2009- 03- 31 11:57 شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بۇ يىلدىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە 3 مىليارد 595 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بۇلتۇر 11 – دېكابىر «شىنجاڭنىڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدا ئىجتىمائىي ياردەم سىستېما قۇرۇلۇشى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنى ئازايتىش، جامائەت پاراۋانلىقى، ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش، نەپىقە بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيىسى ۋە شەھەر، يېزا مەھەللە قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە تۈر، مەبلەغ ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن كۈچەپ قوللاشنى ئېنىق بەلگىلىگەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇ جۈنلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ھازىر ئۈچ چوڭ تۈردىكى 29 تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ تۈرلەر قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارغا ياردەم بېرىش – قوغداش مەركىزى قۇرۇش، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇش، كورلا، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق ئالتە شەھەردە كوچا مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مەھەللە مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت».
جۇ جۈنلىن مۇنداق دېدى: «تۈرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، 2012 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ بېقىش نىسبىتى %50كە، يېتىم بالىلار ئورگانلىرىنىڭ بېقىش نىسبىتى %60كە يەتكۈزۈلىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ياردەم پۇلى بېرىش شەكلىدىن ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش شەكلىگە ئۆزگەرتىلىدۇ؛ ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بارلار، نەپىقە بېرىلىدىغانلار، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ».