ھەمشىرىلەر BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ھەمشىرىلەر تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 36ـ كۆرۈرمىنى
burkut2005

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 275
شۆھرىتى: 289 نومۇر
پۇلى: 39 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-21

 ھەمشىرىلەر


ھەمشىرىلەر
(1)


  فاتىمە كۆزىنى ئاچقاندا دادىسى ئاللىقاچان كېتىپ قالغانىدى، يېنىدا پەقەت ئاپىسى كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىغان، بىر نۇقتىغا تىكىلىگەن ھالدا ئولتۇراتتى. فاتىمە ئاپىسىغا بىر دەم قاراپ ياتتى، لېكىن ئاپىسى ئۇنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى سەزمىگەندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى. ئاندىن ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئاپىسى ئۇنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا قارىدى.
  ئاپىسىنىڭ نەزىرى شۇنچىلىك سوغۇق، ئۇنىڭ قارىشىدىن قىزىغا ئىچى ئاغرىۋاتقانلىقىنى، ياكى خوپ بولدى، تارتقۇلۇقۇڭنى تارتتىڭ، دەۋاتقانلىقىنى فاتىمە بىلەلمىدى. ئۇمۇ ئاپىسىغا سوغۇق نەزەر بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن ھالسىز بەدەنلىرىنى كۆتۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
  --نەگە ماڭدىڭ؟!—دېدى ئاپىسى بوغۇق ئاۋازدا. فاتىمە جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇنىڭ ئەمدى ئاپىسىغا بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇسى يوق ئىدى.
  فاتىمە تازىلىق ئۆيىدىكى ئەينەككە قاراپلا چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ سول مەڭزىدە بەش بارماقنىڭ ئىزى شۇ پېتىلا چىقىپ قالغان ئىدى. پېشانىسى تۇخۇمدەك ئىششىپ چىققانىدى. بېلەكلىرىمۇ كۆكۈرۈپ كېتىپتۇ، دۈمبىسىمۇ ئاغرىۋاتىدۇ، بەلكىم كۆكەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يۈرىكى چۇل-چۇل بولۇپ كەتتى!! ئۇنىڭ دادىسى قانچىلىك كۈچكۈڭگۈر ئادەم. ئۇنىڭ تاياقلىرىنى بۇ ئورۇققىنە قىز كۆتۈرەلەيتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىچۇ؟ ئېرىنىڭ، توغرىسى بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قىزىنى شۇنچىلىك ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇشىغا ھاي دېمەستىن قاراپلا تۇردى. ئەجىبا بۇلار ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ھە!! ئۇنىڭ ھەدىسىچۇ؟ كىچىك چېغىدا دادىسى بىر قېتىم ھەدىسىنى ئۇرغاندا ئۇ دادىسىنىڭ پۇتىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، دادىسى ئۇنى تېپىۋەتسىمۇ يەنە ئېسىلىۋېلىپ ھەدىسىنى تاياقتىن ساقلاپ قالغانىدى. لېكىن ھەدىسىمۇ بولدى دادا، دېيەلمىدى. پەقەت بىر بۇلۇڭدا يىغلاپلا ئولتۇردى، تاكى ئۇ تاياق زەربىسىدىن ھوشىدىن كەتكۈچە....
  سوغۇق سۇ ئۇنى بىر ئاز سەگىتتى. ئۇ مۇزدەك سۇ بىلەن يۈزىنى قايتا-قايتا يۇيدى، ئارقىدىنلا بۇنداق يۇيۇشنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى يادىغا يېتىپ بېلەكلىرىنى يۇيۇشقا باشلىدى. تاھارەتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياغلىق ۋە يېپىنچىسىنى ئىزدىدى.
  توغرا، ئۇنىڭ ياغلىقلىرى بايا دادىسى تەرىپىدىن يىرتىۋېتىلگەن، ھازىر بىرمۇ ياغلىقى قالمىدى. دادىسى قايچا بىلەن ئۇنىڭ ياغلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى پارچە-پارچە قىلىپ كېسىۋەتكەنىدى. ئۇنداقتا نامازنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ چامانىدىن تېخى چىقارمىغان بىر يېپىنچىسىنى ئالدى، ئاندىن بىر ئىچ مايكىنى ئالدى، مايكىنى بېشىغا ئوراپ چاچ ۋە بويۇنلىرى ئازراقمۇ كۆرۈنمىگەنلىكىگە جەزىم قىلغاندىن كېيىن تەكبىر بىلەن نامازنى باشلىدى.
  --ھۇ ئەقلى يوق دۆت!! ئاتا-ئاناڭنى قاقشىتىپ جەننەتكە كىرگىنىڭنى بىر كۆرەي، بىزنى ئەنسىرىتىپ، مۇشۇنچە قاقشىتىپ تېخى ناماز ئوقۇيدىكەن. بۇنداق ئوقۇغان نامىزىڭ نۆلگە تەڭ!—ئاپىسى سىرتتىكى ئۆيدە بىر نېمىلەرنى دەپ توۋلاۋاتاتتى. فاتىمە نامىزىنى ئوقۇۋەردى. ھەرھالدا ئاپىسىنىڭ باشقا كۈنلەردىكىدەك يۈگۈرۈپ كىرىپ بېشىدىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ، نامىزىنى بۇزۇۋەتمىگەنلىكىگىلا خوشال ئىدى.
  --ئى ئۇلۇغ ئاللاھ!—دەيتتى ئۇ دۇئاسىدا،--مېنى كافىرلارنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن، ماۋۇ ئائىلەمدىكى مۇنافىقلارنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن. ماڭا ھېچبولمىسا ئىبادىتىمنى خاتىرجەم قىلغۇدەك بىر ماكان بەرگىن، بۇ يەردىن مەكتىپىمگە ساق-سالامەت بېرىۋالغىلى نېسىپ قىلغىن....
  --بۇ ياققا چىق! ساڭا دەيدىغان گېپىم بار،--دەپ توۋلىدى ئاپىسى. ئۇ كارىنى قىلماي قولىدىكى كىتابىغا قارىغىنىچە ئولتۇرۇۋەردى.
  --مەن ساڭا بۇ ياققا چىق دېدىمغۇ!—دېدى ئاپىسى يۈگۈرۈپ كىرىپ، غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن كىتابنى يۇلۇپ ئالدى.
  --مېنىڭ ساڭا دەيدىغان گېپىم يوق!—دېدى ئۇ تۆۋەن، لېكىن تولىمۇ قەتئىي تەلەپپۇزدا.
  --سەن مېنى «سەن» لەۋاتامسەن؟--ئاپىسى قولىدىكى كىتاب بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى،--قۇرۇپ كەتسۇن نامىزىڭ! قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق دىنىڭ! قۇرۇپ كەتسۇن خۇدايىڭ! ساڭا ئاپىسىغا تىل تەگكۈزۈشنى ئۆگەتكەن ئۇنداق خۇداغا لەنەت!
  --ئاغزىڭنى يۇم!—دېدى ئۇمۇ بوش كەلمەي،--يەنە دىنىمنى چىشلەپ تارتىدىغان بولساڭ مەندەك بالىنى تۇغقىنىڭغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىمەن! بۇ ئۆيدىن چىق!
  ئاپىسى ياقىسىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپلا قالدى. بەلكىم كىچىكىدىن تارتىپ شوخ بولسىمۇ ئاپىسىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، كۆيۈمچان قىزىنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكىنىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتقاندۇ. بايا قىزىنىڭ دادىسىغا تىل ياندۇرۇپ زوكۇنلاشقىنىنى كۆرگەندە ھەيران قالغان بولسىمۇ ئۆزىگىمۇ بۇنداق تىل ياندۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
  ئاپىسى ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ نېمىدېگەن بەختلىك قىز ئىدى! ھېچبولمىسا ئۇ ئۆزىنى شۇنداق ھېسابلايتتى. ئاتا-ئانىسى كىچىكىدە ئاجرىشىپ كەتكەن، دادىسى كېيىن قايتا توي قىلدى، لېكىن ئاپىسى توي قىلمىدى. دادىسى ئۇلار بىلەن ئاز دېگەندىمۇ ھەپتىدە بىرەر قېتىم كۆرۈشۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش راسخوتىنىمۇ دادىسى تۆلەيتتى. يەنە كېلىپ ئاتا-ئانىسى ئىككىلىسىلا ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نەتىجە ئېلىپ ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىدە ئۇلارنىڭ قانچىلىك خوشال بولغىنىنى دېمەيلا قويۇڭ.
  ئۇلار تەييارلىقنىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇيتتى. تەييارلىقتىكى ياتاقداشلىرى ئىچىدە بىر قىز ناماز ئوقۇيتتى. تولىمۇ ئەدەبلىك ۋە تىرىشچان قىز ئىدى. ياتاقتىكى ھەممەيلەن ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. فاتىمە كىچىكىدىن تارتىپ ھېچقانداق دىنىي تەربىيە ئېلىپ باقمىغاچ ئۇنىڭ ناماز ئوقۇشىنى بەلكىم ئۆيىدىكىلەر زورلىغاچقا شۇنداق قىلامدىكىن، دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئارزۇ-ئۈمىدلىرى تولۇپ-تاشقان بىر ياشنىڭ بۇنداق خۇراپىي ئىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ئىدى.
  --دىلنۇر، جۈرۈڭ ۋالىبول ئويناپ كىرەيلى.
  --رەھمەت فاتىمە. بىردەمدىن كېيىنلا ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قالىدۇ. مەن چىقماي.
.....
  --دىلنۇر، كەچتە مەكتەپ كىنوخانىسىدا بەك پەيزى كىنو بار ئىكەن، كۆرۈپ كىرەمدۇق؟
  --بولدى، سىلەر چىقىڭلار، مەن بۈگۈن تاپشۇرۇق ئىشلەي.
  --ئەتە دېگەن يەكشەنبە، ئەتە ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇغۇ؟
  --ئەتە مەسچىتتە بىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم. قۇرئان ئۆگەنمەكچىدۇق.
.....
  --دىلنۇر، ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئەتە قىزلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى «ئەپەندىم تېز تاماقخانىسى» غا تاماققا چاقىردىم. كەچ سائەت بەشتە، ۋاقتىدا بېرىڭ.
  --ھە؟ ئەتە...ئەتە مېنىڭ ئىشىم بار ئىدى...
  --ۋاي-ۋۇي، سىزنىڭلا ئىشىڭىز تۈگىمەيدۇ. ئىش دېگەننى قاچان قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم يىلىغا ئاران بىرلا قېتىم كېلىدۇ.
  --راستىنى ئېيتسام...تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش دىنىمىزدا چەكلەنگەن. شۇڭا....كەچۈرۈڭ، بارالمايمەن.
......
  مۇشۇنداق پاراڭلاردىن كېيىن ياتاقداشلار بارا-بارا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازراق بىزارلىق ھېس قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىندا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىگە قايىل بولماي قالمىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئوچۇق-يورۇق، ھەممە ئىشنى تۈجۈپىلەپ قىلىدىغان مىجەزى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايتتى. بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇ مەسچىتتىكى قۇرئان ئۆگىنىشىدىن كېيىن ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپاندىن بىرنى كىيىپ، بېشىغا ياغلىق ئارتىپ كېلىۋېدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشتى.
  ئۇزۇن ئۆتمەيلا رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى. ياتاقتىكى قىزلار ئادەتتە دىنغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىگەن بىلەن رامىزاندا ھەممىسى تەقۋادارلاردىن بولۇپ كېتىشتى. ئەتىگەندە كىم ئورنىدىن بۇرۇن تۇرسا شۇ باشقىلارنى ئويغىتاتتى، بۇنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا «بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلارنى سوھۇرغا مەن ئويغىتىمەن...» دەپ ماختىنىشىغا پايدىسى بار ئىدى. سەھەردە ھەممەيلەن بىرلىكتە مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا چىقىپ تاماق يېگەندىن كېيىن، دىلنۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىللە دۇئا قىلىشىپ قايتىپ كىرەتتى. ئىككى قىز يەنە بىر ۋاق ناماز باشلىۋالغانىدى. ئەلۋەتتە فاتىمەمۇ سەپتىن قالماي روزا تۇتۇشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى. شۇغىنىسى ئۇ روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبىنى تازا بىلىپ كەتمەيتتى. ياتاقتا قىزلارنىڭ «بىلەمسىلەر، روزا تۇتسا سالامەتلىككە بەك پايدىلىقكەن....بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز نېمە دېگەن ئۇلۇغ دىن» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندا بىر ئىلاھىي سېزىم ئۇنىڭ بەدىنىنى بىردەملىك چۇلغىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىيۇ، بۇ سېزىم بىردەملا يوقاپ كېتەتتى. بولۇپمۇ كۈندۈزى ئۇيقۇسىراش ۋە قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىك سەەۋەبىدىن دەرس ۋە ئۆگىنىش خوشياقمىغاندا ئۇ روزا تۇتۇشتىن بەكلا زېرىكەتتى.
رامىزاننىڭ 27-كۈنى كەچتە، قىزلار بىرلىكتە تۈنىمەكچى بولدى. بۇ دەل جۈمە كەچكە توغرا كەلگەچ، قىزلار ئەتىسى خاتىرجەم ئۇخلىۋالسىمۇ بولاتتى. ئۇلار بىردەم گازىر چاققاچ ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن پاراڭ سوقۇپ ئولتۇردى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تۈنەش پەقەت كېچىسى ئۇخلىماسلىق ئىدى. دىلنۇر بالكونغا ناماز ئوقۇۋاتاتتى.
--ھەي قىزلار، دىلنۇر بالكوندا ناماز ئوقۇسا توڭۇپ كەتمەسمۇ؟ ھەي فاتىمە، چىقىپ چاقىرىپ كىرگىنە، ياتاقتا ئوقۇسۇن، بىزمۇ تۆۋەنرەك ئاۋازدا پاراڭلىشايلى.
فاتىمە بالكونغا ئەڭ يېقىن بولغاچقا، ئورنىدىن تۇرۇپلا بالكونغا قاراپ ماڭدى. 12-ئاينىڭ سوغۇقى بالكوننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى بىلەنلا ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ چىققاندا دىلنۇر دۇئا قىلىۋاتاتتى.
--دىلنۇر، نامازنى ياتاق ئىچىگە كىرىپ ئوقۇڭە، بۇ يەر بەك سوغۇقكەن،--دېدى ئۇ، لەۋلىرى سوغۇقتىن تىترەپ كەتتى.
  --ھە، مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ تۇراتتىم، رەھمەت سىزگە،--دىلنۇرنىڭ بۇرۇن ئۇچى قىزىرىپ كەتكەنىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قانچىلىك توڭلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى.
  --قىزلار، بۈگۈن كېچە قانداق كېچە، بىلەمسىلەر؟--دېدى دىلنۇر ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ.
  --ياق،--قىزلار قايسىڭلار بىلىسىلەر، دېگەندەك بىر-بىرىگە قاراشتى.
  --پەيغەمبىرىمىزگە قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچە. ئاللاھ قۇرئاننى قەدىر كېچىسى نازىل قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. قەدىر كېچىسى ناھايىتى ئۇلۇغ، بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئاللاھ چەكسىز ساۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئون كۈنى ئىچىدىكى تاق كۈنلەردىن ئىزدەڭلار، دېگەن ئىكەن، كۆپ قىسىم ئالىملار 27-كېچە، دەپ قارايدىكەن. ئەگەر خالىساڭلار، مەن بىردەم قۇرئان ئوقۇپ بېرەي.
  --ئەجەب ياخشى.—دېيىشتى قىزلار،--ياغلىق چىگىپ ئولتۇرامدۇق، يا چىگمىسەكمۇ بولامدۇ؟
  --ئىختىيارىڭلار،--ئۇ شۇنداق دەپ قۇرئاننى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بەلكىم ئۆزى كۈندە ئوقۇۋاتقاچ، دەل شۇ يەرگە كەلگەن بولسا كېرەك، قۇرئاننىڭ قىزىل يىپى شۇ يەردە ئىدى:
« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [1]. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر [2]. اﷲ نىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، (اﷲ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇ)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر [3]. اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، اﷲ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، اﷲ سىلەر بىلەن بىرگە، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [4]. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، ھەممە ئىش اﷲ قا قايتۇرۇلىدۇ [5]. اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر [6]. اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، اﷲ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ [7]. (ئى كۇففارلار!) سىلەر نېمىشقا اﷲ قا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ، اﷲ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئەگەر ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلساڭلار (ئىمانغا ئالدىراڭلار) [8].»......①
ئۇ ئاستا، تولىمۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيتتى. بۇ چاغدا فاتىمەنىڭ قەلبىنى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر سېزىم، تولىمۇ ئۇلۇغ، تولىمۇ ئۇلۇغ بىر ئىلاھىي سېزىم چۇلغىۋالدى. ھەربىر ئايەت، ھەربىر سۆز ئۇنىڭ قەلبىدە ئەكس سادا پەيدا قىلماقتا ئىدى.
  --ماۋۇ ھەدىس توپلىمى، خالىساڭلار بۇنى كۆرگەچ ئولتۇرۇڭلار،--دېدى دىلنۇر بۇ سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر كىتابنى سۇنۇۋېتىپ،--مەن يەنە بىردەم ناماز ئوقۇۋالاي.
  --دىلنۇر، مەن سىز بىلەن بىللە ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟--دېدى ئايگۈل ئىسىملىك قىز، ئۇنىڭ كۆزلىرى نېمىشقىدۇر نەملىشىپ قالغانىدى،--مەنمۇ ناماز ئوقۇيالايمەن، ئاپامدىن ئۆگەنگەن.
  --بولىدۇ، جۈرۈڭ ئەمىسە، چىقىپ تاھارەت ئېلىپ كىرەيلى. مەنمۇ تاھارىتىمنى يېڭىلىۋالاي. «تاھارەت ئۈستىگە تاھارەت، گۈل ئۈستىگە گۈل قويغاندەك». ②
  ئۇلار ئىككىسى سىرتقا قاراپ ماڭدى، فاتىمەمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.....
قىشلىق تەتىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، تەتىلدە ئۆگىنىش قىلىشنى باھانە قىلىپ ئۆيىگە قايتمىدى، دىلنۇرمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قالدى.
  --دىلنۇر، سىزگە بەك ھەۋىسىم كېلىدۇ،--دېدى بىر كۈنى فاتىمە.
--نېمىشقا؟
  --سىز كىچىكىڭىزدىن ياخشى ئىسلامىي تەربىيە بىلەن چوڭ بولغان ئىكەنسىز. لېكىن مەن ئىسلامدىن پۈتۈنلەي يىراق بىر مۇھىتتا چوڭ بولدۇم. دادام ساقچى، ئاپام ئوقۇتقۇچىسى. نېمە ئوقۇتقۇچىسى دېمەمسىز؟ بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، سېپى ئۆزىدىن ئىنسان مايمۇندىن تۆرەلگەن دەيدىغىنى. دادام ساقچى بولغانلىقتىن ئەزەلدىن ھېيت نامىزىغىمۇ بارمايدۇ. ھازىر ئويلىسام ئۇلار ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
--راستىنى ئېيتسام مەنمۇ سىزدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان،--دېدى دىلنۇر پەس ئاۋازدا.
--راستمۇ؟ بىز تېخى سىزنى موللامنىڭ قىزىمىكىن دەپ يۈرۈپتۇق،--دېدى فاتىمە ئىشەنگۈسى كەلمەي.
--دادام ناھىيەمىزنىڭ ھاكىمى،--دېدى دىلنۇر خىجىل بولغاندەك تەلەپپۇزدا،--ئاپام ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇلار ئىككىلىسى بەك قىزىل پاچاق. مېنىڭ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىمنى بىلگەندە دادام تاس قالغان مېنى ئۇرۇپ ناكا قىلىپ قويغىلى، لېكىن ئاكام بىلەن ئاپام ئىككىسى توسۇۋالغان. مەن ناماز ئوقۇشنى ۋە ئىسلامغا دائىر بىلىملەرنى ئاكامدىن ئۆگەنگەن. دېسەم چوقۇم ئىشەنمەيسىز، ئاكام ماڭا ئىسلامنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مەن نەگە بارسام شۇ يەرگە كەينىمدىن باراتتى، ھەتتا دېسكوخانىغا كىرسەم كەينىمدىن بىللە كىرىپ ماڭا ئايەت-ھەدىس سۆزلەيتتى. مەن ئاكامغا «بولدى ئاكا، ئاۋارە بولما، بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى ناماز ئوقۇيدىغان قىلىۋەتسەڭمۇ مېنى قىلالمايسەن» دەيتتىم، كىم ئويلىغان، بەندە مۇمكىن ئەمەس، دېگەن ئىش ئاللاھقا مۇمكىنكەن، بەندىگە تەس ئىش ئاللاھقا ئاسانكەن، مۇشۇنداق ئاكام بولغىنىدىن بەك پەخىرلىنىمەن. ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ياغلىق سېلىپ ئورانغانلىقىمنى تېخى بىلمەيدۇ. كىم بىلىدۇ، بىلسە نېمىلەر بولۇپ كېتىشىنى. لېكىن ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ. ئاكاممۇ قاراپ تۇرمايدۇ، ئىنشائاللاھ.③
فاتىمە ھەيران بولغىنىچە تۇرۇپلا قالدى، ماۋۇ كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان، تولىمۇ چىرايلىق، لېكىن ئاددىي- ساددا، قىلچە ھاكاۋۇرلۇقنى بىلمەيدىغان قىز ناھىيە ھاكىمىنىڭ قىزىكەن. ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شۇنچە مۇشەققەتلەرنى تارتىپتۇ. تېخى بۇ قىز دېسكوخانىغىمۇ كىرىپ باققانىكەن، بۇنداق گەپكە كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلسۇن؟!
