يۈرەك- تومۇر كېسەللىكىگە گېرىپتار بولۇش سەۋەبى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا يۇقىرى ئىكەن
[attachment=2076]
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئاياللار يۈرىكىگە قزىل چىراغ سىگىنالى
يۈرەك- تومۇر كېسەللىكىگە گېرىپتار بولۇش سەۋەبى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ۋۇجۇتلىرى ۋە ئاغرىق ئازابىغا قارشى چىدامچانلىقى ئەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسەللىكى سەۋەبى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئەرلەرگە كۆرە يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق ئوتتۇرا دېڭىز يۇقىرى قان بىسىم ۋە يۈرەك-تومۇر كېسەللىكلىرى يىغىنىغا قاتناشقان بۇلغارىستان(بۇلغارىيە) يۇقىرى قان بىسىم كېسەللىكلىرى جەمئىيتى باشلىقى پروفېسور. دوكتۇر سۋېلتا توربوۋا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى AA مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، يۈرەك-تومۇر كېسەللىكىگە گېرىپتار بولۇش ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ئاياللاردا ئەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
دۇنيادا ھەر يىلى سەككىز مىليون كىشىنىڭ يۈرەك-تومۇر كېسەللىكى سەۋەبى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان پروفېسور. دوكتۇر سۋېلتا توربوۋا، ئاياللارغا دېئاگىنۇز قويۇشنىڭ ئەلەرگە قارىغاندا قىيىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەرلەرنىڭ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان توربوۋا، بۇ سەۋەپ بىلەن يۈرەك ئاغرىقىنى ھېس قىلغان ئەرلەرنىڭ دەرھال دوختۇرغا كۆرىنىدىغانلىقىنى ۋە ناھايىتى قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى سۆزلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن دختۇرلارنىڭ ئۇلارغا تەپسىلىي دېئاگىنۇز قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
توربوۋا يەنە، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش تاماكا چېكىشتىن پەيدا بولىدىغان يۇقىرى قان بىسىمى ۋە يۈرەك-تومۇر كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«-كېسەلگە گېرىپتا بولۇش ئامىللىرى ئوخشاش، پەقەت ئاياللارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى 10 يىللىق پەرق بار.»
توربوۋا بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاياللارنىڭ پات-پات دوختۇرغا كۆرىنىپ تۇرۇشى لازىملىقىنى، بولۇپمۇ جەمەتىدە يۈرەك كېسەللىكى، دىئابىت كېسەللىكىگە گېرىپتار بولغان ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ھادىسلىرى كۆرۈلگەن، ھەمدە تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئاياللارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
دوكتۇر توربوۋا ئاخىرىدا، دۇنيا يۈرەك كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىنى دۇنيا ئاياللىرىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە قارىتىش ئۈچۈن باشلىغان ۋە تۈركىيىدىمۇ «يۈرىكىمنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن قىزىل كىيىم كىيىمەن» دېگەن تېما ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتنى ئەسلىتىپ «ئاياللارنىڭ يۈرىكى قىزىل چىراغ سىگىنالىنى بەرمەكتە. بۇ مەسىلىگە بارلىق كىشىلەردىققەت قىلىشى كېرەك» دەپ، ئېيتتى.