ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 مائۇسنى كىم كەشىپ قىلغان ؟

مائۇسنى كىم كەشىپ قىلغان ؟
خاس كومپيۇتېر قىزغىنلىقى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان بۈگۈنكى كۈندە ، مائۇس سەپلەنمىگەن كومپيۇتېردىن بىرىمى يوق ، ئەمما
مائۇسنىڭ كەشپىياتچىسى ئېنگېل بارت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانىلار ناھايتى ئاز بولسا كېرەك .


ئېنگېل بارت 1951-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ ، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىدە ئىنژېنېر ئىدى ، ئۇ تاسادىپىي ھالدا تېخى كۆلەڭگىسىمۇ بولمىغان خاس كومپيۇتېرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ، ئۇ «1951-يىلى 2-ئايدا مەندە بۇ خىل ئوي پەيدا بولغان ، ئەينى چاغدا مەن كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا ئاندىن بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغان » دەيدۇ .ئېنگېل بارت« قانداق قىلغاندا ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ ؟ قانداق قىلغاندا پروگراممىلارنى تۈزۈپ چىققىلى ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغىلى
ۋە ئۇچۇرلارنى خاتىرلىگىلى بولىدۇ ؟» دېگەنلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغان ھەمدە 1963-يىلى ستانفورد تەتقىقات ئورنىدا «تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» نى قۇرۇپ ، ياغاچ ۋە كىچىك تۆمۈر چاق ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپكى مائۇسنى ياساپ چىققان