بۈگۈنكى ماقال-تەمسىللەر (10-20) BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : بۈگۈنكى ماقال-تەمسىللەر (10-20) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 29ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 بۈگۈنكى ماقال-تەمسىللەر (10-20)


دانا قەدرىنى نادان بىلمەس،
ئاغرىق قەدرىنى ساق (بىلمەس).

سېلىپ يېگەن بىرنى يەپتۇ،
تۈگۈرۈپ يېگەن ئوننى (يەپتۇ).

ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن،
ھايۋان بولىسەن ساقىلىڭ (بىلەن).

ئەقىللىقنىڭ ئېپى بار،
ئاڭلىغۇدەك گېپى (بار).

ھوشيار بولساڭ ئاپەت كۆرمەيسەن.

قاپاقتەك كاللىدا ھوشۇقچىلىك مېڭە بار.

ئەقلى يوق باشتىن، سۈيى يوق قاپاق ياخشى.

ئەقىللىققا گەپ قىلسام ئويلاپ كۈلىدۇ،
ئەقىلسىزگە گەپ قىلسام ئاڭلاپ (كۈلىدۇ).

كاللا دېسە پاقالچەك دەيدۇ.
پۇشۇرۇپ بېرەي دېسە، خام يەيمەن (دەيدۇ).

ھالۋىنى تاشلاپ، تالقان يەپتۇ.

ئەقىلسىزنىڭ پەمى يوق،
ئۆتۈكىنىڭ چەمى (يوق).

ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلگىسى كېلەر.

ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.

ئاچچىق ئالدىدا يۈرۈيدۇ،
ئەقىل كەينىدە (يۈرۈيدۇ).

تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە، تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولسىچۇ.

ھەييارنىڭ كۈچى ئاز، ھىيلىسى كۆپ.

بىلىم بولسا سۆزدىن ئازماس.

مېۋىلىك دەرەخنىڭ بويى تۆۋەن.

تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن كېلەر.

تەلەپ قىل،
سەۋەب قىل.

ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-20 15:12 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ماقال-تەمسىل


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071349(s) query 3, Time now is:10-23 02:25, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation