ئالۋاستى شەھىرى
شىنجاڭنىڭ بىپايان سۇسىز چۆللەردە قاتات سەپ بولۇپ تۇرغان (ئاۋىئاماتكا )، تۈگۈلۈپ ياتقان ( ئەجدىھا )لاردەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان (قەلئە) لەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇلارنىڭ شەكىللىنىشى ئاجايىپ سېھىر كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئادەم كۈچى بولمىغاچقا كىشىلەر بۇ يەرنى (ئالۋاستى شەھىرى ) دەپ ئاتىغان.
(ئالۋاستى شەھىرى) پەقەت شىنجاڭدا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيادىكى نۇرغۇن قۇرغاق قۇملۇقلارغا تارقالغان. جۇڭگودا، ئەڭ چوڭ تارقىلىش رايۇنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ سەيدام ئويمانلىقىدا. لېكىن ئەڭ مەنزىرلىك (ئالۋاستى شەھىرى) شىنجاڭدا. 2005-يىلى، (جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيىسى) تەھىرياتى نوپوزلۇق مۇتەخەسسىسلەر تەشكىللەپ (جۇڭگو مەنزىرلىكنى تاللاش) پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار تاللاپ چىققان جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ مەنزىرلىك ( ئالۋاستى شەھىرى) نىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا بولۇپ، رەت تەرتىپى بولسا قارمايدىكى ئورخۇ، لوپنۇردىكى ئاق ئەجدىھا چۆللىكى ۋە سەلۇڭ قۇملۇقى. بىراق باھالاش جەريانىدا، (ئالۋاستى شەھىرى) نىڭ ئىسمى قەدىمقى ئىسىم بويىچە ( يارداڭ ) دەپ ئېلىنغانىدى.
(يارداڭ) دېگەن ئىسىم لوپنور رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىدا (خەتەرلىك دۆڭ) دىگەن مەنىدە. كېيىنچە (يارداڭ)دىن (ياداڭ)غا ئۆزگەرگەن. ئۇرخودىكى ياداڭ، بۇرۇنقى پادىچىلار تەرپىدىن بايقالغان كېيىنچە <ئالۋاستى شەھىرى> دەپ ئاتالغان. شۇنداق قىلىپ (ئالۋاستى شەھىرى) بىلەن (ياداڭ) بىرى قەدىمىي ئىسىم، بىرى ئىلمىي ئىسىم سۈپتىدە ھەر ئىككىسى قۇبۇل قىلىنغان. شەكىللىنىش سەۋەبى جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇنى (شامال شەھىرى) دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق، چۈنكى شامال بۇ خىل يەر شەكلىنىڭ ھەقىقى قۇرغۇچىسىدۇر.
شىنجاڭدا، شامال كۈچىدىن پەيدا بولغان يەر شەكلى خېلىلا كۆپ، چۈنكى شىنجاڭ شامال كۆپ چىقىدىغان رايون، تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئويمانلىقلار بىر بىرىگە كىرىشىپ تىزىلغان، ئويمانلىقلار ئېگىز تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ئۇنى (ئۈچ تاغ قاپتىلىدىكى ئىككى ئويمانلىق)دەپ ئاتىغان. ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرغان تاغ تىزمىلىرى پەيدا بولغان تاغ جىلغىسى ھاۋا ئۆتىشىدىغان يولغا ئايلانغان چۈنكى تار قانال ئېففېكتى ئىنتايىن زور شامال كۈچى پەيدا قىلىدۇ، بۇ شىنجاڭنى توققۇز چوڭ شامال رايونى، تۆت چوڭ شامال ئېغىزىغا ئايلاندۇرغان. شامال شىنجاڭغا سۇ پارىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەمدە تاغ-دەريالار يەر شەكلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئېلىپ كېلىدۇ.
شامال قانداقسىگە ھەرخىل شەكىلدىكى (ئالۋاستى شەھىرى) نى پەيدا قىلىدۇ؟
بىزگە ئايانكى، يەرشارى يۈزى ھەرخىل گرانت تاشلاردىن تەركىب تاپقان، گرانت تاشلار يەرشارى سىرتقى قەۋىتىدىكى تۆت چوڭ ئايلانما قەۋىتىنىڭ بىرى بولغان گرانت تاشلار قەۋىتىنى تەشكىل قىلغان.
بۇ گرانت تاشلار بىر قەۋەت بىر قەۋەتتىن شەكىللەنگەن بولسا، كۈچلۈك شامالنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرىدە يۇمشاقراق بولغان قىسمىنى ئۇچرىتىپ كېتىدۇ، قاتتىقراق بولغان قىسمىنى ئۇچىرتىپ كېتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل شەكىل، ھەرخىل ھالەتتىكى مەنزىرە ھاسىل بولىدۇ. گرانت تاشلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن شامال كۈچى، (ئالۋاستى شەھىرى) نىڭ پەيدا بولۇشىغا شەرت ھازىرلىغان. كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا، سۇنىڭ ئېقىتىشىمۇ شامال كۈچىنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ، مەسىلەن، لوپنور رايوندىكى ئاق ئەجدىرىھا تۆپىلىك ياداڭلىقى ۋە قارمايدىكى ئۇرخو شامال شەھىرى قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ شەكىللىنىشىدە سۇنىڭ مېھنىتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ مەنزىرىلىك ياداڭلىق ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئورخۇ شامال شەھىرى،ئۇ، قارماي شەھىرى ئورخۇ بازىرىنىڭ شىمالدا بولۇپ، قەلئە شەكىللىك ياداڭلىق، دائىرسى ئونمىڭ مېتىر، شەھەر ئىچىدە بالىكون راۋاقلار، چوڭ-كىچىك كوچىلار بولۇپ ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ؛تاش تۈۋرۈكلەر، تاش تۈگىمەن، تاش بامبۇك، تاش ھايۋانلار، تاش قۇشلار تولۇپ ياتىدۇ. بۇ يەر شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ شامال ئېغىزىنىڭ بىرى بولغان تولى كونا شامال ئېغىزىغا يىراق ئەمەس، ھەمدە جيامۇس دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان. ئارلاپ يۈز بېرىدىغان كەلكۈن ۋە پەسىل خارەكتىرلىك كۈچلۈك بوران قىزىل ۋە كۈلرەڭ يېشىل بور دەۋىردىكى قۇم تاش، لاتقا جىنىسلار نۆۋەتلىشىپ تەسىر قىلىپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق بۇ (ئالۋاستى شەھىرى) نى قۇرۇپ چىققان.
ئۇنداقتا، كۈچلۈك شامال بۇ چوڭ ياداڭلارنىڭ ئارسىدىكى تاش قۇملارنى قەيەرگە ئۇچۇرتۇپ كەتكەن؟ ۋۇ چىڭئېننىڭ (غەربكە ساياھەت خاتىرسى) دىكى 800 چاقىرىملىق ئاقما قۇم دەرياسى دەل مۇشۇنداق شەكىللەنگەن؛ جۇڭگونىڭ سېرىق توپا ئېگىزلىكمۇ مەلۇم دەرىجىدە لوپنۇر رايۇنىدىن ئۇچۇرۇلۇپ كەلگەن قۇم دانچىلىرىنىڭ چۆكمىسىدىن نەپكە ئېرىشكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، لوپنورنىڭ جەنۇبىدىكى ئاچچىق جىلغىسىدىكى ياداڭلىق توپى، گەرچە ئايرىم-ئايرىم تارقىلىپ، تەنھا تۇرسىمۇ، بىراق شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، چۆللۈكتە باشقىچە بىر خىل گۈزەللىك تۈس ئاتا قىلغان.
شىنجاڭدىكى بۇ ھەيۋەتلىك ياداڭلىقلار ئۆز ئارا تۇتۇشۇپ، ئالاھىدە بولغان غايىۋى مەنزىرە ھاسىل قىلغان. قورقۇنچلۇق (ئالۋاستى شەھىرى) بۇگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت رايونى قىلىنغاچقا، نۇرغۇن جۇڭگو ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغىماقتا.






