانداق كۆزەتكىنىمگە قىزىقامسىلەر؟
ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بىردەم بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ قوشۇمىلىرىنىڭ تۈرۈلگەنلىكىگە، بىردەم گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەنلىكىگە، گاھىدا كۈي دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىدىم. ھەرىكىتىدىن ئۇنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بايقىدىم، سىرتقى قىياپىتدىن ئىچكى دۇنياسىنى قىياس قىلدىم. مۇزىكا شېئىرغا ئوخشايدۇ، رەسىمگە ئوخشاش ئادەمنىڭ ھەر خىل ماھارەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. قەلبدىكى ئوي - خىياللارنى تەسۋىرلەيدۇ. كۆڭلىدىكى شېرىن تۇيغۇلارنى بايان قىلىدۇ، سېغىنىشنى مىجەز - خاراكتېرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى گۈزەل ئارزۇلارنى ئىزھار قىلىدۇ.
Posted: 2007-12-30 11:44 |
[ئاپتور]
uyghur
دەرىجىسى :
يېڭى ئەزا
نادىر يازمىلار :
0
يوللىغان تېما :
21
شۆھرىتى:
21 نومۇر
تەڭگىسى :
210 تەڭگە
تۆھپە:
0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07
كىچىك
نورمال
چوڭ
مەن مۇزىكىغا بەك ئامراق !
Posted: 2008-02-03 20:58 |
1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە يۆتكىلىش
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
بىلقۇت باغچىسى
»
نەسىرلەر
Total 0.059066(s) query 4, Time now is:03-17 17:41, Gzip disabled
Powered by
PHPWind
v6.0
Certificate
Code © 2003-07
PHPWind.com
Corporation
Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008
bilqut.com
Corporation