باڭكوك BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : باڭكوك تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 16ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 باڭكوك


تايلاندنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، دۇنيا بويىچە گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان شەھەر. باڭكوك شەھىرى تايلاندنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مىنەم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، مىنەم دەرياسىنىڭ ئۇششاق تارماقلىرى ئارقىلىق بۆلۈنۈپ تۇرىدۇ. تايلاندنىڭ بۇرۇنقى پايتەختى 1767 - يىلىدىن بۇرۇن دەريانىڭ غەربىدىكى تىئونرى شەھىرىدە بولۇپ، 1782 - يىلى باڭكوك پادىشاھى لاما Ⅰ پايتەختى دەريانىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى باڭكوكقا يۆتكىگەن. ھازىرقى باڭكوك شەھىرى دەريانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تىئونرى شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا چوڭ باڭكوك دەپ ئاتىلىدۇ. باڭكوك شەھىرىنىڭ ئاھالىسى  5 مىليون  530 مىڭدىن ئاشىدۇ  )1984(، ئۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بويىچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تىئونرى رايونى دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ پورت بولۇپ،  10 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراىوتلىرى توختىيالايدۇ. ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ  95% ى، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ  75% ى تىئونرى پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. باڭكوك پورتى يىلىغا  15 مىليون  توننىدىن ئوشۇق پاراخوت توختاش ئورۇنلىرى بار. باڭكوك تايلاندنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ جايدا گۈرۈچ ئاقلاش، ياغاچچىلىق، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، تاماكا، يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. باڭكوك تايلاندنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى، شەھەردىن دۆلەتنىڭ شىمال، شەرق، جەنۇب تەرەپلىرىگە بارىدىغان تۆمۈريوللار، شەھەرنىڭ شىمالىدا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ زامانىۋى لاڭمەن خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەردە يەنە ئاتاقلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، چوڭ خان سارىيى )چوڭ خان سارىيىنىڭ مەيدانى 218  مىڭ 400 كۋادرات مېتر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى 1900 مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېگىز تام بىلەن قورشالغان (، بۇتخانىلار، مېھمانخانىلار، ساياھەت ئورۇنلىرى بار. بۇ جايغا ھەر يىلى چەت ئەللەردىن ساياھەتكە كېلىدىغانلار بىر مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-20 15:22 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » دۇنيادىكى شەھەرلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071351(s) query 3, Time now is:10-23 02:25, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation