ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1565
شۆھرىتى: 1575 نومۇر
تەڭگىسى : 15675 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-16

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ


ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ    1944 - يىلى 4 - ئايدا ئاقسۇ شەھەر جەنۇبىي چوڭ كوچا شەرقى تەرەپ 26 - نومۇرلۇق قورۇدا قۇرۇلغان.

ئەسلى نامى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاقسۇ سانائەت مەكتىپى، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى يىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى قوللىنىلغان. 1956 - يىلى 10 - ئايدا

مەكتەپنى ھۆكۈمەت بىۋاستە باشقۇرۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاقسۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۈچ يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىنى

قوللانغان. 1952 - يىلدىن باشلاپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. 1954 - يىلى مائارىپ نازارىتى بىر تۇتاش بېسىپ تارقاتقان مىللىي

ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ئوقۇتۇش پروگراممىسى نى قوللانغان. 1956 - يىلى 9 - ئايدا تۇنجى قېتىم تولۇق ئوتتۇرىنى تەسىس

قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1966 - يىلى باشلانغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەكتەپنى پالەچ ھالەتكە

كەلتۈرۈپ قويغان. 1972 - يىلى مەكتەپ نامى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي خەنزۇ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1980 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇ

ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن. 1983 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئورمانچىلىق نازارىتى

قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تەجرىبە ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار ئورۇن دەپ باھالانغان. 1987 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە مىللىي ئىشلار

كومىتېتى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن دەپ باھالانغان. 1992 - يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مىللىي

مائارىپتىكى ئىلغار ئورۇن، 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن

باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن دەپ باھالانغان. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 25148 كۋادرات مېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا 266400 كۋادرات مېتىرلىق

باغۋەنچىلىك مەيدانى بار. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 96 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 42، ئوقۇغۇچى سانى 2418 نەپەر."
Posted: 2008-01-21 20:08 | [ئاپتور]
sarhil
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 7
شۆھرىتى: 7 نومۇر
تەڭگىسى : 70 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-12

 

مەن ئاقسۇلۇق تۇرۇپ مۇنداق تەپسىلى بىلمەيمەن...رەخمەت سىزگە!!!
Posted: 2008-02-04 02:07 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئوتتۇرا مەكتەپلەر

Total 0.058153(s) query 4, Time now is:03-17 12:56, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation