قوغۇن بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 قوغۇن


تونۇش  بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ،  غولى ياماشقۇچى غول بولۇپ، ئۈستىدە يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى دۈگىلەك، تۇخۇم شەكلىدە ياكى بۆرەك شەكلىدە، گۈلى سېرىق كېلىدۇ. مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپىس شەكلىدىكى شىرنىلىك مېۋە بولۇپ، يۈزى سىلىق، تەمى تاتلىق، خۇش پۇراق كېلىدۇ. خىللىرى كۆپ بولۇپ، مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئۆسۈش ئورنى  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ  ئۆستۈرۈلىدۇ.
دورىلىق قىسمى  دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، ئېتى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش  بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسىنى ئۈزۈپ  تىلىپ،  ئۇرۇقى ۋە ئېتىنى ئايرىم قۇرۇتۇپ  تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى  ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى  سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەنگە ئوزۇق بولۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، تەرەت يۇمشىتىش، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى  ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
قوغۇن تەركىبلىك رېتسېپلار  

قوغۇننى مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلسا،  بەدەننى سەمرىتىپ،  قىزىتما ۋە يارقان ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ؛  سۈيدۈكنى، تەرنى ۋە سۈتنى راۋان قىلىپ، دوۋسۇن ۋە بۆرەكتىكى تاشلارنى چىقىرىدۇ.
قوغۇننىڭ ئېتىنى  كۆزگە چاپسا، كۆز ئاغرىقى ۋە كۆزدىكى ئىششىقلار ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوغۇننى  توغرىغا بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا،  تېرىدىكى ئىزنى ۋە قارا داغلارنى يوقىتىدۇ.
قوغۇننىڭ  قۇرۇتۇلغان شاپىقىنى دەملەپ ئىچسە، بۆرەك ۋە دوۋسۇندىكى ئۇششاق تاشلارنى ئېزىپ چىقىرىدۇ.
Posted: 2008-01-21 17:35 | [ئاپتور]
kuysoyar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 3 نومۇر
تەڭگىسى : 30 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-28

 

تاۋۇز چۇ تاۋۇز زىيان قىلماس 
Posted: 2008-02-02 18:19 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئۆسۈملۈكلەر

Total 0.087504(s) query 4, Time now is:03-17 17:41, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation