يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىكى ئەڭ ئېغىر ئورگانىك مالىكۇلا BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىكى ئەڭ ئېغىر ئورگانىك مالىكۇلا تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 34ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىكى ئەڭ ئېغىر ئورگانىك مالىكۇلا


يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك مالىكۇلىلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچ چوڭ ئاساسىي نەزەرىيە (ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشى،  ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى) ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم كېسىشىش نۇقتىسىدۇر. يەر شارى  زادى ئالەمدە  يۇقۇرى دەرىجىلىك  ھاياتلىق بىردىن - بىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئاسمان  جىسىمىمۇ  ئەمەس دېگەن سوئالدىن  ئاسانلا خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا يۇلتۇزلار  ئارا ھەرخىل تىپتىكى  ئورگانىك مالىكۇلىلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋە  ئىشەنچىلىك  ئالەم سىگناللىرىغا ئىگە بولۇش كېرەك.
يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك مالىكۇلىار يۇلتۇزسىمان جىسىملار، ئىمپۇلىس يۇلتۇز، ئالەم مىكرو دولقۇنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلۈك رادىئاتسىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا  ئاسترونومىيىدىكى 4 چوڭ  كەشپىياتىنى تەشكىل قىلغان. كىشىلەر 1968 - يىلى سامان يولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزىدىن كۈتۈلمىگەن ھالدا سۇ ۋە  ئاممىياك مالىكۇلىسىنىڭ رادىيو ئىسپىكىتىر  سىزىقىلىرىنى تاپتى. كېين يەنە يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىن  كۆپلىگەن  ئورگانىك مالىكۇلىلارنىڭ ئىسپىكىتىر سىزىقلىرىنى تاپتى. بۇنىڭ بىلەن يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتا بەزى ئاددىي مالىكۇلىلار بار دەيدىغان  ئەنئەنىلىك قاراش تۈپتىن تەۋرىتىلىدى.
يۇلتۇزلار ئارا مالىكۇلىلاردىن  ھازىرغا قەدەر 40 نەچچە خىلى ئارقىمۇ - ئارقا تېپىلدى. كانادا ھېرتسىبايگ ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىلىق  تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار ئالتۇن كالا  يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى  يۇلتۇزلار  ئارا تۇماندىن  بىرخىل  توققۇز ئاتوملۇق  ئورگانىك مالىكۇلىنى تاپتى.  مۇنىڭ مالىكۇلا ئېغىرلىقى 99 غا يېتىدۇ.  تەركىبىدە ئۇزۇن كاربون زەنجىرى بولغان  بۇ خىل تۈز زەنجىرلىك  مالىكۇلىنىڭ تۈزۈلۈشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ،  ئورگانىك  بىرىكمىگە يېقىن كېلىدۇ.  يەر شارىدىكى تەبىئىي  بىرىكمىلەر ئىچىدە  ئۇنىڭ بارلىقى  ھازىرغا قەدەر  مەلۇم بولمىدى.  كېيىن ئەنگىلىيە  خېمىيە ئالىمى  كروتو قاتارلىقلار 1977 - يىلى  مايدا ئۇنى  سۈنئىي  ئۇسۇل بىلەن بىرىكتۈردى.  يېقىندا كانادا  ئارگون رەسەتخانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا، يەنە بىر خىل 11 ئاتوملۇق  يۇلتۇزلار ئارا مالىكۇلا ئانئوكتىن تېپىلغان. ئۇنىڭ تۈزۈلۈش فورمىلىسى :
HC ≡C-C≡C-C≡C-C≡C-C≡N
مانا ئۇ ھازىر ئىنسانلار تاپقان يۇلتۇزلار ئارا  ئەڭ ئېغىر ئورگانىك مالىكۇلا بولۇپ، ئۇنىڭ مالىكۇلا  ئېغىرلىقى 123 كە يېتىدۇ. ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يۇلتۇزلار ئارا ئورگانىك مالىكۇلىلارنىڭ رىكۇردى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ بارىدۇ ئەلۋەتتە.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-20 15:20 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » دۇنيادىكى ئەڭ


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.073594(s) query 3, Time now is:10-23 02:25, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation