پادىشاھنىڭ كۈننى ئۇزارتىشى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : پادىشاھنىڭ كۈننى ئۇزارتىشى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 38ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 پادىشاھنىڭ كۈننى ئۇزارتىشى


قەدىمقى زاماندا بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ تولىمۇ بېخىل بولۇپ، تاپقان - تەرگىنىنى ئەر - خوتۇن ئىككىسى چىمقتۇرىكەن. ئۇنىڭدىن كىشلەر پايدا ئەمەس، خورلۇقلار كۆرىدىكەن. بۇ باي بىر يىلى نۇرغۇن يەرگە بۇغداي تېرىپتۇ. ياز ئۆتۈپ، كۈزمۇ كەپتۇ. باي بۇغدايلىرىنى يىغىلىۋالماقچى بولۇپ، ئون ئومىچى ياللىۋاپتۇ. كېيىن باي بۇلارغا كېتىدىغان پۇلنىڭ جىقلىغىنى ئويلاپ، ئۇنى قىسقارتماقچى بولۇپ، مۇنداق بىر  پىكىرگە كەپتۇ. - دە، خوتۇنىغا مەسلىھەت ساپتۇ:
  ھەي خوتۇن، - دەپتۇ باي، - مۇشۇ ئون ئومىچى پۈتۈن بۇغدايلىرىمىزنى ئورۇپ بولغىچىلىك كۈننى ئوزارتقىلى بولارمۇ؟  - بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، سىلى بېرىپ پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ كۆرسىلە، - دەپتۇ.  پىخسىق باينىڭ خوتۇنى. باي خوتۇنىنىڭ مەسلىھىتىنى ماقۇل كۆرۈپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ.
  - ئەي ئۇلۇغ پادىشاھىم! سىلىگە بىر ئەرزىم بار ئىدى، - دەپتۇ باي.
  پادىشاھمۇ بۇ باينى ناھايىتى ياخشى بىلىدىكەن. شۇڭا ئاۋال ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن سوۋغا - سالاملىرىنى قولىغا ئېلىپ:
  - ھە، ئەمدى ئەرزىڭنى ئاڭلاي، ئېيىت! - دەپتۇ.
  - مەن نۇرغۇن يەرگە بۇغداي تېرىغان ئىدىم، - دەپتۇ باي، - بۇغدايلىرىم پىشىپ قاپتۇ. ئۇنى ئورۇش ئۈچۈن ئون ئومىچى ياللىۋالدىم. شۇلارغا كۈننى ئۇزارتىپ بەرسىڭىز. ئاندىن بولمىغاندا، بىر كۈنلۈك ئىشقا ئىككى كۈن كېتىپ، ئۇلار مەندىن ھەقنى كۆپ ئېلىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.
  بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ مۇنداق دەپتۇ:
  - سەن ئومىچىلارنىڭ قوسىغىنى تويغۇزىسەن. ئۇلارنى ئېتىز بېشىغا ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزەڭ چاپاندىن بىرنى كېيىپ، بېلىڭنى مەھكەم باغلاپ، تۇماقنى چۆكۇرۇپ كىيىپ ئولتۇرساڭ، كۈن ئۇزىرىۋېرىدۇ.  ئەگەر بۇ دېگەنلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭ، كۈن قىسقىراپ كېتىدۇ، بەلىكى شۇ ھامان ئوتۇرۇپمۇ كېتىدۇ.
  باي بۇ شەرتكە كۈنۈپ ئۆيگە بېرىپتۇ - دە، ئومىچىلارغا ئاش يىگۈزۈپ، ئۆزىمۇ پادىشاھ دېگەندەك كېيىنىپ، ئېتىز بېشىغا بېرىپتۇ، ئومىچىلارغا ئىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆزى قىر بېشىغا چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ، كۈن چۈش بولغىچە باي چىلىق - چىلىق تەرگە چومۇلۇپ، ئۇسساپ چىدىغۇچىلىگى قالماپتۇ. ئاخىرى ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
  - ۋاي پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ باي، - سىلى بۈگۈن كۈننى بەكمۇ ئۇزارتىۋېتىپلا. ئەمدى قىسقارتىپ بەرسىلە، مېنىڭ چىدىغۇچىلىك ھالىم قالمىدى.
  - ئانداق بولسا، - دەپتۇ پادىشاھ، - ئۆيۈڭگە بېرىپ بىردەم ئارام ئال.
  باي بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆيگە بېرىپ بىردەم ئارام ئاپتۇ. ئاندىن ئېتىزغا ئېتىز بېشىغا بارسا، ئومىچىلار تېخىچە ئوما ئورۇۋاتقۇدەك. ئېتىز بېشىدا تۇرسا، بېشىغا يەنە كۈن چۈشۈپتۇ. بىلگەن باي ئومىچىلارنى ئېلىپ يانماقچى بولۇپ:
  - ھاي ئومىچىلار، ئەمدى بولدى، قايتىڭلار! - دەپتۇ.
  - باي ئاكا، سىلىگە نېمە بولدى، - دەپ ھەيران قاپتۇ. ئومىچىلار، - بىز قايتىدىغان ۋاقىت بولمىدى، بىر كۈنلۈك ئىشنىز تۈگىمىدىغۇ؟
  - قايتىڭلار دېگەندىن كېيىن قايتىڭلار، بۈگۈنكى كۈننىڭ  ھەددىدىن ئارتۇق ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇ، ماڭىلا مەلۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن قايتىڭلار دەۋاتىمەن،  - دەپتۇ. باي ئۇسساۋاتقانلىقىنى سېزىپ.
  ئومىچىلارمۇ قايتىشقا رازى بوپتۇ. ھەر كۈنى مۇشۇنداق بولۇۋەرگەچكە، 15 كۈنلۈك ئوما بىر ئايغا سوزۇلۇپ، پىخسىق باي لىۋىنى چىشلەپ قاپتۇ. &&
 
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-20 15:10 | [ئاپتور]
gherip

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 25 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


Posted: 2008-10-22 09:21 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » چۆچەكلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072311(s) query 4, Time now is:10-23 02:25, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation