ئىسلامىي سودا BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئىسلامىي سودا تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 24ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئىسلامىي سودا



بىرىنچى: سودىنىڭ ھۆكمى، ھىكمىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى:
ئا - سودىنىڭ ھۆكمى:
سودا قۇرئان كەرىم ئارقىلىق يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى. جازانى ھارام قىلدى.< (بەقەرە:275.). يەنە سۈننەت ئارقىلىقمۇ يولغا قويۇلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىم - سېتىم قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: >شەھەرلىك تاغلىقنىڭ سودىسىنى قىلمىسۇن<؛ >ئىككىسى ئايرىلىپلا كەتمىسە ئېلىم - سېتىم ئىختىيارى بىلەن بولىدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) 
ب - سودا - سېتىقنىڭ ھېكمىتى:

سودا - سېتىقنىڭ قانۇنلۇق بولىشىدىكى ھېكمەت: ئۇ ئىنساننىڭ جاپا تارتماي ۋە زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىماي قېرىندىشىنىڭ قولىدىكى نەرسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر.
ج - سودا سېتىقنىڭ ئاساسلىرى:

سودا - سېتىقنىڭ ئاساسى بەش. ئۇلار:
1 - ساتقۇچى: سېتىلىدىغان نەرسىنىڭ ئىگىسى بولۇش ياكى سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولۇش، ئەقلى - ھوشى جايىدا بولۇش.
2 - سېتىۋالغۇچى: ئۇ مالنى جفيىدا ئىشلەتمەيدىغان، نېرۋىسى ئاجىز ياكى مال سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان كىچىك بالا بولماسلىق.
3 - مال: ئۇ ئىشلەتسە بولىدىغان، ھالال، تاپشۇرۇۋېلىشقا بېكىتىلگەن، سېتىۋالغۇچى سۈپىتىنى بىلسىمۇ بىلىدىغان نەرسە بولىشى كېرەك.
4 - كېلىشىم ئەھۋالى: ئۇ جاۋاب بېرىش ۋە سۆز بىلەن قوبۇل قىلىش. مەسىلەن: ماڭا بۇنىڭغا سېتىپ بەرگىن، دېسە ساتقۇچى، ساتتىم، دېگەنگە ئوخشاش ياكى ئەمەلى ھەرىكەت بىلەن. مەسىلەن: ماڭا كىيمىنى سېتىپ بەرگىن، دېسە كىيىمنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەرگەندەك.
5 - رازى بولۇش: ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىسىز سودا - سېتىق دۇرۇس بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سودا - سېتىق رازىلىق بىلەن< (ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان. )< 
ئىككىنچى: سودىدا دۇرۇس بولىدىغان ۋە دۇرۇس بولمايدىغان شەرتلەر:
ئا - دۇرۇس بولىدىغان شەرتلەر:
سودىدا سۈپەت شەرتى توغرا. ئەگەر شەرت قىلىنغان سۈپەت تېپىلسا سودا دۇرۇس، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا دۇرۇس ئەمەس. بۇ خۇددى كىتاب سېتىۋالغۇچى كىتابنىڭ ۋارىقىنىڭ سېرىق بولىشىنى ياكى بىر ئورۇن توغرىسىدا ئىشكىنىڭ تۆمۈردىن بولىشىنى شەرت قىلغانغا ئوخشاش.
شۇنداقلا خۇسۇسىي مەنپەئەتلىنىشىنى شەرت قىلىش دۇرۇس. مەسىلەن: ئۇلاغ ساتقۇچى ئۇلاغنىڭ پالانى يەرگىچە ئاپىرىپ قويىشى، ياكى تۇرالغۇ ئۆي ساتقۇچى بىر ئاينى شەرت قىلغاندەك ياكى كىيىم سېتىۋالغۇچى كىيمىنىڭ تىكىلىشىنى ياكى ئوتۇن سېتىۋالغۇچى ئوتۇننى يېرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندەك، ئۆز ۋاقتىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سېتىۋالغان تۆگىنىڭ بوتىلاق بولىشىنى شەرت قىلغان.   
ب - دۇرۇس بولمايدىغان شەرتلەر:

1 - بىر سودىدا ئىككى شەرت قويۇشى. مەسىلەن: ئوتۇن سېتىۋالغۇچى ئوتۇننى يېرىپ بېرىش ۋە ئۇنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى شەرت قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سودىدا ئىككى شەرت توغرا ئەمەس. (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. )< 
2 - ئەسلى سودىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان نەرسىنى شەرت قىلىشى. مەسىلەن: ئېشەك ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېشەكنى ساتماسلىقىنى ياكى مەلۇم بىرىگە بەرمەسلىكىنى ياكى قەرز بېرىشكە مەجبۇرلاپ ياكى بىر نەرسە سېتىپ بېرىشىنى مەجبۇرلاپ ئېشەكنى سېتىپ بېرىشنى شەرت قىلىشى.
3 - سودىسى ھېساب، لېكىن شەرت ئىناۋەتسىز بولىدىغان شەرت. مەسىلەن: سېتىۋالغۇچى ساتقان چاغدا زىيان تارتماسلىقىنى شەرت قىلغانغا ئوخشاش. بۇ ئاساسسىز، ۋاھالەنكى سودىسى كۈچكە ئىگە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئاللاھنىڭ كىتابىدا يوق شەرتنى قويغان كىشىنىڭ شەرتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. گەرچە يۈز شەرت بولسىمۇ.(ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. )< 
ئۈچىنچى: سودىدىكى تاللاشنىڭ ھۆكمى 
سودىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئاستىدا تاللاش ئىختىيارلىقى يولغا قويۇلغان:
1 - ساتقۇچى ۋە ئالغۇچى ئايرىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىر ئورۇندا بولسا سودىنى قىلىش ياكى بۇزۇشتا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىختىيارلىقى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئېلىم - سېتىم ئىختىيار بىلەن بولىدۇ. ئەگەر ئىككىلىسى راستچىل ۋە ئوچۇق بولسا سودىدا بەرىكەت بولىدۇ. ئەگەر يوشۇرسا ۋە يالغان ئېيتسا سودىنىڭ بەرىكىتى يوقىلىدۇ.(ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم رىۋايەت قىلغان.
)< 
2 - ئەگەر سودىلاشقۇچىنىڭ بىرسى تاللاشقا مەلۇم مۇددەت بولىشىنى شەرت قىلىپ، ئىككىلىسى بىرلىككە كەلسە، مۇددەت تۈگىگىچە ھەر ئىككىلىسى تاللاش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ۋاقىت توشسا سودىنى پۈتتۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >مۇسۇلمانلار شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ.< 
3 - ئەگەر ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئالداپ زىيادە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئېلىۋېلىشقان نەرسە ئۈچتىن بىرىدىن ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە يەنى ئوننى ئونبەشنىڭ ياكى يىگىرمىنىڭ بارا بىرىدە ساتقان بولسا سېتىۋالغۇچىنىڭ سودىنى بۇزۇش ياكى ئۆزى بىلگەن زىيادىنى ئېلىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەقلى ئاجىزلىق سەۋەبىدىن مال سېتىۋېلىشتا ئالدانغان كىشىگە: >كىم بىلەن سودا قىلساڭ ئالدا يوق< (بۇخارى ريۋايەت قىلغان. ) دېگەن. شۇڭا قاچانكى ئالدانغانلىقىنى بىلسە زىيادىسىنى قايتۇرۋالغىلى ياكى سودىنى بۇزغىلى ئالدىغان ئادەمنىڭ يېنىغا بارسا بولىدۇ.
4 - ئەگەر مال ساتقۇچى چىرايلىقنى چىقىرىپ، سەتلىرىنى يوشۇرسا ياكى ياخشىسىنى ئاشكارا قويۇپ، بۇزۇقلىرىنى تىقىپ قويسا ياكى سۈتلۈك ماللارنىڭ سۈتىنى ساغماي يېغىپ سۈتلۈك كۆرسۈتۈپ ساتسا سېتىۋالغۇچى سودىنى بۇزسىمۇ، ھېساب قىلىشسىمۇ بولىدۇ.
5 - مالدا مالنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان ئەيىب بولۇپ، بۇنى سېتىۋالغۇچى بىلمەي ئالغان بولسا سېتىۋالغۇچىنىڭ سودىنى پۈتتۈرۈش ياكى بۇزۇشتا ھوقۇقى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبلىك نەرسىنى ئەيىبىنى دەپ بەرمەي قېرىندىشىغا سېتىشى ھالال بولمايدۇ.<؛ >بىزنى ئالدىغان كىشى بىزدىن ئەمەس.< 
6 - ئىككى تەرەپ باھادا ياكى مالنىڭ سۈپىتىدە تالىشىپ قالغان بولسا ھەر ئىككىلىسى بىرسى بىرسىگە قەسەم قىلىدۇ. ئاندىن ئىككىلىسىنىڭ سودىنى پۈتتۈرۈش ياكى بۇزۇشتا ئىختىيارى بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىدۇكى: >ئىككى تەرەپ ئىختىلاپلىشىپ قالسا مال بار ئىكەن ھېچ قايسىسىنىڭ پاكىتى بولمىسا ئىككىلىسى قەسەم قىلىدۇ.< (ئەسھاب سۈنەن بايان قىلغان. ) 
تۆتىنچى: چەكلەنگەن سودىنىڭ تۈرلىرى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ مېلىنى ناھەق يەۋېلىشقا ئاپىرىدىغان پەرۋاسىزلىق، مۇسۇلمانلار ئارا ئاداۋەت، تالاش - تارتىش ۋە جېدەل - ماجراغا ئېلىپ بارىدىغان ئالدامچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قانچە خىل سودىدىن توسقان. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1 - مالنى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن سېتىش: مۇسۇلماننىڭ مالنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ساتقۇچىنىڭ قولىدىن ئالماي تۇرۇپ سېتىشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىر نەرسە سېتىۋالساڭ ئۇنى قولۇڭغا ئالماي تۇرۇپ يەنە ساتمىغىن.< (ئەھمەد، تىبرانى رىۋايەت قىلغان. )؛ >تاماق سېتىۋالغان ئادەم ئۇنى تولۇق ئالماي تۇرۇپ ساتمىسۇن< ئىبنى ئابباس: >مەن بارلىق نەرسە شۇنىڭغا ئوخشاش دەپ ئويلايمەن.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.) دېگەن.
2 - مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا قارشى سېتىشى: بىر مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى مالنى بەش كويغا سېتىۋالغان بولسا ئۇنىڭغا، مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەر. مەن ساڭا تۆت كويغا ساتاي، دېيىش، شۇنداقلا مال ئىگىسىگە، سودىنى بۇزۇڭ. مەن ئۇنى سىزدىن ئالتە كويغا ئالاي، دېيىش توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: >بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ سودىسىغا قارشى سودا قىلمىسۇن.< دېگەن. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.) 
3 - ئالداپ سېتىش: مۇسۇلماننىڭ مال ئىچىدە سېتىۋالغۇچى ئالمايدىغان نەرسىنى بىللە بېرىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ باھادا باشقىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئالدا ئۈچۈن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش مال سېتىۋالغۇچى كىشىگە مەيلى مالنى ئىگىسى بىلەن كېلىشكەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئۇنى ئالداش ئۈچۈن، بۇ مانچە پۇلغا سېتىلىپ بولدى، دېيىشىمۇ توغرا ئەمەس. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزىقتۇرۇپ سېتىشتىن توستى< يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئالداپ ئېلىپ سېتىشماڭلار (تىبرانى، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. )<.
4 - ھارام قىلىنغان ۋە نىجىس نەرسىلەرنى سېتىش: مۇسۇلماننىڭ ھارام، نىجىس ۋە ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان نەرسىلەرنى سېتىشى توغرا ئەمەس. شۇڭا ھاراق، چوشقا، سۈرەت، ئۆلۈك نەرسە، بۇتلارنى ۋە ھاراق ياسايدىغان ئادەمگە ئۈزۈم سېتىشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >چوقۇمكى ئاللاھ ھاراق، ئۆلۈك نەرسە، چوشقا ۋە بۇتلارنى سېتىشنى ھارام قىلدى. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)<يەنە: >ئۈزۈملەرنى يەھۇدى ياكى خىرىستىيانغا ياكى ھاراق ياسايدىغان كىشىگە سېتىش ئۈچۈن ئۈزۈمنى ئۈزۈشنى كېچىكتۈرسە، بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئوتقا ئاتقان بولىدۇ.< (تىبرانى بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن.؛ >ئاللاھ سۈرەت سىزغۇچىلارغا لەنەت قىلسۇن.< 
5 - نامەلۇم نەرسىلەرنى سېتىش: نامەلۇم نەرسىلەرنى سېتىش توغرا ئەمەس.
شۇڭا سۇدىكى بېلىق، قوينىڭ تۆپىسىدىكى يۇڭ، قورساقتىكى تۆرەلمە، يىلىندىكى سۈت، پىشمىغان مېۋە، تولماي تۇرغان دان، يېنىدا بولسىمۇ كۆرمىگەن ياكى ئورنىدىن يۆتكەلمىگەن ياكى تەكشۈرۈلمىگەن، ئەگەر يوق بولسا ياكى سۈپىتى بىلىنمىگەن ياكى تۈرى، مىقدارى بىلىنمىگەن نەرسىلەرنى سېتىش توغرا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >سۇدىكى بېلىقنى ساتماڭلار. ئۇ قولدا يوق نەرسە. (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. )< ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېگىلى بولمايدىغان خورما، تۆپىدىكى يۇڭ، يىلىندىكى سۈت ياكى سۈتتىكى سېرىق ماينىڭ سېتىلىشىدىن توستى. (بەيھەقى، دارىقۇت رىۋايەت قىلغان. )< 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋە ساغىرىشتىن بۇرۇن سېتىشتىن توستى. ساغىرىش دېگەن نېمە؟ دېيىلگەندە، قىزىرىش، دېدى. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇتۇپ قويۇپ ياكى كىيىم تاشلاپ قويۇپ سودا قىلىشتىن توستى. تۇتۇپ قويۇپ سودا قىلىش، بۇ بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ مېلىنى كېچىدە ياكى كۈندۈزدە تۇتۇپ قويىدۇ. بۇنى تەپسىلىي كۆرمەيدۇ. كىيىمنى تاشلاپ سودا قىلىش، بۇ بىر ئادەم كىيمىنى تاشلايدۇ، يەنە بىر ئادەممۇ كىيمىنى تاشلايدۇ. مانا بۇ ئىككىسىنىڭ كۆرمەي، تەكشۈرمەي ياكى يۆتكەپ باقماي قىلغان سودىسى بولىدۇ.<
(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. ) 
6 - بىر قېتىمدا ئىككى سودىنى بىر قىلىش: مۇسۇلماننىڭ بىر قېتىمدا ئىككى سودىنى قىلشى توغرا ئەمەس. بەلكى مەخسۇس بىر قول ئۇرۇش ئارقىلىق بىر سودا قىلىش كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا مۇسۇلمانغا ئەرىيەت بېرىپ قالىدىغان چۈشۈنۈكسىزلىك ياكى باشقىلارنىڭ مېلىنى ھەقسىز يەۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنىپ: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ۋاقىتتا ئىككى سودا قىلىشتىن توسقان. (ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.)<دېيىلگەن.
7 - يېنىدا يوق نەرسىنى سېتىش: مۇسۇلماننىڭ يېنىدا يوق نەرسىنى سېتىش< ياكى قولغا كىرمىگەن نەرسىنى سېتىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ سېتىلىدىغان ماتا قولغا كەلمىسە ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >يېنىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما (ئەسھابۇل سۈنەن، تىرمىزى سەھى ھەدىس دېگەن. )< يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولغا كىرمەي تۇرغان مالنى سېتىشتىن توسقان. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) 
8 - قەرزنى قەرزگە سېتىش: >مۇسۇلماننىڭ قەرزىنى قەرزىگە سېتىشنى توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ يوق نەرسىنى يوق پۇلغا ساتقانغا ئوخشاش. ئىسلام بۇنى توغرا دەپ قارىمايدۇ. قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ مىسالى: سېنىڭ بىر ئادەمدە مەلۇم ۋاقىتتا بېرىدىغان ئىككى يۈز كوي قەرزىڭ بار. سەن ئۇنى يەنە بىر ئادەمگە مەلۇم ۋاقىتقىچە بېرىشكە يۈز كويغا ساتىسەن. يەنە بىر مىسا: سېنىڭ بىر ئادەمدە مەلۇم چاغقىچە بېرىدىغان بىر قوي قەرزىڭ بار. ۋاقىت توشماي تۇرۇپ قەرزدار ساڭا قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ چاغدا سە ئۇنىڭغا: سەن بۇنى پالانى چاغقىچە ئەللىك رىيالغا سېتى بەرگىن، دەيسەن. شۇنىڭ بىلەن سەن قەرزنى قەرزگە ساتقان بولىسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرزنى قەرزگە سېتىشتىن توسقان.< (بەيھەقى، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. ) 
9 - جازانە سودىسى. مۇسۇلماننىڭ بىر نەرسىنى سېتىپ، ئۇندىن كېيىن سېتىۋالغان ئادەمدىن ئۆزى ساتقان پۇلدىن ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئادەم ئۇ نەرسىنى ھېلىقى ئادەمگە ئون كويغا سېتىپ ئۇنىڭدىن بەش كويغا سېتىۋالسا خۇددى بەش كوينى مەلۇم چاغقىچە ئون كويغا بەرگەن ئادەمگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ قۇرئان ھەدىس ۋە ئىمان بىلەن ھارام قىلىنغان نىسى جازانىڭ دەل ئۆزى بولىدۇ. بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىشىلەر دىنار ۋە دەرھەملەر بىلەن پىخسىقلىق قىلسا، جازانە سودا قىلىشسا، كالا بېقىپ كەتسە ۋە روھ يولىدا كۈرەش قىلىشنى تەرك قىلسا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرىدۇ. ئۇلار دىنغا قايتمىغۇچە، ئاللاھئۇلاردىن ئازابنى ككتۈرۋەتمەيدۇ.< (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
) بىر ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: >مەن زەيىدئىبنى ئەرقەمدىن بىر خىزمەتكەرنى پالانى چاغقىچە بېرىشكە نىسى سەككىز يۈز دىرھەمگە سېتىپ يەنە ئۆزۈم ئۇنىڭدىن نەق ئالتە يۈز دىرھەمگە سېتىۋالغان ۋە ساتقان نەرسە نېمە دېگەن يامان؟! ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلمىسا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە قىلغان كۈرەشى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. (دارىقۇت رىۋايەت قىلغان. ) دېگەن.
10 - شەھەرلىك كىشىنىڭ سەھرالىق كىشىگە سېتىپ بېرىشى: سەھرالىق ياكى يات ئادەم مالنى شۇ كۈندىكى باھاردا ساتقىلى كەلسە، شەھەرلىكنىڭ ئۇ ئادەمگە، مالنى مىنىڭ قېشىمغا قويۇپ قويۇڭ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سىزگە كىشىلەر موھتاجبولغاندا، بۈگۈنكىدىن قىممەتراق سېتىپ قوياي، دېيىشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >شەھەرلىك سەھرالىققا سېتىشىپ بەرمىسۇن. كىشىلەرنى قويىۋېتىڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزئارا رىزىق بېرىدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. ) 
11 - يولۇچىلاردىن بىر نەرسە سېتىپ ئېلىش: مۇسۇلماننىڭ مالنىڭ شەھەرلىك كىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى يولۇچىلاردىن ئېلىۋېلىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا چىقىپ مالنى شۇ يەردە سېتىۋېلىپ ئۇنى شەھەرگە ئەكىرىپ خالىغانچە سېتىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىشتا مال ئىگىسى شەھەرلىك تىجارەتچىلەر ياكى ئۇلاردىن باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ كېتىدۇ ياكى زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >يولۇچىلارنىڭ ئالدىغا چىقماڭلار. شەھەرلىك سەھرالىققا سېتىشىپ بەرمىسۇن.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. ) 
12 - مەجبۇرىي ياخشى كۆرسۈتۈپ سېتىش: مۇسۇلماننىڭ قوي، كالا، تۆگىنىڭ سۈتلۈك كۆرۈنۈپ كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىشقا قىزىقىشى ئۈچۈن بىر نەچچە كۈنلۈك سۈتنىڭ يېغىلىشىنى كۆزلەپ سۈتنى ساغماي كېيىنچە سېتىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ ئالدامچىلىق ۋە ھىيلە - مىكىردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >تۆگە، قويلىرىڭلارنى ساغماي )يەنى سۈتىنى يىغىپ( ساتماڭلار. ئۇنى سېتىۋالغان ئادەم سودىدىن كېيىن ئىككىدىن بىرىنى تاللايدۇ. ساغقاندىن كېيىن رازى بولسا ئېلىپ قالىدۇ. ئاچچىقى كەلسە بىر سا خورما بىلەن ياندۇرۇپ بېرىدۇ.< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. ) 
13 - جۈمە نامىزىغا ئاخىرقى ئەزان چىققاندا سودا قىلىش. مۇسۇلماننىڭ جۈمە كۈنى ئىمام مۇنبەرگە چىقىدىغان ۋاقىتتا ئاخىرقى قېتىم ئەزان توۋلانغاندا بىر نەرسە سېتىش ياكى سېتىۋېلىشى توغرا ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن؛ >ئى مۆئمىنلەر! جۈمە كۈنى نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراپ بېرىڭلار. ئىلىم - سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار.(جۈمە: 9)<   
14 - مېۋىنى ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ مۇزابەنەت ۋە مۇھا قەلەت قىلىپ سېتىش. مۇسۇلماننىڭ ساپاقتىكى بىر كىلو ئۈزۈمنى بىر قاچا قۇرۇق ئۈزۈمگە سېتىشى، باشاقتىكى ئاشلىقنى بىر قاچا دانغا تىگىشىشى، ئۈزمىگەن ھۆل خورمىنى بىر قاچا قۇرۇق خورمىغا سېتىشى توغرا ئەمەس.
15 - نامەلۇم قىسمىنى ئېلىپ قېلىپ سېتىش: مۇسۇلماننىڭ بىر نەرسىنىڭ نامەلۇم بىر قىسمىنى سېتىشى توغرا ئەمەس. لېكىن ئايرىۋالىدىغان نەرسە ئوچۇق بولىشى كېرەك. مەسىلەن: ئەگەر بىر باغنى ساتسا نامەلۇم بىر تۈپ دەرەخ ياكى بىر تۈپ خورمىنى ئايرىۋېلىشى توغرا ئەمەس. بۇنداق بولغاندا ھارام قىلىنغان ئالدامچىلىق قىلغان بولىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھاقەلە ۋە مۇزابەنە قىلىپ سېتىش ۋە نامەلۇم بىر قىسمىنى ئايرىۋېلىپ سېتىشتىن توستى.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) 
بەشىنچى: مېۋىلەرنىڭ تۈپىنى سېتىش 
مۇسۇلمان خورما ياكى دەرەخ ساتسا، خورما پىشسا ۋە دەرەخ مېۋە بەرسە ئەگەر سېتىۋالغۇچى )مېۋىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى( شەرت قىلمىسا مېۋە ساتقۇچىغا تەۋە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى خورمىنى ساتسا ئۇنىڭ مېۋىسى ساتقۇچىنىڭ بولىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغۇچى شەرت قىلسا مېۋە شۇنىڭ بولىدۇ. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )< 
ئالتىنچى: جازانە ۋە پۇل ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا:
ئا - جازانە:

1 - جازانىنى تونۇشتۇرۇش: ئۇ مەخسۇس ماللاردىن كېلىدىغان ئۆسۈمدۇر. ئۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: ئۆسۈم جازانىسى ۋە نىسى جازانىدۇر.
ئۆسۈم جازانىسى: ئۇ بىر تۈرلۈك نەرسىنى جازانە يولى بىلەن ئوخشاش تۈرلۈك نەرسىگە ئارتۇق قىلىپ سېتىش. بۇ بىر كىلو بۇغداينى بىر يېرىم كىلو بۇغدايغا ياكى بىر كىلو خورمىنى بىر يېرىم كىلو خورمىغا ياكى يۈز كوينى بىر يۈز بىر كويغا ساتقانغا ئوخشاش.
نىسى جازانە ئىككى تۈرلۈك: جاھىلىيەتتىكى جازانە ئۇسۇلى. ئاللاھ - تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى مۆئمىنلەر! جازانىنى قاتمۇ - قات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. )< بۇنىڭ ماھىيتى: بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدە مۇھلەتلىك قەرزى بار. مۆھلەت توشماي تۇرۇپ قەىز بەرگۈچى، ياكى قەرزىمنى بېرىسەن ياكى قەرز سوممىسىنى كۆپەيتىمەن، دەيدۇ. ئەگەر قەرزنى ئادا قىلالمىسا مالنىڭ نىسپىتىنى كۆپەيتىپ يەنە بىر مۇددەت كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەتتاكى مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە نەچچە ھەسسە قاتلىنىدۇ. جاھىلىيەتتىكى جازانىڭ يەنە بىرى: بىر ئادەم بىر ئادەمگە ئون دىنارنى قىسقا ياكى ئۇزۇن مۇددەت بىلەن ئون بەش دىنارغا بېرەتتى.
يەنە بىر تۈرلۈك نىسى جازانىسى: ئۇ ئىككى خىل پۇلنىڭ بىرسى ياكى بۇغداي ياكى ئارپا ياكى قۇرۇق خورمىنى نىسى جازانە يولى بىلەن باشقا بىر نەرسىگە سېتىش. مەسىلەن: بىر ئادەم بىر كىلو قوناقنى مەلۇم ۋاقىتتا بېرىشكە بىر كىلو بۇغدايغا ياكى ئون كوي پۇلنى 11 كويغا ساتقانغا ئوخشاش.
2 - جازانىنىڭ ھۆكمى: جازانە ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن ھارام قىلىنغان: >ئاللاھ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى. جازانىنى ھارام قىلدى.< (سۈرە بەقەر:275.)؛ >ئەي مۆئمىنلەر! جازانىنى قاتمۇ - قات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار.< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ جازانە يىگۈچى، يىگۈزگۈچى، گۇۋاھ بولغۇچى ۋە جازانىنى يازغۇچىغا لەنەت قىلدى.< (ئىسھابۇل سۇنەنى رىۋايەت قىلغان. ) ؛ >بىر ئادەمنىڭ بىلىپ تۇرۇپ بىر دەرھەم جازانە يېيىشى 36 قېتىم زىنا قىلغاندىن يامان(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. )<؛ >جازانىنىڭ يەتمىش ئۈچ خىل گۇناسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىيسى ئۆزىنىڭ ئانىسى بىلەن توي قىلغانغا ئوخشاش. (ھاكىم رىۋايەت قىلغان.)< ؛ >يەتتە خىل ھالاكەتتىن قېچىڭلار.< ساھابىلار: >ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇلار قايسى؟< دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش، سېھىر قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ئۇرۇش كۈنلىرى جەڭدىن قېچىش، مۆئمىن، پاك، يامان ئىشلاردىن بىخەۋەر ئاياللارغا بۆھتان چاپلاش (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)< 
3 - جازانىنى ھارام قىلىشنىڭ ھېكمىتى: جازانىنى ھارام قىلىشتىكى ئوچۇق ھېكمەتلەردىن بىرسى - بارلىق قانۇنىي بۇيرۇقلاردىكى ئومۇمىي ھېكمەتنى كۈچەيتىش. بۇ قانۇنى بۇيرۇق بەندىنىڭ بويسۇنىشىنى ئەمەلىي ئىش - ھەرىكىتى بىلەن سىناشتۇر. بۇلار:
1 - مۇسۇلماننىڭ مېلىنى ناھەق يېيىلىپ كېتىشتىن توساش.
2 - مۇسۇلمانغا ئالدامچىلىق، ھىيلە - مىكىردىن خالىي، مۇسۇلمانلار ئارا ئۆچمەنلىك، غەزەپ - نەپرەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولغان تۈرلۈك ياخشى كەسىپلەر بىلەن مېلىنى كۆپەيتىشكە كۆرسەتمە بېرىش. مەسىلەن: دېھقانچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، دۇرۇس، توغرا بولغان تىجارەتكە ئوخشاش.
3 - مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئاداۋەتكە، ئايرىلىپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئۆزئارا غەزەپ - نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان يوللارنى ئېتىش.
4 - مۇسۇلماننى ھالاكەتكەن ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش. چۈنكى جازانە يىگۈچى بۇزۇق، زومىگەر بولىدۇ. بۇزۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىكنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقلارنىڭ گۇناھى ئۆزەڭلەرگە بولىدۇ.<
(يۇنۇس.) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >زۇلۇم قىلىشتىن قورقۇڭلار. ئېنىقكى زۇلۇم قىيامەت كۈنىسىنىڭ قاراڭغۇلىقىدۇر. ئاچكۆزلۈكتىن قورقۇڭلار. ئېنىقكى ئاچكۆزلۈك سىلەردىن ئىلگىركىلەرنى ھالاك قىلغان. ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكۈش، ھارام ئىشلىرىنى ھالال ساناشقا ئېلىپ بارغان.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. )< 
5 - مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئاخىرىتىگە ئوزۇقلۇق تەييارلاش ئۈچۈن ياخشىلىق ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بېرىش. بۇلار مۇسۇلمان ئۆز قېرىندىشىغا پايدا ئالماي قەرز بېرىدۇ، ئۆتنە بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ئاسانلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ئۇنىڭغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارا دوستلۇق كېڭىيىدۇ ۋە قېرىنداشلىق روھى، ئۆزئارا ياخشىلىنىش مەيدانغا كېلىدۇ.
4 - جازانىنىڭ ھۆكۈملىرى:
1( جازانىخورلۇقنىڭ ئاساسلىرى: بۇلار ئالتىدۇر. بۇلار ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، خورما، تۇز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئالتۇن ئالتۇنغا، كۈمۈش كۈمۈشكە، بۇغداي بۇغدايغا، ئارپا ئارپىغا، خورما خورمىغا، تۇز تۇزغا ئوخشاش باب باراۋەر، نەخمۇ نەخ سېتىلىدۇ. ئەگەر تۇ تۈرلەر ئوخشاشماي قالسا، نەخمۇ نەخ خالىغىنىڭلارچە سودا قىلىڭلار. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)< 
ساھابىلار، تابئىنلار، ئۆلىمالار )ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن( دىن تەكىب تاپقان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسى باشقا ئۆلچىنىدىغان ياكى جىڭلىنىدىغان نەرسىلەرنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئاشلىق دان، ياغ، ھەسەل، گۆش قاتارلىقلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.
2( بارلىق جازانىگە تەۋە ئىشلاردىكى جازانە ئۈچ خىل يول بىلەن بولىدۇ. بىر تۈرلۈكى: ئوخشاش بىر خىلدىكى مال ئۆزئارا ئالتۇن ئالتۇنغا، بۇغداي بۇغدايغا، خورما خورمىغا بىرسى يۇقىرى باھادا سېتىلىدۇ. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇكى، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بەرنىنىڭ خورمىسىنى ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: >بىلال، بۇ نەدىن كەلدى؟ بىلال: بىزنىڭ قېشىمىزدا سۈپەتسىز خورما بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاماق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىككى سانى بىر سا ياخشىسىغا ساتتىم، دىۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھە… جازانىنىڭ ئۆزى، جازانىنىڭ ئۆزى، ئۇنداق قىلما، سېتىۋالماقچى بولساڭ خورماڭنى ئايرىم سېتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشىسىنى ئال.< 
ئىككىنچى تۈرلۈكى: ئالتۇن ۋە كۈمۈش ياكى بۇغداي بىلەن خورمىغا ئوخشاش ئوخشىمايدىغان ئىككى تۈرلۈك نەرسە ياكى بىرسى بار، بىرسى يوق نەرسە بىر - بىرىگە سېتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: >يوق نەرسىنى نەق نەرسىگە ساتماڭلار<؛ >ئالتۇننى كۈمۈشكە نەخمۇ نەخ سېتىڭلار(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس )< 
ئۈچىنچى تۈرلۈكى: ئوخشاش تۈردىكى نەرسىلەر ئوخشاش باھادا سېتىلىدۇ. لېكىن ئىككىسىنىڭ بىرسى يوق، نىسى. مەسىلەن: ئالتۇن ئالتۇنغا، خورما خورمىغا ئوخشاش باھادا سېتىلىدۇ. لېكىن ئىككىسىنىڭ بىرسى يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بۇغداي بۇغدايغا نەخمۇ نەخ سېتىلمىسا جازانە بولىدۇ.<(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) 
3( تۈرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن جازانە بولمايدۇ. ماتا ئوخشاش بولمىغان باھادا جازانە قاتارىغا كىرمەيدۇ. لېكىن ئىككىنىڭ بىرسى نىسى بولسا جازانە بولىدۇ. شۇنىڭدەك مال نەق بار، پۇل يىراقتا بولسا نەرسە ئۆز باھاسىدا سېتىلغان بولسا جازانە بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ تۈگىسىنى سېتىۋالغان بولۇپ، پۇلىنى مەدىنىگە كېلىپ بەرگەن.
4( يېمەكلىكلەردىن جازانە بولمايدىغانلىرى:
مېۋە - چېۋە كۆكتاتلار جازانە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ ئاساسىي يېمەكلىك ئەمەس، يەنە كېلىپ جىڭلىنىدۇ ۋە ئۆلچىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەھى بايان بار.
】دىققەت【 ھازىرقى بارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى بانكىلارنىڭ ئەھۋالى كۆپىنچىسى جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، بەلكى ساپ جازانە ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ. شۇڭا بىر شەھەردىن بىر شەھەرگە پۇل يۆتكەشكە ئوخشاش زۆرۈرىيەت تېپىلمىغاندا، بانكىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرا ئەمەس. مۇشۇنىڭغا بىنائەن سالىھ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىگە جازانىدىن يىراق، بارلىق جازانە مۇئامىلىسىدىن خالىي بولغان ئىسلامى بانكا قۇرۇپ چىقىشى زۆرۈر.
تۆۋەندىكى قۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئىسلامى بانكىلارنىڭ تەخمىنى كۆرۈنىشى: شەھەر ئاھالىسىدىن تەركىپ تاپقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىر يەرگە كېلىپ )جفمائەت خەزىنىسى( نامىدا بىر ئورۇننى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ۋە شۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئىچىدىن باشقۇرالايدىغان، ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيدىغان بىلىملىك، ئىشەنچىلىك ئادەمدىن بىرنى تاللايدۇ.
بۇ خەزىنىنىڭ ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
1 - تاپشۇرۇلغان نەرسىلەرنى پايدا تەلەپ قىلماستىن قوبۇل قىلىش. )قېرىنداشلارنىڭ ئامانىتى ساقلاپ بېرىش( 
2 - قەرز بېرىش: مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا پايدا ئالماي ئۇلارنىڭ ئىرادىسى، كەسپىگە ماس ھالدا قەرز بېرىدۇ.
3 - يېزا - ئىگىلىك، سودا، بىناكارلىق، سانائەت ساھەلىرىدە شىرىكلىشىش: ئەگەر كەسىپتە نەتىجىگە ئېرىشىپ، غەزىنىگە پايدا بولىدۇ. دەپ قارىسا، غەزىنە ھەرقايسى ساھەدە ھەمكارلىشىدۇ.
4 - قېرىنداشلارنىڭ پۇللىرىنى باشقا بىر شەھەرگە ھەقسىز يۆتكەپ بېرىشكە ياردەملىشىش، ئەگەر بانكىنىڭ شۇ شەھەردە تارمىقى بولسا.
5 - يىل بېشىدا بانكا ھېساۋاتىنى بوغۇش ۋە چىققان پايدىنى ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىغا قاراپ تارقىتىپ بېرىش.
2 - تەمىنلەش توغرىسىدا: سالىھ مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن تەركىپ تاپقان شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئويلاشقىنىچە ياكى بىرلىككە كەلگەن بويىچە ھەربىر شەخىس مۇئەييەن نىسبەتتە باراۋەر ھالدا ياردەم بېرىدىغان ئىئانە ساندۇقى شەكىللەندۈرسە بولىدۇ. بۇ ساندۇق خۇسۇسەن ھەمكارلاشقۇچى قېرىنداشلارغا مەخسۇس ۋەخپە بولىشى كېرەك. بىر ئادەمگە ئوت كەتسە، مېلى زايا بولۇپ كەتسە ياكى بىرەر كېسەلگە دۇچار بولسا، ئىئانىدىن غېمىنى يەڭگىللەتكۈدەك بىر نەرسە بېرىلىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكىلەرنى ئويلۇنۇپ بېقىش كېرەك:
① ھەمكارلاشقۇچى ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەمكارلىقىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىشى لازىم.
② ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك، باراۋەر ئاساستا ئۈستىگە ئالالىغۇدەك ئۆلچەمنى توختاتقاندەك مۇسبەتدارلارغا بېرىلىدىغان ئۆلچەمنى بەلگىلەش كېرەك.
③ سودا - تىجارەت يوللىرى ۋە بىناكارلىق كېلىشىملىرىنى، توغرا بولغان سانائەت ئىشلىرى بىلەن ئىئانە ساندۇقىنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتسە بولىدۇ.
ب: ئالماشتۇرۇش 
1 - ئالماشتۇرۇش دېگىنىمىز: دنارنى ئالتۇنغا، دىرھەمنى كۈمۈشكە ساتقانغا ئوخشاش ئىككى خىل نەق پۇلنى بىر - بىرىگە سېتىش.
2 - ئالماشتۇرۇشنىڭ ھۆكۈمى: ئالماشتۇرۇش توغرا. چۈنكى ئۇ سودا. سودا قىلىش قۇرئان، ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە توغرا. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: >ئاللاھ ئىلىم - سېتىمنى ھالال قىلدى.< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئالتۇننى كۈمۈشكە نەخمۇنەخ خالىغانچە سېتىڭلار.< 
3 - ئالماشتۇرۇشنىڭ ھېكمىتى: ئالماشتۇرۇشنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىنىڭ ھېكمىتى ئۆزىنىڭ نەق پۇلىنى موھتاجبولغان يەنە بىر پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش بىلەن مۇسۇلمانغا كۆيۈنۈش.
4 - ئالماشتۇرۇشنىڭ شەرتلىرى: ئالماشتۇرۇشنىڭ توغرا بولىشىدا مال سورۇننىڭ ئۆزىدە نەخمۇ - نەخ تۇتۇپ تۇرۇلغان بولىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن ئالماي تۇرۇپ ئايرىلما.< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >نەق بولمىسا ئالتۇن قەغەز پۇلغا ستىلسىمۇ جازانە بولىدۇ.< بۇ گەپنى ئۆمەر تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاغا دېگەن. ئۆز ۋاقتىدا مالىك ئىبنى ئەۋس ئۇنىڭدىن پۇل ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى سوراپ. بىر نەچە دىنار ئېلىپ ئۇنىڭغا: >خەزىنە خىزمەتچىم سەپەردىن قايتىپ كەلگۈچە ساقلاپ تۇر.< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) يەنى شۇ چاغدا غەزىنىچىسى دىرھەملەرنى بېرىدۇ، دېگەن.
5 - ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەھكاملىرى، ئالماشتۇرۇشنىڭمۇ ھۆكۈملىرى بار. ئۇلار:
1( ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرۇش توغرا ئەگەر بىرسى تارازىدا زىياندە قىلىۋالماي بىرلىككە كەلسە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن؛ >ئالتۇن ئالتۇنغا نەقمۇ - نەق سېتىلىدۇ. كۈمۈش كۈمۈشكە نەقمۇ - نەق سېتىلىدۇ. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)< 
2( نەق بولسا جىنسى تۈرى ھەرخىل بولسىمۇ ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقانغا ئوخشاش باھاسى ئاشۇرۇلۇپ، ياخشى ياخشىچە سېتىلسا توغرا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >نەرسىلەرنىڭ تۈرى ھەرخىل بولسا، ئەگەر نەق بولسا قانداق خالىساڭ شۇنداق سېتىڭلار. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)< 
3( ئىككى ئالماشتۇرغۇچى مالنى تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى ئايرىلىپ كەتسە ئالماشتۇرۇش ھېساب بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: >نەقمۇ - نەق<، >قولمۇ - قول(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)< دېگەن.
يەتتىنچى: توختام 

1 - ئۇ مالنى سان - سۈپەتلىرى بىلەن توختام كۈنىنى يېزىپ، مال تاپشۇرۇشنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە دەپ كېلىشىپ، پۇلنى بېرىپ مال ساقلاشتۇر. ۋاقىت توشقاندا ساتقۇچى مالنى ئەكېلىپ بېرىدۇ.
2 - توختامنىڭ ھۆكمى: توختام قىلىش توغرا. چۈنكى ئۇمۇ بىر تۈرلۈك سودا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >بىر نەرسە توغرىسىدا توختام تۈزۈشكە ئادەم ئۆلچەم، مىقدارى ۋە ۋاقتىنى ئېنىق قىلىپ توختام تۈزسۇن. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.)< ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: >رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كەلدى. ئۇلار مېۋىلەردە بىر يىل ياكى ئىككى ياكى ئۈچ يىللىق توختام تۈزۈشتى.(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)< 
3 - توختامنىڭ شەرتلىرى: توختامنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەر شەرت قىلىنىدۇ:
1( مەيلى ئالتۇن ياكى كۈمۈش ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان پۇل بولسۇن، نىسى جازانە بىلەن ساتالماسلىقى ئۈچۈن نەق بولىشى كېرەك.
2 - سېتىلىدىغان مال ئۆزىگە خاس بولغان بارلىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىشى لازىم. مەسىلەن: ئۇنىڭ خېلى، تۈرى، مىقدارى قاتارلىقلار. بۇنداق بولغاندا مۇسۇلمان بىلەن قېرىندىشى ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىختىلاپ كېلىپ چىقمايدۇ.
3 - توختۇتۇلغان ۋاقىت ئېنىق بولىشى لازىم. مەسىلەن: يېرىم ئاي ياكى ئۇزۇنراق دېگەندەك.
4 - ھارام قىلىنغان قەرزنى قەرزگە سېتىش بابىدىن بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن پۇل سورۇندا نەق بولىشى كېرەك. بۇ شەرتلەرنىڭ ئەسلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدۇر: >كىمكى توختام تۈزمەكچى بولسا مەلۇم سۈپەت، مەلۇم مىقدار، مەلۇم ۋاقىت ئۈستىدە توختاملاشسۇن. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)< 
توختامنىڭ ھۆكۈملىرى:

1 - مۇددەت. بازار نەقى ئۆزگىرىپ كېتىپ بولغىچە توشۇش كېرەك. مەسىلەن: بىر ئايدەك ئازغىنە مۇددەت ئىچىدە توختام تۈزۈشنىڭ ھۆكمى سودىنىڭ ھۆكۈمىگە ئوخشايدۇ. سودىدا مالنى كۆرۈش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش شەرت قىلىنىدۇ.
2 - مۇددەت. كۆپىنچە تاپشۇرۇپ ئېلىنىدىغان مالنىڭ چىقىدىغان ۋاقتى توغرا كېلىشى كېرەك. مەسىلەن: ئەتىيادا ھۆل خورما، قىشتا ئۈزۈم توغرىسىدا توختام تۈزۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلار ئارا بۆلۈنۈپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ.
3 - ئەگەر كېلىشىمدە مالنى تاپشۇرىدىغان ئورۇن تىلغا ئېلىنمىغان بولسا، مالنى توختام تۈزۈشكەن ئورۇندا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۇ تىلغا ئېلىنغان بولسا ۋە مالنى تاپشۇرۇۋېلىشقا مەخسۇس ئورۇن بېكىتىلگەن بولسا، ئىككەيلەن مالنى تاپشۇرۇۋېلىشقا بىرلىككە كەلگەن بولسا، مالنى ئاشۇ يەردە تاپشۇرۋېلىش لازىم بولىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلار شەرتكە ئەمەل قىلىدۇ.   
سودا ھۆججىتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
بىسمىللاھ دەپ ئاللاھقا ھەمدە، رەسۇلۇللاھقا سالام ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، پالانى پالانىدىن مۇنداق نەرسىلەرنى ئالدى. ئىككىلىسى ساغلام، ئەقلى ھوشى جايىدا، ئىشلىرى دۇرۇس ئىدى. ئۇ پالانىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پالانى شەھەر ياكى پالانى كەنىتتىكى مانداق مەھەللىگە ئورۇنلاشقان پۈتۈن بىر قورۇنى زېمىننى، ئاستىن - ئۈستۈن بىنالىرى بىلەن سېتىۋالدى. سۈپىتى كۆرگەنكىدەك. بۇ قورۇ مۇنداق، مۇنداق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ سودىلاشقۇچى بۇ قورو شەرق تەرەپتىن پالانى دەپ ئاتالغان پالانىنىڭ تۇرالغۇسى، غەرب تەرەپتىن مانداق، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپتىن مۇنداق، تەرەپلەر بىلەن چىگىرىلىنىدۇ، دەپ بارلىق مەنپەئەتلىنىدىغان ئورۇن، خۇلۇم - خوشنا، يول، كوچا، ئاستىن - ئۈستۈن تەرەپلىرى، ياغاچ تاشلىرى، ئىشىك، دېرىزىلىرى، سۇ ماڭىدىغان يەرلىرى ھە شۇ ئۆينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بار بولغان ھەممە نەرسىلەرنى ئايرىۋېلىش ۋە سودىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سودىنى بۇزىۋېتىدىغان بارلىق شەرتلەردىن خالىي بولغان قانۇنى سودىغا بىرلىككە كەلدى … مەزكۇر سېتىۋالغۇى ئۈستۈنكى قەۋەتنى مەزكۇر ساتقۇچىغا بەردى. ساتقۇچى ئۇنى قانۇنى جەھەتتە ئالدى. مەزكۇ ساتقۇچى سۈپەتلەنگەن سېتىلىدىغان يەرنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى. ئۈستۈنكى قەۋەتنى ئېلىپ قالدى. سېتىلغاننى سېتىۋالغۇى قانۇنى جەھەتتە تاپشۇرۇپ ئالدى. سودىلشقۇچى ئىككى تەرەپ بىرسى بىرسىگە ئىختىيار قويۇشتى. ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سودىنى پۈتتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىشقا كېلىشتى ۋە ئىككىسى تونۇشلىرىنى گۇۋاھلىققا تارتىپ ئايرىلىپ كېتىشتى. گۇۋاھچىلار پالانى پالانى، بۇ مۇنۇ تارىخ بىلەن تامام بولدى.
تاپشۇرۇۋېلىش توختامىنىڭ يېزىلىشى:
ئاللاھقا ھەمدۇ - سانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، پالانى پالانىدىن مۇنداق، مۇنداق نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. مۇنداق، مۇنداق ئىشلاردا ئىككىسى توختام تۈۈشتى. مەسىلەن: بۇغدايدىن )تۈرى يېزىلىدۇ( ماۋۇ ئەللەرنىڭ ئۆلچىمى بىلەن مانچىلىك. ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا مالنى تولۇق ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن پالانى يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. قەپ قالغان مالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەر ۋە پۇلنى بېرىشكە قادىر بولىدىغان ۋاقىت يېزىلىدۇ. قانۇنىي توختامدىكى مال سودا پۈتۈشكەن ئورۇندا بېرىلىپ. ئۇنىڭ سوممىسى يېزىلىدۇ. كېيىن سودا پۈتۈشكەن تارىخ يېزىلىدۇ.
توققۇزىنچى: سودىنى بۇزۇش:
1 - سودىنى بۇزۇش سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى ياكى ئىككىلىسى پۇشايمان قىلغاندا سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سودىنى تەرىك ئېتىش، پۇلنى ئىگىسىگە، مالنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشتۇر.
2 - ھۆكمى: سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى تەلەپ قىلغاندا كېلىشىمنى بۇزۇش مۇستەھەپ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى مۇسۇلمان بىلەن بولغان سودىنى بۇزسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بوسوغۇسىنى بۇزىۋېتىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماججە، ھاكىملار رىۋايەت قىلغان. )<؛ >كىمكى پۇشايمان قىلىپ سودىنى بۇزسا، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى پۇشايمان قىلدۇرىدۇ. (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان.)< 
3 - ئۇنىڭ ئەھكاملىرى: كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئەھكاملىرى تۆۋەندىكىچە:
)1( سېتىلغان نەرسىلەرنىڭ بەزىسى بۇزۇق چىققان بولسا كېلىشىمنى بۇزۇش توغرا.
)2( كېلىشىمنى بۇزۇشتا پۇلنى كېمەيتىش ياكى كۆپەيتىش توغرا ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولسا سودا بۇزۇلمايدۇ. ئۇ يېڭى سودا بولىدۇ.     
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-21 15:28 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.076901(s) query 3, Time now is:10-23 02:28, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation