ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش  ھەققىدە BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش  ھەققىدە تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 18ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش  ھەققىدە


  قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا مۇددىئاسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى، ئىجادىي تەپەككۇرىغا ئىلھام بەرگىلى، بولىدۇ؟ بىز ھازىر ساپا مائارىپىنى تەكىتلەۋاتىمىز، ساپا مائارىپى نۇقتىئىنەزەرى بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم - تەربىيە پائالىيىتىدە جانلىق، تېتىك بولغان تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى بېرىش زۆرۈر. چۈنكى ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولى پەقەت تاشقى شەرت رولىنىلا ئوينايدۇ. شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ تۈپكى سەۋەبى ئىچكى سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى سەۋەبى، يەنى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى بولمايدىكەن،  ئوقۇتۇش قۇيۇپ قويۇش خاراكتېرىنى ئېلىپ قالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي  قابىلىيەت ئىگىسى بولۇپ يېتىشىشى؛ ئومۇمىي گەۋدە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە؛ ئۆزىگە خاس ئىقتىدار ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش، بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
  ئوقۇغۇچىلارنى تەلىم - تەربىيە پائالىيىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
  1. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىندىۋىدۇئال  ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىق روھىغا ئىلھام بېرىش لازىم. ئوقۇتۇش جەريانىدا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى بېرىشتىكى مۇھىم ھالقا. ئوقۇتۇش جەريانىنى پەقەت ئوقۇتقۇچىلارلا كونترول قىلىۋالسا، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ ئاسان - قىيىنلىقىنى ۋە  بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەنسېرى ئۆگەنگۈسى كەلمەيدىغان، ئۆگەنگۈسى كەلسىمۇ ياخشى ئۆگىنەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى  بېرىپ، ئەستە ساقلاش، كۆزىتىش، سېلىشتۇرۇش،  ئانالىز قىلىش قاتارلىق تەپەككۇر پائالىيىتى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
  3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىغا ئىلھام بېرىش لازىم. ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھى - بىلىمنى چۈشىنىش، بىلىمنى تەتبىقلاش، بىلىمنى ئىشلىتىش، ئىجادىي كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ساپا مائارىپىدا تەكىتلىنىدىغىنى دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئىجادچانلىق روھىغا ئىلھام بېرىش، ئۇنى قېزىشتىن ئىبارەت.
  4. ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالالايدۇ ۋە ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىققا ئىگە قىلالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئۆگىنىدىغان دەرسلەر كۆپىنچە ھاللاردا شۇ پەننى  ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولالايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا  ئۆز پىكرىنى بىمالال ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرەلىسە، ئوقۇغۇچىلار  تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتىدۇ، ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ھېسسىيات جەھەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاشتا ۋاسىتە بولالايدۇ.
  نىيە ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن(  سالامەتخان ئوسمان)نىيە ناھىيىلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئەكبەر مەتتۇرسۇن
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-20 15:17 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ماقالىلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071864(s) query 3, Time now is:10-23 02:25, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation