مادۇرالار BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مادۇرالار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 19ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مادۇرالار


مادۇرالار<مادۇرانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مادۇرالار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن مادۇرا ئارىلى بىلەن ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي دېڭىز ياقىسى رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 9 مىليون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5.7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
مادۇرالار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ، تەقى - تۇرقى ياۋالىقلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مادۇر تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ھىندونېزىيە تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ھازىر لاتىنچە يېزىقنى ئىشلىتىدۇ.
مادۇرالار ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
مادۇرالار ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، شال، كاۋاۋىچىن ، مانخوت، پۇرچاق، خاسىڭ ۋە تاماكا قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. مادۇرالار دەسلەپتە ياۋا خان جەمەتىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن، 10~12ئەسىردىن تارتىپ گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان، ھىندونېزىيە مۇستەقىللىقىدىن كېيىن، باشقا مىللەتلەر قاتارىدا مۇستەقىللىقتىن بەھرىمان بولغان.
مادۇرالار قەيسەر، سەمىمىي - سادىق كېلىدۇ، بۇقا بەيگىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.
مادۇرالارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ھېيت - بايرام، تۇرمۇش ئادەتلىرى ياۋالىقلار بىلەن مالايلارغا يېقىن كېلىدۇ، مادۇرالار ماكانىدا ھەيۋەتلىك خان سارىي ۋە قەبرىستانلىقى قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار بار.
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-20 15:29 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مىللەتلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070454(s) query 3, Time now is:10-23 02:26, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation