ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 پايچېكى تېخنىكىلىق ئانالىزنىڭ تۈرلىرى

     تېخنىكىلىق ئانالىز _____كۇرسەتكۈچ  ئانالىزى ، شەكىل ئانالىزى ، ك سزىق ئانالىزى، دولقۇن ئانالىزى ۋە ئۇرۇنما ئانالىزى دەپ بەش تۈرگە بۈلۈندۇ .يۇقۇرقى بەش خىل ئانالزى يېڭى ئۆگەنگىچىلەر چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك ئاساسىي بىلىملەر بولۇپ ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئشلىتىلىشى توغرىسىدا توختىلىمىز :
(1) كۇرسەتكۈچلۈك تېخنىكىلىق ئانالىز دىگىنىمىز بازار ئەھۋالىغا قارىتا تۇلۇق تەھلىل ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق  ماتىماتىكىلىق مودىلنى ۋۇجوتقا كەلتۇرۇپ ،  ئاندىن ماتىماتىكىلىق ھىسابلاش فومىلاسىنى قوللۇنۇش ئارقىلىق   مەلۇم بازار ئەھۋالىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان سان سىفىرلارغا ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ .ھىسابلاپ چىقىلغان بۇ سانلار كۇرسەتكۈچ قىممىتى دەپ ئاتىلدۇ . مەسىلەن ئەنئەنىۋى Kdj ،MACD كۇرسەتكۈچلىرى دىگەندەك . كۆپچىلىك كۇرسەتكۈچنىڭ قانداق ھىابلاپ چىقىلغانلىغىنى تۈپ نىگىزىدىن چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئاتالمىش ئالامەت ئىقتىدارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى تۇنۇپ يىتىدۇ .  مەلۇم تارىخىي ئارقىي كۆرىنىشنى شەرت قىلغان كۇرسەتكۈچلەردىن پايدىلىنىپ تولپارنى بايقاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۇرسەتكۈچىنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئۆزى ئۆز - ئۆزىنى ئالداشتۇر .  كۆرسەتكۈچ ئەمىلىي مەشغۇلاتتا قوللۇنۇلدۇ ، بىرنەچچە ساختىلىق ئارلاشقان سان سىفىرلار ئارقىلىق ھەرگىزمۇ  ئۆز - ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ كىسەل ھازىرقى تەھلىل سېستىمىسى ئاچقۇچىلاردا بەكراق كۆرىلدۇ .كۆپلىگەن ئاقكۆڭۈل مەبلەغ سالغۇچىلار پاي بازىرىغا يېڭى كىرگەندە كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئالاھىدە مەنىسى ۋە قوللۇنۇش  دائىرسىگە دىققەت قىلماي كۆرسەتكۈچنى قارغولارچە ئىشلىتىپ مەبلەغ سالىدۇ .نەتىجىدە كۆرسەتكۈچنى توغرا ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن زىيان تارتىدۇ ،كۆرسەتكۈچ مۆلچەرلەش تىپىدىكى كۆرسەتكۈچ ، ئۇچۇر بېرىش خاراكتىرىدىكى كۆرسەتكۈچ ، سودا سېستىمىسى خاراكتىرىدىكى كۆرسەتكۈچ دەپ 3 تۈرگە بۈلۈندۇ .بىز قىسقا لىنىيىلىك سودا قىلغان ۋاقتىمىزدا چوقۇم كۆرسەتكۈچنىڭ ئىشلىتىش قەرەلىنى توغرا چۈشەنسەكلا ئاندىن ھەممىسىنى ئۆز جايىدا قوللۇنۇپ كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيمىز ،
(2)ئۇرۇنما ئانالىزى .
ئۇرۇنما ئانالىزىنى بىر خىل  يۈنۈلۈشتە بولۇشنى ئەسكەرتىدۇ ،يۈنۈلۈش ئاددىلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا دەل پاي باھاسىنىڭ ھەركەت يۈنۈلىشى بولۇپ ، مەلۇم بىر خىل ۋەزىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭغا يىتەرلىق تەسىر كۆچ بولىشى كېرەك .شۇڭا پاي باھاسى جىددى يۇقۇرى ئۆرلەش ھالىتدە بولسا پاينى تۇتۇپ تۇرۇش بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز .ئەلۋەتتە بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۇزۇن مۇددەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بايقايمىز . ئۇزۇنما ئانالىزىدىكى بىر قەدەر مۇھىم بولغىنى شۇكى بازار يۈنۈلۈش سىزىقى ۋە ئالتۇن ئايرىش سىزىقى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۇسوللارنىڭ ھەممىسى قىسقا لىنىيىلىك سودا قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم . Willian D.Gann نىڭ كەينىگە يېنىش بەلۋىغى نەزىريىسىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنىڭ سىزنىڭ مەشغۇلاتىڭىزغا خېلى چوڭ پايدىسى بار .
(3)شەكىل نەزىريەسى ۋە ھەپتىلىك سىزىق نەزىريىسى :
ھازىرقى مەزگىلدىكى دوككالار ھەركىتى دەۋرىلىگىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، دوككالار ئۆزى كۆپ ئىگەللىۋالغان پايچەكلەرگە ئاز تۇلا ھىلە ئشىلىتىدىغان بولدى . كۈندىلىك سىزىقتىن كۆرىۋالغىلى بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇچۇرلار دوككالارنىڭ كونتۇروللىغىغا ئۆتتى .شۇڭا بىز ھەپتىلىك ك سىزىق نەزىريىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇ .  بىز ھەپتىلىك سىزىقتىن پايدىلىنىپ  پاي باھاسىنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىگىنى پەرقلەندۇرەلەيمىز . ئاندىن شەكىل نەزىريىسىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ .ناۋادا پەقەت كۈنلۈك  سىزىققىلا دىققەت قىلىپ باشقىلارغا دىققەت قىلمىساق دوككالارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىمىز ، مەسىلەن دوككالارنىڭ تەننەرقى رايۇنىدا M شەكلىنى يارىتىشى دىگەندەك .
(4)دولقۇن نەزىريىسى  ، بۇ تالانت ئىگىلىرىنىڭ تاكتىكىسى .گەرچە دولقۇن نەزىريىسىنىڭ قانۇنىيىتى ئاددى بولسىمۇ ، ئەمما خۇددى 1000 تاماشىبىننىڭ كاللىسىدا 1000  خىل خاملېت ( شىكىسپىرنىڭ ئەسىرىدىكى پىرسۇناژ ) .ئوبرازى بولغانغا ئوخشاش ، ھەممە ئادەم ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايدۇ . بىر خىل ئاددى ئۇسول بار ، ئۇ بولسىمۇ ھەپتىلىك سىزىق ئارقىلىق ئايرىم پايلارنى ئايرىۋالىمىز . پەقەتلا پايچېكىنىڭ يۇقۇرغا ھۇجۇم قىلغاندىكى يۇنۇلۇش دولقۇنىنى ئىزدەيمىز ، ئۇنىڭ قايسى دولقۇن بولىشى بىلەن كارىمىز بولمىسۇن . يۇقۇرغا ھۇجۇم قۇلغان دولقۇن ئالدىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇرى نۇقتىنى تىشىپ ئۈتۈپ ئىنىرتسىيە سەۋەبىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بازار ۋەزىيىتىدە يۇمشاش ياكى ئۇسەلمەسلىك ئالامىتى كۆرىلسە قەتئىي چىكىنىپ چىقىمىز . يېڭى يۇقۇرى نۇقتىنى ياراتقان پايچېكىنى كۆپىنچە مەبلەغ سالغۇچىلار ياخشى كۆرگەچكە ، دوككالار ئاسانلا قارشى تەرەپتىن مەشغۇلات قىلىدۇ .شۇڭا بەزىبىر يېڭى يۇقۇرى نۇقتىنى ياراتقان پاي چېكىگە قارىتا قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك . ھەممە كىشى ياقتۇرۇپ يېڭى يۇقۇرى نۇقتا ياراتقان پايچېكى ئاسانلا دوككالارنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئەخمەق قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قالىدۇ .
(5)  ك سىزىق نەزىريىسى . دوككالار  كۆپىنچە ك سىزىقتىن پايدىلىنىپ ئۇششاق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەخمەق قىلىدۇ .نىمىشقا كۆپلىگەن دوككالار بۇنى ئىشلىتىشنى ياقتۇردۇ ؟ بەزى مەشغۇلات قىلغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشقاندىن كېيىن شۇنى بىلدۇقكى ، كۆپىنچە مەبلەغ سالغۇچىلار 钱龙 سېستىمىسىنى قوللانغاچقا بەزىبىر پايچېكىنى تەھلىل قىلغاندا ئاساسلىقى ك سىزىق بىرىكمىسىگە بولغان يېرىم ياتا چۇشەنچىسىگە تايىندۇ ، باشقا كۆرسەتكۈچلەرنى ئاساسەن كۆرمەيدۇ ، شۇڭا دوككالارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ زىيان تارتىدۇ .