ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
جىمى ھەمدۇسانا اﷲغا خاستۇر ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲنىڭ مۈلكىدۇر ئاخىرەتتىكى ھەمدۇسانامۇ اﷲغا خاستۇر اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.1 اﷲ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان (يەنى يامغۇر كان ۋە ئۆلۈكلەرگە ئوخشاش) نەرسىلەرنى زېمىندىن چىقىدىغان (ئۆسۈملۈك بۇلاق ۋە قۇدۇقلارنىڭ سۇلىرى قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاسماندىن چۈشىدىغان (پەرىشتە يامغۇر ئەجەل رىزق قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان (ياخشى ئەمەللەر مەقبۇل دۇئالار قاتارلىق) نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ اﷲ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.2 كافىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ ئېيتقىنكى «ئۇنداق ئەمەس پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ اﷲ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە اﷲدىن يىراق ئەمەستۇر ئۇنىڭ (يەنى زەررە) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن چوڭراق نەرسە بولسۇن لەۋھۇلمەھفۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق».3 (ئۇلارنىڭ لەۋھۇلمەھفۇزدا خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر ئەنە شۇلار مەغفىرەتكە ۋە ئېسىل رىزققا ئېرىشىدۇ.4 بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.5 ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى (ئىنسانلارنى) غالىب ھەمدۇساناغا لايىق اﷲنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.6 كافىرلار (بىر- بىرىگە) ئېيتىدۇ: «سىلەرگە سىلەر (قەبرىلەردە چىرىپ) تىتما- تالاڭ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىسىلەر دەپ خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ7 ئۇ اﷲغا يالغاننى توقۇدىمۇ يا ئۇ ئېلىشىپ قالدىمۇ» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلار ئازابتا ۋە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر.8 ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قارىمامدۇ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە- پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا اﷲغا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.9 بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن پەزل (يەنى پەيغەمبەرلىك زەبۇر تاغلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ بويسۇنۇشى تۆمۈرنىڭ يۇمشاق بولۇپ بېرىشى ساۋۇت ياساشنى بىلدۈرۈشلەر) ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق.10 (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى بىر- بىرىگە) تەكشى قىلغىن (ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!) ياخشى ئىش قىلىڭلار مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن».11 سۇلەيمانغا شامالنى (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق) شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بۇيىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن ئۇنىڭغا بىز دەۋزەخ ئازابىنى تېتىتىمىز.12 ئۇلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى (مىستىن- ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى (ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (اﷲنىڭ بۇ چوڭ نىئمەتلىرىگە) شۈكرى قىلىڭلار» مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (اﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە) شۈكرى قىلغۇچى بەك ئاز.13 سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلار خەۋەردار قىلدى. سۇلەيمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى ئەگەر ئۇلار غەيىبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى.14 شۈبھىسىزكى سەبەئ قەۋمىگە ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىدا (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك) دەلىل بار ئىدى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار سول تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار بار ئىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «پەرۋەردىگارىڭلار بەرگەن رىزقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىڭلار (سىلەرنىڭ جايىڭلار) بەلەن جايدۇر (سىلەرگە رىزق بەرگەن پەرۋەردىگارىڭلار شۈكرى قىلغۇچىنى) مەغفىرەت قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇر».15 ئۇلار (شۈكرىدىن) باش تارتتى شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق سەلنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك يۇلغۇنلۇق ئاز- تولا سىدرىلىق (يەنى ياۋا چىلانلىق) باغلارغا ئايلاندۇردۇق.16 ئۇلار كۇفرىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق جازالىدۇق بىز پەقەت كۇفرىلىق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز.17 ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان قىشلاقلار ئارىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان (تۇتىشىپ كەتكەن) نۇرغۇن قىشلاقلارنى بەرپا قىلدۇق ئۇلار ئارىسىدىكى مېڭىشنى ئۆلچەملىك قىلدۇق (يەنى سەپەردە يېمەك- ئىچمەك ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدىغان ئەتىگەن چىققان يولۇچى چۈشتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارسا كەچتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارىدىغان قىلدۇق) (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تېنچ- ئامان مېڭىڭلار!»18 ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى (يەنى ئۆتەڭلار ئارىسىدىكى مۇساپىنى) يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز (كېيىنكى كىشىلەرگە) چۆچەك قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىرىپىسىن قىلىۋەتتۇق بۇنىڭغا ھەر بىر (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى (نىئمەتكە) شۈكرى قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.19 ئىبلىس ئۇلارنى (ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت) گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۇئمىنلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى.20 ئىبلىسنىڭ ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئۈستىدىن (ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن) ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەت بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر.21 ئېيتقىنكى «سىلەر اﷲنى قۇيۇپ مەبۇد دەپ قارىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار ئۇلار ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ ئۇلارنىڭ ئاسمان- زېمىننىڭ (يارىتىلىشى ۋە باشقۇرۇلۇشىدا اﷲغا) ھېچ شېرىكچىلىگى يوق ئۇلارنىڭ ئىچىدە اﷲغا (ئاسمان- زېمىننى ئىدارە قىلىشتا ياردەملىشىدىغان) ھېچ ياردەمچىمۇ يوق» .22 اﷲ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا اﷲنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرۇلۇق) نېمە دېدى» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۇئمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. اﷲ يۈكسەكتۇر كاتتىدۇر.23 ئېيتقىنكى «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن كىم رىزق بېرىپ تۇرىدۇ» ئېيتقىنكى «اﷲ (رىزق بېرىپ تۇرىدۇ) شۈبھىسىزكى بىز ياكى سىلەر چوقۇم ھىدايەتتىدۇرمىز يا روشەن گۇمراھلىقتىدۇرمىز».24 ئېيتقىنكى «بىزنىڭ قىلغان گۇناھىمىز ئۈچۈن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن بىز سۇراققا تاتىلمايمىز».25 ئېيتقىنكى «پەرۋەردىگارىمىز بىزنى (قىيامەت كۈنى) يىغىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ اﷲ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر».26 ئېيتقىنكى «ماڭا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ سىلەرنىڭ اﷲنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىۋالغىنىڭلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس بەلكى ئۇ – اﷲ غالىبتۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».27 سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە (كافىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.28 ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار بۇ ۋەدە (يەنى سىلەر بىزنى قورقۇتىۋاتقان ئازاب) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ» دەيدۇ.29 ئېيتقىنكى «سىلەرگە (ئازاب ئۈچۈن) ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى ئۇنىڭدىن بىر دەممۇ ئىلگىرى- كېيىن بولمايسىلەر».30 كافىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختۇتۇپ قۇيۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جىدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنۇچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ) بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ.31 چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ ھەرگىز توسمىدۇق سىلەر ئۆزەڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ.32 بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە- كۈندۈز قىلغان ھىيلە- مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى) ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى اﷲنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئۇلار (يەنى ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.33 قايسى شەھەرگە بولمىسۇن بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەڭلار ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى.34 ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ بىز ئازابلانمايمىز» دېدى.35 ئېيتقىنكى «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم كىمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ (كىمنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ».36 ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ ئۇلار (جەننەتنىڭ) ئېسىل ئۆيلىرىدە (ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ.37 بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار ئازابقا دۇچار قىلىنغۇچىلاردۇر.38 ئېيتقىنكى «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ (اﷲنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى اﷲ تولدۇرۇپ بېرىدۇ ئۇ رىزق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر».39 ئۇ كۈندە اﷲ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «بۇ كىشىلەر سىلەرگە چوقۇنغانمىدى» دەيدۇ.40 ئۇلار ئېيتىدۇ: «سەن پاكتۇرسەن بىزنىڭ دوستىمىز ئۇلار ئەمەس سەن. (ئۇلار بىزگە چوقۇمايتتى) بەلكى جىنغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنغا ئىمان كەلتۈرەتتى».41 بۈگۈن سىلەر بىر- بىرىڭلارغا پايدا- زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر بىز (اﷲدىن غەيرىگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دەۋزەخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز.42 ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە ئۇلار: «بۇ پەقەت سىلەرنى ئاتا- بوۋاڭلار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولغان ئادەمدۇر» دەيدۇ ھەمدە ئۇلار: «بۇ پەقەت توقۇلغان يالغان سۆزدۇر» دەيدۇ. كافىرلارغا ھەقىقەت يېتىپ كەلگەندە ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئۇچۇق سېھىردۇر» دېدى.43 ئۇلارغا ئوقۇيدىغان ھېچقانداق كىتابلارنى ئاتا قىلغىنىمىز يوق. سەندىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچقانداق پەيغەمبەرمۇ ئەۋەتكىنىمىز يوق.44 ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (ھەقنى) ئىنكار قىلغان ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئۇلار (يەنى ئىلگىرىكىلەر) ئېرىشكەن كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېىشمىگەن ئۇلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى.45 ئېيتقىنكى «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى اﷲنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى تىلەڭلار) ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلاردا (يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.46 ئېيتقىنكى «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق ئۇ سىلەرگە بولسۇن: ئەجرىمنى پەقەت اﷲدىن تىلەيمەن. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر».47 ئېيتقىنكى «پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەق ئارقىلىق (باتىلنى) ئاتىدۇ (يەنى پاكىتنى روشەن بايان قىلىدۇ) اﷲ غەيىبنى تامامەن بىلگۈچىدۇر».48 ئېيتقىنكى «ھەق (يەنى ئىسلام) كەلدى (باتىل يوقالدى) باتىل (بىرەر مەخلۇقنى) پەيدا قىلىمايدۇ (يۇقالغان بىرەر مەخلۇقنى) ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ».49 ئېيتقىنكى «ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزەمگىدۇر ئەگەر ھىدايەت تاپسام (بۇ) پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھى قىلغان قۇرئاننىڭ سەۋەپىدىندۇر اﷲ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر يېقىندۇر».50 ئەگەر سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى دەۋزەخكە (ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەشھەرگاھقا) يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنۇچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ).51 ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە): «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ ئۇلار قانداقمۇ يىراق جايدىن ئىماننى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.52 ئۇلار ئىلگىرى ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلار غەيىب (ئىشلىرى) ئۈستىدە يىراق جايدىن قارىسىغا سۆزلەيدۇ.53 ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرى (يەنى ئىمان ئېيتىش ۋە جەننەتكە كىرىش) ئارىسىدا تۇسالغۇ پەيدا قىلىندى. ئۇلارغا ئىلگىرى ئۇلارغا ئوخشاشلارغا قىلغاندەك قىلىندى. چۈنكى ئۇلار ھازىر ئىمان كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۈستىدە (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) چوڭقۇر شەكتە ئىدى54