--مەن ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە قانداق كىيىنىش بىلەن كارى يوق ئىكەن، دەپ ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەن، بۇرۇندىنلا ئورانغۇم بار ئىدى. ئاللاھ مۇسلىمەلەرنى مۇشۇنداق ئورىنىپ يۈرۈشكە بۇيرىغان ئەمەسمۇ!
--دىلنۇر، مۇشۇنداق قىلىش...سىزچە ئەرزىمدۇ؟ بەك جاپادا قاپسىز. تېخى تاياقمۇ يەپسىز.
--تاياقنىغۇ كۈندە يەيتتىم، دادام مېنى ئۇرۇپ ھېرىپ كېتىپ توختاپ قالغان چاغلىرىمۇ بولغان. ئۇرۇپ توختىغىنىدا كىرىپ نامىزىمنى ئوقۇيتتۇم. ئاخىرى ئاپام بالىنى يەنە ئۇرىدىغان بولساڭ سەن بىلەن ئاجرىشىمەن، دەپ يۈرۈپ ئاران توختاتتى. بىلىمەن، داداممۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئەمەلدارلىقنى مەندىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرەمدىكىن، دەيمەن. مەن ئاللاھتىن توختىماي دۇئا قىلىپ تىلەۋاتىمەن، ئاللاھ خالىسا دادام چوقۇم ھەقنى چۈشىنىدۇ، ھامان بىركۈنى.
  لېكىن مەن نامىزىمدىن، ئىمانىمدىن كېچىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. ساھابىلەر دەسلەپتە ئىمان ئېيتقاندا قانچىلىك جاپا تارتقان ئىكەن، بىلەمسىز؟ بىر ساھابىنى ھەتتا چوغنى يەرگە يېيىتىپ شۇنىڭ ئۈستىدە دومىلىتىپتىكەن، بىر ساھابىنى مەككىنىڭ تۇخۇمنى قويسا پىشىدىغان قىزىق قۇمىغا ياتقۇزۇپ ئۈستىگە ئېغىر تاشنى باستۇرۇپ قويۇپتىكەن، بەزىلىرىنى ناھايىتى ۋەھشىي ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىمانىدىن كەچمىگەن ئىكەن. بىزدىن مىڭ ھەسسە  ئېغىر كۈنلەردە تۇرۇپمۇ ئىمانىدىن قىلچىلىك يانمىغان ئادەملەر كۇرمىڭ. ھەقىقەتتە چىڭ تۇرماق ئاسان ئەمەس....
شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار مەكتەپ سىرتىدىكى تېز تاماقخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى.
--بالدۇرراق كېلىڭلار، VCD قويۇپ بېرىمەن، ئۇيغۇرچە كىنو سېغىنغانسىلەر ھەقىچان،--دېگەنىدى ئۇ ئايال تېلىفوندا.
ئۇلار ئەسىر نامىزى بىلەن يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار كەلگەندە ئۆي ئىگىسى ئايال تاھارەت ئېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر ئوقۇشقا ساقلاپ تۇرغانىكەن.
--ھەي دىلنۇر، مەندە بىر فىلىم بار، سىز چوقۇم ياقتۇرىسىز،--دېدى نامازدىن كېيىن. ئۇ تولىمۇ چاقچاقچى، خۇشخۇي ئايال ئىدى،--بۇنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار، مەن قورۇمىنى قورۇپ، پىلتە قىلىپ تەييار قىلىپ قويغان، لەغمەن سېلىپ كىرەي.
--بىزمۇ قارىشامدۇق؟
--بولدى، سىلەر كۆرگەچ تۇرۇڭلار.
ئۇنىڭ بەرگىنى تۈركىيىنىڭ داڭلىق ھېكايە فىلىمى« دانىيەلىك كېلىن» ئىدى. دىلنۇر بۇ فىلىمنى ئىلگىرى كۆرۈپ بولغانىكەن. فاتىمە بولسا ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدى. كىنو باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ كىنونىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتى.
كىنودىكى خەدىچە جەيناماز ئۈستىگە بىرىنچى قېتىم چىقىپ يىغلاپ كەتكىنىدە ئۇمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىمۇ شۇنداق سىلكىنگەن، شۇنداق بىر ھاياجان ئۇنى ئېسەدەتكەن، لېكىن نېمىشقىدۇر يىغلىيالمىغان ئىدى. بۈگۈن يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىكى ئەندىشىلىرىنى، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى مۇشۇ يىغىسى ئارقىلىق تەسكىن تاپقۇزماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
كىنو تۈگىگەن چاغدىمۇ ئۇ ئەس-يادى كىنودا، يەنە ئاخىرى بارمىكىن، دېگەندەك ئېكرانغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالغانىدى.
  --تۇرۇڭلار، شام ئوقۇيلى،--دېدى ساھىپخان ئايال.
  شام نامىزى ئوقۇغۇچە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلدى. ئۇ ناماز باشلىغىنىدىن، تۇنجى نامىزىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ناھايىتى راھەت ھېس قىلدى، خۇددى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندەك، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نامازغا بېرىلدى.
  --ھەدە، بۇ ئابايىڭىز بەك چىرايلىقكەن، ماڭىمۇ ئوبدانلا كەلدى، مەن كىيسەم بولامدۇ؟--دېدى ئۇ نامازدىن كېيىن تارتىنىپقىنە.
  --بۇ كونىراپ قالدى. بۇ يىل يۇرتتىن ئەكەلگەن يېڭى بىرى بار ئىدى، شۇنى بېرەي. ناماز ئوقۇغاندا كىيەمتىڭىز؟
  --ياق، مەنمۇ ئورۇناي، دېگەنتىم.
  --ماشائاللاھ! نېمىدېگەن چوڭ خوش خەۋەر بۇ! ئەمىسە مەن سىزگە بىر نەچچە ياغلىق بېرەي، كېلىڭ، ئۆزىڭىز تاللىۋېلىڭ.
  --قاراڭ ئاسمانغا. نېمە دېگەن گۈزەل!—دېدى فاتىمە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئابايى، بېشىدا ياغلىق ئورۇنلىشىپ بولغانىدى.
--ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسا ئاسمان مۇشۇنچە تۇمانلىق بولسىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدىكەن-ھە! تۇيۇقسىزلا ئورىنىشنى ئويلاپ قالدىڭىزغۇ؟
--بىلەمسىز، تۇنجى نامىزىمدىن كېيىن شۇ چاغدىكى بىر خىل كۆڭۈل ئارامچىلىقىنى زادىلا قايتا تاپالمىدىم. تاكى بايا ئاۋۇ كىنونى كۆرگەندىلا ئۆزەمدە نېمىنىڭ كەملىكىنى بايقىدىم...
...........
فاتىمە بۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئاللىقاچان شام نامىزى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ شام نامىزىغا تەييارلىق قىلدى....
مەنبە-ھەسىرەت

awazlik
ئۆگەت ۋە ئۆگەن
Posted: 2008-10-20 19:36 | [ئاپتور]
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 819
شۆھرىتى: 819 نومۇر
پۇلى: 10 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


ياخشى يىزلىپتۇ رەخمەت سىزگە .
Posted: 2008-10-20 23:24 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئىسلام دىنىدىن ساۋاتلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !

   
Total 0.069808(s) query 4, Time now is:10-22 17:46, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation